+تېما يوللاش
ئىزباسار يوللانغان ۋاقتى:2017-6-1 10:16 7742 قېتىم كۆرۈلدى 49 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
16-قەۋەت
hawaskar218 ۋاقتى: 2017-6-1 12:55:11
ئەجرىڭىزگە ئاپىرىن،بەك ئۆلچەملىك تەرجىمە قىپسىز،ئاۋۇ قىزىل بولاقنى ئۆزپېتى ئالساق بولمامدا،قايسى گەپ ئاغزىمىزغا يېقىن چۈشىنىشلىك بولسا شۇنى ئىشلەتسەك بولاتتى،چاچقۇ ئېغىزغا يېقىن بولغان بىلەن تازا چۈشىنىشلىك ئەمەس ،قىزىل بولاق ئات دىگەننى،چاچقۇ ئات دىسە سەل چۈشىنىكسىز بوپ قالىدىغاندەك ھىس قىلىپ قالدىم،تېلىفۇن،تېلىفون مېنىڭچە تېلىفون توغرا، تېلىفوننىڭ كەينىگەفون كەلدى دەپ يانفۇن دىمەي يانفون دىسەك ئېغىزدا ئېيىتقاندا بەك قوپال چىقىدىكەن،بۇ ھەممىسى شەخسى پىكرىم، قالغىنىنى دوسلار ئورتاقلىشىپ باقساق
17-قەۋەت
↹βαΗτιΜ ۋاقتى: 2017-6-1 13:37:51
ئىمكانىيەت بولسا مۇشۇ ئورگان تەرەپنىڭ  ئۈندىدارىغا ئۇيغۇرچە تىل رايۇنى كىرگزسەك بەك ياخشى بولاتتى تىڭشۈن بىلەن ئالاقىلشىپ 100% بولغان تىل بولىقى بىلەن تەمىنلەپ بەرسەك قانداق بۇلا ؟
شىياۋمىي يانفۇنلىرىغا ئۇيغۇرچە قېتىلىپ بولدى بولسا ئۈندىدارغا ئۇيغۇرچە قېتىلسا مىنىڭچە كۆپ قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولاتتى
18-قەۋەت
لەشكەر ۋاقتى: 2017-6-1 13:39:17
موشۇ esھۆججەت باشقۇرغۇچنىڭ كونا نۇسخسىنى ئىشلىتەتتىم يىڭلاڭ دەپ چىقىۋالمايدىغان قىلغىلى بولامو
19-قەۋەت
tursunxayar ۋاقتى: 2017-6-1 14:47:24
ناھايىتى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن يەرلىكلەشتۈرۈلۈپتۇ،
پەقەت ئوتتۇرىدىكى مانچە مېگابايتلىق ۋاقىتلىق ھۆججەت تازىلاندى دېگەننى مانچە مېگابايت نىڭ ۋاقىتلىق ھۆججىتى تازىلاندى دەپ يېزىپ قويغاندىن باشقىسى
20-قەۋەت
hanjar110 ۋاقتى: 2017-6-1 15:25:33
رەھمەت سىزگە كۆپ جاپا چىكىپسىز.
21-قەۋەت
OPPOR9S ۋاقتى: 2017-6-1 17:40:46
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن 5ئاقچە تۆلەپ ئۈندىدارنى سىتىۋاساممۇ تىلفۇنغا چۈشىرەممىدىم قانداق گەپ بۇ
22-قەۋەت
قاينام ۋاقتى: 2017-6-1 17:51:31
1217 يوللىغان ۋاقتى  2017-6-1 12:12
قىزىل بولاق = كانۋېرت
بىزدە بۇ سۆز بۇرۇندىن بار، توي-تۆ ...

بۇ ئىنكاسنى مەن 100%قوللايمەن
23-قەۋەت
قاينام ۋاقتى: 2017-6-1 17:53:08
↹βαΗτιΜ يوللىغان ۋاقتى  2017-6-1 13:37
ئىمكانىيەت بولسا مۇشۇ ئورگان تەرەپنىڭ  ئۈندىدارىغا ئۇ ...

