+تېما يوللاش
begmurad يوللانغان ۋاقتى:2015-3-24 19:08 4052 قېتىم كۆرۈلدى 60 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   begmurad تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-24 19:43  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تىلفۇن خۇمار، يىڭىلىق خۇمار بەزى بىر بىكارچى خۇمار قېرىنداشلار ، ھەممىڭلار سالام ، يەنە توردا پىكىرلىشىپ ئولتۇرۇپتىمىز.
بىر مەزگىل ۋىندوۋس سىستمىلىق ( مەن قىسقارتىپ wp دەپ ئالاي ) يانفۇنلارنىڭ تەرىپنى قىزىقتۇرىشىنى ئاڭلىدۇق، بەزىلەر ۋ پ غا كۈنەلمىدىم ئالماشتۇرايمىكەن دەيمەن. دىسە يەنە بەزىلەر بىر قۇلايلىق ئەنجۈرۈم بار تۇرسە كاتەك يانفۇننى نىمىش قىلىمەن دىدى. ئەمما ماتىرىيالىنىڭ چىداملىقلىغى بىلەن نۇرغۇنلېرىمىزدا ئۇنتۇلغىسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان nokia بىلەن كومپىيوتىر مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ھۈكۈمرانى ۋىندوۋس سىستېمىسىنىڭ بىرلىشىشىدىن تۈزۈلگەن ۋپ تىلفۇنلېرى بەزىدە ئادەمنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىماي قالمايدۇ.

