+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-8-28 23:06 3807 قېتىم كۆرۈلدى 34 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
«مەڭگۈلۈك دېۋگاتىل» بىرلا ھەرىكەتلەندۈرۈپ قويسا سىرتتىن باشقا ئېنېرگىيە قۇبۇل قىلماي توختىماي ئايلىندىغان دېۋگاتىل (ماتۇر) نى كۆرسىتىدۇ. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر نەچچە ئەسىردىن بۇيان ئاشۇنداق «مەڭگۈلۈك دېۋگاتىل» ياساش ئارزۇسىدا ھەر خىل سىناقلارنى ئېلىپ باردى. ھەم مەغلۇپ بولدى.
«ئېنېرگىيەنىڭ ساقلىنىش قانۇنى» دا ئېنېرگىيە يۇقالمايدۇ، يوقتىن پەيدا بولمايدۇ، پەقەت بىر خىل ھالەتتىن يەنە بىر خىل ھالەتكە ئايلىنىدۇ، دېيىلگەن. شۇ فىزىكىلىق پىرىنسىپ بويچە «مەڭگۈلۈك دېۋگاتىل» ياساش مۇمكىن ئەمەس. شۇنداقتىمۇ بەزى كىشىلەر يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى، ماگنىتنىڭ تارتىتىشىش، تېپىشىش كۈچى... دېگەندەك بەزى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ بىرلا ھەرىكەتلەندۈرۈپ قويسا توختىمايدىغان كىچىك مىخانىزىملارنى ياساپ باقتى.

تۆۋەندىكى سىندا ئىككى تال ئېلېكتىر ماتۇر، بىر دانە چاقماقنىڭ ئۇچقۇنلاتقۇچىدىن پايدىلىنىپ چىراقنى يۇرۇتقىدەك توك چىقىرىپ، ھەم ئېلېكتىر ماتۇرنى ئايلاندۇرۇپتۇ. ئىككى ئېلېكتىر ماتۇرنىڭ سىمىنى ئۆز-ئارا ئۇلاپ، ھەرىكەت ئۇزاتقۇچى تاسما بىلەن ئىككىسنى ئۆز-ئارا چېتىپ، چاقماقنىڭ ئۇچقۇنلاتقۇسىنى بېسىپ قويسىلا ئىككى ماتۇر تەڭ ئايلىندىكەن. بىرسى يەنە بىرسنى ئايلاندۇرۇپ، ئىككىنجىسى گېنىراتورنىڭ رولىنى ئويناپ توك چىقارغاندەك قىلىدۇ. سىرتتىن توك مەنبەسى ياكى باتارىيە ئۇلانمىغان. ئۆزى توك چىقرىىپ، ئۆزى ئايلىندىكەن. بۇ سىندا كۆرسىتىلگەندەك راستىنلا شۇنداق بولسا توختاپ قالمايدىغان گېنىراتور بولىدۇ دېگەن گەپ.
بۇ راست شۇنداقمۇ ياكى ئىشلىتىلگەن ئېلېكتر ماتۇرنىڭ بىرەرسىنىڭ ئىچىگە باتارىيە دېگەندەك نەرسە يۇشۇرۇنغانمۇ؟


ماۋۇ سىندا تېخى شۇنداق قۇرۇلمىدا 220 ۋولتلۇق توكتا يۇرۇيدىغان چوڭ لامپۇچكىنى يورۇتۇپتۇ.


بۇ سىندا ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللار ئىنتايىن ئاددىي، ئېلېكتىر ماتۇر بالىلارنىڭ ئۇيۇنچۇق ماشنىسىنىڭ ئىچىدە بار. مۇشۇنداق ئېلېكتىر ئىشلىرىغا قىزىقىدىغانلار بولسا سىناپ باقساڭلار، راستىنلا شۇنداق توك چىقارغىلى بولامدۇ؟
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش25 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن9 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

34ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
Gvllinayli ۋاقتى: 2017-8-30 13:29:11
مەڭگۈلۈك دېۋگاتىل.---
خوش، بۇ نەرسە ئىنسانىيەتنىڭ ئەقلى شۇ خىيالغا يەتكەندىن باشلاپ تاكى ھازىرغىچە ئايدىڭ بولماي كەلدى. بۇنىڭغا نىسبەتەن [بولىدۇ] قارشىدىكىلەر ئىزچىل رەت قىلىنىپ مەسخىرە قىلىندى شۇنداقلا ھەم رەت قىلىنىۋاتىدۇ. كۆپىنچىمىزگە ئايان بولغىنىدەك ئىنسانىيەت ئاسماندا قۇش مىسالى ئۇچتى؛ بېلىق كەبى سۇدا ئۈزەلىدى شۇنداقلا يەنە شۇ چاغدىكى كىشىلەرنىڭ ئەقلى«ئۇ دېگەن ئاي، چىقىش مۇمكىن ئەمەس» دېگەن قاراشلارغا يەتكەن بولسا بۈگۈندە ئەنە شۇ قاراشلار بېسىلىپ، شۇ چاغدىكى «ئىلىم-پەن خىيالپەرەسلىرى» نىڭ باشقا ئېقىمغا قارشى «مۇمكىن» قاراشلىرى ھالا بۈگۈنگە قەدەر «بولىدۇ»، «ئالجىپسەن، كۆزۈمدىن يوقال…» دېگەنلەر ئارىسدا پەيدىنپەي موللىشىپ ئەمدىلىكتە  ئايغا چىقالىدىغۇ؟ ھەم قانداقتۇر تەتقىقاتلار قىلىنىۋاتمامدۇ؟ شۇنىڭدەك ئىنسانىيەتنىڭ مانا ھازىرقىدەك تەرەققىيات نەتىجىللرىدە تۇرۇپ يىراقنى كۆزەتسەك ۋاقت-سائىتى يېتىپ توساتتىن شۇ«مەڭگۈلۈك دېۋگاتىل مۇمكىن ئەمەس، ئىنسانلار مەيلى قانچىلىق تەرەققى قىلمىسۇن مۇمكىن ئەمەس،؛::!» دېگەن قاراشنىڭ ئەكسىچە بولىدىغان ۋاقتلىرىمۇھەم كەلگۈسى.
ھازىرچە بۇلارنى مۇمكىن ئەمەس دېيىشكە يېتىپ ئاشقۇدەك «ئېنىېگىيەنىڭ ساقلىنىش قانۇنى» باشلىق بىر قاتار ۋاقتلىق ئىدىيەلەر توساپ تۇرالايدۇ. چۈنكى ئىنسانىيەت تېخى بۇ مەسىلىگە ئائىت «مۇمكىن ئەمەس، لېكىن…بولسا بولىدۇ» دېگەن ئىدىيە بىلەن ئۇچراشمىدى جۈملدىن ئەقىل-ئىدراكى يەتمىدى دېيىشكە بولىدۇ. شۇنداق ئىدىيە يېڭىلنىشى ئۈچۈن ۋاقت ھەم كۆپ ئەسىر ئەقىل قاتلىنىشى زۆرۈر.
يۇقارقى ۋىدىئولارنى كۆرۈپ ئۆتتۇق. بۇ يەنە بىر يېڭى ئىدىيە، بۇ ئىنسانىيەتنى شۇ مۇمكىنچىلىككە يەنە بىر بالداق يېقىنلاشتۇرىدىغان، ئىنسانىيەت ئەقلىنى تەكرار غىدىقلايدىغان ئىدىيە. مەڭگۈلۈك دېۋگاتىلنىڭ شۇ مەڭگۈلۈك ھەرىكىتىگە قارىشى بارلىق مەسىلىلەر ھەل قىلىنسا ياكى كونترول قىلىنىپ تۇرۇپ قايتا ئويلىشىلسا ۋەياكى يېڭىدىن يانداش مەسىلە قوشۇلۇپ تەكرار ئويلىشىسا بۇنىڭمۇ ئۇزاق مۇساپىسى قىسقارغۇسى.
تەۋسىيىلەش
Frost ۋاقتى: 2017-8-29 12:18:28
گەرچە مېنىڭ بۇ جەھەتتە بىلىمىم بەكلا تۆۋەن بولسىمۇ مومكىن ئەمەس دەپ قارىمايمەن، چۈنكى بىر ۋېلىسپىتنى تۈز يولدا ھەيدىگەندە مەنزىلگە يەتكۈچە پىدال چۆرۈپ ماڭمايمىز، ھېچ بولمىسا 5/2 قىسمىنى بولسىمۇ ۋېلىسپىت ئۆزى ماڭالايدۇ، شۇ ئېنىرگىيەگە قوشۇلۇپ تېخىمۇ كۆپىيىشى مومكىن لىكىن توختىماي ئېنىرگىيە قوشۇلسا مېنىڭچە پارتىلاپ كېتىدۇ




ئۇنىڭدىن باشقا ئىنىشتىينىنىڭ نىسپىيلىك نەزىرىيەسىىدىكى ئاتوم بومبىسىنىڭ پىرىنسىپىدا:
ئاتوم يادىروسى نىتىرون ئارقىلىق بومباردىمان قىلىنغاندا ئىككى دانە يادروغا پارچىلىنىدۇ. مۇھىم نوختا شۇ يەردىكى، پارچىلىنىشتىن بۇرۇنقى ئاتوم ماسىسى پارچىلانغاندىن كىيىنكى ئاتوم ماسسىللىرىنىڭ يىغىندىسىدىن چوڭىراق بولىدۇ. بۇ پەرق شۇنى چۈشەندۈرىدۇ، بىر قىسىم ماسسا پارچىلىنىش جەرىيانىدا ئېنىرگىيەگە ئايلىنىپ كىتىدۇ. ئېنىشتېيىننىڭ ماسسا-ئېنىرگىيە تەڭلىمىسىگە ئاساسەن بۇ ئازغىنە ماسسا پەرقى ناھايىتى چوڭ ئېنىرگىيەنىڭ ئاجىرىلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.

ئەگەر ئۇران-235 يادروسى دانە نىتىرون بىلەن سوقۇلغاندا ئىككى دانە كىچىك يادىرو ۋە ئىككى دانە نىتىرون ھاسىل بولۇش بىلەن بىرگە ئېنىرگىيە قويۇپ بېرىدۇ. بۇ ئىككى نىتىرون باشقا يادرولارغا سوقۇلغاندا يەنە ئوخشاش جەرىيان يۈز بىرىدۇ-،دە بۇ جەرىيان زەنجىرسىمان ھالدا تاكى ئېلمىنت مىقتارى تۈگىگىچە داۋامىلىشىدۇ. ئەگەر كونترول قىلىنمىسا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە غايەت زور ئېنىرگىيەنى قويۇپ بىرىدۇ ۋە ۋەيران قىلغۇچ پارتىلاشنى شەكىللەندۈرىدۇ.

1945 -يىلدىكى ياپۇنغا تاشلانغا ئىككى ئاتوم بومبىسىنىڭ خەۋىرىنى ئۇققاندىن كىيىن ئېنىشتىيىن بۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق قايغۇرغان... شۇنداقتىمۇ بۇ ئۇنىڭ سەۋەنلىكى دىگىلى بومايتتى. ئاتوم ئېنىرگىيەسىنى سىياسەتكە، يازۇرلۇققا ئىشلەتمىسە، تىنىچلىق ۋە ئىنسانىيەتكە بەخىت يارىتىش ئۈچۈن ئىشلەتسە ئەلۋەتتە ئۇنىڭ تۆھپىسى بولاتتى! نىملا بولمىسۇن، ئۇ ئىنسانىيەت ئېلىمپەن تارىخىدا مۆجىزە ياراتقان فىزىكا ئالىمى...

