+تېما يوللاش
Aじè يوللانغان ۋاقتى:2016-9-8 10:04 2736 قېتىم كۆرۈلدى 24 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Aじè تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-9-8 10:06  


تېڭشۈن تورى 8-سېنتەبر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئۈرۈمچى ۋاقتى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچ سائەت 10دا ئالما شىركىتى يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، iPhone 7 ۋە iPhone 7 Plus رەسىمىي نامايان بولدى، 9-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ ئالدىن زاكاز قوبۇل قىلىشقا باشلايدۇ، 9-ئاينىڭ 16-كۈنى رەسىمىي سېتىلىشقا باشلايدۇ، جۇڭگو نۇسخىسىنىڭ باھاسى 5388 يۈەندىن باشلاپ سېتىلىدۇ، تۇنجى تۈركۈمدە سېتىلىدىغان بازارلاردە يەنىلا جۇڭگو بازىرى بار، بۇنىڭدىن سىرت، ئىككىنچى ئەۋلاد Apple Watch ئەقلىي قول سائىتىمۇ نامايان بولدى، سېتىلىش باھاسى 369 ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 2457 يۈەن).
بۇنىڭ ئىچىدە، ئالما iPhone 7 يانفونىنىڭ سىغىمى 32GB دىن باشلىنىدىغان بولۇپ، سېتىلىش باھاسى 649 ئامېرىكا دوللىرى قىلىپ بېكىتىلگەن، يانفوننىڭ ئەڭ چوڭ سىغىمى 256GB غا يېتىدۇ. ئالما شىركىتى بازارغا سالغان iPhone SE يانفونلىرىدا 16GB لىق نۇسخىلىق يانفون بولغاندىن باشقا، بۇنىڭدىن كېيىن سېتىلىدىغان بارلىق iPhone مەھسۇلاتلىرىنىڭ سىغىمى 32GB دىن باشلىنىدۇ.يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان  iPhone 7 يۈرۈشىدىكى يانفونلار 9-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ئالدىن زاكاز قىلىنىدىغان بولۇپ، مال چىقىرىش  ۋاقتى بولسا 9-ئاينىڭ 16-كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن.

نۆۋەتتە ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە جۇڭگو بازارلىرىدىكى كۆچمە ئالاقە ۋاستىلىرى تىجارەتچىلىرى 27 ئايلىق ۋە 32 ئايلىققا بۆلۈپ ھەق تۆلەش ئۇسۇلىدا يانفونغا زاكاز ئالالايدىكەن. قېنىق قارا رەڭلىك نۇسخىلىق ئايفوننىڭ سېتىلىش باھاسى باشقا رەڭلىك ئايفونلارغا قارىغاندا سەل قىممەترەك بولۇپ، ئالما شىركىتىنىڭ iPhone ئىلغارلاشتۇرۇش پىلانىغا كىرگەن ئابونتلار ھەر يىلى بىر  تال يېڭى يانفونغا ئېرىشەلەيدىكەن.

ئالما iPhone 7 Plus يانفونىنىڭ سەپلەنمىسى تۆۋەندىكىچە: 12 مىليون پېكسىللىق كەڭ گىرادۇسلۇق + ئۇزۇن فوكۇسلۇق كامىرا، 5.5 دىيۇملۇق Retina HD ئېكران، 7 مىليون پېكسىللىق ئالدى كامىرا، پۈتۈنلەي يېڭىچە بولغان Home كۇنۇپكىسى، سىترىئولۇق ئاۋاز ياڭراتقۇ، A10 Fusion تىپلىق ئۆزەكچە، 450Mbps LTE-A تورىنى قوللاش ئىقتىدارى، iOS 10 مەشغۇلات سېستىمىسى، چاڭ-توزان ۋە سۇدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى قاتارلىقلار.




iPhone 7 يانفونىغا  12 مىليون پېكسىللىق كامېرا، 7 مىليون پېكسىللىق ئالدى كامېرا سەپلەنگەن.





مەنبە: نۇر تورى

20160908064656493.jpg (74.14 KB, چۈشۈرۈش سانى: 15)

20160908064656493.jpg

20160908064656340.jpg (96.28 KB, چۈشۈرۈش سانى: 3)

20160908064656340.jpg

20160908063907871.jpg (90.12 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2)

20160908063907871.jpg
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن3 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

24ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
نەبىجون ۋاقتى: 2016-9-8 10:27:41
32 ئايغا بۆلەپ تاپشۇرسا بوپقالغۇدەك ئايدا200يۈەندىنمۇ توغرا كەلمەيدىكەن  ئانچە قىممەتمۇ توختىمىغىدەك
گىلەم
1314520 ۋاقتى: 2016-9-8 10:32:12
ۋوي بۇ  ياخشى بوپتىغۇ ، ئالدىنقى كۈنى   يېڭى چىقىدىغىنى   ئالما7 ئەمەسكەن  دەپ خەۋەر  چىققانتى، ئەمدى  جىڭ چىقىدىغان  ئوخشىمامدۇ،ئالما7چىقسا  ئۇ چاغدا  ئالما 5 ئالما6تىلەرنىڭ باھاسى  چۈشەتتى
ئورۇندۇق
ilham8557 ۋاقتى: 2016-9-8 11:14:59
32ئايغا بۈلەپ تۈلەيدىغان بۇلسا ياخشىكەنغۇ ،شىنجاڭ بازىرىدىمۇ  ئاشتا بۇلامۇ 32 ئايغا ب ئۈلەپ تۈلەيدىغان ئش
5-قەۋەت
kaxkiri ۋاقتى: 2016-9-8 11:27:08
ئۆتكەن يىلقىدەك داغا-دۇغىسى بولمىدىغۇ دەيمەن،ئۆتكەن يىل مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ تور ئادىرىسىنى يوللاپ كۆردىغانلا ئۇخلىماي كۆرۋاتقاندەك قىلغان.
6-قەۋەت
ئالم110 ۋاقتى: 2016-9-8 12:07:10
ilham8557 يوللىغان ۋاقتى  2016-9-8 11:14
32ئايغا بۈلەپ تۈلەيدىغان بۇلسا ياخشىكەنغۇ ،شىنجاڭ بازى ...

