+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-6-15 11:00 2201 قېتىم كۆرۈلدى 25 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
‏iPhone8 كە سىمسىز زەرەتلەش ۋە سۇدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارنىڭ قوشۇلدىغانلىقى ھەققىدە خېلىدىن بېرى توردا ھەر خىل ئۇچۇرلار تارقالغان.
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ ھىندىستاندىكى ۋاكالىتەن يانفون ياساش شېرىكى Wistron شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى  Robert Hwang يېڭى ئايفونغا سىمسىز زەرەتلەش ۋە IP68 دەرىجىسىدە سۇدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى قوشۇلدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.



‏Robert Hwang مۇشۇ ھەپتىدىكى پايچىكلار چوڭ يىغىنىدا «ئالدىمىزدىكى يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفوننى قۇراشتۇرۇش جەريانىدا چوڭ ئۆزگىرىش يوق، ئەمما سۇدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە سىمسىز زەرەتلەش جەھەتتىن ئوخشىمىغان تەرەپلەردىن سىناش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، سۇدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى قۇراشتۇرۇش جەريانىغا بەزى ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ كەلدى» دېدى.



ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىم Wistron ۋە فۇشىكاڭ ئىككىلا شىركەت ئالمىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتىنى قۇراشتۇرۇشقا قاتناشقان. Wistron ئالمىنىڭ ھەممە مەھسۇلاتىغا مەسئۇل ئەمەس. ئاساسلىقى iPhone 7s  ۋە 7s Plus كە مەسئۇل. شۇڭا iPhone 7s مۇ سۇدىن مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ھازىرلىشى مۇمكىن.

‏IP68 دەرىجىسىنىڭ مەنىسى، ھەر قانداق چاڭ-توزان كىرەلمەيدۇ، 1.5 مىتېر چوڭقۇرلۇقتىكى سۇدا يانفوننى 30 مىنۇت چۆكتۈرۈپ قويۇپ نورمال ئېچىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ دېگەنلىك.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن5 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

25ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
13579658173 ۋاقتى: 2017-6-15 11:28:18
مىڭ دوللارنىڭ ئۇستىدە چىقىدۇ دەيدۇ،بەكلا قىممەت
باھاسىنى ئاسمانغا ئېسىپ،
گىلەم
穿越火线 ۋاقتى: 2017-6-15 12:07:57
مىڭ دوللار دىگەن تەخمىنەن 6000نىڭ  تۆپىدىغۇ  دەيمەن ھە  
ئورۇندۇق
燕山灰狼 ۋاقتى: 2017-6-15 12:39:35
6500دىن  كەم  ئەمەس 1000دوللار دىگەن،،
5-قەۋەت
زومىگەر ۋاقتى: 2017-6-15 12:54:59
بىزلە ئويلاشمىساقمۇ بولغىدەك ئىقتىدارى سەرخىل پۇلىسى ئۇنىڭدىن سەرخىل 6 مىڭنى قولغا نەچە تۈكۈرۈپ پىشانىدىن تەر چىققاندا ساناپ بولغىلى بۇلىدۇ
6-قەۋەت
oylan2315 ۋاقتى: 2017-6-15 13:15:35
سىلە ئالما ئېلىڭلا مەن ئاددى بولسىمۇ بىر يۈرۈش ئۆي سايمانلىرى سېتۋېلىپ ئۈيۈمنى زىننەتلەي ،سۇدىن مۇداپىئە قىلسا تېلفۇننى ۋاننىدا ساقلاپ ،نەچچە مىتىر سۇ ئاستىدا مەشغۇلات قىلمايمىزغۇ ؟سىمسىز زەرەتلەشنىمۇ ۋاي دىگۈچىلىكى يوق ئۇنىڭ پايدىلنىش قىممىتى ۋە ئېھتىياجغا قاراش كېرەك
يامان بولسا كۈن نۇردا ياكى يۇرۇقلۇق ئىسسىقلىق بولسىلا يانفۇنغا توك قاچىلىندىغان قىلىپ ياساپ باقسۇن قېنى
7-قەۋەت
شىر728 ۋاقتى: 2017-6-15 14:46:31
ھەر ئايدا تاپقان پۇلۇڭلادىن ئازراقتىن ئىختىساد قىپ ماڭساڭلا ئالماق تەس ئەمەس . مومكىن بولمايدىغان ئىش يوق
8-قەۋەت
0998alxah ۋاقتى: 2017-6-15 15:53:03
ئالما ئالتىگە ئاران ئۇلاشقاندا  يەتتە سەككىزگە نەدىكى پۇل ئەمدى
سۇغا تاشلىۋاتماي يەرگە كۆمۈپ قويماي مۇشۇ ئاران ئۇلاشقان ئالتىنى ئىشلەتكەچ تۇرامىز
9-قەۋەت
ئوغلان132 ۋاقتى: 2017-6-15 17:45:04
شىر728 يوللىغان ۋاقتى  2017-6-15 14:46
ھەر ئايدا تاپقان پۇلۇڭلادىن ئازراقتىن ئىختىساد قىپ ما ...

