+تېما يوللاش
يۇمشاق دېتال يوللانغان ۋاقتى:2016-2-10 13:14 2024 قېتىم كۆرۈلدى 17 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۇمشاق دېتال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-10 14:12  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
ئالدىنقى قىتىم C, C++ ئىجادىيەت مۇھىتى ھازىرلاش(1) نى كۆرۈپ ئۆتكەن ئىدۇق، ئۇ مەزمۇندا ئاساسلىق قىلىپ MinGW نى چۈشۈرۈپ قاچىلاش بىلەن تونۇشۇپ ئۆتكەنتۇق، مەزمۇنلارنىڭ بەك مۇرەككەپ تۇيۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئالدىنقى قىتىم سۆزلەنمىگەن مەزمۇنلارنى بۇ قىتىملىق تېمىدا سۆزلەشنى لايىق تاپتۇق،

بەزى تورداشلار مەندىن ئالدىنقى قىتىم چۈشۈرگەن MinGW نىڭ زادى نىمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلمىگەنلىكىنى دىدى،
ئۇنداقتا بۇ MinGW دىگەن زادى نىمىدۇ؟ مۇشىنى بىر چۈشىنىپ ئۆتەيلى.

سىزگە بىر تاپشۇرۇق بىرىمەن، يەنى تۆۋەندە بىر كود بىرىمەن، مۇشۇ كودنى ئىجرا قىلىپ بىقىڭ.

  1. #include

  2. int main()
  3. {
  4.         printf("Idrak Team For You!");
  5.         return 0;
  6. }
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش



نەتىجىسى قانداق بولدى؟ نىمىنى بايقىدىڭىز؟
دىسەم دىمىسەم سىز يۇقارقى كودنى يازىدىغان يەر تاپالمايۋاتىسىز، كودنى نەگە يازىدىغانلىقىڭىزنى، يىزىپ قانداق ئىجرا قىلىدىغانلىقىڭىزنىمۇ بىلمىدىڭىز.

خوش، ئۇنداقتا مانا، جاۋابى مۇشۇ يەرلەردىن تىپىلىدۇ،
سىزگە ئازراق يول باشلاي،  ئۈستەل يۈزىگە بىر خاتىرە دەپتەر ھۆججىتى قۇرۇڭ،



ئاندىن ئىچىگە يۇقارقى كودنى كۆچۈرۈڭ



ئاندىن ساقلاپ بولغاندىن كىيىن خاتىرە دەپتەرنى ئۆچۈرۋىتىڭ،  دىمەك سىز يۇقارقى كودنى بىر ھۆججەت ئىچىگە يىزىپ بولدىڭىز، ھىچ بولمىسا كودنى نەگە يازىدىغانلىقىنى بىلىۋالدىڭىز.

ئەمدى سىز كود بار خاتىرە دەپتەر ھۆججىتىنى قوش چىكىپ بىقىڭ، ئىجرا بولدىمۇ؟
دىسەم دىمىسەم كود ئىجرا بولماي ئۇ ھۆججەت خاتىرە دەپتەردە ئىچىلىپ قىلىۋاتىدۇ شۇنداقمۇ؟

بايامقى كود يازغان خاتىرە دەپتەر ھۆججىتىنىڭ ئىسمىنى سىز Hello.c غا ئۆزگەرتىڭ(يەنى txt كىڭەيتىلگەن نامىنىمۇ c كىڭەيتىلگەن نامغا ئۆزگەرتىسىز)



ئەمدى سىز يەنە ئۆزگەرتىپ بولغان ھۆججەتنى قوش چىكىپ بىقىڭ، ئىجرا بولدىمۇ؟

جاۋابى ياق.

بىز پروگراممىنىڭ ماشىنىدا قانداق ئىجرا بولىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتۈپ بولغان، يەنى ماشىنا ماشىنا كودىنى ئىجرا  قىلىدۇ،

سىز بايام يازغان خاتىرە دەپتەر ھۆججىتى ئۇ بىر ئادەتتىكى ھۆججەت، سىز ئۇنىڭ ئىچىگە يازغان كودلار پەقەتلا خەت خالاس،  كومپىيۇتېر خەت تونۇمايدۇ، كود تونۇيدۇ، سىز پەقەتلا كودنى بىر ھۆججەتكە يىزىپ قويدىڭىز، ئۇ بىر بۆلەك تىكىست، پەقەتلا تىكىست شەكىلدىكى نەرسە،
سىزنىڭ يازغىنىڭىز كود بولغان بىلەن ئۇنى تىكىست شەكلىدە يەنى خەت شەكلىدە ساقلىدىڭىز، ئۇنى كومپىيۇتېر كود ئەمەس بەلكى خەت دەپ تونۇيدۇ، شۇڭا ھەر قىتىم ئاچقىنىڭىزدا پەقەت سىزگە ئىچىدىكى مەزمۇننىلا كۆرسىتىپ بىرىدۇ خالاس.

