+تېما يوللاش
2595922642 يوللانغان ۋاقتى:2015-9-14 15:14 2410 قېتىم كۆرۈلدى 9 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئۈرۈمچى ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ۋە سىستېما پەنلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئالىم ئەﻫەتنىڭ بىلوگى (www.alimahat.com) دىكى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، Windows 10 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى مۇددەتتىن ئىككى ﻫەپتە بۇرۇن تاماملانغان بولۇپ، Groove ناخشا-مۇزىكا، XBOX قاتارلىق ئەپلەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى تاپشۇرۇلغان، 8-ئاينىڭ بېشىدا Office 2016 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىمۇ تاماملىنىپ، سۈپەت جەﻫەتتىكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن.

بۇندىن بۇرۇنقى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، مىكروسوفتنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى بىر پارچە ئەسلەتمە ﻫۆججىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، مىكروسوفتنىڭ كېيىنكى ئەۋلاد ئىشخانا يۈرۈشلۈك يۇمشاق دېتاللىرى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنىدىكەن. دېمەك، شۇ ۋاقىتتا يېڭى ئەۋلاد ئىشخانا يۈرۈشلۈك يۇمشاق دېتاللىرى (Office 2016) نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىمۇ بىرگە ئېلان قىلىنىدۇ.

Office 2016 بىر قاتار ئىلغار مۇلازىمەت يۇمشاق دېتاللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بىز پىششىق بىلىدىغان Word، Excel، PowerPoint، OneNote، Outlook دىن باشقا Skype for Business، Project، Visio، Access، Publisher قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەنبە: ئالىم ئەﻫەت بىلوگى
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش3 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن2 قوللىمايمەنقوللىمايمەن
سەبىر-قىل....

9ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
samsak0997 ۋاقتى: 2015-9-14 16:10:33
ۋىندوۋىس تىلپۇننىڭ قاچان چىقا 10512 دە توىتاپلا قالدۇق تىزراق چىقسا بۇلاتتى
گىلەم
fffffffffffffff ۋاقتى: 2015-9-14 17:27:49
بۇ office2016 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقى چىققىنى بەك ياخشى بوپتۇ، بىزدەك ئ‍ىشخانىدا ئ‍ىشلەيدىغانلارغا تېخىمۇ قۇلايلىق بوپتۇ، ئ‍ۇستازلارنىڭ ئەجىرگە كۆپ رەھمەت

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
ئورۇندۇق
ۋېلى زىرەككەك ۋاقتى: 2015-9-14 17:54:31
مەن ئىشلىتىۋاتقىلى ئىككى ئاي بولاي دەپ قالدى
5-قەۋەت
aziz290 ۋاقتى: 2015-9-14 18:50:34
samsak0997 يوللىغان ۋاقتى  2015-9-14 16:10
ۋىندوۋىس تىلپۇننىڭ قاچان چىقا 10512 دە توىتاپلا قالدۇق ت ...


شەنبە كۈنى يەنى 9-ئاينىڭ12-كۈنى سەھەر سائەت 9دا 10536.1003 نۇسخىسىنىڭ يېڭلاش بولىقى تارقىتىلغان ، لېكىن مۇھىم بىر ئىچكى خاتالىق تۈپەيلىدىن يېڭىلاشنى توختىتىپ 10536.1004 نى ئىچكى قىسىمدا سىناق قىلىۋېتىپتۇ. Windows Insiderتۈرىنىڭ مەسئۇلى Gabriel Aulنىڭ تونۇشتۇرۇشچە 10536.1003 نەشىرىنى دۇنىيا بۇيچە 200دەك ئادەم يېڭىلىغان، 10536.1003نەشىرىگە يېڭلىغانلار ئۇنىڭدىن كېيىنكى يېڭى نەشىرىگە بىۋاستە يېڭلىيالمايدىكەن شۇڭا 10536.1003نى ۋاقتىنچە توختىتىپ 10536.1004 نى ئىچكى قىسىمدا سىناق قىلىۋېتىپتۇ. ناۋادا 10536.1003غا يېڭىلاپ بولغانلار كېيىنكى نەشىرىگە داۋاملىق يېڭىلىماقچى بولسا WP8.1غا قايتىپ ئاندىن يېڭىلىسا بولىدىكەن.
10536.1004مۇشۇ ھەپتە تارقىتىلىدىغان ئوخشايدۇ. لېكىن يېڭىلاشقا بەك ئالدىراپ كەتمەڭلار.
6-قەۋەت
fffffffffffffff ۋاقتى: 2015-9-14 20:05:46
ۋېلى زىرەككەكيوللاش3سائەت ئىلگىرىمەن ئىشلىتىۋاتقىلى ئىككى ئاي ب
ئۇنداقتا يوللاڭە مۇنبەرگە، بىزمۇ پايدىلنايلى؟

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
7-قەۋەت
alipalim ۋاقتى: 2015-9-14 21:41:35
ئ‍الىم ئ‍ەھەت  موئەللىمگە كۆپ  رەھمەت  
دىمەك ۋىن  10 سېستىما  تۈپ نىگىزىدىن  يەنى  يادروسىدىن  ئ‍ۇيغۇرچە  بولدىمۇ  ياكى  ئ‍ىشخانا دىتاللىرى  ئ‍ۇيغۇرچىلاشتىمۇ
8-قەۋەت
omar36 ۋاقتى: 2015-9-14 22:03:00
مۇشۇ ۋىن 10 يانفۇن نۇسقىسىمۇ تېزراق ئۇيغۇرچە بوسا بولاتتى
9-قەۋەت
BIZLAKIM ۋاقتى: 2015-9-15 00:27:41
ياشاپ كەت ئوغلانلار
10-قەۋەت
tax7 ۋاقتى: 2017-8-7 20:53:16
مۇشۇ دىتال بىلەن تەمىنلەيدىغان دوسلار چچ نۇمرۇڭلىنى قالدۇرۇپ قويساڭلا ياكى 1522683365 بۇ چچ نى قوشساڭلا  رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部