+تېما يوللاش
alip يوللانغان ۋاقتى:2016-12-23 16:03 4967 قېتىم كۆرۈلدى 85 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
ئىنكاس يېزىش ۋەزىپىسى باردەك ھەممە تېمىغا تاينى يوق ئىنكاس يازىدىغان بىر قىسىم ئەزالارنىڭ پاخال ئىنكاسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئادەتتىكى ئەزالارنىڭ ئىنكاس يېزىش قېتىم سانىغا چەك قويۇلدى.
يەنى ئادەتتىكى ئەزالار ھەر 5 سائەتتە ئۈچ ئىنكاس يازالايدۇ. ئۈچتىن ئارتۇق ئىنكاس يازماقچى بولسا 5 سائەتتىن كېيىن يازسا بولىدۇ. ئىنكاس يازغانغا ھېچقانداق جۇغلانما ياكى ئاقچا كەلمەيدۇ. شۇڭا زۆرۈر ئىنكاسلارنىلا يېزىڭلار. ئالىي ئەزادىن يوقىرىلار بۇ چەكلىمىگە ئۇچىرىمايدۇ. يوقىرى دەرىجىلىك ئەزالارمۇ پاخال ئىنكاس يازسا دەرىجىسى چۈشۈرۈلىدۇ.
ھەممىلا تېمىغا  رەھمەت، چۈشمىدى، ئادرېس ئېچىلمىدى دېگەندەك ئىنكاس يېزىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. تېما تەستىقلىندىغاندا چۈشۈردىغان ئەپ بولسا باشقۇرغۇچىلار چۈشۈرۈش ئادېرسنى بېسىپ چۈشۈرۈپ بېقىپ نورمال بولسا ئاندىن تەستىقلايدۇ. يېڭى تېما تەستىقلانغانكەن چۈشۈرۈش ئادېرسى نورمال دېگەن گەپ.
بەزى تېمىغا چۈشەنمىدىم، بىلمىدىم، بۇ نېمە قىلدىغان نەرسە دەپ ئىنكاس يازىدىكەنسىلەر. بىلمىگىنىدىن پەخىرلىنىپمۇ ئىنكاس يازامدۇ؟؟ بىلمىسەڭلار ئۇنى دارۋاڭ سالماي شۇ تېمىغا دىققەت قىلساڭلار، ماتېرىيال كۆرۈپ ئۆگەنسەڭلار بولىدۇ.
باشقۇرغۇچىنى ۋە باشقىلارنى تىللايدىغان، سېسىق گەپ قىلىدىغان، تېمام تەستىقلانمىدى دەپ ئىنكاس يازغانلارنىڭ ئىنكاسى دەسلەپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ ئۆچۈرۈلىدۇ. تەكرارلانسا شۇ ئەزا تولۇق چەكلىنىدۇ. ئىنكاسىڭلار ئۇدا ئۆچۈشكە باشلىغاندىكىن مەن چەكلىندىغانلار تىزىملىكىگە كىرىپتىمەن دەپ ئويلاڭلار.

قوشۇمچە: تېما تەستىقلاش تۈزۈمى
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش2 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن33 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

85ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
tirixqan008 ۋاقتى: 2016-12-23 17:03:18
باشقۇرغۇچى بۇ تېمىنى ناھايىتى ياخشى يوللاپسىز .تايىنى يوق ئىنكاسلارنى يازدىغانلارغا ناھايىتى ئەز قاتىدىغان چارە بوپتۇ .بىراق چۈشەنمىگەن بىلمىگەن يىرى بولسا ئىنكاس شەكىلدە يىزىپ سوراپ بىلۋالسا ياخشى بولارمىكىن دەپ ئويلىدىم .يەنە بىر ئىش مەن تۆت قېتىم تىما يوللىدىم .بىراق بىرەر قىتىمۇ تەستىقلانمىغان ئىدىم.مەن بۇنى تىمام ئالىپ تورىنىڭ تىما تەستىقلاش تۈزمىگەن ئۇيغۇن بولمىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم .لىكىن شۇنچىلىك ئەستايىدىللىق بىلەن تىما تەييارلاپ ھەمدە نەچچە سائەت ۋاقىتنى سەرىپ قىلىپ تىما يازاسا تەستىقلانمىسا ئادەمنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ قالدىكەن .شۇنىڭدىن كېيىن مەنمۇ تىما يوللايمەن دەپمۇ يۇرمىدىم .مەن تىمام تەستىقلانمىغانلىق سەۋەبىنى ئۆزۈمدىن كۆردۈم.مۈمكىن بولسا تىما يوللانغاندىن كىيىن تەستىقلانماسلىق سەۋەبىنى ئەسكەرتىش بىرىپ ئۇنىڭدىن كېيىن تىمىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىغان بولساڭلار بەكمۇ خۇرسەن بولاتتىم .ياكى تىمىنىڭ مۇنداق يىرىدە مەسلە بار دەپ شۇ جاينى تۈزۈتۈپ ئۇنىڭدىن كېيىن قايتا يوللاڭ دەپ ئەسكەرتمە بەرگەن بولساڭلارمۇ بولاتتى
گىلەم
18129165626 ۋاقتى: 2016-12-23 16:11:04
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، بەك ياخشى قىپسىلە ، مەن قوللايمەن .
ئورۇندۇق
15599976892 ۋاقتى: 2016-12-23 16:12:22
ئۇييۇ ھازىر تېخى بىر ئىنكاسىم ئۈچۈرلىپ ئۇچۇر كەپتىكە ما تىمىنىما ماڭا يازغاندەكلا بىلنىپ كەتتى ئۆزەمنى بىلىپ گاچا بولاي بولمىسا ياڭجۇ ئايمىقىغا پالىنىپ كەتمەي يەنە
5-قەۋەت
رويال ۋاقتى: 2016-12-23 16:12:44
ياخشى  تىما بوپتۇ  راسلا  مۇشتاقلار كۆپتى  تىلفۇنلار  ئارا  جەڭ قىلدىغانلارمۇ  ئەمدى ئازلايدىغان بولدى  قوللايمەن.
6-قەۋەت
oguzhan ۋاقتى: 2016-12-23 17:13:55
ماۋۇ ياخشى ئىش بوپتۇ، بەزىلەر تېخى كىرىسلو مىنىڭ بوپتۇ دەپ پەخىرلىنىپ ئىنكاس يېزىپ قويىدىكەنتۇق، ئەمدى چەكلىمە قويۇلۇپ ياخشى بوپتۇ، پايدىلىق ئىنكاس بولسا يازسا، بولمىسا ۋەزىپە قويمىغاندىكىئ تېمىنى كۆرۈپ پايدىلانسا بولمىدىمۇ.
7-قەۋەت
dana2013 ۋاقتى: 2016-12-23 17:26:40
مەن مۇنبەرگە كىرسەم ئەسكەرتىش ئۇچۇرنىڭ سانى چىقىدۇ،كىرىپ قارىسام ھېچقانداق نەرسە يوق،خېلى بولدى مۇشۇنداق بوپقاپتۇ،بۇ نىمە ئشىتۇ؟
8-قەۋەت
يولتاپ ۋاقتى: 2016-12-23 17:33:43
مەن بۇ ئىشنى تازا ياقتۇرۇپمۇ كەتمىدىم،راس گەپنى قىلغاندا،ئاشۇنداق ئەزانىڭ ئۈزىگە ئاگاھلاندۇرۇش ياكى تەدبىر قوللىنىلسا ياخشى بۇلاتتى ،
9-قەۋەت
aplisin ۋاقتى: 2016-12-23 17:35:18
دىمىسىمۇ بەزى تورداشلار بەكلا دۆت ياكى پاڭقۇش كىلىدىكەن ، شىياۋمىغا ئىچۋىتىلگەن رۇمنى قاچىلاش دىگەن  تىمامدا شۇنداق ئىنىق ھەم چۈشىنىشلىك قىلىپ يازساممۇ بەزى  ئادەملەر ئىچۋىتىلگەن سىستېمىسىنى قانداق قاچىلايدۇ ،ماڭا ياردەم قىلىڭلار، مەن قىلالمىدىم دەپ ئىنكاس يىزىپتۇ ، ،،، توۋا دەيمەن ، تىمىنى ئوقۇمايلا ئىنكاس يازامدىغاندۇ ، قىلالمىغان بولسا مۇنبەرنى ئاختۇرۇپ سەۋەبىنى ئىزدەپ باقسا بولمامدۇ دەيمە ،،، مىنىڭچە ھازىر ئالىپ تورىدا تىلفۇنغا مۇناسىۋەتلىك ياردەم تىمىسىنى تەستىقلىمىسىمۇ بولىدۇ ، چۈنكى بۇ توغىردا ھەقىقەتەنمۇ تىمىلار بەكلا يىتەرلىك ، شۇڭا ئىچۋىتىلگەن سىستېمىسىنى قانداق قاچىلايدۇ ، مۇقىم نەشرىنى قەيەردىن چۈشۈردۇ ،تىلفۇنۇمنىڭ خىتىنى چىرايلىق قىلالمىدىم ،دىگەندەك ئىنكاس يازدىغانلار مۇنبەرگە راۋۇرۇس قاراڭلار ..........،
10-قەۋەت
begtash ۋاقتى: 2016-12-23 17:40:48
8 سائەتتە 2 ئىنكاس بولسا توغرا بولماپتۇ، ئالىپ ئەپەندىمنىڭ بۇ خىل قاتتىق چەكلىمە قويغىنىنى توغرا تاپمىدىم، ئەمما پۇچەك ئىنكاس يازسا ئاگاھلاندۇرۇش بىرىپ ئۆچۈرۋىتىپ قايتا تەكرارلانسا شۇ ئەزانىڭ بىر كۈنلۈك، ئۈچ كۈنلۈك، 7 كۈنلۈك، بىر ئايلىق، چىكىدىن ئاشقان ئەھۋال بولسا ئەزانى چەكلىۋەتسىە ئۈنۈمى تىخىمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.
6- قەەتتىكى تەكلىپنىمۇ ئويلىشىپ كۆرسەڭلار، 8- قەۋەتتىكى پىكىرنى تەكشۈرۈپ باقساڭلار، مىنىڭكىدىمۇ شۇنداق ئەھۋال بار.
11-قەۋەت
يولتاپ ۋاقتى: 2016-12-23 17:41:35
ئالىي ئەزالارمۇ چەكلەنمەمدۇ؟