كومپىيۇتېر ماشىنا كودىنى تونۇيدۇ، خەتنى ئەمەس، يەنى خەت شەكلىدىكى كودنىمۇ ئەمەس،

ئۇنداقتا بىز بايام يازغان كودنى زادى قانداق ئىجرا قىلىشىمىز كىرەك؟

بىر پروگراممىنىڭ ئىجرا بولۇش تەرتىپىنى سىزگە ئاددىيلا قىلىپ دەپ بىرەي،
1. كود يىزىلىدۇ
2. يىزىلغان كود يەنى تىكىست شەكلىدە يىزىلغان كود ماشىنا كودىغا تەرجىمە قىلىنىدۇ، يەنى ماشىنا بىۋاستە چۈشىنەلەيدىغان بىر تىلغا تەرجىمە قىلىپ چىقىلىدۇ
3. تەرجىمە قىلىنىپ چىققان ماشىنا كودى ئىجرا قىلىنىدۇ

ئەمەلىيەتتە پروگرامما تۈزۈشنى ئاددىيلاشتۇرساق مۇشۇ ئۈچ جەرياندىن تۈزۈلىدۇ (ھەر بىر جەريان ئۆز ئىچىدىن يەنە نۇرغۇن جەريانلارغا بۆلىنىدۇ، چۈشىنىشكە ئاسان بولۇش ئۈچۈن تەپسىلىي تىلغا ئىلىنمىدى ئەلۋەتتە ۋاقىتلىق)

يۇقارقى جەريانغا قاراڭ، سىز قايسى جەريانلارنى بىسىپ بولدىڭىز؟
بىرىنچى بۆلەك جەرياننى سىز بىسىپ بولدىڭىز يەنى كودنى يىزىپ بولدىڭىز
ئىككىنچى بۆلەك جەريان يەنى تەرجىمە قىلىش بۆلىكى
ئۇنداقتا سىزگە ھە يۇقارقى كودنى ماشىنا تىلىغا تەرجىمە قىلىڭ دىسەم سىز قانداق تەرجىمە قىلىسىز؟
پروگرامما كودىنى ئاۋال تەرجىمە قىلىش كىرەك يەنى پروگرامما كودىدىن ماشىنا كودىغا تەرجىمە قىلىش كىرەك، شۇندىلا ئاندىن ئۇنى ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ.
ئەمدى يۇقارقى ئىۋۇ MinGW دىگەن نىمە دىسەك دەل بىز سۆزلەۋاتقان تەرجىمان،

سىز پروگرامما كودىنى MinGW دىن پايدىلىنىپ ماشىنا كودىغا تەرجىمە قىلىسىز، يەنى ۋىندوۋس مۇھىتىدا پروگرامما كودىنى كىڭەيتىلگەن نامى EXE بولغان بىۋاستە ئىجرا قىلىشقا بولىدىغان ئىجرا ھۆججىتىگە تەرجىمە قىلىمىز،

ئۇنداقتا سىز چۈشۈرگەن MinGW نى تەييار قىلىپ تۇرۇڭ،

بىز ئالدىنقى قىتىملىق تېمىدا دىگەن، توردىن چۈشۈرگەن MinGW نى دىسكىڭىزنىڭ مەلۇم بىر يىرىگە قويۇۋىلىڭ دەپ، ئەگەر مەن تەمىنلىگەن تورسىز نۇسقىسىنى چۈشۈرگەن بولسىڭىز پىرىستىن يىيىۋالسىڭىز بولىدۇ.




