+تېما يوللاش
merdan يوللانغان ۋاقتى:2013-3-21 21:36 51771 قېتىم كۆرۈلدى 371 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   merdan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-18 21:41  

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم !
    ھەممىڭلارنىڭ نورۇز بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن !

       بۇ قۇتلۇق كۈندە سىلەرگە يەتكۈزىدىغان ئىككى ياخشى خەۋەر بار !
   1. تەپسىلىي ئىشلەنگەن روم تەرجىمە قىلىش دەرسلىكى يوللاندى . ئەمدى نۆل ھالەتتە تۇرغان دوستلېرىمىزمۇ روم تەرجىمە قىلالايدۇ .
   2. « چاقماق » روم لۇغىتى ئېلان قېلىنىدۇ . بۇ لۇغەتكە ھازىرغىچە ئېلان قېلىنغان 22 دانە ئۇيغۇرچە رومدىكى 1400 دەك ئەپنىڭ تىل ھۆججىتى رەتلەنگەن بولۇپ ،ھەرقانداق ئاندىروئىد سىستېمىسىغا ماس كېلىدۇ ، تەرجىمە خىزمىتىنىڭ ئۇتتۇرا ھېساب بىلەن% 90 قىسمىنى روم لۇغىتى تەرجىمە قىلىپ بېرىدۇ ، دېمەك ، بۇ لۇغەت بولسا تېز بولغاندا بىر ئىككى سائەتتىلا بىر رومنى تولۇق تەرجىمە قىلىۋەتكىلى بولىدۇ .ئەمدى بىر ئادەم بىر رومنى ئايلاپ تەرجىمە قىلىدىغان كۈنلەرگە خاتىمە بېرىمىز !    3.

ئەلتەر ئەپ بازىرى چۈشۈرۈش ئادرېسى :http://www.elter.cc/appmarket/uploads/share/share.html
تەپسىلىي ئەھۋالى :

روم تەرجىمە قېلىش دەرسلىكى ھەققىدە :  ئەمەلىيەتتە بۇ دەرسلىكنى بۇرۇنلا يېزىپ تەييار قىلىپ قويغان .  ئەمسە نېمىشقا بۇرۇنراق تارقاتمايسەن دەپ سورىشىڭلار مۇمكىن ،،بۇنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى پەيت يېتىپ كەلمىدى .چۈنكى ئۇيغۇرتىلىدىكى نۇرغۇن ئاندىروئىد ئاتالغۇلېرى مۇقىملاشمىدى ، يەنە كۆپ قىسىم تەرجىمانلارنىڭ تەرجىمىسىدە نۇرغۇن ئىملا خاتالىقى بار ، بىر ئەپنى ئىملا خاتالىقسىز تەرجىمە قىلالايدىغانلار ساناقلىقلا ، بىر روم دېگەندە 60 تىن 100 گىچە ئەپ بولىدۇ ، ئەگەر بۇنداق ۋاقىتتا روم تەرجىمە قېلىش دەرسلىكىنى يوللىۋەتسەم ھەركىم ئۆز ئالدىغا روم تەرجىمە قىلسا بىر رومدىكى ئاتالغۇلار بىلەن يەنە بىر رومدىكى ئاتالغۇلار ئوخشىمىسا ، يەنە كېلىپ نۇرغۇن ئىملا خاتالىقى تۇرسا ، بۇ بىر تىلغا نىسبەتەن چوڭ قالايمىقانچىلىق بولىدۇ ، ئۇ ۋاقىتتا مەن باش (جىنايەتچى)گە ئايلىنىپ قالىمەن .
ئۇنداقتا ھازىر نىمىشقا يوللايمەن ، چۈنكى روم لۇغىتى پۇتتى ، نۇرغۇن قالايمىقانچىلىقتىن ساقلانغىلى بولىدۇ .