مەنبە http://wiki.izda.com/?a=show&id=7922
تەۋسىيىلەش
BORAN ۋاقتى: 2017-8-29 22:45:14
بۇ ئىش مۇمكىن ئەمەس.مۇمكىن بولىدىغان بولسا ، ھۆكۈمەت كۆپ مىقداردا پۇلنى ئاجرىتىپ ، ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇپ يۈرەرمىدى،،
5-قەۋەت
~SaNErKaM ۋاقتى: 2017-8-28 23:50:32
بولمايدۇ،ئۇيەردە قارشىلىق كۈچى بار،ھەرگىز بولمايدۇ بۇ،
6-قەۋەت
18099871828 ۋاقتى: 2017-8-29 00:00:25
قەتئىي  مومكىن ئەمەس بۇنى مەن باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقاندا ئويلىغان تولۇقسىز دا مومكىن ئەمەسلىكىنى بايقىدىم سەۋەبى ماتور ھەم گىنراتۇرنىڭ سوركۇلىش كۇچى ئەسلىدە بار بولغان ئىنىرگىيەنى خورتىۋىتىدۇ شۇ سەۋەپ بىلەن ئاسانلا ئايلىنىشتىن توختايدۇ ،
7-قەۋەت
sadda(boy)006 ۋاقتى: 2017-8-29 00:11:27
بىرىنچىسىدىكىسىدە ئىلىكتىر ماتۇردىن ھەرگىز توك چىقمايدۇ مەن كىچىك ledلامپىنى چاتساممۇ يۇرىمىغان ، ئىككىنچى سىندىكىسىمۇ ئۇنداق چوڭ لامپىنى يۇرىتالمايدۇ ، بىراق چاقماقنىڭ ئۇ نەرسىسىنى كىچىك ledلامپىغا چاتسا لامپا كۈيۈپ كىتىدىكەن ، مەن ۋاكوئۇملۇق ھاۋادا مەڭگۈلۈك دىۋگاتىلغا ئەڭ يېقىن كەلتۈرەلىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ،
8-قەۋەت
appchi ۋاقتى: 2017-8-29 00:11:58
مەن پات يېقىندا سىناپ بېقىپ ، ئۈنۈمىنى ئالىپقا يوللايمەن
9-قەۋەت
كىيىك ۋاقتى: 2017-8-29 02:04:22
راس سىناپ باقسا بولغۇدەك ئىشكەن جۇمۇ،رىمنۇتچى ئۇستاملاردا ھازىرقى ئەسۋاپلار بار شۇلار سىناپ باقسا بولغۇدەك،
10-قەۋەت
sewriyar ۋاقتى: 2017-8-29 05:28:37
مەن بۇنداق قۇرۇلما توغرىسىدا خېلى بۇرۇنلا ئويلانغان، 1992- يىللىرى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2- يىللىقىدا ئوقىۋاتقان ۋاقىتلىرىمىزدا بۇمەسلىنى فىزىكا دەرسىنى بىرىدىغان ئوقۇتقۇچىمىزدىن سورىغىنىمدا « مۇمكىن ئەمەس » دېگەن جاۋاپنى بەرگەنلىكى ناھايىتى ئېنىق ئىسىمدە. ئەمما مەن ئۆزۈم قول سېلىپ سىناپ باقمىدىم.
11-قەۋەت
axik0998 ۋاقتى: 2017-8-29 09:54:38
ئەخمەقلىق ، ئالىملار ئاللىبۇرۇن مەڭگۈلۈك دىۋگاتىل يوق ھەم ئەسلا بولمايدۇ، دەپ بىرلىككە كىلىپ، بولغان ، ھەم ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە بۇنداق ئەخمەق ئىشنى قىلىپ جار سالغان كىشنى تۈرمىگە سولايدۇ ، شۇڭا، ئىنىرگىيە نىڭ  ساقلىنىش قانۇنىغا ھۆرمەت قىلىش كىرەك
12-قەۋەت
~SaNErKaM ۋاقتى: 2017-8-29 11:41:03
فىزىكىدا بىر قانۇن ياكى نەزەرىيە تاكى بىراۋ تەرىپىدىن ئاغدۇرىۋىتىلگەنگە قەدەر توغرا ،ھازىر ھەممە ئادەم مەڭگۈلۈك دىۋگاتىل ياسىغىلى بولمايدۇ دەپ قارايدۇ،مەنمۇ ھەم بۇ قاراشقا قوشۇلىمەن،يەرشارىدا مەڭگۈلۈك دىۋگاتىل ياساش مۇمكىن ئەمەس،ئۇ ھەرگىرمۇ پىدەينىڭ قارشىلىق كۈچىنى يېڭىپ يەنە چىراقنى ياندۇرۇپ يەنە بىر موتۇرنى ھەرىقەتلەندۈرەلمەيدۇ.

