+تېما يوللاش
يۇمشاق دېتال يوللانغان ۋاقتى:2016-5-17 20:04 2446 قېتىم كۆرۈلدى 13 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

بىز ئىدراك ئەترىتى ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرچە س تىلى سىن دەرسى توختاپ قالمىدى، ھەم توختاپ قالمايدۇ
ھازىر دەرسلىك ئىشلىنىپ 32. قسىىم دەرس ئىشلىنىپ بولدى، پەقەت تورغا ۋاقتىدا يوللاپ ماڭالمىغان يىرىمىزلا بار.



يېڭى خىزمەت ئورنۇمدا ئىشقا چۈشۈپ ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم، ئىدراك ئەترىتى ئۈچۈن ug-project ئۈچۈن، س تىلى سىن دەرسلىكىنى كۆرۈپ ئۈگۈنىۋاتقان قىرىنداشلار ئۈچۈن ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ گاھى كىچىسى، گاھى كۈندۈزى دەرسلىكنى توختىتىپ قويماي ئىشلەپ مىڭىۋاتىمەن،
ئىشلەۋاتقان يەردە تور ئىشلىتىش بۇ ياقتا تۇرسۇن تېلېفون سىگنالىمۇ تۈزۈك ئىشلىمەيدۇ كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ زەھەردەك قىممەت تور ئىقىمىنى سىتىۋىلىپ ئىشلىتىپ چ چ توپىدىكى قىرىنداشلار بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈپ قويماي كىلىۋاتقان،
مانا ھەپتە بولدى،  توردىن پەقەتلا ئۈزۈلدۈم... ئاھ... تورسىز كۈنلەر نىمىدىگەن مەنىسىز...



شۇنداق قىلىپ بۈگۈن مۇنبەرگە تېما يازالىغۇدەك پۇرسەت چىقتى، دەرسلىكنى باشقىلارغا تور دىسكىسىغا چىقرىشنى ھاۋالە قىلىپ قويدۇم، چىقىرىپ بولغاندا ئادېرىسنى ھەمبەھىرلەشنىمۇ ھاۋالە قىلىدىغان ئوخشايمەن.


دىمەك دەرسلىك ئۈزۈلۈپ قالمىدى ھەم ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ،   پروگرامما تىلىدىن ھەقسىز دەرس باشلاپ 32. قىسىمغا ئاپىرىشنىڭ جاپاسىنى دەرسلىك ئىشلەپ باققان كىشى بىلىدۇ،

ئەمدى بۇرۇنقى گىپىمگە قارىتا مەن ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەكچى، قانداق دىگەندە مۇنداق.

ئىدراك ئەترىتى يۈرۈشلۈكىنى سىتىۋالغانلارغا نىسبەتەن بۇرۇنقى گىپىمدە داۋاملىق تۇرىمەن، يەنى پۈتۈن يۈرۈش س تىلى سىن دەرسى ھەقسىز بولىدۇ،  بۇ بىزنىڭ بىزنى قوللىغانلارغا قارىتا بولغان ئەمەلىي جاۋابىمىز.

ئىدراك ئەترىتى يۈرۈشلۈكىنى سىتىۋالغانلارغا بىز ئامالنىڭ بارىچە ئەڭ ياخشى ئۈگىنىش مۇھىتى ھازىرلاپ بىرىشكە تىرىشىمىز.


ئەمدى يۈرۈشلۈك سىتىۋالمىغانلارغا نىسبەتەن قانداق بولىدۇ؟

يۈرۈشلۈك سىتىۋالمىغانلارغا نىسبەتەن بۇرۇن دىگىنىم بويىچە س تىلى سىن دەرسلىكى 37. قىسىمغىچە ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ، ئەمدى 37. قىسىمدىن باشلاپ بىر قىسىم 1 يۈەن باھا بىر قىسىم 5 يۈەن باھاغا ئۆزگەرتىلىدۇ (پىكىر تەكلىپ بولسا ئەلۋەتتە قوبۇل قىلىنىدۇ)


نىمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىمىز؟

ئاسانلا ئىرىشىۋالغان نەرسىنىڭ قەدىر-قىممىتى بولمايدىكەن، بۇ بىرىنچى سەۋەپ.