روم لۇغىتى ھەققىدە : بۇ بىر يېڭى مەھسۇلات بولغاچقا سۆزلۈك ئامبىرىنى رەتلەش بەك قېيىنغا چۈشتى ، ھەتتا سۆزلۈك ئامبىرى رەتلەيدىغان دېتالمۇ يوق ، ئۆزۈم بىر دېتال يېزىپ شۇنىڭدا 20 نەچچە كۈن جاپالىق رەتلەش ئارقىلىق ئاخىرى پۈتتۈرۈپ چىقتىم .
روم لۇغىتى ئادەتتىكى سۆز لۇغەتلېرىگە ئوخشىمايدۇ ، ئادەتتىكى سۆز لۇغەتلېرىنىڭ سۆزلۈك ئامبىرى سۆز بۇيىچە تىزىلغان ، روم لۇغىتىنىڭ سۆزلۈك ئامبىرى ماس قىممەتلەرنى ئاساس قىلىپ جۈملە بۇيىچە تىزىلغان ، سۆزلۈك ئامبىرىغا ھازىرغىچە تەرجىمە قىلىنغان ھەم ئورگان تەرەپ ئۇيغۇرتىلى قوشۇپ تارقاتقان دۆلەت ئىچى يانفۇنلېرىنىڭ  ، CM تەرەپنىڭ ، MIUI تەرەپنىڭ ، كۆرىيە يانفۇنلېرى (samsung+sky)نىڭ ھەرخىل نەشىرىدىن بولۇپ   جەمىي 22 دانە ئۇيغۇرچە رومدىكى 1400 دەك ئەپنىڭ سۆزلۈك ئامبىرى رەتلەنگەن ، مەن سىناق ئۈچۈن بىر قانچە رومدىكى بىر قانچە ئەپنى تەرجىمە قېلىپ باقتىم . سىناق نەتىجىسى .
1.  خۇاۋېي c8813 رومىدىكى settings.apk        ،    تىل ھۆججىتىدىكى جۈملە سانى 1319 جۈملە
  روم لۇغىتىدىن پايدىلىنىپ بىر كۆنۇپكا ئارقىلىق تەرجىمە قېلىنغىنى 1281 جۈملە ،  
تەرجىمە قېلىنماي قالغىنى 38 جۈملە   ،
بىر كونۇپكا ئارقىلىق تەرجىمە قېلىنىش نىسبىتى% 97.2
2. خۇاۋېي u8825d نىڭ رومىدىكى framework-res.apk    ،   تىل ھۆججىتىدىكى جۈملە سانى  1576 جۈملە
روم لۇغىتىدىن پايدىلىنىپ بىر كۆنۇپكا ئارقىلىق تەرجىمە قېلىنغىنى 1547 جۈملە ،
  تەرجىمە قېلىنماي قالغىنى 29 جۈملە   ، بىر كونۇپكا ئارقىلىق تەرجىمە قېلىنىش نىسبىتى% 98.2
3. لىيەن شىياڭ s880 رومىدىكى framework-res.apk  ، تىل ھۆججىتىدىكى جۈملە سانى 1167 جۈملە ،
روم لۇغىتىدىن پايدىلىنىپ بىر كۆنۇپكا ئارقىلىق تەرجىمە قېلىنغىنى 1155 جۈملە ،
  تەرجىمە قېلىنماي قالغىنى 12 جۈملە   ، بىر كونۇپكا ئارقىلىق تەرجىمە قېلىنىش نىسبىتى% 99
4. يەنە باشقا نامەلۇم ( ئۆزۈم توردىن قالايمىقان چۈشۈرگەن ) رومدىكى بىر قانچە ئەپنى تەرجىمە قىلىپ باقتىم ، بىر كونۇپكا بىلەن تەرجىمە قىلىنىش نىسبىتى 85% دىن يۇقىرى بولدى ، شۇنىڭغا قاراپ شۇنداق خۇلاسە چىقاردىمكى بۇ لۇغەت ھەرقانداق ئاندىروئىد روملېرىغا ھازىرچە 90% ئەتراپىدا ماس كىلىدىكەن ، ئەلۋەتتە لۇغەتنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرىمەن ،
يۇقىردا دەپ ئۆتكەن 90% ماس كېلىدۇ دېگەن گەپنىڭ مەنىسىنى بەزى دوستلار چۈشەنمەي قالغان بولىشى مۇمكىن ، مەسلەن ئالايلى ، خالىغان بىر رومدىكى بارلىق ئەپلەرنىڭ تىل ھۆججىتىنى 10،000 قۇر دەپ ھېسابلىساق ، روم لۇغىتى بىر كونۇپكا ئارقىلىقلا 90% دىن كۆپرەك قىسمىنى تەرجىمە قىلىپ بېرىدۇ ، بۇنداق بولغاندا بىزگە قالىدىغان جۈملە سانى 1000جۈملىگە يەتمەيدۇ ، كۆپىنچە روملارغا 95% ماس كېلىدۇ ، بۇنداق بولغاندا پۈتكۈل رومدىن بىز تەرجىمە قىلىدىغىنىمىز 500 جۈملىگە يەتمەيدۇ دېگەن گەپ ، مىكرو خەت دېگەن دېتالنى يېشىپ باققانلار بىلىسىلەر ، شۇ بىر ئەپتىلا 2000 دىن ئارتۇق جۈملە بار ، شۇ بىر ئەپنى تەرجىمە قىلغاندىن روم تەرجىمە قىلساڭلارمۇ ئوخشاش ۋاقىتتا ئىككى رومنى تۈگىتەلەيسىلەر .
روم لۇغىتىدىن بىر كۆرۈنۈش :