ئاۋارە بولماڭلا ،ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇشنى چەكلىۋەتكەن تۇرسا بۇلار ، تىل قوشۇشتىن ئۆمۈد كۈتمەڭلار
24-قەۋەت
sadda(boy)006 ۋاقتى: 2017-6-1 19:00:12
چاچقۇ دىمەي باشقا ئاتاڭلار ، چاچقۇ بىلەن قىزىل بولاق نىڭ بىلدۈرىدىغان مەنىللىرى ئوخشىمايدۇ ،
25-قەۋەت
يالغۇز@ ۋاقتى: 2017-6-1 20:05:47
بەك چىرايلىق تەرجىمە قىلىپسىز ،ئەرجىڭىزگە كوپ رەھمەت.مەنمۇ قىزىل بولاق دەپ ئالسا توغرا بولامىكى دەيمەن ،ھەممە ئادەم چۇشۇنىدىغان قىلىپ ئالساق ،ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلار بارغانچە كۇپەيسە بۇلاتتى ،بەزى چاغلاردا ئادەم بۇ گەپنى ئۇيغۇرچە نىمە دەيدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالىدىكەن.
26-قەۋەت
قىژاق ۋاقتى: 2017-6-1 20:53:28
مەن بۇ ئۇيغۇرچە ئۈندىدارنى ئشلىتشكە تزىمغا ئالدۇرغان لكىن تلفۇنغاچۈشۈرەلمىدىم ،قانداق؟مەشغلات قىلغاندا چۈشۈرگىلى بولىدۇ ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلىمەن،
27-قەۋەت
iltebir107 ۋاقتى: 2017-6-1 23:21:25
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir107 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-6-1 23:25  

چايقىشىش دېگەن سۆزنى سىلكىش دەپ ئالساق بولماسمۇ؟ مېنىڭ شەخشى پىكرىم. چايقىشىش دېگەن سۆز بولسا چايقاش دېگەن سۆزنىڭ ۋارىيانتىغۇ دەيمەن.بۇنداق مەۋھۇم نەرسىگە چايقىشىش دېسە بىر ئاز چۈشىنىكسىز بولۇپ قالىدىكەن.
28-قەۋەت
akbulut ۋاقتى: 2017-6-1 23:50:15
قاينام يوللىغان ۋاقتى  2017-6-1 17:51
بۇ ئىنكاسنى مەن 100%قوللايمەن

كانۋىرت ئەمەس كونۋىرت، بەزى جايلاردا ئۇنى سىز دىگەندەك پۇل سېلىپ ئىشلەتكەن بىلەن، كونۋىرت پەقەت شۇنىڭغىلا ئىشلىتىلمەيدۇ. ئەسلى خەت چەك سېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭا پەقەت پۇل سېلىشقىلا ئىشلىتىدىغان نەرسە بولمىغىنى ئۈچۈن قىزىل بولاقنى كانۋىرت دەپ ئاتاشقا بولمايدۇ. بولمىسا كانۋرتتا خەت بامۇ، پۇل بامۇ، ۋە ياكىباشقا نەرسىمۇ بىلگىلى بولمايدۇ. ئەمما چاچقۇ دىگەن سۆز ئۈندىدار قىزىل بولىقىغا تازا ماس كىلىدۇ. چاچقۇ قىممىتى بار، ئېرىشكۈچىنى  خۇش قىلالايدىغان، مەلۇم دەرىجىدە قىزغىنلىق پەيدا قىلالايدىغان نەرسە. دەپ بىقىڭ، يەنە كانۋىرت دەپ ئاتاشنى 100% قوللامسىز. ئوبدان ئويلاپ سۆزلەيلى دوسلا
29-قەۋەت
1217 ۋاقتى: 2017-6-2 09:08:52
akbulut يوللىغان ۋاقتى  2017-6-1 23:50
كانۋىرت ئەمەس كونۋىرت، بەزى جايلاردا ئۇنى سىز دىگەند ...

