+تېما يوللاش
oyghanbeg.com يوللانغان ۋاقتى:2018-1-5 14:23 576 قېتىم كۆرۈلدى 7 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   oyghanbeg.com تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2018-1-5 14:27  

ئالدىنقى يازمىلىرىمىزدا Composer نىڭ نىمىلىكى ، قانداق ئىشلىتىش  ، ھۆججەت مەنبەسىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئاساسىي بىلىملەر ھەققىدە توختالغان . ئەمدى Composer ئۈچۈن ئۆزىمىز بىرەر تۈر ئېلان قىلىىشنى سۆزلەپ ئۆتەيلى .ئاۋۋال تۆۋەندىكى بىر قانچە باسقۇچلۇق مەشخۇلاتنى قىلايلى . مۇناسىۋەتلىك نەزىرىۋىي بىلىملەر ھەققىدە ماس قەدەم باسقۇچلاردا تەپسىلىي توختىلىمىز . قىنى ئەمسە ئىش باشلاپ كەتتۇق .

1.تەييارلىق خىزمەتلەر

1.كومپىيوتېرغا Composer قاچىلانغان بولىشى كىرەك . ( قۇرۇق گەپ )
2. كومپىيوتېرغا git قاچىلانغان بولشى كىرەك .
3. github دا ئاكونتىڭىز بولىشى كىرەك . ( github ئىچىلمايدۇيەي،ئەلەي بەلەي ... ھەممىسى باھانە . github ئىچىلمىسا gitee , coding ....  لارغا ئىچىلا ؟ )

   2. تۈر مۇندەرىجىسى قۇرۇش

(1) خالىغان بىر يەرگە hello-composer (ياكى ئۆزىڭىز ياقتۇرغان خالىغان بىر نام) دەپ بىر ھۆججەت قىسقۇچ قۇرىمىز .بۇ بىزنىڭ تۈرىمىزنىڭ غول مۇندەرىجسى بولىدۇ .
(2) hello-composer مۇندەرىجسى ئىچىگە src ( تەۋسىيە ) ناملىق ھۆججەت قىسقۇچ قۇرىمىز . بۇ مۇندەرىجە بىزنىڭ تۈرىمىزنىڭ ئەمەلىي ئىشقا ئاشۇرۇلۇش كودلىرى قويۇلىدىغان مۇندەرىجە بولىدۇ .
(3) src مۇندەرىجسى ئىچىگە خالىغان كود يازىمز . مەسىلەن بۇ يەردە ھۆججەت نامى Hello.php ۋە class نامى Hello بولغان php ھۆججىتىدىن بىر قۇرايلى . (ھۆججەت نامى ۋە كىلاس نامى بىرلىككە كىلىش توغۇرلۇق psr-4 ھالقىلىق سۆزى ئارقىلىق ئىزدىنىپ باقساڭلار بولىدۇ . ) ھەمدە ھۆججەت ئىچىگە تۆۋەندىكى كودلارنى يازايلى .



يۇقارقى كودتىكى namespace نى يېزىش يازماسلىقنى ئۆزىمىزنىڭ تۈرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن بىكىتسەك بولىدۇ . ئادەتتە يېزىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ . بۇنداق بولغاندا باشقىلار Composer ئارقىلق تۈر ئەكىرگەندە vendor مۇندەرىجىسىگە namespace نىڭ نامىغا ماس ھالدا ھۆججەت قىسقۇچ قۇرۇلۇپ ، تۈرىمىزنىڭ باشقا تۈرلەر بىلەن توقۇنۇشۇپ قىلىش ئەھۋاللرىنىڭ يۈز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .


3. composer.json ھۆججىتى قۇرۇش

غول مۇندەرىجىگە يەنى hello-composer مۇندەرىجىسىگە composer.json ناملىق ھۆججەت قۇرىمىز . قولىمىز ئارقىلىق قۇرساقمۇ ياكى composer بۇيرۇقى ئارقىلىق قۇرساقمۇ بولىدۇ . ئادەتتە composer بۇيرۇقى ئارقىلىق قۇرۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ .
تېرمىنالدا composer init بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىمىز . ئىجرا بولۇش جەريانىدا تۈرىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرىمىز .
(1) Package name بۇ بولسا بىزنىڭ تۈرىمىزنىڭ نامى . مەن stilly/hello-composer دەپ تولدۇردۇم (2) Discription  بۇ بسا تۈرىمىزنىڭ ئىزاھاتى . مەن   A composer test package دەپ تولدۇردۇم
(3) Author تۈر ئاپتورى ئۇچۇرى . مەن  learnfans@gmail.com  دەپ تولدۇردۇم . ( ئىسىمدىن باشقا چوقۇم مۇشۇ شەكىلدە تولدۇرۇش كىرەك .)
(4) Minimum Stability تۈر ھالىتى  . مەن dev دەپ تولدۇردۇم . ( ئاچقۇچىلار نەشىرى دىگەندەك مەنىدە)
(5) Package type تۈر تۈرى : يەنى قىستۇرمىمۇ ؟ تاق ھۆججەتمۇ ؟ ئەلەي بەلەي دىگەندەك . مەن package دەپ تولدۇردۇم .
(6) License ئىشلەتكۈچى ھوقۇق كىلىشىمى . مەن MIT  دەپ تولدۇردۇم .
....
يۇقارقى باسقۇچلاردىن كىيىن ئەڭ ئاخىرىدا تۆۋەندىكى مەزمۇندىكى composer.json ھۆججىتى قۇرۇلىدۇ.



