+تېما يوللاش
شەرەر يوللانغان ۋاقتى:2017-4-22 14:16 916 قېتىم كۆرۈلدى 7 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دىققەت: بۇ يازما پەقەت SQL Serverنىڭ 2008/2012/2014 نەشىرلىرىگە ماس كېلىدۇ.
سۈكۈت ھالەتتە SQL Server يىراقتىن ئۇلانمايدىغان بولۇپ، بۇنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئىككى ئورۇننى تەڭشەيمىز:
1. ‪SQL Server Management Studio(SSMS)

2. ‪SQL Server Configuration Manager(SSCM – SQL Server配置管理器)


باشلاشتىن باشقا يەنە «باشقۇرۇش» > «مۇلازىمەت ۋە پىروگىراممىلار»نىڭ ئىچىدىنمۇ تاپالايسىز.
sscm_2تۆۋەندە بىز بۇ ئىككى ئورۇننى تەڭشەشنىڭ تەپسىلىي قەدەم باسقۇچلىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:
1. SSMSنى ئېچىپ، Windows سالاھىتىدە ساندانغا ئۇلايمىز. كىرىپ بولغاندىن كىيىن، غول تۈرنى مائۇسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى بېسىپ چىققان تىزىملىكتىن «خاسلىق(属性 Properties)»نى تاللايمىز.

2. چىققان كۆزنەكتىكى «بىخەتەرلىك(安全性 – Security)» بەتكۈچىگە كىرىپ، «SQL Server ۋە Windows سالاھىتىدە دەلىللەش ھالىتى(SQL Server 和Windows身份验证模式 – SQL Server And Windows Authentication mode)»نى تاللايمىز.

3. ئارقىدىن «ئۇلىنىش(连接 – Connections)» بەتكۈچىگە كىرىپ، «بۇ مۇلازىمىتېرغا يىراقتىن ئۇلىنىشقا رۇخسەت قىلىش(允许远程连接到此服务器 – Allow remote connections to this server)»نى تاللاپ، «ھەئە(确定 – Ok)» كونۇپكىسىنى باسىمىز.


4. بىخەتەرلىك(安全性 – Security) > ھېساباتلار(登录名- Logins)غا كىرىپ، saنى تاللاپ مائۇسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى چېكىپ، چىققان تىزىملىكتىن «خاسلىق(属性 – Properties)»نى تاللايمىز.

5. «ئادەتتىكى(常规 – General)» بەتكۈچتىن sa ھېساباتىمىزنىڭ پارولىنى بېكىتىمىز.

6. ئارقىدىن «ھالەت(状态 – Status)» بەتكۈچىگە ئالمىشىپ، sa ھالىتىدە كىرىشنى ئاچىمىز ۋە «ھەئە(确定 – Ok)» كونۇپكىسىنى باسىمىز.

7. غول تۈرنى مائۇسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى بېسىپ، چىققان تىزىملىكتىن «تەرەپلەر(方面 – Facets)»نى تاللايمىز.

8. چىققان كۆزنەكتىن «مۇلازىمىتېر سەپلەش(服务器配置 – Server Configuration)»نى تاللاپ، ئاستىدىكى جەدۋەلدىكى «يىراقتىن ئۇلاشنى ئېچىش(RemoteAccessEnabled)»نىڭ قىممىتىنى «ھەئە(True)» قىلىپ تەڭشەيمىز.

9. نۆۋەتتىكى ئۇلىنىشتىن چېكىنىپ، SSCMنى ئېچىپ، سول تەرەپتىكى تىزىملىكتىن «SQL Server مۇلازىمىتى(SQL Server 服务 – SQL Server Services)» تاللاپ، ئوڭ تەرەپتىكى جەدۋەلدىكى SQL Server(SQL EXPRESS) دېگەن مۇلازىمەتنى قايتا قوزغىتىمىز(ئەمدى ساندانغا sa ھېساباتى ئارقىلىق كىرەلەيسىز). شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە شۇ جەدۋەلدىكى SQL Server Browser دېگەن مۇلازىمەتنىمۇ قوزغىتىمىز(سۈكۈت ھالەتتە توختىتىلغان ھالەتتە بولىدۇ).


10. ئەمدى سول تەرەپتىكى تىزىملىكتىن «SQL Server تور سەپلەش(SQL Server 网络配置 – SQL Server Network Configuration)»نىڭ ئىچىدىكى «MSSQLSERVER نىڭ كېلىشىمى(MSSQLSERVER 的协议 – Protocols for MSSQLSERVER)»نى تاللاپ، ئوڭ تەرەپ جەدۋەلدىكى «TCP/IP»نى قوش چېكىمىز. چىققان كۆزنەكنىڭ «كېلىشىم(协议 – Protocol)»بەتكۈچىدىكى «ئېچىش(已启用 – Enabled)» دېگەن تۈرنىڭ قىممىتىنى «ھەئە(是 – Yes)» قىلىپ تەڭشەيمىز. ئاندىن «IP ئادرېسلار(IP 地址 – IP Addresses)» دېگەن بەتكۈچكە كىرىپ، «IP1, IP2, IPALL» دېگەن تۈرلەردىكى «TCP ئېغىزى(TCP 端口 – TCP Port)»نىڭ قىممىتىنى «1433»كە، «ئېچىش(已启用 – Enabled)»نىڭ قىممىتىنى «ھەئە(是 – Yes)»گە تەڭشەپ، «ھەئە(确定 – Ok)» كونۇپكىسىنى باسىمىز.


