+تېما يوللاش
UYQIN يوللانغان ۋاقتى:7 كۈن بۇرۇن 1782 قېتىم كۆرۈلدى 13 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئالپداشلار بىز بۈگۈن پۈتۈن ئېكرانلىق يانفۇنلار توغىرسىدا مۇلاھىزە ئېلىپ بارساق قانداق ،شۇ سەۋەپلىك مەنمۇ بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن . ھەممەيلەنگە مەلۇم يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ،پۈتۈن ئېكران يەنى 全面屏(بۇ يەدە  رامكىسىز ،ئالدى پۈتۈنلەي ئېكران دىمەكچىدە )  ئەقلىفۇنلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى يۈزلىنىش بۇلۇپ قالدى . دۆلتىمىز ۋە چەتئەل شىركەتلىرىمۇ ئارقا ئارقىدىن مۇشۇ خىل يانفۇنلارنى بازارغا سالدى ،ھەم سالماقچى بۇلۋاتىدۇ .ئەلۋەتتە بىز ئەڭ دەسلەپتە پۈتۈن ئېكران دىگەن بۇ ئۇقۇمنى بۇلتۇر ئېلان قىلىنغان شىياۋمى MIXيانفۇنى ئارقىلىق ھېس قىلىپ يەتكەن ئىدۇق ،ئۇنداق بولسا بىز بىر بىرلەپ تۇنۇشۇپ چىقايلى !

1.شارپ 夏普
بۇ شىركەت بولسا ئەڭ دەسلەپكى پۈتۈن ئېكرانلىق يانفۇننى بازارغا سالغان شىركەتتۇر .بەلكىم كۆپ قىسىم دوسلىرىمىز بىلمەسلىكى مۇمكىن ،گەرچە كۆپ تىلغا ئېلىنمىسمۇ لىكىن ئەڭ دەسلەپكى دىيىشكە بۇلىدۇ ،بۇ يانفۇننىڭ ئىسمى crystalبۇلۇپ شەكلى بىر قەدەر ئالاھىدە ،لىكىن ئىنچىكە جايلىرى سەل قوپال سەپلىمىسىمۇ ئادەتتىكىچە ،2014 .يىلى ئېلان قىلىنغان .


شارىپ شىركىتى يېقىندا يەنە بۇ يانفۇننىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد نۇسخىسنى ئېلان قىلدى.


2.شياۋمى
ھەممىمىزگە مەلۇم شىياۋمى شىركىتى بۇلتۇر xiaomi MIXيانفۇنىنى ئېلان قىلىپ ھەممىمىزنى ھەيران قالدۇرغان ،ھەمدە پۈتۈن ئېكران ئۇقۇمىغا ئېنىقلىما بەرگەن ئىدى ،مەيلى سەپلىمە ۋە تاشقى كۆرنۈش بولسۇن ناھايتى ياخشى يانفۇن ھىساپلىندۇ ،تورلاردا بۇ يانفۇننى يۇقىردىكى شارپ يانفۇندىن كۈچۈرگەن دەيدىغانلار كۆپكەن ،دەرۋەقە تاشقى كۆرنىشى ئانچە مۇنچە ئوخشاپ قالغان بىلەن ئىككى يانفۇن ئىككى دۇنيادە.

شىياۋمى شىركىتىمۇ نەچچە كۈندىن كىيىن يەنى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى MIX2 يانفۇنىنى ئېلان قىلماقچى ،بۇنى ھەممىمىز تەقەززالىق بىلەن كۈتمىز ئەلۋەتتە ،گەرچە پۇل يوق بولسىمۇ ھى ھى تۈۋەندىكىسى تەشۋىقات رەسىم ۋە قىياسەن رەسىملىرى


3.SAMSUNG
سامسۇڭ شىركىتى بۇيىل   ئېلان قىلغان  galaxy s8 s8+   note 8 قاتارلىق يانفۇنلارمۇ  پۈتۈن ئېكرانىلق يانفۇنلارنىڭ  تىپىك ۋەكىلى بۇلالايدۇ  ،گەرچە ئىگە تەرەپتىن全面屏دەپ ئاتالمىغان بولسىمۇ  (ئۇلار  پەقەت  全视屏 دېدىغۇ دەيمەن)   سىرتقى  شەكىل جەھەتتە مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە.