سۆزلۈك ئامبىرى رەتلەش قۇرالىدىن بىر كۆرۈنۈش :




ئەلتەر ئەپ بازىرى چۈشۈرۈش ئادرېسى :http://www.elter.cc/appmarket/uploads/share/share.html
دەرسلىك ۋە روم لۇغىتىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى : luget vs derslik.rar (5.04 MB, چۈشۈرۈش سانى: 62193)

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 51تەجرىبە +1409 ئاقچا +40 يىغىش سەۋەبى
҉HoJa`YeN + 2 مەن قوللايمەن
xatyurak + 20 مەن قوللايمەن
uygurxahzada + 3 ياخشى يازما
islam_yaxliri + 2 مەن قوللايمەن
نۇرئەھمەد + 10 ئىجادىي ئەسەر
istikbal6666 + 100 ياخشى دېتال
mht + 10 ياخشى دېتال
AHSA_520 + 2 ياخشى يازما
rgzhl + 15 مەن قوللايمەن
ئۈگۈنەي + 50
LUosfER + 10 مۇكاپات
uqkur-1 + 6 ياخشى دېتالكەن
【Prince】 + 100 مەن قوللايمەن
︵iSTiKLaL︵ + 2 مەن قوللايمەن
dana201 + 20 مەن قوللايمەن
ELIHAM + 5 ياخشى يازما
ئىفرانە + 10 ياخشى يازما
kartallik + 2 ياخشى دېتال
kurax + 100 مەن قوللايمەن
65933vip + 6 مەن قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش133 ھەمبەھرھەمبەھر13 قوللايمەنقوللايمەن153 قوللىمايمەنقوللىمايمەن5
ئىشەنچىلىك مال،ئەرزان باھا،ئەلا مۇلازىمەت يەنىلا تۇغياردا

371ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
merdan ۋاقتى: 2013-3-22 00:07:49
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   merdan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-10 14:58  



3. روم لۇغىتىنى نورمال ئىشلىتىش ئۈچۈن كومپىيوتېرغا net framework 4.0 ياكى net framework 3.5 نى قاچىلىغان بولۇش كېرەك .

ئەمدى چۈشۈرەلمىدىم ياكى نورمال ئىشلىتەلمىدىم دەپ ئىنكاس يازماڭلار .

باھا سۆز

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام تەشەككۈر! ئاندىروىد ئەزمەتلىرى! سىلەرنى قوللايمىز!!!!!  ۋاقتى: 2013-3-22 09:26
بۇ ياخشى پىكىر بوپتۇ مەن قوللايمەن ھى ھى ھى..................  ۋاقتى: 2013-3-22 00:50

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +20 يىغىش سەۋەبى
سۇتۇق + 20 بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ خ.

