+تېما يوللاش
bengbash يوللانغان ۋاقتى:2017-7-24 11:36 5659 قېتىم كۆرۈلدى 56 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
(مەن تېلېفون ئىشلەتكەندىن بۇيان تېلېفوننىڭ ئىقتىدارىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلەتتىم، لېكىن بەك قىممەت يانفونلارنى ئالمايتتىم. مەن دەسلەپتە نوكىيانىڭ 5300، 5130 تېلېفونلارنى ئىشلىتىپ، ئۇسلۇب(جۇتى)لارنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان رەسىملەرنى قىستۇرۇپ، ئۆزەمچە ھوزۇرلىنىپ ئىشلىتىپ يۈردۈم. كېيىنرەك نوكىيا 5233 نى ئېلىپ ئۇنىڭغا ھەرخىل ئەپلەرنى قاچىلاپ ئىشلەتتىم.
بۇ چاغلاردا ئاندىروئىد يانفونلارنى ئومۇملاشقىلى تۇردى، شۇنىڭ بىلەن ليەنشياڭ ماركىلىق بىر يانفۇننى ئېلىپ ئاندروئىد دۇنياسىغا كېرىپ كەتتىم، لېكىن بۇ يانفوندىن بەكلا رايىم يېنىپ كەتتى. ئاندروئىدتىن ئەمەس، لىيەنشياڭدىن. بەلكىم مەن لىيەنشياڭنىڭ ناچارراق تېلېفونىنى ئېلىپ قالغان ئوخشايمەن. شۇندىن كېيىن تېلېفون ساھەسىدە لىيەنشىياڭنى قەتئىي خىيال قىلمىدىم، قىسقىسى لىيەنشىياڭغا ئۆچ بولۇپ كەتتىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى تاشلاپ دۆلىتىمىزنىڭ پەخىرلىك ماركىسى خۇاۋېينىڭ روڭياۋ (ھونۇر) 2 دېگەن يانفۇنىنى ئالدىم. تېلېفون ياخشى چىقتى. خۇاۋېي قاتتىق دىتال سۈپى ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن. قولۇمدىن نۇرغۇن قېتىم يەرگە چۈشۈپ كەتسىمۇ ئازراق يارا ئىزلىرى قالاتتى لېكىن تېلېفونغا چوڭ زىيان بولمايتتى. شۇ چاغلاردا نوكىيا مىكروسوفىت بىلەن بىرلىشىپ ۋىندوۋىس يانفونلىرىنى چىقىرىشقا باشلىدى، نوكىياغا بولغان ئىشتىياقىم يەنە يالقۇنلاپ نوكىيا 1520 نى ئالدىم.
بۇ تېلىفۇننىڭ قاتتىق دىتاللىرى شۇنداق سىپتا مۇستەھكەم ئىدى. ئارقا كامىراسى شۇنچىلىك سۈزۈك تارتاتتى. تېلېفون سىستىمىسى خىلى يامان ئەمەس ئىدى. لېكىن ئەڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى 3-تەرەپ ئەپلىرى ئاز، ھەم ئۇ ئەپلەر بەكلا سۈپەتسىز، ئىقىتىدارى ياخش ئەمەس ئىدى. كېيىن ۋىندوۋس 8 دىن 10غا كۆتۈردۈم. تېلېفون ئۆزىنىڭ سىستىمىسى ۋە ئۆزىنىڭ ئەپلىرى شۇنچە ياخشى بولسىمۇ 3-تەرەپ ئەپلىرى يەنىلا ئاز ھەم سۈپەتسىز ئىدى.  