4.ئالما
بۇنى كۆپ سۆزلىمسەكمۇ  كۆپچىلىك  بۇ يىل  ئايفۇندا چوڭ ئۆزگىرىش بۇلدىغانلىقىنى بىلدىغۇ دەيمەن .يەنى يېڭى ئايفۇن iphone8 دەپ ئاتىلشى مۇمكىن  ،سىرتقى شەكلى  تۆۋەندىكىدەك


ئۈستۈنكى رامكىسىدىكى  ماڭلاي چېچىغا  مەجبۇرلاش كېسىلى بارلار چۇقۇم چىدىيالمايدۇ
5.vivo
دۆلتىمىز  كارخانىسى vivoمۇ  پۈتۈن  ئېكرانلىق  يانفۇنى  vivo x20 نى ئېلان قىلماقچىكەن  ،قارىماققا  ئۇنچە  رامكىسىز دەپ كەتكىلىمۇ بولمىغىدەك


6. HUAWEI  
خۇاۋېي  ئېلان  قىلماقچى  بولغىنى  HUAWEI  mate 10 يانفۇنى  بۇمۇ  نەزىريە  جەھەتتىن  پۈتۈن ئېكران

7.金立GIONEE
يېقىندىن بۇيان ئانچە  كۆزگە چېلىقمىغان  جىنلى  شىركىتمۇ  يېقىندا  تايلاند تا  يېڭى مەھسۇلات  ئېلان  قىلماقچىكەن  

8.ئاندرويد ئاتىسى رۇبىن
يېقىندا  ئاندىروئىد  ئاتىسى  دەپ ئاتالغان  كىشىمۇ  ئۆزنىڭ  يېڭى  يانفۇنى Essential phone نى ئېلان  قىلدى  ، خېلى  بۇلدىغان  يانفۇندەك  قىلدۇ


شۇنداق  قىلىپ  ھازىرغىچە  ئېلان  قىلنغان  ۋە ئېلان  قىلنىش  ئالدىدا  تۇرغان پۈتۈن ئېكرانلىق رامكىسىز  يانفۇنلارنى  بىر  قۇر  كۆرۈپ  ئۆتتۇق ، تۆۋەندە  تېخمۇ  قىزىقارلىق ئىشلارنى  سۆزلەيمىز

تېخى نەچچە  كۈن بۇرۇن  MIX2 يانفۇنىنىڭ  تەشۋىقات  ئېلانى  تارقىتىلىپ  ئۇزاق  ئۆتمەيلاNubia   شىركىتىمۇ   بىر  پارچە  تەشۋىقات  تارقىتىپتۇ.

بۇنى  كۈچۈرۈش  دەمدۇق  ياكى  .........
شۇنىڭغا ئۇلاپلا  توردىكى  Psئۇستىللىرى  ئارقا ئاقىدىن  (ئۆزلىرىنىڭ)  ئەقلىفۇنلىرنى ئېلان قىلاشقا  باشلىدى

3.0دەيدۇ

بۇ بولقىنىڭ ئەينەك چاپلىقىمۇ قانداق

ھېچنىمە  يوققۇ

مانا شارپ

ئەجىبا لېشىنىڭ  تېلفۇ ن ياسىغۇدەك پۇل  باركەندە
ئەلۋەتتە   يۇقارقىللىرى  تورداشلارنىڭ  تەسەۋۇرى   ۋە  چاقچىقى   خالاس  ، لىكىن بىر  كۈنلەردە  ئاشۇلار  چۇقۇم رىئاللىققا  ئايلىنىشى  مۇمكىن .گەپنى  يىغىنچاقلاپ كەلسەك  ھازىر
ھەقىقەتەن  يانفۇنلارنىڭ  تەرەققىياتى  بەك زور بۇلىۋاتىدۇ ،يېڭى  يۈزلىنىشلەر  ،يېڭى  لايھەلەر  پەيدا  بولماقتا  ،مەسلەن  دەسلەپكى  بارماق  ئىزى  دەيمىز  كىيىنكى  ئەگمە  ئېكران  ،قوش كامېرا  ،ھازىرقى  ھەم كىينكى  پۈتۈن ئېكران  دىگەندەك ...كەلگۈسىدە  يەنە  قانداق يۈزلىنىشلەر  پەيدا  بۇلدۇ  بۇنىسى  نامەلۇم،بۇ  يىلقى  يانفۇننى  كىلەر  يىل  ياراتمايمىز  ،لىكىن  بىز  ھەممىمىز ھەرگىزمۇ  بۇ تەرەققىياتقا يىتىشىپ  بۇلالمايمىز  ،تەرەققىياتمۇ  ئۆز يۇلىدا  ماڭسۇن   ،بىزلەرمۇ  ھەر بىرمىز  ئۆز  ياختۇرشىمىز  ئەھۋالىمىزغا  قاراپ  ئىستىمال  قىلايلى ،ھەرگىزمۇ  ئۇ  ياخشى   بۇ  ناچار  دەيدىان  ئىش  يوق  . پەقەتلا  سىز  ياختۇرغىنى  ئەڭ  ياخشى ، بۈگۈن پۈتۈن  ئېكران  توغۇرسىدا  سۆزلىگەن  بولسا   كىلەر  يىلى  باشقا  بىر  يېڭى  تېخنكا  ئاساسى  ئېقىمغا  ئايلىنىشى   مۇمكىن ،بىزمۇ  شۇ  چاغدا  يەنە  مۇلاھىزە  قىلارمىز  ،شۇ  چاغلارغىچە ئامان  بولساق .