ئەمدى بىز تىرمىنالغا ئارتۇقچە بۇيرۇق يىزىپ يۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ئازراق بىر ئىش قىلايلى،

"كومپىيۇتېرىم" نى ئىچىپ "كومپىيۇتېرىم" نى مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسى بىلەن چىكىپ  خاسلىقى دىگەن تۈرنى تاللاڭ



ئاندىن كىيىن "يۇقىرى دەرىجىلىك سىستېما تەڭشىكى" تۈرىنى چىكىڭ



ئاندىن ئىچىلغان كۆزنەكتىن "مۇھىت ئۆزگەرگۈچى مىقدارلىرى" تۈرىنى چىكىڭ



ئاندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك ئىچىلىدۇ



مىنىڭكىدە مۇنداق بىر تۈر بار، لىكىن سىزنىڭكىدە يوق



ئەلۋەتتە سىزمۇ مۇشۇنداق بىر تۈرنى ھازىر قوشىسىز. يەنى "يېڭى..." دىگەن كونۇپكىنى بىسىڭ



ئاندىن تۆۋەندىكى چىققان كۆزنەككە ئۈستىدىكى رامكىغا path نى كىرگۈزىسىز
ئاستىدىكى رامكىغا سىز MinGW نىڭ ئىچىدىكى gcc قويۇلغان ئادېرىسنى يەنى bin مۇندەرىجىسى ئىچىنىڭ ئادېرسىنى تەپسىلىي يازىسىز، يەنى تۆۋەندىكىدەك.



دىققەت بىلەن قارىسىڭىز مەن MinGW  مۇندەرىجىنىڭ ئىچىدىكى bin مۇندەرىجىسىنى ئاچتىم، بۇ يەردە تەھرىر تەرجىمە قىلىش پروگراممىلىرى ساقلانغان بولىدۇ، مەن مۇشۇ مۇندەرىجىنىڭ ئىچىنى ئىچىپ تۇرۇپ ئادېرسىنى كۆچۈرۈپ بۇ يەرگە كىرگۈزدۈم



يەنە ئاخىرىدا بىر دانە پەشنىڭ بارلىقىغا  دىققەت قىلىڭ، پەشنى يازماسلىققا بولمايدۇ،

ئاندىن ok كۇنۇپكىسىنى بىسىپ ساقلاڭ،



سىزنىڭكىگىمۇ بۇ يەرگە ماۋۇنىڭغا ئوخشاش تۈر قوشۇلىدۇ



ئەمدى يەنە ok



يەنە ok



خوش، بولدى، بىز ئەڭ ئاخىرقى قىتىملىق تەڭشەكلەرنىمۇ سەپلەپ بولدۇق!

ئەمدى كۇنۇپكا تاختىسىدىن Windows + R نى بىسىپ cmd  دەپ كىرگۈزۈپ جەزىملەشتۈرۈشنى بىسىڭ



ئىچىلغان كۆزنەككە gcc.exe دەپ كىرگۈزۈپ Enter نى بىسىپ ئىجرا قىلىپ بىقىڭ، يەنە g++.exe دەپ كىرگۈزۈپ Enter نى بىسىپ ئىجرا قىلىپ بىقىڭ
ئەگەر نەتىجىسى تۆۋەندىكىدەك بولسا



مۇبارەك بولسۇن، سىز مۇۋاپىقىيەتلىك C, C++ ئىجادىيەت مۇھىتى قۇرۇپ بولدىڭىز.

ئەمدى سىز بايام ئۈستەل يۈزىگە قۇرغان پروگرامما كودى يىزىلغان ھۆججەتنى ئىجرا قىلىمىز

سىز ئۈستەل يۈزىدە تۇرۇپ Shift كۇنۇپكىسىنى بىسىپ تۇرۇپ مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بىسىڭ، ئاندىن "مۇشۇ يەردە بۇيرۇق كۆزنىكىنى ئىچىش" دىگەن تۈرنى تاللاڭ



ئىچىلغان كۆزنەككە مۇنداق دەپ يىزىڭ

  1. gcc.exe Hello.c -o Hello.exe
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش


ئاندىن Enter نى بىسىڭ



مۇشۇ يەر دەل بىز دىگەن ماشىنا كودىغا تەرجىمە قىلىش باسقۇچى، يەنى بىز يازغان كودنى ماشىنا كودىغا تەرجىمە قىلدۇق، ئەمدى تەرجىمە قىلىنىپ چىقىپ بولغان ھۆججەتنى ئىجرا قىلىشقا بولىدۇ
بۇيرۇق كۆزنىكىنى يەنى تىرمىنالنى كىچىكلىتىپ قويۇپ ئۈستەل يۈزىگە قاراپ بىقىڭ

