+تېما يوللاش
يانفون سۈرئىتىنىڭ تېز-ئاستىلىقى ئىنتايىن مۇھىم، ئىشلىتىلىش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم ئالما يانفونلىرىنىڭ سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتىدۇ, بولۇپمۇ ئىچكى ساقلىغۇچى 16GB لىق يانفونلار، ناۋادا سىز ئىشلىتىۋاتقان ئالما يانفونىڭىزنىڭ سۈرئىتى ئاستىلاپ كەتكەن بولسا، تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئۇسۇل بىلەن بۇنى تېزدىن ياخشىلاڭ. بۇ ئۇسۇلنى سىنىغاندىن كېيىن يانفونىڭىزنىڭ سۈرئىتىدە كۆرۈنەرلىك كۆتۈرۈلۈش بولىدۇ.
1.ھەرىكەت ھالىتى ئۈنۈمىنى ئېتىۋېتىش كېرەك. يانفوندا گەرچە چىرايلىق سەھنە يۆتكىلىشى ئۆزگىچە تۇيغۇ ئاتا قىلسىمۇ، ئەمما يەنىلا بەلگىلىك دەرىجىدە سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ. مەشغۇلات ئۇسۇلى: [تەسىس قىلىش]-[ئۇنىۋېرسال]- [قوشۇمچە ئىقتىدار]-ئاندىن [ھەرىكەت ھالىتىنى ئاجىزلىتىش] مۇشۇ ئىقتىدارىنى ئېتىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.

2. Spotlightئىزدەشنى ئېتىۋېتىش كېرەك. كۆپلىگەن كىشىلەر IOS سىستېمىسىنىڭ [Spotlight ئىزدەش] ئىقتىدارىنى چۈشىنىپ كەتمەيدۇ، بىز ئېكراننى ئوڭ-سولغا ۋەياكى ئاستىدىن ئۈستىگە سىيرىگەندە پەيدا بولىدىغان [ئىزدەش رامكىسى] دەل بىز بۇ يەردە ئېيتىۋاتقان [Spotlight ئىزدەش] ئىقتىدارىدۇر. ئادەتتە, بۇ ئىقتىدار كۆپۈنچە ئىشلىتىلمەيدۇ، شۇڭلاشقا بۇنى ئىشلەتمەيدىغان ئابونىتلار بۇ ئىقتىدارنى ئېتىۋەتسە بولىدۇ. مەشغۇلات ئۇسۇلى: [تەسىس قىلىش]-[ئۇنىۋېرسال]- [Spotlight ئىزدەش]-ئاندىن بارلىق پروگراممىلارنى ئېتىۋەتسىلا بولىدۇ.

3.ئارقا سۇپا قوللانمىلىرىنى يېڭىلاش ئىقتىدارىنى ئېتىۋېتىش. WiFi ۋە ھەرە كۆنىكى كۆچمە خەۋەرلىشىش تورىنى ئىشلەتكەندە، IOS سىستېمىسى ئارقا سۇپا قوللانمىلىرىنى يېڭىلاش ئىقتىدارىنى قوللايدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا سىستېما مەنبەسىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگەللىۋالىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ ئىقتىدارنى ئېتىۋېتىشكە بولىدۇ. مەشغۇلات ئۇسۇلى: [تەسىس قىلىش]-[ئۇنىۋېرسال]-[ ئارقا سۇپا قوللانمىلىرىنى يېڭىلاش] ئىقتىدارىنى ئېتىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش8 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن11 قوللىمايمەنقوللىمايمەن
سەبىر-قىل....

8ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
خاككىر88 ۋاقتى: 2016-7-30 19:03:03
بەك   ياخشى  تىما  بوپتۇ  بۇ    تىما  يوللىغۇچىغا   رەھمەت   چۈنكى  مەنمۇ  ئالما  يانفۇنى   ،ئىشلىتىمەن   
گىلەم
kara-burkut ۋاقتى: 2016-7-30 20:52:42
ئالمىنىڭ سۈرئىتى ئاستىلاپ كەتتى دىسە ۋاي ئىسىت مەن يەنىلا قۇلۇمدىكى مېيزۇنى ئىشلىتىۋىرەي  نۇرغۇنلىرى ياراتمىغان مېيزۇ يەنلا قاتماي شاش ئىشلەۋاتسا
ئورۇندۇق
司令 ۋاقتى: 2016-7-30 22:16:14
ياخشى تىما
5-قەۋەت
tugyar ۋاقتى: 2016-7-31 09:33:30
ناھايىتى ياخشى تىما بوپتۇ رەھمەت
6-قەۋەت
تەشنا135 ۋاقتى: 2016-7-31 11:07:55
kara-burkut يوللىغان ۋاقتى  2016-7-30 20:52
ئالمىنىڭ سۈرئىتى ئاستىلاپ كەتتى دىسە ۋاي ئىسىت مەن يەن ...

قۇيۇڭە مېيزۇنى مەنمۇ بىرنى ئالغان مېيلەن مېتالدىن ، بىخەتەرلىكنى ھېساپقا ئالمىغاندا  قاتتىق دېتال جەھەتتە بەك ناچاركەن ،  پەقەت رازى بولمىدىم مېيزۇنىڭ تېلفۇنلىرنى
7-قەۋەت
tanha8848 ۋاقتى: 2016-7-31 15:34:46
مەنمۇ بۇرۇن شىياۋمى ئىشلەتكەن ،  قايسى بىر كۈنى تىلفۇنۇمنى يۇتتۇرۇپ قويدۇم، ئەمدى مىيزۇ ئىشلىتىپ باقاي دەپ ئويلاشقان سىلەرچە قايسى تىلفن ياخشىراق چىقا، بۇرۇن خوڭمى نوتى3 يۇقىرى سەپىلىمىلىكنى ئىشلەتكەن ، ئاپىراتىلا يارمىغان باشقا جەھەتتىن ئايفۇندىنمۇ چاققانراق كۆرگەن
8-قەۋەت
akagmanxu ۋاقتى: 2016-12-30 10:21:19
tanha8848 يوللىغان ۋاقتى  2016-7-31 15:34
مەنمۇ بۇرۇن شىياۋمى ئىشلەتكەن ،  قايسى بىر كۈنى تىلفۇن ...

ئايفونغا  يەتمەيدىكەن  
9-قەۋەت
danix3388 ۋاقتى: 2016-12-31 15:34:53
رەھمەت  جاپا چەكتىڭىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部