راس دەيسىز   مۇمكىن بولمايدىغان ئىش  ئەمەس   ،پۇلغا  بېرىدۇ  ئۇنى  ئەمما  پۇل بولسىمۇ  مۇمكىن  بولمايدىغان نۇرغۇن  ئىشلار  با
10-قەۋەت
رۇھ ۋاقتى: 2017-6-15 17:50:33
oylan2315 يوللىغان ۋاقتى  2017-6-15 13:15
سىلە ئالما ئېلىڭلا مەن ئاددى بولسىمۇ بىر يۈرۈش ئۆي ساي ...

ئەكىشىدەك گەپ قىپسىلە قۇللايمىز
11-قەۋەت
bahadir5002 ۋاقتى: 2017-6-15 20:13:12
مەنمۇ ئالما ئالتە پىلوسنى يېڭى چىققاندا 6800گە ئالغان ئىككى يىلدىن ئاشتى ياخشى ئىشلەۋاتىدۇ؟ يەنىلا ئالما ياخشى ؟ تىلفۇن ئالماشتۇرسام يەنىلا ئالما تىلفۇننى تاللايمەن؟
12-قەۋەت
oylan2315 ۋاقتى: 2017-6-15 22:10:17
bahadir5002 يوللىغان ۋاقتى  2017-6-15 20:13
مەنمۇ ئالما ئالتە پىلوسنى يېڭى چىققاندا 6800گە ئالغان ئى ...

مەنمۇ 小米4LTEتېلفۇننى ئىككى يىل بۇرۇن تىجارەت زالىدىن 1900كويغا ئالغان گەرچە سەپلىمىسى زاماننىڭ كەينىدە قالسىمۇ ئېھتىياجىمدىن تۇلۇق چىقۋاتىدۇ يەنىلا شىياۋمى يانفونى ياخشىكە
13-قەۋەت
atax520 ۋاقتى: 2017-6-16 01:49:43
يەنىلا  ئالما  ئىشلىتمەن    كۆز كۆز قىلىشقا ئەمەس ,بەلكى مۇشۇنداق بىر  يۇقىرى تىخنىكىلىق مەھسۇلات  بولغىنىدىن,بۇ يانفوننىڭ ياخشىلىقىدىن,  ئىقتىدارىدىن ئاساسەن پايدىلىنالايمەن,بۇ  يىل  قايسى رەڭگى  مودا  بولار,باشقا يانفۇن شىركەتلىرى  كۆزنى تىكىپ  تۇرىدۇ  ئالمىغا,قايسىنى  كۆچۈرسەك  بولا  دەپ
14-قەۋەت
oylan2315 ۋاقتى: 2017-6-16 11:35:40
atax520 يوللىغان ۋاقتى  2017-6-16 01:49
يەنىلا  ئالما  ئىشلىتمەن    كۆز كۆز قىلىشقا ئەمەس ,بەلكى ...

سىز بىلمەيدىغان ئوخشايسىز يا بىلمەس بولۋالدىڭىزمۇ ئالمىڭىز ئاندىرويىد تېلفۇنلاردىن خېلى جېق يەرلەنى ئۆرنەك ئالغان ھەتتا كۈچۈرۈپ ئۆز مەھسۇلاتىغا ئىشلەتكەن ،ئاندىرويىد نەچچە يىل بۇرۇن قۇشۇپ بولغان ئىقتىدارنى ئالماۈئەمدىلەتىن قۇشۇپ يېڭى ئىقتىدار دەپ پالانى پۇلغا سېتۋاتقىننى نىم دەيسىز
15-قەۋەت
بۆرەwolf ۋاقتى: 2017-6-16 13:11:53
atax520 يوللىغان ۋاقتى  2017-6-16 01:49
يەنىلا  ئالما  ئىشلىتمەن    كۆز كۆز قىلىشقا ئەمەس ,بەلكى ...

سىزگە دىسەم ئالمىنىڭ ھازىرقى لايىھەسى S8دىن كۆچۈرگەن تىز توك قاچىلاش سىمسىز زەرەتلەش تېخنىكىللىرى ئاللىقاچان باشقا ئاندىرويىد يانفۇنلىرىدا قوللىنىپ بولۇنغان رەڭ جەھەتتىنمۇ قارا پارقىراق رەڭ شىياۋمى بەشتە بۇرۇن قوللاندى ئاندىن ئالمىدا قوللىنىپ مودا بولدى قىزىل رەڭنىمۇ ئوپپودىن ئۈلگە ئالدى ئەمما بازار تاپاممىدى قايسى بىر تېخنىك ئالمىدىكى ھازىر چىقماقچى بوغان ئىقتىدارلا ھەممىسى كونا تېخنىكىلار دىدى لايىھەدىمۇ ئۈچ يىلدىن بىرى ئۆزىگىرىش بوممدى شۇڭا ئالما ھازىرقى باشلامچىلىق ئورنىنى يوقىتىپ قويدى
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部