4. تۈرنى github قا تاپشۇرۇش

ئاۋۋال github تا يېڭىدىن بىر ئامبار قۇرىمىز . نامى hello-composer بولىدۇ .



ئاندىن   ئالدىنقى باسقۇچىلاردا تەييارلىۋالغان hello-composer ناملىق ھۆججەت قىسقۇچنى git ئارقىلق github ئامبىرىغا يوللايمىز .



5.  Packagist.org قا يوللاش

(1) ئاۋۋال Packagist   تا ئاكونتىمىزغا كىرىمىز . ئاكونتىمىز بولمىسا github ئاكونتىمىز ئارقىلىق كىرسەكمۇ بولىدۇ . (github ئاكونتىمىزمۇ بولمىسا ..... mmp)



(2) كىرگەندىن كىيىن ئۈستىدىكى submit دىگەن تېزىملىكنى چىكىپ ، تۈر يوللاش بېتىگە كىرىمىز . سول تەرەپتىكى كىرگۈزۇش رامكىسىغا github تىكى تۈر ئادىرىسىنى تولدۇرۇپ check نى باسىمىز . تەكشۈرۈش تاماملانغاندىن كىيىن submit كۇنۇپكىسى پەيدا بولىدۇ . submit قىلىمىز .



مۇۋەپپەقيەتلىك تاپشۇرۇلغاندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشىمىز .



ئاھوي پىچەت مانا !......چوڭ ئىشتىن بىرنى قىلىۋالدۇق .


6. تۈرىمىزنى سىناش

خالىغان بىر مۇندارىجىدە ( مەسىلەن مەن composer-test ناملىق ھۆججەت قىسقۇچ قۇردۇم) تېرمىنال ئارقىلىق بايامقى تۈرنى يۈكلەيمىز .
  1. composer require stilly/hello-composer
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش


ئاندىن خالىغان بىر PHP ھۆججىتى قۇرۇپ ،تۆۋەندىكىدەك كودلارنى يېزىپ سىناپ باقىمىز .



نەتىجىدە Hello world دىگەن خەتلەر كۆرۈنسە بۇ تۈرىمىزنىڭ مۇۋەپپەقيەتلىك ھالدا Packagist.org دىن ئورۇن ئالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .


7. تۈرنى ئاپتوماتىك يېڭىلاشنى بېكىتىش

تۆۋەندىكى رەسىمدىكى ئۇچۇرغا دىققەت قىلساق ، مۇنداق ئۇچۇرلارنى كۆرىمىز .



مەنىسى بولسا . ناۋادا بىز بۇ تۈرنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ github قا يوللىغان بىلەن Packagist.org بۇ تۈرنى ئاپتوماتىك يېڭىلىمايدۇ . يەنى ھەر قېتىم update كۇنۇپكىسىنى بىسىش ئارقىلىق يېڭىلاش ئىلىپ بېرىشقا توغرا كىلىدۇ . بۇنداق ئەھۋال ئىنىقكى ياخشى ئەھۋال ئەمەس شۇنداققۇ ....
شۇڭا بىز github نىڭ GitHub Service Hook مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئاپتوماتىك ھالدا Packagist.org يېڭىلاش ئۇقتۇرۇشى ئەۋەتىشنى تەڭشەيمىز .
قەدەم باسقۇچلار : github تىكى تۈر بېتىدىن Settings بېتىدىن Integrations & services تەڭشىكىگە كىرىپ Add service تۈرىگە Packagist نى تاللايمىز . تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك .



ئاندىن تەلەپ بويىچە ئۇچۇرلارنى تولدۇرىمىز .



User: سىزنىڭ Packagist تىكى ئاكونىت نامىڭىز،Tokenسىزنىڭ Packagist دىكى API Token ڭىز ، Domain گە مۇقىم https://packagist.org دەپ تولدۇرىمىز .API Token غا Packagist دىكى ئەزالىق مەركىزىڭىزدىن ئېرىشەلەيسىز . مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك .



Service قوشۇپ بولغاندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشىمىز . دىمەك Packagist ئۈچۈن GitHub Service Hook مۇلازىمىتى قوشۇش غەلبىلىك بولدى دىگەن گەپ .ھەمدە Composer ئۈچۈن packagist.org دا تۈر ئېلان قىلىش چوڭ ئىشىمىزمۇ ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى دىگەن گەپ .

تېما ئەسلى مەنبە : https://learnfans.com/post/91
تورداشلار يۇقارقى باسقۇچلاردا مەسىلىگە يولۇقساڭلار ، مەزكۇر تېما ئاستىغا ئىنكاس يازساڭلار ئۆز ئارا پىكىرلىشىپ مەسىلىنى ھەل قىلساق بولىدۇ .
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن1 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

7ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2018-1-5 16:35:54
مەن Gradle Project نى چىقىرالماي سەت قىينالغان ئىدىم Gitee غا
رەھمەت تېما ئىگىسى
گىلەم
uyghurdetal ۋاقتى: 2018-1-5 17:51:23
ساقلىۋالدىم رەھمەت.
بىزمۇ قاچانلىققا سىلىدەك github قا كود يوللىغۇدەك بولارمىز.
ئورۇندۇق
oyghanbeg.com ۋاقتى: 2018-1-6 15:04:07
uyghurdetal يوللىغان ۋاقتى  2018-1-5 17:51
ساقلىۋالدىم رەھمەت.
بىزمۇ قاچانلىققا سىلىدەك github قا كو ...

ما ئىنكاسنى نىم دىسەك بولا
5-قەۋەت
ansar630 ۋاقتى: 2018-1-6 20:35:38
GitHub نىڭ ئېچىلمايدىغىنىغا ئىچىم پۇشاتتى . ماۋۇ تېمىنى كۆرۈپ بۇ ئىچىم پۇشۇپ ئۆتەپ كەتتى . ئېسىل تور ئىكەن ھەي .. بىر كۈنلەردە مەنمۇ ئارزۇيۇم بويىچە كود يېزىپ مۇشۇنىڭغا يوللايمەن ،  ئەمما  ... ئارمان پەچەت درمان يوق  ..
6-قەۋەت
uygit ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
تېما ئىگىسىگە رەھمەت ،مېنىڭ بىر ئىككى قۇر قوشۇپ قويغۇن كەلدى .
cokposer.jsonھۆججىتىنىڭ type بۆلىكى يەنە project,library,metepackage,composer-plugin قاتارلىق بىرقانچە خىل تۈرلەرنى قوللايدۇ ،مەسىلەن laravel بولسا بىر project.
ئەمەليەتتە يەنە باشقا بۆلەكلىرىنىمۇ تولۇق چۈشەندۈرگىلى بولار ،تېما ئىگىسى قىيىنلىق دەرىجىنىسىنى تۆۋەنلىتىش نەزىرىدە تەپسىلىي سۆزلىمىگەن بولىسى مۇمكىىن .ئىقىلىپ مۇنبەردە بۇنداق تېمىلارنى كۆرگەنلىكىمدىم مەمنۇن بولدۇم.
7-قەۋەت
oyghanbeg.com ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
ansar630 يوللىغان ۋاقتى  2018-1-6 20:35
GitHub نىڭ ئېچىلمايدىغىنىغا ئىچىم پۇشاتتى . ماۋۇ تېمىنى ك ...

تېمىدا دىگەندەك ئەمەلىيەتتە github نىڭ ئچىلماسلىقى مۇھىم نۇقتا ئەمەس . دۆلىتىمىزدىمۇ github ئوخشاش مۇلازىمەت تەمىنلەيدىغانلار جىققۇ . شۇلارمۇ ھاجىتىمىزدىن تامامەن چىقىدۇ .
8-قەۋەت
oyghanbeg.com ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
uygit يوللىغان ۋاقتى  2018-1-7 02:37
تېما ئىگىسىگە رەھمەت ،مېنىڭ بىر ئىككى قۇر قوشۇپ قويغۇن ...

بۇ يەردە مەقسەت تېمىنىڭ قېيىنلىقىنى دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىشمۇ ئەمەس ، بەلكى تورداشلارنى مۇشۇ تېخنىكىغا جەلىپ قلىش مەقسىتىدە بەزى جايلىرىنى چۈشەندۈرمەيلا يازدىم . ناۋادا مۇشۇ جەريانلارنى سىناپ باققانلار بولسا مەن كىسىپ ئىيتالايمەنكى تېمىدا دىيىلگەندەك مۇۋەپپەقيەتلىك بولمايدۇ . شۇنىڭ بىلەن بۇ تېمىدا مۇنازىرە كۆپىيىدۇ . مىنىڭ مەقسىتىم مۇشۇ ئىدى .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部