بىز سىن دەرسلىكنى ئىنتايىن قىيىن شارائىتتا ئىشلەۋاتىمىز، بىر قىسىم دەرس ئىشلەش ئۈچۈن 15 مىنۇت تەييارلىق قىلىش، 1 سائەتتىن ئارتۇق سۆزلەش... بۇلار ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ نۇرغۇن خۇسۇسىي ئىشلىرىنى قويۇپ تۇرۇشقا توغرا كىلىدىكەن.
بۇ مىنىڭ تۆلىگەن بەدىلىم ئۈچۈن تەلەپ قىلىنغان بەدەل. بۇ ئىككىنچى سەۋەپ
ھەقىقىي ئۈگەنگۈسى بار كىشى قانچىلىك بەدەل تۆلىسە ئۈگۈنىۋىرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن قويغان بۇ باھا بىز قوبۇل قىلالمايدىغان دائىرىدە ئەمەس، ئەگەر ھەقىقەتەن سىز بۇ باھانى قوبۇل قىلىپ بولالمىسىڭىز، يەنى قوبۇل قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە بولسىڭىز بۇنىڭغىمۇ پۇرسەت بار
بىز ھەقسىز تارقاتقان 37 قىسىم دەرسلىكنى ئىنتايىن ياخشى ئۈگەنسىڭىز بىز سىزدىن ئۈگىنىپ بولغان مەزمۇنلاردىن مەشىق ئىشلەشكە ياكى بىرەر مەسىلىنى ھەل قىلىشقا بۇيرىيمىز، ھەقىقەتەن ياخشى ئۈگەنگەنلىكىڭىز مەلۇم بولسا
بىز دەرسلىكنى سىزگە داۋاملىق ھەقسىز تۈردە تەمىنلىسەك بولىۋىرىدۇ.


ئەمدى، نىمىشقا يۈرۈشلۈكنى سىتىۋالغانلار بىلەن سىتىۋالمىغانلارغا نىسبەتەن بۇنداق پەرىق بار دىيىلگەندە:

سىز بۇنى ئايرىمىچىلىق ياكى ئۆزەكلەرنى تۈرگە ئايرىپ مۇئامىلە قىلدى دەپ خاتا ئويلىماڭ، بۇ بىزنىڭ سىتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمىتىمىز،

بىز ھەر قانداق بىر ئۈگىنىشنى خالايدىغان كىشىلەرنى قارشى ئالىمىز!


دىمەك دەرسلىك چۈشۈرۈش ئادېرسى ئەتە ئۆگۈنگىچە يوللىنىدۇ.


ئۈگىنىشنى خالايدىغانلار بىزنىڭ ئەجرىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ دەرسلىككە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭ!


ئۇنداقتا پىكىرىمگە نىسبەتەن پىكىر تەكلىپ بىرىشنى خالايدىغانلارنى قارشى ئالىمىز!


ھۆرمەت بىلەن: ئىدراك ئەترىتى
Ug-Project.cc
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش3 ھەمبەھرھەمبەھر1 قوللايمەنقوللايمەن7 قوللىمايمەنقوللىمايمەن
غەلبە ئۈزلۈكسىز تىرىشقانلارغا مەنسۇپ!

13ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
tulfar520 ۋاقتى: 2016-5-17 20:12:09
Kop rahmat sizga    c. Tili digan c sharp xumu ikkisi ohximamdu
گىلەم
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2016-5-17 20:20:00
tulfar520 يوللىغان ۋاقتى  2016-5-17 20:12
Kop rahmat sizga    c. Tili digan c sharp xumu ikkisi ohximamdu

C مۇ مۇستەقىل پروگرامما تىلى
C++ مۇ مۇستەقىل پروگرامما تىلى
C# مۇ مۇستەقىل پروگرامما تىلى