باھا خاتىرىسى

گىلەم
uqkun77 ۋاقتى: 2013-3-22 00:09:35
ئەمدى زە مۇنبەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى روم تەرجىمانى بوپ كىتىدىغان بولدىدە
ئورۇندۇق
uqkun77 ۋاقتى: 2013-3-22 00:10:38
ئەمدى زە مۇنبەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى روم تەرجىمانى بوپ كىتىدىغان بولدىدە

مەردان بۇرادەر ؛ چاقماق گۇرۇپپىمىز ئەمدى نىمە ئىش قىلىمىز؟ بىزگە ئىش تىپىپ بەرمىسىڭىز بولمايدۇ جۇمۇ

باھا سۆز

ئەسسالامۇ ئەلەيكوم مەن تىپىپ بىرەي سىزگە ئىش lenovoa789نىڭ ئۇيغۇرچە رومىنى تەرجىم قىلسىڭىز بەك ياخشى بو..   ۋاقتى: 2013-4-13 15:13
5-قەۋەت
serlik5127 ۋاقتى: 2013-3-22 00:11:04
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
  ياخشى ئىشلار كۆپ بۇلۇۋاتىدۇ،ئاللا ئەجرىڭلارنى زىيادە قىلسۇن
6-قەۋەت
umid ۋاقتى: 2013-3-22 00:14:56
ئالپايدىن بىۋاستە پۇل تاپشۇرىدىغان قىلساڭلارمۇ بوپتىكەن.

باھا سۆز

شۇنداق قىلىپ قويدۇم~~بىرىنچى ئىنكاستا بار  ۋاقتى: 2013-3-22 00:37
7-قەۋەت
abudugupur ۋاقتى: 2013-3-22 00:16:10
بەك ياخشى تىما بوپتۇ بۇ ھارمىغايسىز مەردان

باھا سۆز

ياخشى  ۋاقتى: 2014-12-25 22:25
8-قەۋەت
alim047 ۋاقتى: 2013-3-22 00:17:56
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alim047 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-22 17:27  

رەھمەت ناھايتى ئىسىل ئىشتىن بىرنى روياپقا چىقىرىپسىز
9-قەۋەت
kut ۋاقتى: 2013-3-22 00:21:13
ئەمدى ما ئىشنى كۆرۈڭلار   تىلفۇننىڭ  ئۇيغۇرچە رومى يوقكەن دەپ يۈرگەنتۇق ئەمدى ئۆزىمىز  تەرجىمە قىلىدىكەنمىزدە  ياخشى ئىش بوپتۇ  

باھا سۆز

مەنمۇ قوللايمەن.........  ۋاقتى: 2013-3-22 10:09
10-قەۋەت
بوران520 ۋاقتى: 2013-3-22 00:23:30
رەسىملەر كۆرۈنمەيدىغۇ.
11-قەۋەت
alxat110 ۋاقتى: 2013-3-22 00:23:40
بىر سىناپ باقاي، كومپىيۇتىر ئالدىغا كەلسەم قىلىدىغانغا ئىش تاپالماي يۈرەتتىم
12-قەۋەت
mkuntikin ۋاقتى: 2013-3-22 00:27:05
ئاقچام يېتىشمىدى.
13-قەۋەت
qedem ۋاقتى: 2013-3-22 00:29:17
ئاغزىم قۇلىقىمغا يىتەي دەپ قالدىيا مىنىڭ.ھەجەپ خۇش قىلىۋەتتىيا ما خەۋەر مىنى.….….
14-قەۋەت
alip0999 ۋاقتى: 2013-3-22 00:29:25
مەردان  ئەپەندىم  دىگەندەك ئۇزۇمنىڭ تەرجىمىدىكى ئاددى تىللار بىلەن ئىپادىلەي دىسسەم    خاتا  تەرجىمە قىلىپ قۇيۇپ  ئانا تىلمىزنىڭ شەرپىنى چۇشۇرۇپ قۇيۇشتىن قوقتۇم !.......
15-قەۋەت
qedem ۋاقتى: 2013-3-22 00:29:47
ئاغزىم قۇلىقىمغا يىتەي دەپ قالدىيا مىنىڭ.ھەجەپ خۇش قىلىۋەتتى ما خەۋەر مىنى.….….
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部