+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-8-9 23:42 3187 قېتىم كۆرۈلدى 20 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئىنسانلار ئاي شارىغا چىقتى، ئەمدى مارىسقا يۈرۈش قىلىۋاتىدۇ. يەر شارىنىڭ چوڭقۇر دېڭىز ئوكيانلىرىدىن، ئېگىز چوققىلىرىغىچە تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. ئەمما ئادەم بەدىنىگە بولغان تەتقىقات، تونۇش تېخى دەسلەپكى بىلىش باسقۇچىدا. تۆۋەندىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن ئادەم بەدىنىنىڭ قانچىلىك ئىقتىدارلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
ئادەم كۆزىنى رەسىم تارتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆلچىمى پىكسېل بىلەن ئۆلچىسە، ئادەم كۆزىنىڭ قارچۇقىنىڭ ئېنىقلىقى 126 مىليون پىكسېل كېلىدۇ.



بىر مىنۇتتا ئادەم كۆزى ئارقىلىق خاتىرلەيدىغان سانلىق مەلۇماتنىڭ سىغىمى 21.45Gb كېلىدۇ. بىر مىنۇتلۇق 4K لىق سىننىڭ سىغىمى ئاران 375Mb كېلىدۇ.



ئادەم مېڭىسىدە 100 مىليارد نېۋرون بار، بۇ نەزەرىيە جەھەتتىن 100Tb ساقلاش بوشلۇقىنى ئىگىللەيدۇ. نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار دەرىجىدىن تاشقىرى كومپىيۇتېر «تىتان» نىڭ ساقلاش سىغىمى 710Tb ، ئەمما «تىتان» نىڭ 299008 دانە مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ يادروسى بار. ھەجىمى ئىنتايىن چوڭ.



2020-يىلغا بارغاندا ئىنسانىيەت توپلىغان ئۇچۇرنىڭ سىغىمى 40ZB غا بارىدۇ. بىر ئادەم بەدىنىدىكى ئۇچۇر 60ZB ئەتراپىدا.
ZB قانچىلىك چوڭ؟
1ZB (Zettabyte) = 1024 EB
1EB(Exabyte )=1024PB
1PB(Petabyte )=1024TB
1TB (Trillionbyte)=1024GB
1GB (Gigabyte)=1024MB
1MB (Megabyte)=1024KB
1KB (Kilobyte )=1024B

بىر ئادەمنىڭ ئىرسىيەت ئۇچۇرى 1.5Gb ئەتراپىدا كېلىدۇ. يەنى ئالما IOS 10 نىڭ سىغىمىچىلىك.
ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىدە ھەر سېكۇنتتا تەخمىنەن 100 مىڭ قېتىم خېمىيىلىك رىئاكسىيە ھاسىل بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنى تېزلىككە ئايلاندۇرۇپ ھېسابلىسا ھەر سېكۇنتتا 430 كىلومېتىر ماڭىدىغان ماگىنتلىق لەيلىمە پويىزنىڭ تېزلىكىگە توغرا كېلىدۇ.
«ئادەم مېڭىسىنىڭ پەقەت %10 تى ئىشلىتىلىدۇ» دېگەن گەپنىڭ ئاساسى يوق. ئەمەلىيەتتە ئادەم مېڭىسى ئالاھىدە ئەھۋالدا تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرىدۇ. بۇ خۇددى بىر تېلۋىزور بىرەر يۈز قانالنى قۇبۇل قىلالىسىمۇ ، بىر ۋاقىتتا پەقەت بىرلا قانالنى قۇبۇل قىلىپ كۆرگەندەك ئىش.
ئادەم مېڭىسىنىڭ قۇۋۋىتى 20W ؛ ئوخشاش ئىقتىدارلىق دەرىجىدىن تاشقىرى كومپىيۇتېرنىڭ قۇۋۋىتى بولسا 1.4 مېگاۋات.



ئادەم مېڭىسى ۋە بەدىنىنىڭ قايتا ئۆسۈش (ئەسلىگە كېلىش) ئىقتىدارى بار. ئېغىر يارىلانغان ئەھۋالىدىمۇ يەنە «خىزمەت» قىلالايدۇ. ئەمما كومپىيۇتېردا ئازراقلا مەسىلە كۆرۈلسە ئىشتىن توختايدۇ.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +9 يىغىش سەۋەبى
jastar + 9 ياخشى يازما

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش7 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن9 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

20ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
رۇھ ۋاقتى: 2017-8-10 00:09:50
بايقىساق ئادەم بەدىنى بىر مۆجىزە
گىلەم
ئۇنۇتما2 ۋاقتى: 2017-8-10 00:44:46
بەكمۇ بەك  ئىلمى تېما بوپتۇ
ئورۇندۇق
XaTuR007 ۋاقتى: 2017-8-10 01:07:22
بىز بىلمەيدىغان ئىشلار ھەقىقەتەن كۆپ تېخى
5-قەۋەت
oyqan1 ۋاقتى: 2017-8-10 01:28:03
ئادەم مېڭىسىنىڭ بىر كەمچىللىكى مېڭىمىزگە ساقلاپ قويغان بەزى ماتىرياللار قىسقا ۋاقىتلىق ماتىرىيال ،ئاسانلا ئۇنتۇپ قالىمىز،
كومپىيوتېردا ئېھتىياتسىزلىقتىن يۇيۇپ سالغان ھۆججەتلەرنى مەلۇم دېتاللار ئارقىلىق ئەسلىگە ئېلىپ كېلەلەيمىز ،ئادەم خاتىرىسىنى يوقاتسا بەلكىم مەڭگۈلۈك يوقاپ كېتىشى مۇمكىن ،
چوڭ جەھەتتىن ئادەم تەبىئەت بىلەن چىقىشىپ ئۆتەلمەيدۇ . يەنى يامغۇر ، قارلا ياغسا توڭلايمىز ، ئۇزۇن يول ماڭساق ھېرىپ قالىمىز ، مۇھىت ياخشى بولمىسا ھەرخىل كېسەللەرگە كىرىپتار بولىمىز .
ئاپتاپ چىقسا تەرلەپ كېتىمىز ، سوغۇق بولسا توڭلاپ كېتىمىز ،
ئىشقىلىپ تەبىئەت بىلەن ئادەمنىڭ مۇناسىۋىتى تازا ياخشى ئەمەس .
6-قەۋەت
ئىقرار ۋاقتى: 2017-8-10 08:29:54
ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق ئىكەن بەدىنمىزدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى كومپىيوتىرنى ئاسراپ قەدىگە يەتسەك بولغىدەك تىما ئىگىسىگە رەھمەت بىلۋېلىشقا تىگىشلىك بىلىم ئىكەن
7-قەۋەت
foxtpdf ۋاقتى: 2017-8-10 11:08:49
oyqan1 يوللىغان ۋاقتى  2017-8-10 01:28
ئادەم مېڭىسىنىڭ  ...

قىزىقارلىق ئىنكاس
8-قەۋەت
bulbulla ۋاقتى: 2017-8-10 11:18:57
oyqan1 يوللىغان ۋاقتى  2017-8-10 01:28
ئادەم مېڭىسىنىڭ  ...

