+تېما يوللاش
barhan88 يوللانغان ۋاقتى:2016-4-21 09:31 4458 قېتىم كۆرۈلدى 23 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
تۆۋەندە ئۈندىدارنى يانفۇن ياردەمچىسى قىلىپ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نوقتا بۇ مەشغۇلاتنى قىلىش ئۈچۈن نومۇرىمىزنى 微来电 نومۇرىغا چاقىرىشنى يۆتكەش مەشغۇلاتى (呼叫转移) قىلىش كىرەك. ئەگەر ئۇنداق قىلىشنى خالىمايدىغانلار سىنىماڭلار.


1-باسقۇچ : ئۈندىدارنىڭ 公众号 ئىزدەش كۆزنىكىگە 微来电 دەپ يېزىپ ئىزدەپ 关注نى بېسىپ شۇنىڭغا كىرىمىز.

2-باسقۇچ : بىز ئۇنىڭغا كىرگەندىن كېيىن كەلگەن تەۋسىيە ئۇچۇرىنى ئاچىمىز. (1-رەسىم)

3-باسقۇچ : ئاچقاندىن كېيىن يانفون نۇمۇرىنى كىرگۈزۈپ دەلىللەش كۆزنىكىگە نومۇرىمىزنى كىرگۈزۈپ يانفونىمىزغا كەلگەن ئۇچۇردىكى تۆت خانىلىق  验证码 نى كىرگۈزۈپ دەلىللەيمىز.

4- باسقۇچ : دەلىللىگەندىن كېيىن **62*07565791900# دىگەندەك بىرخىل چاقىرىشنى يۆتكەش نومۇرىنى چىقىرىپ بىرىدۇ. شۇ نومۇرنى كۆچۈرۈپ يانفونىمىزنىڭ تېلېفون ئۇرۇش كۆزنىكىگە چاپلاپ تېلېفون ئۇرۇش كونۇپكىسىنى باسىمىز. ( 2-رەسىم ) چاقىرىشنى يۆتكەش مەشغۇلاتى تاماملىنىدۇ.

5-باسقۇچ : يۇقارقى مەشغۇلاتلار ئوڭۇشلۇق بولغاندىن كېيىن سىناپ كۆرۈش ئۈچۈن يانفونىمىزنى ئايروپىلان ھالىتىگە 飞行模式 ئەكىرىمىز ياكى ئېتىۋىتىمىز ، ئاندىن باشقا نومۇر بىلەن يانفونىمىزغا تېلېفون ئۇرۇرىمىز. ئۇنىڭدىن كېيىن يانفوننى ئاچىمىز. 3- رەسىمدىكىدەك ئۇچۇر كەلسە ئوڭۇشلۇق بولغان بولىدۇ. (يانفوننىڭ تورى ئوچۇق بولىشى كىرەك)


ئوڭۇشلۇق بولغاندىن كېيىن 微来电 گە كىرىپ ئاستى سول تەرەپتىكى تىزىملىكتىن 号码设置 نىڭ ئاستىدىكى 个性留言 گە كىرىپ شۇ يەردىن تېلېفونىمىز ئېتىك ياكى ئۇلانمىغان ۋاقىتتا ئاڭلىنىدىغان ئاۋازنى تاللايمىز ، بۇ يەردە گۇاڭدۇڭ ، خېنەن دىگەندەك ھەرخىل تەلەپپۇزدا سۆزلىگەن : مەن ھازىر ئايروپىلاندا ، ئايروپىلاندىن چۈشكەندە سىز بىلەن ئالاقىلىشاي  دىگەندەك ئاۋازلار بار. شۇلاردىن بىر تاللىسىڭىز بولىدۇ.

بۇنى ئىشلىتىش ھەقسىز. 来电管家 ئىشلىتىشنى ئويلايدىغانلار سىناپ بىقىڭلار.
يۇقارقى ئۇسۇل ئارقىلىق بىر ئۈندىدارغا ئۈچ نومۇر باغلىغىلى بولىدىكەن. ئەمما مىنىڭ بىر نومۇرۇممۇ باغلانماي بىرلەشمە خەۋەرلىشىش يانفون تىرمىنالىدىن 呼叫转移 ئارقىلىق قىلسام ئوڭۇشلۇق بولدى.



باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +50 يىغىش سەۋەبى
alip + 50 مەن قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش11 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن1 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

23ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
Gvllinayli ۋاقتى: 2016-4-21 11:01:34
ئۆزىمىز سىرىتتىن ئاۋاز قوشۇپ تەڭشىيەلىسەك بەك بەلەن بولاتتىكەن.
گىلەم
amarjan52 ۋاقتى: 2016-4-21 11:04:54
بولىدىكەن ، ئەگەر ئۆزىمىزنىڭ ئاۋازىنى تەڭشىگىلى بولىدىغان بولۇپ قالغان بولسا تىخىمۇ ياخشى بولىدىكەن ئەسلى .
ئورۇندۇق
barhan88 ۋاقتى: 2016-4-21 11:07:14
Gvllinayli يوللىغان ۋاقتى  2016-4-21 11:01
ئۆزىمىز سىرىتتىن ئاۋاز قوشۇپ تەڭشىيەلىسەك بەك بەلەن ب ...

