+تېما يوللاش
نەۋبەتى يوللانغان ۋاقتى:2017-6-23 15:26 2659 قېتىم كۆرۈلدى 25 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار!!!


كودلار توپلىمىنى   كۆپ  قىسمىڭلار بىلىسىلەر ،يانفۇندا ئەپ  ياسىغۇچىلار ئۈچۈن كودلار توپلىمىنىڭ  بولمىقى  زۆرۈر ،يېقىندا  كودلار توپلىمىنىڭ 4.0  نەشىرىچىققان  بولۇپ  بۇ نەشىرى  ھەقلىق  تارقىتىلىدۇ.

يېڭى  نەشىرىدىكى يېڭىلىقلار:

يېڭىدىن 15 خىل  جاۋا كودى قۇشۇلدى
يېڭىدىن 10خىل htmlكودى  قۇشۇلدى
يېڭىدىن5خىل xml كودى  قۇشۇلدى
رەسىملىك  نۆل سەۋىيە  دەرسىمۇ  قۇشۇلدى
باشقا يېڭىلىقلارنى  چۈشۈرگەندە بىلىڭ.

چۈشۈرۈش ئادىرىسى: كودلار توپلىمى.txt (41 Bytes, چۈشۈرۈش سانى: 2, باھاسى: 21 ئاقچا)

كەسمە  رەسىم:




Screenshot_1980-01-10-03-45-30.png (135.65 KB, چۈشۈرۈش سانى: 29)

Screenshot_1980-01-10-03-45-30.png
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش8 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن5 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

25ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
ئويغان07 ۋاقتى: 2017-6-23 21:44:29
21 ئاقچا قىممەتمۇ قانداق
گىلەم
aske. ۋاقتى: 2017-6-23 22:50:29
مەن بۇرۇنقى ھەممە نەشىرلىرىنى ئىشلىتىپ باققان ھەقىقەتەن بولىدۇ بولوپمۇ بىزدەك خەنزۇچە ياكى ئىنگىلىزچە بىلمەيدىغانلار ئۇچۇن، ھەققلىق بولغاندىكىن يېڭى كودلارنى سانىنى سەل جىقىراق قىلسىڭى بوپتىكەن باھاسى 21 ئاخچىكەن ئەمەسمۇ شۇڭا بۇ مىنىڭ شەخسى كۆز قارشىم
ئورۇندۇق
abdula1314 ۋاقتى: 2017-6-23 23:00:19
پۇل پۇل   مۇشۇنداق ئاددىي ئەپنى پۇلغا   ساتمەن داۋاتسا   توردىن  كۇچۇرۇپ  ئەكىپ  پۇلغا  ساتسا   ھەي
5-قەۋەت
alptegin ۋاقتى: 2017-6-23 23:58:28
abdula1314 يوللىغان ۋاقتى  2017-6-23 23:00
پۇل پۇل   مۇشۇنداق ئاددىي ئەپنى پۇلغا   ساتمەن داۋاتسا    ...

بۇرادەر، ئۆزىڭىز تەرجىمە قىلىپ ھەقسىز قىلىۋەتمەمسىز ئەمىسە. ئۆزىڭىز قىلالمىسىڭىز باشقىلارغا باھا بەرمەڭ. ھەركىم ئۆز توغرا يولدىكى ئەجرى ئۈچۈن پۇل تېپىشقا ھەقلىق
6-قەۋەت
aslima998 ۋاقتى: 2017-6-24 00:09:33
بەيدۇ دىن ئىزدىسە  ھەممىسى مانا مەن دەپلا چىقىدۇ بۇ كودلار . سىزدىن سوراپ باقاي سىز بىرەر تۈر ئىچېپ باققانمۇ ؟ xml  كود دەپ ئۇنداق  كود  بولمايدۇ  ئۇ  دىگەن  پەقەت  كۆرۈنمە يۈزىنىڭ خاسلىقىدىن ئىبارەت  خالاس . بۇ  يوللىغان  كودىڭىز ئەمەلىي تۈر  ئىشلەشكە كىتىدىغان كودنىڭ 100 دىن 1 قىسمىغىمۇ  تەڭ  بولاممايدۇ . ئەپ  ياساش  ئۈچۈن  يالغۇز
Jaba  پىرگىرامما تىلنى بىلسىلا يىتەرلىك ئەمەس  بەلكى  ساندانغا  قارتا  مەشغۇلات  قىلىشنى ، ئاندىرويىد سىستىمنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى  مەسلەن  :Activity ، Service ، Receiver ، Provider   ۋە ھەر خىل كونتىروللار  نى  بىلىش  كىرەك . ئۇنىڭدىن باشقا تورغا ماتىريال يوللاش ، چۈشۈرۈش ، API  ئىلتىماس  قىلىشنى ، Json  ۋە Xml  ھۆججەتنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان  بولۇش كىرەك . يەنە 算法 ئالگورزىمنى پىششىق ئىگەللىگەن بولىشى ۋە جانلىق قوللىنالايدىغان  بولۇش  كىرەك . يۇقارقى شارائىتنى ھازىرلىغاندا ئاندىن ئەپ ئېچىشنى باشلاپ كەتسە بولىدۇ . مىنىڭچە سىز 21 يۈەن دەپ ھەقلىق چىقارغانكىن  مۇشۇ نوقتىلارنى سىتىۋالغان ئادەمگە تولۇق چۈشەندۈرۈش مەجبۇريىتڭىز بار . ئەپ ياساشنىڭ جەريانىنى جاپاسىنى چۈشەنگەندە سىتىۋالغان ئادەم ئۆزىنى دەڭسەپ بىقىپ ئاندىن ئالىدۇ ، بولمىسا سىتېۋىلىپ مەلۇم ۋاقىت ئۈگۈنۈپ قانداق نەرسىلەرنى  ئۈگۈنۈش كىرەكلىكىنى بىلگەندە  تەس  كىلىپ  تاشلاپ قويىدىغانلارمۇ جىق . قىزقىش  ياخشى  لىكىن  يىرېم  يولدا  توختاپ  قالسا ھەممىسى نۆل . ئەپ  ئىھېشنى  ئۈگۈندىغان  دوسلارنىڭ  يىرېم  يولدا توختاپ  قالماسلىقىنى  ئۈمۈد  قىلىمەن  .
7-قەۋەت
نەۋبەتى ۋاقتى: 2017-6-24 00:12:20
ئويغان07 يوللىغان ۋاقتى  2017-6-23 21:44
21 ئاقچا قىممەتمۇ قانداق

قىممەت  ئەمەس ، ھەممە  كود  بولۇپ  100 گە يىتىدۇ  تۇلۇق  ئىزاھات  بىرىلگەن.
8-قەۋەت
misken ۋاقتى: 2017-6-24 00:30:47
باھاسى قىمەتكەنغۇ ،قارىغاندا سىن دەرس ئىشلىسەڭلار پالان پۇل دەيدىغان ئوخشايسىلەر
9-قەۋەت
ئۇيغۇرr ۋاقتى: 2017-6-24 02:46:35
abdula1314 يوللىغان ۋاقتى  2017-6-23 23:00
پۇل پۇل   مۇشۇنداق ئاددىي ئەپنى پۇلغا   ساتمەن داۋاتسا    ...

ئېتىزدىن چىققاندەك گەپقىماڭ ، خەخمۇ ساراڭ ئەمەس بىكاغا ئەپ ياساپ ،  ھۈنەرنىڭ قەدرى بولۇشى كېرەك .   ( ئاغزىمغا بىر كەلگەن )
10-قەۋەت
alfa215 ۋاقتى: 2017-6-24 04:24:17
باھاسى  راسلا  بەك  يۇقۇرى بوپ كىتىپتۇ
11-قەۋەت
Gvllinayli ۋاقتى: 2017-6-24 09:35:35
ئاشۇ بىر ئەپنىڭ قانچىلىك ۋاقت جۈملىدىن قىممەتلىك ھاياتى بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى بىلىپ سۆزلەۋاتقانلىقىڭلىنى ئۈمۈد قىلىمەن. مېنىڭچە پۇللۇق قىلىمەن دېگۈچى باھانىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى ئۆزى تارتقان جاپالارغا قارىتا مۆلچەرلەپ توغرا قويالايدۇ دەپ ئويلايمەن. كېرەك قىلىدىغانلارغا بۇ ھېچقانچە پۇل ئەمەس. مۇنداقلا قوشۇمچە كۆرۈپ قوياي دېگۈچىلەرگە «سەن نېرى تۇر…» دېگەندەك مەنا بېرەلەيدۇ. ئىش قىلىپ قىممەتلىك ھاياتىنى ئانچە مۇنچە پۇلغا سۇندۇرۇپ ئۇنىڭ قەنتىنى چاققانمۇ ياخشى. ئەگەر
ئەپ ياسىغۇچى ئەپ ياسىغانغا قاراتقان شۇ ۋاقىتىنى باشقا رېتىملىق، ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سالغان بولسا شۇ ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقتىدىن رازى بولغان ھەم خۇشال بولغان بولار ئىدى. ئەپسۇسكى، ئەپ ياسىغۇچى مانا مۇشۇنىڭدەك رېتىملىق ئىشلار ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقىتىنى سەرپ قىلماي، تۆھبە قوشىمەن، مەن ئۇشۇبۇ ئەپنى ياساشقا ھاياتىمنىڭ بەزى تەتۈر ساناقلىرىنى ئىسراپ قىلىشقا رازى دېگەن نىيەتتە ياسىغان ئىكەن ئۇنداقتا بىز ئۇنىڭ ئاشۇ تۈگەپ كەتكەن قىممەتلىك ۋاقتىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ ئۆزى مۇشۇنچىلىك ھەققە شۇ خورىغان ۋاقىتىمنى تېگىشسەم مەيلى دېگەن ئىكەن، ئۇنداقتا بىز ئۇنىڭدىن خاخشىماي، ئۆگەنگۈمىز بولسا سېتىۋېلىپ، بولمىسا كۆز يۈگۈرتۈپ بىر-ئىككى ئېغىز تەشەككۈر سۆزىمىزنى ئېيىتساق كۇپايە. خوش، دوستلارنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىمنى چۈشەندى دەپ ئويلايمەن.

