+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-6-24 10:42 4668 قېتىم كۆرۈلدى 32 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
يېقىندا كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى تولۇق تورلۇق (全网通) يانفوننى سېتىشنى چەكلەيدىغانلىقى ھەققىدە گەپ بولغاندا كۆپچىلىك بۇ گەپكە ئىشەنمىگەن.
خېنەن كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئۆز تەۋەلىكىدىكى بارلىق كۆچمە خەۋەرلىشىش تىجارەت زالىدا بارلىق OPPO ماركىلىق يانفوننى سېتىشنى توختىتىشنى، كۆچمە خەۋەرلىشىش خادىملىرىدىن كىمكى بىر تال OPPO يانفون ساتسا 500 يۈەن جېرىمانە قويۇلدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش قىلدى.
سەۋەبى، OPPO نىڭ مەخسۇس كۆچمە خەۋەرلىشىش ئۈچۈن ياسالغان +4G يانفونى ( +4G ‏移动) يوق. يېