+تېما يوللاش
رىيال يوللانغان ۋاقتى:2017-6-17 17:48 3613 قېتىم كۆرۈلدى 29 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تېڭشۈن تورى 17-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا سۇجۇ كۆچمە خەۋەرلىشىشى جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ تور مەيدان سىنىقىنى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ھەم بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا سۇجۇدا 7~10 سىناق پونكىتىدا 5G سىنىقى قىلىشنى پىلانلىدى، بۇ 5G دەۋرىنىڭ بارغانسېرى يېقىنلاشقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
سۇجۇدىن باشقا، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى بۇ يىل 5-ئايدا يەنە بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، نىڭبو قاتارلىق تۆت شەھەر ۋە سۇجۇنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۇنجى بەش 5G سىرتقى مەيدان سىنىقى تور سىناش قۇرۇلۇش شەھىرى قىلىپ بېكىتتى.
ھەممىمىزگە ئايان، 5G تورى 4Gغا 1G قوشۇلغانلا ئەمەس، 5G ئەكەلگەن بىر خىل يىپيېڭى ئۆزگىرىش شۇكى ئالدى بىلەن توشۇش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز، بەزىلەر 2Gدىن 5Gغىچە بولغان ئۆزگىرىشنى ھايۋانلار ئارىسىدىكى سۈرئەتنى ئىشلىتىپ سۈپەتلىدى، بۇ ھەقىقەتەن بەك ئوبرازلىق سۈپەتلەش.
ئۇنىڭدىن باشقا، 5G تورى يەنە چوڭ كۆلەملىك ماشىنىلار ئارا ئالاقىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا ياردەم قىلالايدۇ، يەنى ئاتالمىش ئەشيا تورى، بۇ دەۋر بۆلگۈچ بۆسۈش.
5G تورى زادى قانچىلىك تېز؟ رەقەم ئارقىلىق ئىپادىلىسەك جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ ئېيتقىنى بويىچە 5G تورىنىڭ ئوتتۇرىچە سۈرئىتى 10Gbpsغا يېتىدۇ، بۇ 4Gنىڭ 100 ھەسسىسىدىن يۇقىرى. بۇنداق سۈرئەتتە يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى بىر كىنونى كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە چۈشۈرۈپ بولغىلى بولىدۇ، قالتىسمىكەن؟
ئەلۋەتتە، 5Gنىڭ كېلىشىگە يەنە بىر مەزگىل ۋاقىت بار، جياڭسۇ كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار 5Gنى 2020-يىلىدىن بۇرۇن رەسمىي سودىدا ئىشلىتىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدىكەن، ۋاقىتنى ھېسابلىساقمۇ بەكلا ئاز قالدى.

20170617113641366.jpgthumb_450.jpg (50.33 KB, چۈشۈرۈش سانى: 79)

20170617113641366.jpgthumb_450.jpg
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن5 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

29ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
ئۇيغۇرr ۋاقتى: 2017-6-17 18:07:42
شىنجاڭدا ئەمىلىلىشكە 10 يىلغىچە ۋاقىت كىتىشى مۇمكىن ،   يەنە كىلىپ باھاسى « ئاتۇندىن قىممەت  » بوپكىتىدۇ .   ئىشەنمىسىڭىز مەيلى ،
گىلەم
ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-6-17 18:19:37
ماۋۇ گەپلەرنى كۆرۈپ 4g تورى ئانچە تىز ئەمەسكەن دىدىم مەن ، 5g كەلسىمۇ يەنىلا ھەممىلا يەردە تۇراقلىق بولمايدۇ ، 4g مۇ ئىشلەتتۇق ، يۇقۇرسى 20 نەچچە مىگادىن چۈشكەننىڭ گىپىنى قىلدى ، نىمانچە تىزدۇ بىر
كۆرۈپ باقساق دەپ تۇرىشىمىزغا 3g غا چۈشۈپ
قالدۇق، ياخشى يىرى شىركەتلەر رىقابىتى بولۇپ قاپتىكەن ، 4g ئۇنداق قىممەتمىش بۇنداق قىممەتمىش دەپ ئاڭلاپتۇق كىيىن شاپاق نەرقى بولۇپ كەتتى ، ئاھ 5g ! ئىشتىھا
ساقلاپ ئولتۇرايلى !
ئورۇندۇق
سانغۇن ۋاقتى: 2017-6-17 18:23:31
ھازىغۇ 2 GB دىگەنغۇ يوقنىڭ ئورنىدا. بۇرۇنلاردا 2 GB دىسە ۋاي دەيتتۇق، ھازىر 4 GB دېسىمۇ تېز بىلىنمەس بولدى...  
5-قەۋەت
چوغ ۋاقتى: 2017-6-17 18:30:55
ھەقىقەتەن بوپ قويىدىكەن.ئەمىيلەشتۈرۈش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بوپ كېتىپتۇ كاساپەتلەر
6-قەۋەت
kadrla ۋاقتى: 2017-6-17 18:31:03
پاھ ، نېمىدېگەن قالتىس شىنجاڭ تەرەپكە قاچانلىققا كېلە بۇ 5 جى تور.
7-قەۋەت
miskin155 ۋاقتى: 2017-6-17 18:46:59
بىزنىڭ بۇ يەرلەردە 4 جى تورمۇيوق
8-قەۋەت
misken ۋاقتى: 2017-6-17 19:22:51
بىزنىڭ يۇرتلاردا ئالدى بىلەن 4G تورنى بىرىپ ئۇنىڭدىن كىين 5G كۆتۇرسىمۇ كىچىكمەيتتى
9-قەۋەت
2117825634 ۋاقتى: 2017-6-17 20:14:40
بىزنىڭ بۇ يەرلەرگە 4g  تور كەلسىمۇ خېلى خۇشاللىنارلىق ئىش بۇلاتتى .
10-قەۋەت
elbilge ۋاقتى: 2017-6-17 20:35:57
2030 دىن بۇرۇن ئومۇملاشمايدۇ، سىناق تېخى باشلانمىسا، سىناق قىلىنىپ ئومۇملاشتۇرۇشقىچە نۇرغۇن ۋاقىت ، ئىشلار كېتىدۇ
11-قەۋەت
m9665 ۋاقتى: 2017-6-17 21:02:40
يوق بىر نىمنڭ غەلۋىسنى قىلماي ئى بى شىنجاڭنڭ 4g تورىنى ئىچۋەتسە بولتى ،قانداق دىدىم ؟
12-قەۋەت
mangsur520 ۋاقتى: 2017-6-17 21:10:24
قاچانمۇ ئەسلىگە كىلە بۇ 4g دىگەن گۇي 5gبوممىسىمۇ  مەيلى 4g بولسا بولاتتى
13-قەۋەت
oguzhan ۋاقتى: 2017-6-17 21:17:03
3g دىن قوپالمايۋاتساق نەدىكى 4g بىزگە، ئۇنىڭ ئۈستىگە 5g قوللايدىغان تېلىفۇن ئالمىساق بولماس پالانى پۇلغا، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى 4g نىڭ تېزراق ئەسلىگە كىلىشىنى ساقلايلى!
14-قەۋەت
adiljan3359 ۋاقتى: 2017-6-17 21:37:36
3gمۇ شەھەر بازارلاردا تاتقان بىلەن چەت ياقىلاردا 2gئاران تاتىۋاتمامدۇ ئاۋال بىر 3gبىلەن 4gنى مۇقىملىسۇن پونى زەي سامماي ئاتقىنى بىلەن ئەينى چاغلاردىمۇ 4gيېڭى چىققاندا2015.يىلى رەسمى ئەمەلىيلىشىدۇ دەۋاتاتتى ھەممىسى ئوسۇرۇق بولدىغۇ تا ھازىرغىچە تىلفۇنۇم4gنى كۆرۈپ باقمىدى
15-قەۋەت
alfa215 ۋاقتى: 2017-6-17 22:23:49
مىنىڭ تىلفۇنۇمدىمۇ  4G  دەپ چىقىدىغان   بوپ قالغىلى  تىخى  بىرە ئاي بولمىدى،  بەزىدە  تۇيۇقسىزلا  3G غا  چۈپ  قالىدۇ تىخى.  ئۈرۈمچى  تەرەپلەردە قانداقكىن  بىلمىدىم. ئىشقىلىپ قەشقەر  تەۋەسىدە  پۈتۈن ئوموملىشىپ بولالماپتۇ.  مۇشۇنداق تۇرسا 5G نىڭ كىلىشىمۇ خىلى بىر گەپ جۇمۇ
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部