ئۈستەل يۈزىگە قارىسىڭىز Hello.exe ئىسىمدا بىر ھۆججەت پەيدا بولۇپ قاپتۇ،  بىز مۇشۇ ھۆججەتنى بىۋاستە ئىجرا قىلالايمىز،



ئەمدى بايام كىچىكلىتىپ قويغان ھىلىققى تىرمىنالنى ئىچىپ پروگراممىنى ئىجرا قىلىپ باقايلى،
تىرمىنالغا Hello.exe دەپ كىرگۈزۈپ Enter نى بىسىڭ



نەتىجىسى يۇقارقىدەك بولسا بولدى، بىز بىر C تىلى پروگراممىسى يىزىپ ئىجرا قىلدۇق،

ئەمدى قالغان مەزمۇنلار كىيىنگە قالدى،

دەرسلىك بەك تەپسىلىي يوللاندى، چۈشىنەلمىسڭىز ئىنكاس يىزىڭ، تەپسىلىي قارىسىڭىزلا ھەممىنى چۈشىنەلەيسىز

ئۇنداقتا كىيىنكى قىتىملىق تېمىدا كۆرۈشەيلى،

ھۆرمەت بىلەن
                     Idrak Team
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش9 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن2 قوللىمايمەنقوللىمايمەن
غەلبە ئۈزلۈكسىز تىرىشقانلارغا مەنسۇپ!

17ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
bulbulla ۋاقتى: 2016-2-10 13:22:04
ناھايىتى  ياخشى  چۈشەنچە   بېرىپسىز  مانا  مەن  تەييار
گىلەم
پەخرى0903 ۋاقتى: 2016-2-10 15:22:30
بەك تەپسىلىي يېزىلىپتۇ ......
ئورۇندۇق
mardan123 ۋاقتى: 2016-2-10 16:50:28
رەھمەت  
  مۇشۇ  ++C#     c      قاتارلىقلارنى  ئۆگىنىدىغان  دەرس  بارمىدۇ   بولسا    بۇ مۇنبەرگە   يوللاپ  قويساڭلار
5-قەۋەت
m9665 ۋاقتى: 2016-2-10 21:31:21
mardan123 يوللىغان ۋاقتى  2016-2-10 16:50
رەھمەت  
  مۇشۇ  ++C#     c      قاتارلىقلارنى  ئۆگىنىدىغان  دە ...

++c نى ئۆگنەي دەپ قالسڭز c++ primer دەپ بىر كتاب بار  ھازىر ئەڭ يامىنى شۇ
6-قەۋەت
imran26 ۋاقتى: 2016-2-10 22:28:55
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   imran26 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-10 22:30  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
c,c++ توغرىسىدىكى تىملىرىڭىزنىڭ  pdf نۇسقىىسىنى  يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز!
دائىم تورغا چىقىش ئىمكانىيتى يوقلار ئۈچۈن ، مەندەك  يانفۇندىلا تورغا چىقىدىغانلار ئۈچۈن بەك ياخشى بولاتتى.
7-قەۋەت
amat015 ۋاقتى: 2016-2-11 00:51:55
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام . بەك تەپسىيلى ،چۈشىنىشلىك قىلىپ يىزىپسىز. رەھمەت.
8-قەۋەت
XAX0998 ۋاقتى: 2016-2-11 21:24:04
مەن win xp   ئىشلىتەتتىم  . كىڭەيتىلگەن  نامىنى ئۆزگەرتەلمەيدىكەنمە  بىرەر  دىتال ياكى بىرەر قانداق  ئۇسۇل بارمىدۇ
9-قەۋەت
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2016-2-12 13:03:30
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۇمشاق دېتال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-12 13:22  
XAX0998 يوللىغان ۋاقتى  2016-2-11 21:24
مەن win xp   ئىشلىتەتتىم  . كىڭەيتىلگەن  نامىنى ئۆزگەرتەلم ...