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە -20 يىغىش سەۋەبى
alip -20 تېمىنى ئۇيغۇرچە يازغا.

باھا خاتىرىسى

12-قەۋەت
alip ۋاقتى: 2016-12-23 17:59:56
dana2013 يوللىغان ۋاقتى  2016-12-23 17:26
مەن مۇنبەرگە كىرسەم ئەسكەرتىش ئۇچۇرنىڭ سانى چىقىدۇ،كى ...

ھېچقانداق نەرسە يوق ئەمەس بار. ئۆزەڭلار تولۇق كۆرمەيسىلەر شۇ.



ئاۋۇ رەسىمدىكىدىكى سىتىرىلكا بەلگىسى قويۇلغان يەرنىڭ ھەممىسىنى چېكىپ ئۇچۇرنى كۆرۈۋەتسەڭلار ئۇچۇر ئەسكەرتىشى 0 گە قايتىدۇ.
13-قەۋەت
BazilaR ۋاقتى: 2016-12-23 18:01:43
مەنغۇ بەك يازغىم كېپ كەتمىسە يازمايمەن،بەزى خۇشاللىقىمدا يېزىپ قۇيىمەن،تېلفۇنلارغا ئۇيغۇرچە قۇشۇلغاندا
14-قەۋەت
dana2013 ۋاقتى: 2016-12-23 18:04:39
alip يوللىغان ۋاقتى  2016-12-23 17:59
ھېچقانداق نەرسە يوق ئەمەس بار. ئۆزەڭلار تولۇق كۆرمەيس ...

ئۇنى كۆرمىگۈدەك دەرىجىدە ساۋاتسىزمۇ ئەمەستىم بولمىسا......ئەسكەرتىش ئۇچۇرى بار دىيىلسىلا ھەممىسىگە نەچچە رەت قارىۋېتىمەن،ھېچقايسىسىدا ئۇچۇر يوق.................
15-قەۋەت
Bulbul808 ۋاقتى: 2016-12-23 18:05:23
بۇ تۈزۈم ھەممە ئەزالارغا چۈشدۇ ،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部