11. بۇ قىتىممۇ سول تەرەپتىكى تىزىملىكتىكى «SQL Native Clientنى سەپلەش(SQL Native Client 配置 – Configuration)»نىڭ ئىچىدىكى «ئابونت كېلىشىمى(客户端协议 – Client Protocols)»نى تاللاپ، ئوڭ تەرەپ جەدۋەلدىكى «TCP/IP»نى قوش چېكىمىز. چىققان كۆزنەكتىكى «سۈكۈتتىكى ئېغىز(默认端口 – Default Port)»نىڭ قىممىتىنى «1433»كە، «ئېچىش(已启用 – Enabled)»نىڭ قىممىتىنى «ھەئە(是 – Yes)»گە تەڭشەپ، «ھەئە(确定 – Ok)» كونۇپكىسىنى باسىمىز.

12. بۇ يەردىمۇ 9-قەدەمدىكىگە ئوخشاش SQL Server(SQL EXPRESS) مۇلازىمىتىنى قايتا قوزغىتىمىز. قائىدە بويىچە بۇ تەڭشەكلەرنى قىلىپ بولغاندىن كىيىن، يىراقتىن ئۇلىنىش ئېچىلىشى كېرەك، لىكىن بۇ يەردە يەنىلا ئېچىلماسلىقى مۇمكىن. سەۋەبى، كومپىيوتېرنىڭ قوغدىنىش تېمى(防火墙 – Fire Wall) بۇ مەشغۇلاتنى توسۇپ قويغان. شۇ سەۋەپتىن بىز ئاخىرىدا كومپىيوتېرنىڭ قوغدىنىش تېمىغا كىرىپ، SQL Serverنىڭ 1433 دېگەن TCP ئېغىزى بىلەن 1434 بولغان UDP ئېغىزىنى قوشۇش بىلەن بىرگە SQLServr.exe(C:\Program Files\Microsoft SQL Server\MSSQL10.SQLEXPRESS\MSSQL\Binn\sqlservr.exe) دېتالنى ئاق تىزىملىككە قوشۇپ قويىمىز.
بارلىق تەڭشەش مۇشۇ يەردە تامام. ئەمدى سىز پىروگىراممىڭىزنىڭ ئۇلىنىش ئادرېسىنى تۆۋەندىكىدەك يېزىپ، سانداننى يىراقتىن ئۇلىسىڭىز بولىدۇ.
  1. ConnStr = "Data Source=IP;Initial Catalog=DBName;User ID=UserName; Password=Password"
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
بۇنىڭدىكى IP بولسا مۇلازىمىتىرنىڭ ئادرېسى ياكى ئىسمىنى، DBName بولسا بىز ئۇلىماقچى بولغان سانداننىڭ نامىنى، UserName بولسا ھېسابات نامىنى(ئادەتتە sa بولىدۇ) Password بولسا ھېسابات پارولىنى كۆرسىتىدۇ.

قېنى سىزمۇ سىناپ بېقىڭ.

پىروگىراممىغا قىزىقىدىغانلار ئاستىدىكى چىپار كود(ئىككىلىك كود)نى سايىلەپ ياكى «شەرەر»، «xarar_09» دەپ ئىزدىتىپ شەرەر سالونىنى قىتىۋالساڭلار بولىدۇ.



مەنبە: شەرەر تورى
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش8 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن قوللىمايمەنقوللىمايمەن

7ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
54545 ۋاقتى: 2017-4-22 15:45:20
بۇنداق بولسا   ئۈرۈمچىدىكى كومپىيوتېرنى بېيجىڭدا زىيارەت قىلغىلى بولامدۇ؟
گىلەم
ئۇچقۇن` ۋاقتى: 2017-4-22 16:21:21
رەھمەت ، بىرچاغلاردا ئۇلىيالماي بەك ئاۋارە بولۇپ كەتكەن ئىدىم ....
ئورۇندۇق
شەرەر ۋاقتى: 2017-4-22 16:46:25
54545 يوللىغان ۋاقتى  2017-4-22 13:45
بۇنداق بولسا   ئۈرۈمچىدىكى كومپىيوتېرنى بېيجىڭدا زىيا ...

كومپىيوتېرنى ئەمەس، سانداننى مۇقىم IP بىلەن باغلانغان بولسا، زىيارەت قىلالايسىز.
5-قەۋەت
54545 ۋاقتى: 2017-4-22 16:57:52
شەرەر يوللىغان ۋاقتى  2017-4-22 16:46
كومپىيوتېرنى ئەمەس، سانداننى مۇقىم IP بىلەن باغلانغان ...

Express نۇسخىسى بولسا بولمامدۇ؟

باھا سۆز

بولىۋىرىدۇ.  ۋاقتى: 2017-4-22 19:19
6-قەۋەت
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2017-4-23 11:50:47
بىرەر ئاي ئىلگىرى،
بىر Web API نى يىزىپ قويۇپ VS دا ئىجرا قىلسام نۇرمال، سانداننى يېڭى قاچىلىغان ۋاقىتلار
IIS كە چىقارسام ساندان ئۇلىنىش خاتالىقى، 1 سائەتتىن ئارتۇق ۋاقتىمنى ئىلىۋەتتى ئۆلگۈر،
كۆپ رەھمەت سىزگە
7-قەۋەت
bagjan ۋاقتى: 2017-4-23 22:23:17
ياخشى رەھمەت ،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部