nokia +windows =Lumia  نوكىيانىڭ قاتتىق دىتالى ۋىندوۋسنىڭ يانفۇن ئۈچۈن تۈزۈلگەن كۆزنەك سىستېمسى  لۇمىيا نامى بىلەن ئۇتتۇرىغا چىقتى. ۋىندوۋس 8 ياكى 8.1 سىستمىلىق يانفۇنلېرىغا نوكىيا نىڭ بەلگىسى ۋە  كۆزنەكلىك كۇنۇپكا بەلگىسى قۇيۇلىدىكەن.
بولدىلا بەك بىلەرمەنلىك قىپمۇ كەتمەي ئەمما شۇ بەك ئىلمىي بۇلۇپ كەتكەندەك ھىس قىلىپ قالىدىغان بۇپ قالدىم بەزىدە. يىقىندا توردىن  lumia520 دىن ئەكەلدۈرگەن تىخى كەلگىلى بىرەر ھەپتە ياكى ئون كۈنلەر بولغاندۇ . مىنىڭغۇ ئەسلى ئالغۇم بولسىمۇ بەكمۇ ئىلىشقا قىزىمىغان ئەمما بىرىنچىدىن ئاندىرويد بىلەن تولا قىرىشىپ قېرىشىقىدەك  يېرى قالمىغاندەك بىلىنىدىغان بۇلۇپ قالدى. ھەي ياشلىقتا قىزىقىش بەك يۇقىرى مىقداردا ھەم كۆچلۈك، تۈرى  كۆپ خىل بۇلىدىغان ئوخشايدۇ.    مەن تۇرىۋاتقان بازاردىكى تىلفۇن ساتىدىغان دۇكان ياكى يايمىلاردىن ۋپ تاپالمىدىم. كىيىن بىر ئىش بىلەن ناھىيە بېرىپ تىلفۇن بازارلېرىنى ئايلىنىپ سوراپ بىقىپمۇ  تاپامىدىم. پەقەت بىر بالىنىڭ نەچچە ئاي بۇرۇن بىردانە ۋپ7 تىلفۇنى قۇلۇمغا چۈشۈپ قىلىۋىدى شۇنداق تەستە يۇقاتتىم دەپ ئۆزگىچە كۈلۈشىدىن ئۇنىڭ خېلىلا قىينالغانلىقىنى بىلىگىلى بۇلاتتى. بۇ ئىشلانىڭ ھەممسى مىنىڭ ۋپ ئىلىشى ئىستىكىمنى كۈچەيتىۋەتتى.  چۈنكى كومپىيوتىر يانفۇنلار بىلەن بەك قېرىشاتتىم . مەن چۇقۇم باشقىلار ئىشلىتەلمىگەن ۋپنى ئىشلىتەلىشىم مۇمكىن. بەلكىم مەن باشقىلار ئىشلىتەلمىگەن بىر  ناھىيدىن چىقمىغان ۋپ ئەپ قويسام ھىچ بولمىغاندا سانى چەكلىك ئىشلەپچىقىرىغان لەنبورگىنى ئاپتۇمۇبىلىدەك ئەتىۋارلاپ ئىشلەتسەم،  شۇنداقلا بۇ تىلفۇنلارنىمۇ  بىر كۆرۈپ باقسام، ئىشلىتەلمەي قالساممۇ چاتاق يوق ئەنجۈر بەك ئەرزانغۇ بىرەنى يانداش ئىشلىتەمەن يا .
WP نى بويسۇندۇرۇش. بىر ناھىيدىن بىر تال ۋپ  تاپالمىدىم. شۇ ئارىلىقتا نەۋرە ئاكامنىڭ كومپىيوتىر مۇلازىمەت مەركىزىگە بىر قىز ۋپ يانفۇنىغا ئۈندىدار قاچىلاپ بېرىڭ دەپ ئەكىردى. مەن مىكروسوفىت ھىساباتىم ئارقىلىق ئۈندىدارنى قاچىلاپ بەردىم. ئۇ قىز ۋپ دا ئۆزىنىڭ ئۈندىدارىغا چىقالمدى. مەن ئۈزۈمنىڭ ئۈندىدارىنى ئاچسام ئىچىلىدۇ. ئۇ قىزىنىڭ ئىچىلىمايدۇ . مەن ئالدىراش ئۇ يەردىن كىتىپ قالدىم. كىيىن توردىن مال كەلدى.  قىنى مەن ۋپ نى قانداق ئەل قىلدىم ئەمدى مىنىڭ ھىكايەمگە قۇلاق سىلىڭلار.  سىتىۋالغىنىم لۇمىيا 520 ئەسلى باھاسى 750 يۈئەنكەندۇق ئىتبار باھا 295 يۈئەنگە ئەكەلدۈردۈم. قىنى ھەممە ئىشلىتىشتىن قورققان ۋپ نى مىنىڭ قانداق بۇيسۇندۇرغىنىمنى ئاڭلاڭلار. دىققەت مەن ئۆزۈمنى ماختاش ياكى تىلفۇنۇمنى داڭلاش ئۈچۈن بۇلارنى دەپ يۈرمدىم . بۇنى تىلفۇنغا بولغان قىزىقىش دەپ چۈشەنگەيسىلەر.
EMS تىن بولاقنى ئىلىپ ئۆيگە ئېلىپ كىلىپ بولاقنى ئاچتىم. ئىچىدىن  نىمە چىقتى دىمەمسىلە ؟
ئەلۋەتتە تىلفۇن چىقىدۇ. ھا ھا   ئەمما بەكلا يىنىك. كۇنۇپكىلېرىنى بىسىپ باقتىم. ئىچىلمىدى. توكقا چىتىپ باقتىم يەنە ئىچىلمىدى. جا ئەمەستۇ ھە؟  ..... شۇنىڭ بىلەن قاپنى ئاچتىم. ئەسلىدە مىيى سىلىنمىغانكەن شۇڭا يىنىك ھەم ئىكران يورىمىغان.  بولدىلا نوكىيا بولغاندىكىن شۇ كارتىنى كىسىپ سالىدىغان ئىشكەن. ماڭا قاراپ قىزززىق پارىڭىمنى تىڭشاڭلا ھە باشقا ياققا قارىماي....ھى ھى
تۇرقىدىن ھۇزۇرلانغاچ پاراڭ تىڭشايلى ....