باشقىلار ئاندروئىد يانفونلىرىدا قىلغان ۋېيشىن، تاۋباۋلار دىكى ئىشلارنى مەن قىلالمىدىم. شۇنىڭ بۇ تېلېفونغا كۆزۈم قىيمىغان ھالدا بولۇپمۇ ئاپاراتىغا چىدىمىغان ھالدا 900 كويغا سېتۋىتىپ ئازراق پۇل قوشۇپ شىياۋمىنىڭ تۇنجى بارماق تونۇش ئىقتىدارى قوشۇلغان خوڭمى نوت 3 نى ئالدىم. بۇ تېلېفوننى ئېلىپ يەنە ئاندىروئىد دۇنياسىغا قايتىپ كەلدىم، ئەپلەرنى خالغانچە قاچىلاپ ئىشلىتىپ ئەركىنلىككە چىققاندەك ھېس-تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم. ئەمما بىر قېتىم قولۇمدىن يەرگە چۈشۈپ كېتىپ ئىكران چىقىلىپ كەتتى. كېيىن  قولۇمدىن چۈشۈپ كەتكىنىنىمۇ بىلمەيمەن ئاۋاز كونۇپكىسى مىجىق، ئىكران چاپلاق چاك كەتتى.  تېلېفون ئۇرسام تولا توردىن قىچىپ، ئىچىمنى سىقىپ، ئاخىرى تۈزۈكرەك ئاندروئىد تېلېفون ئالاي دەپ نوكىيا 8،9 لارنى كۈتتۈم ھېچ چىقاي دىمىدى، شىياۋمى 6 نى تالىشىپ ئالالمىدىم، ھەم خوڭمىدىن رايىم كەتكەچ كېيىن بۇنىمۇ تالاشمىدىم، خۇاۋېي روڭياۋ 9نىڭ بىر تەرەپ قىلغۇچىسى كۆزۈمگە سىغمىدى. نۇبىيا ز 17 نىڭ بارماق سىنزورى كەينىدە ھەم ئۆي كونۇپكىسى قىزىل يېرى ياقمىدى. ئالما 7 لەر، سامسۇڭ ئىس 8 لەر بەك قىممەت بولغاچ ئۇلارنى ئويلاشمىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئاخىرى يىجا 5 يانفونىنى ئېلىشنى قارار قىلدىم)

قولۇمدىكى يىجا 5 يانفونىنى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 00:00دە جىڭدوڭ تورىدىن تالىشىپ ئالالىدىم. بىر ھەپتىدىن كېيىن قولۇمغا تەگدى. بۇ يانفون ئىككى خىل چىققان بولۇپ،  بىرى  6 جى ئىجرا سىغىم، 64 جى ساقلاش سىغىم بار، كۈلرەڭ ، باھاسى 2999 يۈەن. يەنە بىرى 8 جى ئىجرا سىغىم، 128 جى ساقلاش سىغىم بار، قارا رەڭلىك، باھاسى 3349 يۈەن. مەن يۇقىرى سەپلىمىلىكىنى ئالدىم.
ئەمدى ئۆزەمنىڭ بۇ يانفون ھەققىدە قىلغانلىرىمنى دەپ باقاي.
1. تاشقى كۆرۈنۈشى يامان ئەمەس، سىپتا، مۇستەھكەم ياسالغاندەك تۇيغۇ بېرىدىكەن. تۇتقاندىكى قول سىزىممۇ ياخشى. ئوپپو ر 11 غا ئوخشىشىپ كېتىدىكەن، لېكىن ئۇنىڭدىن ياخشىراق كۆرۈنىدىكەن.
2. تېلېفوننىڭ سۈرئىتى بەك تېز ئىكەن. ھازىرغىچە قىزىپ كەتكىنى بىلمىدىم.
3. ئاپاراتى مېنى رازى قىلدى. خىزمەتدىشىمنىڭ ئوپپو ر 11 بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقسام ئالدى ھەم كەينى ئاپاراتى ر 11 دىن رەڭگى تەبئىي ھەم سۈزۈكتەك ھېس قىلدىم
4. توك قاچىلاش سۈرئى بەك تىز ئىكەن. بارماق تونۇش سۈرئىتى تېز ئىكەن.