Windows XP  ۋە Windows 7  ئۈچۈن يوشۇرۇن بولۇپ قالغان كىڭەيىتمە نامىنى چىقىرىش ئۇسۇلى

"كومپىيۇتېرىم" ياكى بىرەر ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ئىچىنى ئىچىپ تۆۋەندىكى رەسىمدىكى تىزىملىكنى چىكىڭ (ئەگەر سىستېمىڭىز Windows 7 بولۇپ قالسا لىكىن تۆۋەندىكى رەسىمدىكى تىزىملىك ئىستونى كۆرۈنمىسە كونۇپكا تاختىسىدىن Alt كونۇپكىسىنى باسسىڭىز كۆرىنىدۇ)



ئاندىن تۆۋەندىكى رەسىمدىكى "كۆرۈش" دىگەن تاللاش كارتىسىنى چىكىڭ، چەكسىڭىز تۆۋەندىكىدەك قىزىلدا بويالغان تىزىملىكلەرنى كۆرىسىز،



ئاندىن تۆۋەندىكى تۈرنى ئىزدەپ تىپىپ ئالدىدىكى توغرا بەلگىسىنى ئىلىۋىتىپ "جەزىملەشتۈرۈش" نى بىسىپ كۆزنەكنى تاقىۋىتىڭ



قارىسىڭىز ھۆججەتلەرنىڭ كىڭەيتىلگەن نامىنىڭ كۆرۈنگەنلىكىنى كۆرىسىز، ئەمدى كىڭەيتىلگەن نامىنى ئىسمىنى ئۆزگەرتىش شەكلىدە بىۋاستە ئۆزگەرتسىڭىز بولىۋىرىدۇ.




چۈشەنمىگەن جايلار بولسا ئىنكاس يىزىڭلار
10-قەۋەت
BIZLAKIM ۋاقتى: 2016-2-13 13:10:06
C تىلىنىڭ كود نىڭ سانى بارمۇ ياكى چەكسىزمۇ ئۇ
11-قەۋەت
BIZLAKIM ۋاقتى: 2016-2-13 22:54:44
مەن mingw نىڭ تورسىز نۇسقىسنى چۈشۈرگەنتىم ئەمما خاسلىقىنى تەڭشەيدىغان يىرىنى تەڭشىسەم جايىدا بولمىدى سىز رەسىمدە دىگەن ھالەت چىقمايدىكەن  تورسىز نۇسقىسنى تەڭشەش باشقىمۇ يە؟
12-قەۋەت
polat132 ۋاقتى: 2016-3-9 02:57:57
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار  ،مىنىڭ cتىلى ئۆگىنىۋاتقان دوسلار بىلەن تونۇشۇپ ،بىلمىگەن يەرلىرىمنى سوراپ  ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ تەڭ ئۆگەنسەم دەيدىغان ئارزۇيۇم بار ئىدى ،بۇ مىنىڭ كوت كوت نۇمۇرۇم 2739367197 .ئىغىر كۆرمەي قوشىۋالغان بولساڭلار !
13-قەۋەت
enternal ۋاقتى: 2016-5-5 15:02:10
يۇمشاق دېتال يوللىغان ۋاقتى  2016-2-12 13:03
Windows XP  ۋە Windows 7  ئۈچۈن يوشۇرۇن بولۇپ قالغان كىڭەيىتمە  ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سىزنىڭ ئىشلىتىتىۋاتقىنىڭز win10 دەك قىلدۇ سىزنىڭ كۈرسەتكىنىڭز بويىچە win7 دە سىناپ كورگەنتىم cmd گە gcc.exe دەپ كىرگۈزسەم ھۈججەتنى تاپالمىدى دەپ چىقتى cmd دە چىققان خەتنىڭ خەنزۇچىسىنى يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز  سىزدىن c تىلنى ئۈگەنگۈم بار چچ نۇمرىڭىزنى ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويغان بولسىڭىز
14-قەۋەت
emran520 ۋاقتى: 2016-5-14 14:12:40
enternal يوللىغان ۋاقتى  2016-5-5 15:02
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سىزنىڭ ئىشلىتىتىۋاتقىنىڭز win10 دەك ...

مىنىڭكىدىمۇ شۇنداق بولدى
15-قەۋەت
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2016-5-17 18:41:39
emran520 يوللىغان ۋاقتى  2016-5-14 14:12
مىنىڭكىدىمۇ شۇنداق بولدى

مۇھىتنى توغرا ھازىرلىماپسىز،  سىن دەرسنى چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ، سىنلىق چۈشەندۈرۈلگەن!
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部