شۇنداق قىلىپ  sim  كارتىنى بىر مۇنچە ئاۋارىچىلىقتا تۇنۇتتۇم ئىشقىلىپ ماڭا شۇنداق تۇيۇلدى. كارتىنىڭ يۇنىلشىنى تۇغرا سالالماپتىمەن. كىيىن كارتىنى سىلىپ ئۆيگە تىلفۇن قىلىپ سىناپ باقتىم ئاۋاز ئىنتايىن نورمال. لىكىن قېرىشىپ يۈرۈپ wifi نى قەتئىي ئىشلىتەلمىدىم. كۆڭلۈم سەل يېرىم بولدى . ئەمدى ۋاي فاي سىز تىلفۇن تۇتۇپ قالارمەنمۇ .... كەچتە يەنە بىر نەۋرە ئاكامنىكىگە پاراڭلاشقاچ كىرىپ مۇشتاق مۇشتاق توردىن ئالغانتىم خېلى ئىسلكەن. نۇرغۇن نەرسىلېرىنى قۇشۇپ بېرىدىكەن دەپ كۆرسەتتىم. بەك يىقىن ئۈتمىز. گەپ ئارىلىقىدا مەن ۋاي فاي ئىلىمەيۋاتقىنى دىدىم ئۇ ماڭا ساتقۇچىلارغا بولغان ئەھۋالنى دەپ قانداق قىلىشىڭنى سوراپ باقساڭ بولمامدۇ دىدى . شۇ ئەمەسمۇ شۇنىڭ بىلەن كومىپىيوتىردا ئالى بابا تورىغا چىقىپ دۇكاندارغا ئەھۋالنى دىدىم. ئۇ ماڭا سىستىمنى زاۋۇت ئەسلىگە قايتۇرپ سىناپ بىقىشىمنى ئىيتتى.  دىگەندك زاۋۇت ئەسلىگە كەلتۈرىۋىدىم  wifi  نورمال ئىشلەيدىغان بولدى.




  
پارىڭىمنىڭ ئاخىرى بار ئىدى براقلا يوللىسام ئالدىراپ قالغۇدەكمەن. قىزىققۇچىلار داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ. مىنىڭ قارىشىمچە ئۇيغۇرچە مەخسوس ۋپ نى تۇغۇرلۇق تور بىكەت يوق تەك تۇرىدۇ . بولسا مۇشۇنداق بىر بىكەت قۇرۇلغان بولسا  بەك ياخشى بۇلاتتكەن. بۇلىدۇ ئەمسە كىين يەنە پاراڭلىشايلى ھە....

wp_ss_20150321_0002.png (161.55 KB, چۈشۈرۈش سانى: 9)

wp_ss_20150321_0002.png
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن1 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

60ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
bexrik ۋاقتى: 2015-3-27 00:10:38
ماۋۇ تمىنى ناھايتى ياخشى ياخشى باشلاپتىكەنسىز ل....
مەنمۇ شۇنداق ۋىپ تىلفۇنلىرى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تەسىراتىلىرىن بايان قىغان بىر تېما يېزىلسا بۇلاتتى ئويلاپ يۈرۈتتىم
مەنمۇ شۇ ۋىپ تىلفۇنى ئىشلەتكىىلى 7 ئايدەك بۇلۇپ قالدى . مىنىڭ ۋىپ تىلفۇنىغا قىزىقىپ قېلىشىمدىكى سەۋەپ  سىزنىڭ قىزقىش سەۋەبىڭىز بىلەن ئوخشاشكەن . خەق ئىشلىتەمىگەن تىلفۇنىنى ئىشلتىپ بېقىش ئستىكى منىى نوكىيا تىلفۇنى  ئېلىشقا بەكمۇ ئالدىراتقان ئىدى . مەن بۇ تىلفۇننى ئىشلەتكەن 7 ئاي جەريانىدا پەقەت 2 قېتىملا قېتىۋالغاندەك ھىس قىلىدىم . ...... بۇ تىلفۇننىڭ قېتىۋالماسلىقى دىگەن ئادەەتىكى ئارتۇقچىلىلىرنىڭ بىرسىكەن خالاس . ..........دەپ كەلسەم گەپ تولا .....ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى ئىشلتىدىغان تىلفۇن مۇشۇن كەن جۇمۇ ......
بېغىڭغا كىرەي دەيمەن
شۇرا بولمىسۇن دەيمەن ، نوكىيا تىلفۇنى دەل شۇرىسى يوق باغ ،،،،،،،،....
تەۋسىيىلەش
130 ۋاقتى: 2015-3-24 19:31:06
ھېچقانداق ئەھمىيتى يوق ئەخلەت تىما ئىكەن بۇ................يا ياردەم ئەمەس،يا تونۇشتۇرۇش ئەمەس،يا ئەسلىھەت ئەمەس،يا دەرسلىك ئەمەس....مۇشۇنداق تېمىنىڭ تەستىقلانغىنى قىززىقتە............
تۆر
mamatqan520 ۋاقتى: 2015-3-24 19:28:29
بۇتىلفۇن قانداق ھۆججەتنى قوللايدۇ