مۇشۇ تىمىدا ئىزدەنگۈسى بارلار مەڭگۈلۈك دىۋگاتىلنى خىيال قىلماي قانداق قىلغاندا ئىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۈتۈرۈش ھەققىدە ئويلىنىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.

يۇقىرىقى سىندىكىمۇ مۇمكىن ئەمەس،
13-قەۋەت
~SaNErKaM ۋاقتى: 2017-8-29 11:45:57
ئۇنىڭ ئۈستىگە يەرشارىدا كۈچكە ئۇچرىمايدىغان جىسىم مەۋجۇد ئەمەس،ھەممە جىسىم ئەڭ ئاز دىگەندىمۇ يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچىگە ئۇچرايدۇ،شۇڭا بۇ كۈچ ئۈستىدىكى قۇرۇلمىغا نىسبەتەن قارشىلىق كۈچى ھىسابلىنىدۇ، شۇڭا بۇ قۇرۇلما مەڭگۈلۈك دىۋگاتىل ھەرگىز بولمايدۇ،
مىنىڭچە يەرشارىدا مەڭگۈلۈك دىۋگاتىل ياساش مۇمكىن ئەمەس پەقەت قارشىلىق كۈچلىرىنى ئامالنىڭ بارىچە ئازايتىپ ئىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۈتۈرۈش مەۋجۇد،
100% لىك ئىش ئۈنۈمى پەقەت دەرىجىدىن تاشقىرى ئەخمەق ياكى ھورۇنلارنىڭ خام خىيالى پەقەتلا خام خىيالى خالاس!!
14-قەۋەت
15628186465 ۋاقتى: 2017-8-29 12:18:17
مۇمكىن بولمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ  لىكىن  1.5v  لىق باتارىيەدە ھەركەتلىنىدىغان ئېلىكتىماتور 220vچىراقنى يۇرۇتقىنى ئەقىلگە سىغمايدۇ  مەنمۇ تۇلۇقسىزدا ئۇقۇيدىغان ۋاقىتتا سىنىغان لىكىن ئۇ ئېلىكتىماتور  22w لىق كىچىك چىراقنىمۇ ياندۇرالمىغان  
15-قەۋەت
15628186465 ۋاقتى: 2017-8-29 12:30:19
شۇنداق مەڭگۈ دىگەن بەك چوڭ ئۇقۇم مەڭگۈلۈك ئىش بولمايدۇ
16-قەۋەت
يالغۇز@ ۋاقتى: 2017-8-29 14:36:12
مەڭگۇلۇك ئەمەس ،مەن تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە فېزىكا ئوقوتقۇچىىمىز بىزگە مۇشۇ توغۇرلۇق سوزلەپ بەرگەن ھەم بىرنچى ئەۋلاد ۋە ،ىككىنچى ئەۋلاد مەڭگۈلۈك دىۋگاتىل مەغلۇپ بولغان كىشىلەر ھازىر يەنە توختىماي سىناق قىلىۋاتىدۇ دېگەن . يەنە نۇرغۇن مۇشۇنداق سىنلارنى قۇيۇپ بەرگەن .ئۇلارمۇ بەك ئۇزاق چۆرگىلەپ تۇرىدىكەن لىكىن توختاپ قالىدىكەن.باللارمۇ ياساپ باققان ،لىكىن ئۇنداق ياخشى بولمىغان .نەزىرىيە جەھەتتىن مۇمكىن ئەمەس ،سۇركىلىش كۇچى نول بولمايدۇ .
17-قەۋەت
ablahu ۋاقتى: 2017-8-29 14:38:59
ئاي ھەممىسى ساختا ، مەن تولا قىلىپ مۇنداق تەجرىبىە ئىشلەپ، ئاخىرى شۇنى يەكۈنلەپ چىقتىمكى ، بۇنداق ئىش ھەرگىز مەۋجۇت ئەمەس. بۇنداق فىلىملەر بۇنىڭدىن تۆت بەش يىل بۇرۇن.كۆرگەن. ئەگەر مۇشۇنداق بولسا.مۇشۇ ۋاقىتقىچە.شۇ نەرسە چىقماي ، نېمە ئىش قىلىدۇ؟  بۇ پەقەت.كاللا قايمۇقتۇرۇش.
123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部