باھا سۆز

توغرا چۈشەنگىنىڭىزگە رەھمەت.  ۋاقتى: 2017-6-24 12:22
12-قەۋەت
abdula1314 ۋاقتى: 2017-6-24 09:50:04
ھەي   دۇستۇم   شۇنداقتىمۇ سەل  مۇۋاپىق  قىلمامسىز   باھاسىنى بۇنداق  ئۇرە  قۇيۋالسىڭىز   كىممۇ  سېتۋالسۇن  بۇ ئەپننى كودلار توپلۇمى  دەپسىز   شەكلىدىنغۇ  ئانچە   يېڭلىق  باردەك قىلمايدۇ .سىز  بۇ  باھاغا  سەكرەپ  كەتمەي   باھاسىنى  مۇۋاپىق   قۇيۇڭ  باشقىلارمۇ  سېتۋىلىپ  كۇرپاقسۇن.
13-قەۋەت
13070035099 ۋاقتى: 2017-6-24 10:50:04
ناچچارلىق قىلماڭلار باللا ھېي…   بىكار نەرسىگە كۆنۈپ قالغان  يامان پەيلىڭلار ، ھەممە يەردە ئاشكارا بولۇپلا يۈرىدىكەن.  ئالپ مۇنبىرىدە نۇرغۇن بىلىم ئىگىلىرى يېتەرلىك بار ، ئەمما ، ئۇلارمۇ ئۆز تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن.تۇرمۇشىنى قامدىشى كېرەكتە.ۋاقتىنى چىقىرىپ پايدىلىق بىلىملەرنى يوللىسا.تىللاپ ماختىۋەتسەڭلار.تىلەمچىگىمۇ بېرىۋېتىسىلەر.21 يۈەن بولسا نېمە بولۇپتۇ؟بىلىمنى ئەۋلىيالاردىن ئۆگىنىش ھاجەت ئەمەس.ئۆگەتكۈچى دە بىز بىلمەيدىغان بىلىم بولسىلا كۇپايە.
14-قەۋەت
نەۋبەتى ۋاقتى: 2017-6-24 12:26:01
aslima998 يوللىغان ۋاقتى  2017-6-24 00:09
بەيدۇ دىن ئىزدىسە  ھەممىسى مانا مەن دەپلا چىقىدۇ بۇ كود ...

ئەگەردە   بەيدۇدىن  بىرلا  باسسا  چىقىدىغان  بولسا  سىز  بىرنى ياساپ بېقىڭ،كۆرۈپ  باقايلى.
15-قەۋەت
tvman ۋاقتى: 2017-6-24 13:16:06
ئىشتاندىن ھوشۇ چىققاندەك گەپ قىلمايلى 21 يۈەنگە نېمە كىلىدۇ ھازىر مۇشۇنىمۇ قىممەت دەپ يۈرەمسىلەر ؟ ئىشقىلىپ بىر ئىشنى قىلىپ باقمىغان ئادەملەر ئالدى كەينىنى ئويلىمايلا سۆزلەيدۇ ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەشمۇ بىر خىسلەت
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部