5. ئۆي كونۇپكىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قايتىش كونۇپكىسى بىلەن كۆپ ۋەزىپە كونۇپكىسىنى ئالماشتۇرغىلى بولىدىكەن. قايتىش كونۇپكىسى ئەسلى تەڭشەكتە ئوڭ تەرەپتە ئىكەن، مەن ئادەتتە تېلېفوننى  سول قولۇمدا ئىشلىتىدىغان بولغاچقا بۇ كونۇپكىنى سول تەرەپكە يۆتكىۋالدىم. (مېنى ئەڭ خوش قىلغان ئىقىتىدارى مۇشۇ)
6. تېلېفوننىڭ سول ياندىكى ئاۋاز كۆنۇپكىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە ئۈچ خوتلۇق بىر كونۇپكا باركەن. تېلېفوننى ئاۋازسىز قىلىش، ئاۋارە قىلىماسلىق، نورمال ھالەتلەرگە ئەكىلىشكە ئىشلىتىدىكەنمىز.
7. ئىكراننى ئىككىگە بۆلۈپ ئىككى ئەپنى تەڭلا ئىشلىتەلەيدىكەنمىز، كومپيۇتېردەكلا. بۇ بەلكىم ئاندروئىدنىڭ 7 نىڭ ئىقتىدارىدۇ.
8. ئۆي كونۇپكىسىنىڭ يېنىدىكى كۆپ ۋەزىپە كونۇپكىسى ئىككى قېتىم باسساق ئەڭ يېقىنقى ئارقا سەپتىكى ئەڭ ئېچىلىدىكەن، يەنە ئىككى قېتىم باسساق بايا ئاچقان ئەپ ئېچىلىدىكەن. بۇ ئىقتىدارىمۇ بەك قولايلىقكەن.
9. ۋندوۋس يانفوندەك سىېستىمىنىڭ قارا تەگ ياكى ئاق تەگ قىلىپ تەڭشەيدىغان يېرى باركەن. كەچتە قارا تەگ ماس كېلىدىكەن.

مەن ھېس قىلغان يېتەرسىزلىكى يانفون سىستىمىسى شىياۋمىنىڭ سىستىمىسدەك قولاي ئەمەسكەن. سېستىمىدا ئۆزگەرتىشكە، ياخشىلاشقا تېگىشلىك نۇرغۇن جايلار باكەن. ياكى شياۋمى ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغاچقا شۇنداق ھېس قىلغاندىمەن.

قالغىنىنى مۇشۇ يانفوننى ئىشلىتىۋاتقانلار دەپ باقسا، ياكى كەم قالغان يەرلەر بولسا، خاتا كەتكەن جايلار بولسا، سوئالىڭلار ئوتتۇرغا قويۇپ باقساڭلار.





ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن قوللىمايمەنقوللىمايمەن

56ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
★tanha☆~☆bo ۋاقتى: 2017-8-29 01:37:06
ovohei618 يوللىغان ۋاقتى  2017-8-28 19:06
بۇ تېلپۇننىڭمۇ 双路WiFi  دىگەن ئىختىدارى  بار ئىكەن ، سىمسى ...