ئايرىم-ئايرىم.
C# نىڭمۇ باشقىلار ئىشلىگەن ئايرىم دەرسلەر بار ئادېرسى www.koklen.net
ئورۇندۇق
tulfar520 ۋاقتى: 2016-5-17 20:28:50
ھە بىلىۋالدىم كۆپ رەھمەت
5-قەۋەت
OKسەنسىز ۋاقتى: 2016-5-17 20:37:01
رەھمەت سىزگە سىزنى قوللايمىز تېخىمۇ تىرىشىڭ بىزمۇ تىرشىپ ئۈگىنىمىز غەلبە ئىزچىل تىرىشقانلارغا مەنسۇپ!
6-قەۋەت
alipalim ۋاقتى: 2016-5-17 23:30:33
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alipalim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-5-17 23:34  

كۆپ رەھمەت تىلگىراف نىڭ چەكسىز تورغا چىقىدىغان كارتىسىنى ،ئىشلىتىڭ سىزنى قوللايمەن
راسلا ھېچ بىر شىركەتنىڭ تورىنى ئۇلاش ئىمكانىيتى يوقمۇ
ھەي ئىسىت ،ئىشلىرىڭىز ئاسايىشلىق بولسۇن
7-قەۋەت
misken ۋاقتى: 2016-5-18 08:19:22
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   misken تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-5-18 08:28  

10-قىسىمنىڭ ئاخىرنى يولامسىلەر ،مىنىڭچە بىراقلام 5يۈەنگە ئۆستۇرمەي 3يۈەنگە ئۆستۇرسەڭلار مۇۋاپىق بولامدىكىن دەيمەن،بۇمىنىڭ شەخسى كۆزقارشىم باشقىلار نىمە دەيدۇ قىنى؟
C#تىن دۆلەت دەرىجە ئىمتاھانى بەرگىلى بولامدۇ،توردەن ئىزدىسەمC++  بىلەن   C تىلنىڭ بار ئىكىن لىكىنC#تىلنىڭ كىنى كۆرمۇدۇم ،بىلدىغانلار جاۋاپ بەگەن بولساڭلار؟
8-قەۋەت
bulbulla ۋاقتى: 2016-5-18 10:26:34
توغرا  ئ‍اسان  ئ‍ىرىشكەن  نەرسىنىڭ  قەدرى  بولمايدۇ …ئ‍ەلۋەتتە قەدرىنى  قىلىدىغانلامۇ  با …لىكىن بەدەل تۆلەپ ئ‍ىرىشكەندە  ئ‍اندىن قەدرىنى  ھەقىيقى ھېسقىلغىلى  بولىدۇ…قوللايمەن…
9-قەۋەت
omuqukeg ۋاقتى: 2016-5-18 13:47:32
س تىلنىڭ دەرسلىكىنى نەدىن چۇشۇرمىز دەپ بەرگەن بولسېڭىز
10-قەۋەت
2635512809 ۋاقتى: 2016-5-21 18:19:07
سىزنىڭ ئىدراك مەھسۇلاتلىرى  دېگىنىڭىز قانداق نەرسىلەر ،
11-قەۋەت
barlas2558 ۋاقتى: 2016-5-22 08:28:13
توغرا ئ‍ويلاپ سىز قىرىندىشىم
12-قەۋەت
(تەنھا) ۋاقتى: 2016-5-22 11:06:22
كۆپ رەھمەت ياخشى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن
13-قەۋەت
ھەيدەر520 ۋاقتى: 2016-5-22 16:55:36
بەيدۇ تور دىسكىسىدا توپ قۇرۇپ شۇنىڭدا يوللىغان بولسىڭىز سەل قولاي بولاتتىكەن
14-قەۋەت
QQ88 ۋاقتى: 2016-5-26 14:06:48
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم؟ C++ ۋە C دەرسلىكنىڭ يۈرۈشلىكنى سېتىۋالاي دىگەن. قانداق سېتىۋېلشنې بىلەلمىدىم،1506405506   ماۋۇ QQ نۇمۇرنى قېتىۋالغان بولسىڭز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部