سىز دەپ ئۆتكەن ئىشلار يەنە بىر نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بىر ئىقتىدار يەنەكىلىپ ئالاھىدە ئىقتىدار ،ئەگەر ئادەم مىڭىسىدە ئۇنتۇش بولمىسا ئادەمنىڭ كىيپىياتى قانداق بۇلۇپ كىتەر يەنە كىلىپ كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئۇنتىيالمىسا؟قىسقا ۋاقىتلىق خاتىرلەرنىڭ ئۇنتۇلۇپ كىتىشى بەزىدە ئادەمنى بىئارام قىلغىنى بىلەن يەنىلا ياخشى ئەھۋال چۈنكى ئادەم ھەرۋاقىت ھەرخىل ئىشلارغا يۇلۇقۇپلا تۇرىدۇ بەزىلىرى چۇقۇم ئۇنتۇلۇپ كەتكىنى ياخشى.سۇغۇقتا توڭلاپ كىتىش ئىسسىقتا تەرلەپ كىتىش بۇمۇ ئادەم بەدىنىدىكى ئالاھىدە ئىقتىدار يەنى ھېس -تۇيغۇ،ئەگەر ئادەم سوغۇقتا توڭلىمىسا،ئىسسىقتا تەرلىمىسە نىمىگە ئوخشاپ قالىدۇ،ھېس-تۇيغۇسىز نەرسىگە ئوخشاپ قالمامدۇ؟ماشىنا ئادەملەردە نەچچە سېنزور،بىتەرەپ قىلغۇچ ۋە نۇرغۇن پىروگراممىلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرلىدىغان ئىقتىدار ئاۋۇ،يەنە قىلىپ نۇرغۇن مەبلەغ ۋە بىلىم كېتىدۇ.قارىماققا ئادەم بەدىنى تەبىئەت بىلەن چىقىشالمىغاندەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە چىقىشالايدۇ،بەدەن توڭلىسا ئىسسىتقىلى بولىدۇ،تەرلەپ كەتسە ساقىنلاتقىلى بولىدۇ،ئۇنىڭغا كىتەرلىك نەرسىلەر ھەم تەبىئەتتە بار.
ئەسكەرتىش:مەن قەستەن گەپ تالىشىش مەخسىدىم يوق ،پەقەت ئويلىغىنىمنى ئىلمىي ئوتتۇرغا قويدۇم خالاس.
9-قەۋەت
bulbulla ۋاقتى: 2017-8-10 11:25:45
ئەگەر بىر مىنۇتتا ئادەم كۆزى ئارقىلىق خاتىرلەيدىغان سانلىق مەلۇماتنىڭ سىغىمى 21.45Gb كەلسە،ئادەمنىڭ ئاڭلاش،پۇراش،تېتىش قاتارلىق سەزگۈلىرىدىن خاتىرلىنىدىغان ئۇچۇرنى قوشمىغاندا،تىتاننىڭ سىغىم بوشلىقى قانچە يىللىق سانلىق مەلۇماتنى خاتىرلەشكە يىتەر؟
10-قەۋەت
@بەخىت ۋاقتى: 2017-8-10 12:27:36
ئۇنداقتا ماۋۇ تىلپۇننىڭ كامىراسى ئادەم كۆزىگە سىلىشتۇرغاندا قارىغۇ بىلەن باراۋەركەن…
يەنەيەنە كومپىيۇتىرنىڭ ساقلىغۇچىسى بىرەر ھاشارەتنىڭ مىڭسچىلىكمۇ ئەمەس دىگەن گەپمۇ ئەمدى،
مىنىڭچە ئادەم بەدىننىڭ ئىقتىدارى بەك كۆپ مەسلەن قۇلاق بىلەن ئاڭلىغان ئاۋازنىڭ كەلگەن  تەرىپىنى پەرىقلەندۈرۈش،تىرىنىڭ سىزىمى،ھەزىم يولى ،نەپەس يولىنىڭ بىر رىئاكتور ئىكەنلىكى دەپ كەلسەك جېق.
11-قەۋەت
aslima998 ۋاقتى: 2017-8-10 13:00:40
oyqan1 يوللىغان ۋاقتى  2017-8-10 01:28
ئادەم مېڭىسىنىڭ  ...

كومپىيۇتېرمۇ يۇقىرې تىمپىراتۇردا  ياكى تۆۋەن  تىمپىراتۇردا (نۆلدىن تۆۋەن 100سىلتسىيە گىرادۇس)تا نورمال خىزمەت قىلاممايدۇ . بىر ئادەمنىڭ ئۆمۈرنى 60 يىل دەپ پەرەز قىلساق ، ئادەمنىڭ يۈرىكى 60 يىل توختىماي  ئارام ئالماي سوقىدۇ ، سىزنىڭ  ئۆيېڭىزدىكى كومپىيۇتېرڭىز ئۇدا 60 يىل ئىشلىيەلەمدۇ ؟ كومپىيۇتېرنىڭ تەبىئەت بىلەن ماسلىشالىغانلىقى پەقەت نىسبىي ھالەت ، مۇتلەق ھالدا ھەر قانداق مۇھىتقا ماسلىشالمايدۇ ، ئادەممۇ ھەم شۇنداق .
12-قەۋەت
aslima998 ۋاقتى: 2017-8-10 13:02:16
bulbulla يوللىغان ۋاقتى  2017-8-10 11:18
سىز دەپ ئۆتكەن ئ ...

توغرا دەيسىز ئىنكاسىڭىزنى قوللايمەن
13-قەۋەت
oyna ۋاقتى: 2017-8-10 15:59:52
oyqan1 يوللىغان ۋاقتى  2017-8-10 01:28
ئادەم مېڭىسىنىڭ  ...

مۇشۇنداق  ئىشلار بولمىسا   ھاياتنىڭ  لەززەتلىرىنى  قانداق  ھېس قىلىمىز
14-قەۋەت
رۇھ ۋاقتى: 2017-8-10 16:49:08
bulbulla يوللىغان ۋاقتى  2017-8-10 11:18
سىز دەپ ئۆتكەن ئ ...

ئۇغۇل بالىدەك گەپ قىپسىز قۇللايمەن
15-قەۋەت
小米3w ۋاقتى: 2017-8-10 20:15:20
نىمىلا دىگەن بىلەن يانفۇن ئادەمنىڭ ئورنىنى مەڭگۈ باسالمايدۇ ھەر قايسى جەھەتتىن
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部