كونۋېرت ( بەزى يەردە لىپاپ دەپ ئېلىشى مۇمكىن) خەت-چەككە ئىشلىتىلگىنى توغرا، لېكىن پوچتىكەن ئېلىپ كەلگەن كونۋېرتتىن خەت چىقىشى ئېنىق. (ھازىر كىممۇ پوچتىدىن خەت ئەۋەتە، ئەۋەتتى دىسەكمۇ ھۆججەت خالتىسىدا كېلىۋاتىدۇ). لېكىن نىكاھ، ئۆلۈم-يېتىم...دىگەندەك سورۇنلاردا بىۋاستە قولغا يەتكۈزىدىغان كونۋېرتنىڭ ئىچىدە پۇل چىقىشى 100 % .
سىز چاچقۇنىڭ نىمىلىكىنى ئوبدان بىلىسىز ھەقاچان، چاچقۇغا مېنىڭ بىلىشىمچە ئاساسەن كەمپۈت دىگەندەك تاتلىق تۈرۈم ئىشلىتىلىدۇ. ( پۇلنى چاچقۇ قىلىپ ئىشلىتىلگەن بولسا مەن بىلمەيدىكەنمەن ئالدىن ئۆزۈر)
红包 بولسا تۇزۇلۇشى كونۋېرتقا ئوخشاش، پەقەت  توي، تۇغۇلغان كۈن ۋە بالىنىڭ يۈز كۈنلۈكى ، چاغان..دىگەندەك خوشاللىق كۇنلەردە ئىشلىتىلگىنى ئۈچۈن رەڭگى قىزىل بولىدۇ. يەنە كېلىپ 红包 مەخسۇس ۋېيشىندا ئون سومنى يىگىرمىگە بۆلۈپ چاچقۇ چېچىپ ئوينايدىغانلا نەرسە ئەمەس. ئەمدى بىز بۇيەردە بۇ ئىشلارنى تالىشىپ يۈرۈشىمىزنىڭمۇ ئورنى يوق، بۇ ئاتالغۇ مەسىلىسى ئون يىللار بولۇپ قالغاندۇ ئۇبۇنتۇ سېستىمىسى تەرجىمە قىلىشتىن باشلىنىپ ھەرقايسى مۇنبەرلەردە ئاتالغۇ توغرىسىدا ھەرخىل تېمىلار يوللۇنۇپ ھېلىغىچە مۇشۇ ئاتالغۇ ئۈستىدە يۈرۈپتۇق. مېنىڭ يۇقۇردىكى ئىنكاسىم پەقەت بىزدە شۇنداق نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئاتالغۇلارنى ئالغاندا شۇلارنى ئالدىن ئويلۇشۇپ كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلىش.
30-قەۋەت
babur351 ۋاقتى: 2017-6-2 09:36:40
كۆپچىلىك، «قىزىل بولاق» دىگەننى نىمىشقا ئۆزىمىزنىڭ تىلىدىكى «سۆيۈنچە» سۆزى بىلەن ئىپادىلىمەيمىز!؟ بۇ سۆزنى مىنىڭچە چوڭلارمۇ، كىچىكلەرمۇ ناھايىتى ياخشى چۈشىنەلەيدۇ.
تەرجىمە قىلىش - ئۇ پەقەتلا شۇ تىلنى نوقۇل خەت مەنىسى بويىچىلا باشقا تىلغا ئۆرۈش بولماستىن بەلكى، شۇ سۆزنىڭ تەرجىمە قىلماقچى بولغان تىلدىكى ئەڭ يىقىن، چۈشىنىشلىك ئىپادىلەش جەريانى.
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت. بولسا يەنە بىر ئۆزگەرتىشكە تىگىشلىك يەرلەرنى قايتا كۆرۈپ باقسىڭىز، رەھمەت.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部