مۇشۇنى مەنمۇ ئىنىق بىلەلمىدىم . بولسا تورداشلار بىر ئىنىقلىما بەرگەن بولسا بوپتىكە
گىلەم
BAHADIR05 ۋاقتى: 2017-7-24 12:21:45
مىنىڭچە بۇ تېلفۇننى ئالغان كىشى پۇلىغا رازى بۇلىدۇ،ھەممە جەھەتتىن شۇندا ق ياخشى ،سېستىمىسى ئەسلى ئاندرويد سېستىمىغا يېقىن بولغاچ بەزى يەرلىرى قولايسىزدەك بىلىنىدۇ ،لېكىن ھەرجەھەتتىن رازى بۇلىسىلە،
ئورۇندۇق
owqi11 ۋاقتى: 2017-7-24 13:06:37
ھازىرقى پۇلىغا  تۇشلۇق سەپلىمى بىلەن ئىشلەپ چىقاغان تىلپۇننىڭ بىرىنجىسى مۇشۇ، ئوپپو ۋىۋۇلاردەك سەپلىمىسىنىڭ تاينى يوق پۇلى قىممەت  بولسىمۇ ھىچنىمە قىلغىلى بوممايدۇ
5-قەۋەت
ئەرچىن520 ۋاقتى: 2017-7-24 13:31:23
سىزمۇ  ماڭا  ئوخشاش بىر  يانفۇن  ھەۋەسكارىكەنسىز    سىزگە  قول  قۇيدۇم  سەۋيىڭىز خېلى  يۇقىركەن
6-قەۋەت
گۈللە ۋاقتى: 2017-7-24 13:50:41
قۇلۇمدىكى تىلفۇننى ئالغىلىمۇ ئۇزاق بولمىدى بولمىسا مەنمۇ خېلى بولدى بۇ تىلفۇننى كۆزلەپ قويغىلى.  جىڭدۇڭ تورىدىن پات پات  كۆرۈپ تۇرىمەن ھې ھې    توردىمۇ بەك داڭلاپ كەتتى بۇ تىلفۇننى چەتئەللىك لەرمۇ . پۇلىغا چۈشلۇق سەپلىمىلېرىمۇ ياخشى  ماۋۇ ئوپپو ۋىۋو دەك ئېسىپلا ۋالمايدۇ . بىزنىڭ بۇ تەرەپلەردە بەك ئالدىغان بوپكەتتى بۇ ئوپپو ۋىۋو  لارنى گەپ قىلسا ئاڭلىمايدۇ ، قۇلۇمدىكى خۇۋېي رۇڭياۋ 6x  نى جىڭدۇڭ تورىدىن مۇددەتكە بۈلۈپ 1400 سومغا سېتۋالدىم  ، رام 4ج    روم 32ج ، ماۋۇ ئوپپونىڭ a59s  دىگەن تىلفۇنلارنى 1800 دىن  بەزەنلە تېخى مۇددەتكە بۈلۈپ ئالغانلا بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى ئالغانلا با    ھەي  .  ئوپپو  ر9  تېخى  رام 4ج   روم64 ج   باھاسى 2600 دىن 2800 گىچە . قىممەتلىگى بۇلانىڭ   
7-قەۋەت
elbilge ۋاقتى: 2017-7-24 14:06:40
مەن شىياۋمى 6 نى بىرەر ئاي بولدى ،تالىشىپ سېتىۋالالمىسام يىجىيا 5 ئالاي دەپ تۇرغان، لېكىن مەندە بۇ شىياۋمى 6 گە 835 سەپلەنگەندەك بىرەر ئالاھىدە تۇيغۇ يوققۇ، رەسىم تارتىشىمۇ ئادەتتىكىدەكلا بىلىنىۋاتىدۇ،ئىقتىدارلىرىمۇ ئادەتتىكىدەكلا،ئالاھىدە بىرەر يېڭى ئىقتىدارى يوقتەك بىلىنىۋاتىدۇ،ئالدىدا خوڭمى نوت 4 ئىشلەتكەن، ئۇنىڭدىن ئارتۇق بىلىنگەن يېرى سۈرئەت تېز، nfc سى باركەن ، يا ئاپپاراتىنى تەڭشىيەلمەيۋاتىمەنمۇ،كەينى تەگنى تۇتۇقلاشتۇرغاندەكمۇ،ئېلان رەسىمىدەك ئەمەس
8-قەۋەت