418e935356f5ba154370222e524b27c5.jpg (298.68 KB, چۈشۈرۈش سانى: 4)

418e935356f5ba154370222e524b27c5.jpg

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +30 يىغىش سەۋەبى
alip + 30 ياخشى يازما

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن2 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

13ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
sewriyar ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
تىل جەھەتتىن ھەقىقەتەن ئادەمگە ياققۇدەك تېما، خۇددى ياخشى دەملەنگەن بىر ئىستاكان چايدەك.
گىلەم
Acula ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
تاختا كومپىيوتېر خاتىرە كومپيۇتېرنى ھالاك قىلىدۇ، دېيىشكەنىدۇق. ھازىرقى تەرەققىياتتىن قارىغاندا، يان تېلېفون تاختا كومپيۇتېرنى ھالاك قىلىدىغان ئوخشايدۇ.
ئورۇندۇق
--Royal ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
مۇشۇ خىل ئۇسلۇبتا يىزىلغان تىمىلانى نەچچە  ئوقىسىمۇ زىرىكمەيدۇ      ،    ئىسىل
5-قەۋەت
sadda(boy)006 ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
ئاۋۇ خۇاۋېي ،شىياۋمى ، ئاندىن ئاندىرويىد ئاتىسى رۇبىننىڭ يانفۇنلىرىنى خېلى ياقتۇرۇپ قالدىم ، باھالىرى قانچە چىقا ،
6-قەۋەت
asr ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
مىنىڭچە بۇنداق بولغاندا ئېكراننىڭ چېقىلىپ كىتىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ
7-قەۋەت
燕山灰狼 ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
ئەمما  بارماق سېنزۇرىنىڭ  كەينىگە ئۈتۈپ  قېلىشى مىنى ئەڭ ئۈمۈتسىزلەندۈرىدۇ،
8-قەۋەت
AN96 ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
ئۇنداق بولسا ، تېلېفون رېمونت قىلىشمۇ بىر ھەسسە تەسلىشىپ كېتەرمىكىن.
9-قەۋەت
bengbash ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
燕山灰狼 يوللىغان ۋاقتى  2017-9-8 23:37
ئەمما  بارماق سېنزۇرىنىڭ  كەينىگە ئۈتۈپ  قېلىشى مىنى ئە ...

شۇ، ئالدىدا ياكى ياندا بولسىمۇ بولىدىكەن. ئارقىدا بولسا بەكلا قولايسىز.
10-قەۋەت
tokyoghoul ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
ئاۋۇ ھىشنىمە يوققۇ دىگەننى كۆرۈپ كۈلكە بىسىپ كەتتى
11-قەۋەت
tanha8848 ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
مىنىڭچە پۈتۈن ئىكىران تىلفۇن ئىشلىتىشكە بىرخىل قۇلايسىز،،،
12-قەۋەت
tanha8848 ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
سىرىتقى لاھىيە جەھەتتە ، ئالدى يۈزى دىن  مىيزۇ، ۋە ۋىۋو ئوپپو لارنبڭ ئالدى يۈزى بارماق ئىزى ئالدىدا بولغانلىرى، ئىسىل كۆرىنىدۇ،  ئارقا تەرپى لاھىيەسىدە، ئالما 7 پىلاسنىڭ كەينى قوش ئاپىرات ئورۇنلاشتۇرشى ماركا لوگوسىنىڭ ئورنى، ئەڭ ئۆلچەملىك ھەم چىرايلىك كۆرىنىدۇ،، سىستىما جەھەتتە شىياۋمىنىڭ مىيۇ سىستىمى، مۇشۇ ئۈچ خىل لاھىيە بىرىككەن تىلفۇندىن بىرنى چىقامىدى شىياۋمى شىركىتى، ، بىكا ئاچچىكىمدا ئۆزەم شەخشى بۇيرۇتۇپ ياساتقىدەك بوپ كەتتىم،
13-قەۋەت
Umudwarghu ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن
燕山灰狼 يوللىغان ۋاقتى  2017-9-8 23:37
ئەمما  بارماق سېنزۇرىنىڭ  كەينىگە ئۈتۈپ  قېلىشى مىنى ئە ...

مىنىڭچە بارماق  سىنزورىنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ قىلىشتىن  ئەنسىرەش  يوق!   تەرەققىياتنىڭ  تىزلىقىدا  بىر ئىككى  يىلغىچە ئېكراننىڭ  ھەممە يىرىدە بارماق ئىزى سىزىدىغان  بارلىققا  كىلىشى  مۇمكىندە   
؟!!!
14-قەۋەت
mahmutjam ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن
Umudwarghu يوللىغان ۋاقتى  2017-9-10 10:26
مىنىڭچە بارماق  سىنزورىنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ قىلىشتىن  ئە ...

  چۇقۇم شۇنداق بۇلدۇ،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部