+تېما يوللاش
udunprince يوللانغان ۋاقتى:2016-2-17 18:21 2200 قېتىم كۆرۈلدى 8 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش

ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
Windows 10 Mobile ئۈسكۈنىسىدە، نۆۋەتتىكى ئەڭ كۈچلۈك بولغىنى مىكروسوفىتنىڭ Lumia 950 ۋە 950 XL، بەلكىم نۇرغۇنلىغان كىشلەر يەنىلا Surface Phone نى ساقلاۋاتقان بولىشى مۇمكىن. بىراق چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەنە بىر شىركەت بۇ سۇپىدىكى «superphone (سۇپېرفون)» نى چىقىرىشنى پىلانلىغان، يانفون ئىسمى Idol Pro 4، ئالكاتېل Alcatel دىن كەلگەن.


WMPU بۇ يانفونغا مۇناسىۋەتلىك قىسمەن ئاشكارلانغان ئۇچۇرنى ئاشكارلىدى، ئەمما بۇ ئۇچۇرلار ۋاقتىنچە تېخى جەزىملەشتۈرۈلمىدى. ئىگەللىنىشىچە بۇ نۇسخا «سۇپېرفون» دا نۆۋەتتىكى ئەڭ بايراقدار بولغان سەپلىمە ئىشلىتىلىدىكەن، مەسلەن ئەڭ يېڭى بولغان كۇالكوم 820 مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ ۋە 3GB ئىچكى ساقلىغۇچ، يەنە 4GB نى تاللىشىمۇ مۇمكىنكەن.

بۇنىڭدىن سىرت، Idol Pro 4 تولۇق يۇقىرى سۈزۈكلۈك ئۆلچىمىدىكى ئېكران ئىشلىتىدۇ، ئېكراننىڭ رازمىرى ۋاقتىنچە ئېنىق ئەمەس، بەزى خەۋەردە 5.5 دىيۇملۇق دېيىلگەن. دەل مۇشۇنداق سەپلىمىسى بولغانلىقتىن، بۇ يانفون چوقۇم Lumia 950 XL نىڭ مۇھىم رىقابەتچىسى بولىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ يەنىلا بۇ نۇسخا يانفوننىڭ باھاسى تەرىپىدىن بېكىتىلىدۇ، نەزەرىيە جەھەتتىن Lumia 950 XL غا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ياخشى سېتىلىدۇ.
بۇ يانفوننىڭ ئېلان قىلىش ۋاقتى ئېنىق ئەمەس، MWC 2016 نىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى ئويلاشقاندا، بەلكىم كېلەر ھەپتە بىز بۇ يانفون توغرىسىدىكى تېخىمۇ كۆپلىگەن ئۇچۇرغا ئېرىشىشىمىز مۇمكىن
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن قوللىمايمەنقوللىمايمەن

8ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
ئەلشات110 ۋاقتى: 2016-2-17 21:46:36
راسلا قالتىس ئىكەن
گىلەم
akbarjan301 ۋاقتى: 2016-2-17 22:06:59
مىنىڭ بەك ئالغىم باتى 950xl نى ، ئەمما بۇ تىلفۇن نىمانچە قىممەتتۇ ، دوسلا بۇ تىلفۇنغا قارغاندا ئۇ باھا مۇۋاپىقمۇ
ئورۇندۇق
alipalim ۋاقتى: 2016-2-18 00:02:49
مۇشۇ ،Windows 10 Mobile  سسېتىمىلىق تىلفۇنلارنىڭ  تىلگىراف قوللايدىغىنى پەقەت چىقمىدى
5-قەۋەت
tayir ۋاقتى: 2016-2-18 10:21:05
بار . بىرلا نۇسقىسى بارلىقىنى كۆرگەن تاۋباۋدىن ئىزدىسىڭىز تپى تېپىلىدۇ
6-قەۋەت
lotun ۋاقتى: 2016-2-18 10:40:02
alcatel  نىڭ تېلېفونلىرى نوچىتى  بۇرۇن ،كېيىن تېلېفون ئىشلىمەس بولۇپ قالغانتى . 2005 - يىلى ot 756 دىن بىرنى ئالغان ،ھازىرمۇ پات-پات ئىشلىتىپ قويىمەن ، باتارىيىسىمۇ شۇ پېتى نورمال ئىشلەيدۇ .
7-قەۋەت
pinhan12 ۋاقتى: 2016-2-18 12:11:12
بۇنداق خەۋەرلەرنى كۆپ ئاڭلاپ ئاساسەن ئىشەنمەس بۇلۇپ قالدۇق.
8-قەۋەت
iltebir107 ۋاقتى: 2016-2-18 16:08:24
مەن سۈرفىس فون  surface phoneدەپ ئاڭلىغان.
9-قەۋەت
ehsan120 ۋاقتى: 2016-8-19 00:05:47
928tunuydu
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部