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
گىلەم
mamatqan520 ۋاقتى: 2015-3-24 19:29:33
5-قەۋەت
NaTsis ۋاقتى: 2015-3-24 20:18:15
ئاخماس .....
6-قەۋەت
ھەسەلچى ۋاقتى: 2015-3-24 20:25:40
ھەجەپ چىرايلىق تۇنىيدىكىنا بۇ تېلفۇن ئ‍ۇيغۇرچىنى

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
7-قەۋەت
misran0997 ۋاقتى: 2015-3-24 20:31:19
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام بۇ ئاخىرى يوق تەسىراتنىڭ ئاخىرىنىمۇ يوللىۋەتمەي ،بولدىلا ئىشلارنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا بۇ تېمىنىڭ ئاخىرىنى كۈرۈشكە ۋاقىت چىقمايدىغان ئوخشايدۇ ،خېلى قىزىقىپ كۈرۈپ كىتىپتىكەنمەن،ئاخىرى يوقلىغىنى بىلمەپتىمەن

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
8-قەۋەت
alihan3 ۋاقتى: 2015-3-24 20:38:47
بۇ ساراڭ  تىلفۇنى مەن ئىشلىتەلمىگىدەكمەن
9-قەۋەت
bengbash ۋاقتى: 2015-3-24 21:05:22
ياخشى يېزىپسىز، داۋامىنىمۇ يوللىڭە.
10-قەۋەت
1735 ۋاقتى: 2015-3-24 21:13:56
مەنمۇ ئىشلىتىۋاتىمەن،ئاندىرويىدتىن خېلىلا ياخشى.
11-قەۋەت
bengbash ۋاقتى: 2015-3-24 21:18:33
ئادەم ئوخشىمىغاندىن ھەرخىل تېلېفونغا بولغان كۆز قاراشمۇ ئوخشاش بولمايدىكەن.
مەن لۇمىيا 1520 نى ئىشلىتىۋاتقىلى تۆت ئاي بولدى. دەسلەپتە سەل پۇشايمان قىلغان ئىدىم، لېكىن ھازىر بۇ تېلېفوننى ئالغانغا بەكلا رازى. ھازىر ئاندرويد تېلېفونى ئىشلىتىدىغان دوستلىرىمنىڭ تېلېفون بىلەن تولا ھەپىلىشىۋاتقانلىقىنى، يەنى رام تازىلاپ، روتلاپ، سېستىما ئالماشتۇرۇپ،...دېگەندەك ئىشلارنى كۆرسەم ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى ئۆتكەن كۈنلىرىمگە سەل ئىچىم ئاغرىپ قالىدۇ.
12-قەۋەت
bengbash ۋاقتى: 2015-3-24 21:26:20
ھازىر بالام تېلېفوننى تالاشسا، تېلېفوننى دەرھال «بالىلار ھالىتى»گە تەڭشەپ قويۇپ خاتىرجەم بېرىۋېرىمەن. بالام پەقەت مەن بەلگىلەپ قويغان رەسىم سىزىش قورالى، بىر نەچچە ئويۇن قاتارلىق بالامغا ماس كېلىدىغان ئىشلارنىلا قىلالايدۇ، تېلېفون ئۇرالمايدۇ ھەم تېلېفونغا قارىتا ھېچقانداق تەڭشەش، ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارالمايدۇ ھەم تورغىمۇ چىقالمايدۇ.

باھا سۆز

سىزدىگەن بالىلار ھالىتى قانداق ھالەت ئۇ نەخ ماڭىلا ماسكىلىدىكەن....  ۋاقتى: 2015-5-9 21:43
13-قەۋەت
uyghur26 ۋاقتى: 2015-3-24 21:33:17
بەك ياخشى تېما بوپتۇ رەھمەت سىزگە ،   باشقىلارنىڭ ئىچى ئېيچىشىپ ئەخلەت تېما دەپ قۇيۋاتىدۇ .   ئىتبار باھادا نەدىن قايسى توربەتتىن ئالدىڭىز ئادېرسىنى قالدۇرڭڭە مەنمۇ ئالاي .  مەن بەك قىزىقىمەن .
14-قەۋەت
uyghur26 ۋاقتى: 2015-3-24 21:34:18
داۋامىنى يولىڭڭە ،  داۋامىلق قىزىقىمەن .رەھمەت .
15-قەۋەت
Ahmetjan88 ۋاقتى: 2015-3-24 21:39:31
قارىغاندا مەنمۇ ئالسام بولغۇدەك، تېلفۇننى ئوغلۇمدىن ئايرىيالماس بولدۇم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部