شۇنداق يىرى بارئىكەن.  ئەمما ھازىر ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن. بەلكىم  كېيىنچە  بوپقىلىشى مۇمكىن.
5-قەۋەت
xatyurak ۋاقتى: 2016-4-21 11:24:17
ماۋۇ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شېركىتى ئۆزىنىڭ يانفون ياردەمچىسى كەسپىنى ئىشلەتمەي قالمىسۇن دەپ ، مېنىڭ كارتامنىڭ چاقىرىشنى يۆتكەش كەسپىنى ئىتىۋېتىپتۇ. بۇ چىدىماس گۇيلار . ھېلى بىر 10010 غا تېلىفون قىلىپ ئاچقۇزمىسام .
6-قەۋەت
1217 ۋاقتى: 2016-4-21 11:35:21
ھازىر سىناپ كۆردۈم ياخشى نەرسە ئىكەن، قىزىقارلىق ئۈنلەر ھەم بار ئىكەن.
7-قەۋەت
barhan88 ۋاقتى: 2016-4-21 11:42:38
1217 يوللىغان ۋاقتى  2016-4-21 11:35
ھازىر سىناپ كۆردۈم ياخشى نەرسە ئىكەن، قىزىقارلىق ئۈنل ...

يەنە ئاچقۇزۇپ بولغاندىن كېيىن 红包 ئەۋەتىدۇ. ماڭا 1.8 يۈەن ئەۋەتىپتىكەن.
8-قەۋەت
barhan88 ۋاقتى: 2016-4-21 12:08:14
xatyurak يوللىغان ۋاقتى  2016-4-21 11:24
ماۋۇ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شېركىتى ئۆزىنىڭ يانفون ياردە ...

مىنىڭ نومۇرۇممۇ بىرلەشمىنىڭ ئىدى.  ئوڭۇشلۇق بولماي بىرلەشمىنىڭ يانفون تېرمىنالى ئارقىلىق ئاچتىم . بۇ ئۇسۇلدا ئاچقاندا  بىزگە چىقىرىپ بەرگەن نومۇرنىڭ باش ئاخىرىدىكى بەلگە ئارلاش كەلگەن قىسىمىنى ئىشلەتمەي 7565791900 دىگەن نومۇرنىلا ئىشلەتسەك بولىدىكەن.  
ئاچقۇزغاندا 始终دىگەن تاللىماسلىق كىرەك ، بۇنى تاللاپ قويسا داۋاملىق تېلېفون داۋاملىق ئۇلانمايدۇ. مەن 占线时转移 ۋە 无人接听时转移 دىگەن ئىككى تۈرنى تاللىغان.  ھازىر نورمال ئىشلىتىۋاتىمەن.
9-قەۋەت
adiljan3359 ۋاقتى: 2016-4-21 12:26:59
پۇلپۇل تۇتامدىكە يە
10-قەۋەت
barhan88 ۋاقتى: 2016-4-21 12:48:52
adiljan3359 يوللىغان ۋاقتى  2016-4-21 12:26
پۇلپۇل تۇتامدىكە يە

پۇل تۇتمايدۇ.  مەن ئىشلىتىۋاتقىلى بىرئايدىن ئاشتى.
11-قەۋەت
akbulut ۋاقتى: 2016-4-21 12:53:05
بىخەتەرلىكىچۇ؟ ھەممە ئۇچۇر بۇ نومۇرغا كەلسە بىخەتەر بولامۇ؟
12-قەۋەت
Qiwer ۋاقتى: 2016-4-21 13:42:13
مىنىڭ تىلىفۇنۇم بىر سوتكىدا 30سائەت ئۇچۇق تۇرۇشى كىرەك شۇڭلاشقا مەن بۇ ئۇسۇلنى قوللانماي تۇراي
13-قەۋەت
barhan88 ۋاقتى: 2016-4-21 14:06:35
akbulut يوللىغان ۋاقتى  2016-4-21 12:53
بىخەتەرلىكىچۇ؟ ھەممە ئۇچۇر بۇ نومۇرغا كەلسە بىخەتەر ب ...

سىز قايسى تەرەپنى كۆزدە تۇتتىڭىزكى ؟
14-قەۋەت
AHMAT0997 ۋاقتى: 2016-4-22 00:15:18
barhan88 يوللىغان ۋاقتى  2016-4-21 12:08
مىنىڭ نومۇرۇممۇ بىرلەشمىنىڭ ئىدى.  ئوڭۇشلۇق بولماي بى ...

بۇ سىز دېگەن تۈرنى ئۆزگەرتكىلى بولامدىكەن مېنىڭ يانفونۇمغا تېلېفون كەلمەيۋاتىدۇ
15-قەۋەت
AHMAT0997 ۋاقتى: 2016-4-22 00:17:01
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   AHMAT0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-4-22 00:26  
barhan88 يوللىغان ۋاقتى  2016-4-21 09:31
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
تۆۋەندە ئۈندىدارنى يانفۇن ياردەمچ ...


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم، ھە بۇنى ئوڭۇشلۇق باغلىدۇق، ھە بۇنى بىكار قىلىشنىڭ ئۇسۇلىنىمۇ، چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز مېنىڭ يانفونۇمغا تېلېفون كەلمەسلىك بولۇپ قالدى. ئۈندىدار يانفۇن ياردەمچىسىگە باغلاپ قويساق كارتىغا ھەقنى كۆپ ھېسابلاپ كېتەمدۇ
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部