جىگەر ئادەم بەدىنىدىكى قان ۋە مىتابولىزىمنى تەڭشەش مەركىزى, بىراق ھازىرقى زاماندىكى كىشىلەرنىڭ نۇرغۇن تۇرمۇش ئادەتلىرى جىگەر كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنداقتا, جىگەر ئىقتىدارى ناچارلاشقاندا قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟
بىرىنچى, دانىخورەك كۆپىيىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى پروگېستىن ھورمونى تېرە يېغىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. بىراق جىگەر پروگېستىن ھورمونىنى تەڭشەيدۇ. شۇڭا, جىگەرنىڭ ئىقتىدارى ناچارلاشقاندا تېرە يېغى كۆپ ئاجرىتىلىپ, دانىخورەك كۆپىيىدۇ.
ئىككىنچى, جاراھەت ئېغىزى ئاسان ياللۇغلىنىلىپ يىرىڭ پەيدا بولىدۇ. جىگەر مىتابولىزىمدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا, جىگەرنىڭ ئىقتىدارى ناچارلاشسا, تېرىنىڭ يېڭىلىنىشىمۇ توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت, جىگەرنىڭ زەھەرنى قايتۇرۇش ئىقتىدارى ناچارلاشسا جاراھەت ئېغىزى ئاسانلا ياللۇغلىنىدۇ.
ئۈچىنچى, بۇرۇننىڭ ئۇچى قىزىرىپ قېلىش. قىزىل بۇرۇن بۇرۇننىڭ ئۇچىدىكى قىل قان تومۇرنىڭ كېڭىيىشىدىن پەيدا بولىدۇ. گەرچە, قىزىل بۇرۇن چوقۇم جىگەرنىڭ ئىقتىدارى ناچارلاشقانلىقىدىن بولۇشى ناتايىن بولسىمۇ, بىراق ئاياللارنىڭ جىگەر ئىقتىدارى ئاجىزلىشىپ, ھورمۇننىڭ ئاجرىتىلىشى قالايمىقانلانسا ئاسانلا قىزىل بۇرۇن پەيدا بولىدۇ.
تۆتىنچى, رەڭگرويى قارىداپ قېلىش. جىگەر تۆمۈر ماددىسىنىڭ مىتابولىزىمىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. جىگەر ھۈجەيرىلىرى زەخمىلەنسە, جىگەر ھۈجەيرىسىدىكى تۆمۈر ماددىسى قان تومۇرغا كىرىپ, قاندىكى تۆمۈرنىڭ مىقدارى كۆپىيىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللار ئەرلەر ۋە ھەيز توختىغان ئاياللاردا ئاسانلا كۆرۈلىدۇ. شۇڭا, رەڭگىرويى قارىداش ئەھۋالى كۆرۈلسە جىگەر ئىقتىدارىنىڭ ناچارلاشقانلىقىنى نەزەرگە ئېلىش لازىم.
|