ghaye ۋاقتى: 2017-7-24 14:14:50
مىنىڭچە 小米6 ئالسىڭىز بوپتىكەن  MIUI9 چىققاندا ۋەھىشى ئاقسا ئىشلىتەتىڭىز   MIUI9  نەشىرىنى بەك يەەەە   يەڭگىل قىلىمىز ئالما سىستىمىسىدەك يەڭەىل قىلىمىز دەپتىكەن  ھەم 小米6   بىر تەرەپ قىلغۇچ 835 بەك نوچى ئىدى  6G ئىچكى سىغىن يىتەتتى سىزگە
9-قەۋەت
elbilge ۋاقتى: 2017-7-24 14:25:24
توك قاچىلىشىمۇ تېز بىلىنمىدى،835 سىپىيۇنىڭ ۋەھشى تېز سۈرئەتتە توك قاچىلايدىغان Qc4.0 دەك تۆت خىل ئىقتىدارى بار ، شىياۋمى باتارىيە قىزىش، پارتلاشتەك خەۋپتىن ساقلىنىش ئۈچۈن 835 نىڭ نۇرغۇن ئىقتىدارىنى ئاچمىدى،يىجىيا ئىشلەتتى دەۋاتاتتى،بەلكىم شۇ ئوخشايدۇ
835 نى سۈنئى ئەقلى ئىقتىدارنى قوللايدۇ دەۋاتقان ، بۇمۇ يوق
تىڭشىغۇچ ئېغىزى يوق، ئېكران كىچىك5.15 ، fmئۆزەك يوق، باتارىيە سىغىمى كىچىك ھېچ بولمىسا 4000 دىن چۈشۈرۈۋەتمىسە بولاتتى،بارماق تونۇش سېنزورى كەينىدە ئەمەس ۋاھاكازالار،يەنە كېلىپ قارىسىنى ئالغۇم يوقتى،مەن ئالغاندا قارىسىدىن باشقىسى يوق
10-قەۋەت
elbilge ۋاقتى: 2017-7-24 14:28:08
سېستىمىسىمۇ بەك ئالاھىدە ئەمەس، ئېكراننى سىنغا ئېلىش ئىقتىدارى يوق،يا ئىشلىتىۋېرىپ كۆنۈپ قالدىممۇ بىلمىدىم، سېستىما 8.2.27،ئاندوروئىد 7.1.1 كەن
بۇنىڭدا ئېكراننى بۆلۈپ ئىشلەتكىلى بولمامدىكىنە
11-قەۋەت
bengbash ۋاقتى: 2017-7-24 14:55:31
ghaye يوللىغان ۋاقتى  2017-7-24 14:14
مىنىڭچە 小米6 ئالسىڭىز بوپتىكەن  MIUI9 چىققاندا ۋەھىشى ئاقس ...

مۇشۇ 1+ نى ئالغىنىمغا رازى بولدۇم. بۇنىڭ بىر تەرەپ قىلغۇچىسىمۇ گاۋتوڭنىڭ 835 تىپلىقى.
12-قەۋەت
elbilge ۋاقتى: 2017-7-24 15:05:42
مېيزۇ پىرو 7 نى 6999 دەپ باھا چىقارغان ئوخشايدۇ، بىر تال akg شىركىتى بىلەن بىللە ئىشلىگەن تىڭشىغۇچى بىلەن قوشۇپ
13-قەۋەت
elbilge ۋاقتى: 2017-7-24 15:08:21
ئۆگۈنلۈككە miui9 غا يېڭىلايمەن قولۇمدىكى شىياۋمى 6 نى
14-قەۋەت
对你的眼里_我 ۋاقتى: 2017-7-24 15:22:38
بۇ يجيا تېلىفۇننىڭ مۇقىملىقى ۋە سېستىما راۋانلىقغا راسلا گەپ كەتمەيدۇ
15-قەۋەت
tog_rak ۋاقتى: 2017-7-24 16:04:23
يىجىيا نەنىڭ تىلىفۇنى ئۇ؟
16-قەۋەت
bengbash ۋاقتى: 2017-7-24 16:47:03
tog_rak يوللىغان ۋاقتى  2017-7-24 16:04
يىجىيا نەنىڭ تىلىفۇنى ئۇ؟

دۆلىتىمىزنىڭ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部