مىنىڭچە بولماسمىكى
7-قەۋەت
ilham8557 ۋاقتى: 2016-9-8 14:16:04

كىرگەن بۇلسا ياخشى بۇلاتى
8-قەۋەت
ilham8557 ۋاقتى: 2016-9-8 14:19:15
بۇيەردىمۇ تېلفۇننىڭ پۇلىسىنى ئايغا بۈلەپ تۈلەيدىغان ئش بولسا ئالما تېلفۇنىنىڭ باھاسىنىڭ چۇشىشىنى كۇتمەيلا نۇرغۇن ئادەملە سېتىۋالىدىغۇ دەپ ئويلايمە
9-قەۋەت
Koc_DЁgiz ۋاقتى: 2016-9-8 15:00:12
بۇ ئايغا بۈلۈپ تۆلەش دىگىنى،يانفۇن تىجارىتى قىلىدىغان سېتىش دۇكانلىرىغا قارىتىلغان سېتىپ چىقىرىش پىلانىمىكىن دەيمىنا ئۈزەمچە
10-قەۋەت
xiraliuyghur ۋاقتى: 2016-9-8 17:53:02
Koc_DЁgiz يوللىغان ۋاقتى  2016-9-8 15:00
بۇ ئايغا بۈلۈپ تۆلەش دىگىنى،يانفۇن تىجارىتى قىلىدىغان ...

ئايغا بۈلۈپ تۆلىگىلى بۇلىدۇ ، مەسلەن جىندوڭ ، تاۋباۋلادا بارغۇ ئىناۋەتكە قارىتا سىزگە پۇل چۈشۈرۈپ بېرىدىكەن ، بايا تېخى تىلفۇندىن بىرنى .ئايغا بۈلۈپ ئالدىم جىڭدوڭدىن
11-قەۋەت
بۈيۈك_ئۇ ۋاقتى: 2016-9-8 21:04:51
مەن مۇشۇ ئالما تىلفۇننى مۇددەتكە بۆلۈپ پۇل تاپشۇردىغان يەرنى تاپقانتىم ئالمىنىڭ ئورگان تورىدا باركەن، applestoreدىگەن ئەپنى تىلفۇنغا چۈشۈرسەك دۆلىتىمىزدىكە ئالما پارچە سېتىش دۇكانلىرى بىلەن ئالاقىلاشقىلى بولىدىكەن سىز قايسى بانكىنى تاللىسىڭىز ئۇ ھوقۇق سىزنىڭ مېنىڭ خەنزۇچە سەۋىيەم بىرئاز تۆۋەن بولغاچقا بەزى ئىشلارنى بىلەلمەي قالدىم ،قالغىننى ئۇستازلار دەپ بەرگەن بولسا
12-قەۋەت
بۈركۈت11 ۋاقتى: 2016-9-8 21:12:11
256GB  سىغىم دىگەننى نىسى ئ‍الغاندەكلا ئ‍ىشلىتىپتۇدە كاساپەتلەر
13-قەۋەت
koksultan ۋاقتى: 2016-9-8 22:10:38
يەنە بىرە  ئايدىن كىيىن ئىلان قىلغان بولسا جۇڭگۇچىلىقتا  بەزى تورداشلار پاختا تىرىپ كىلىپ بۆرەك ساتمايلا بىر يانفۇنلۇق بوپ قالاكەنتۇق،
14-قەۋەت
13369679875 ۋاقتى: 2016-9-8 22:28:05
ئايغا  بۇلۇپ پۇل  تۇلەيدىغان مۇلازمەتلەر ئەتراپىمىزدىكى تېلگىراف شىركەتلىردە بارمىدۇ،بار  بۇغان  بۇسا  مەن ئالما 7نى سېتۋالاتتىم،ئەتلا.
15-قەۋەت
يولتاپ ۋاقتى: 2016-9-8 23:04:13
مىنىڭچە ئايغا بۈلۈپ دىگىنىنى مەن مۇنداق چۈشىنىمەن،يەنى بىز بىرە خەۋەرلىشىش شىركىتىدىن يېڭى كارتا بىجىرىپ بىر ئالما ئالساق،ئۇلار ئاشۇ پۇلنى سۆزلىشىش كارتىسىغا ئايغا بۈلۈپ قاچىلاپ بېرىمىز دىگىنىمىكى دەيمەن ،دىمەك بىز ھەممە پۇلنى ئالدىن تۈلەيمىز ،قۇلاقنى كىسىپ قوڭنى ياماش،ئۇ كارتىغا پۇل قاچىلاپ بەرگەن بىلەن يەنە بىز پۇل ئۇرمىساق ماڭمايدۇ
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部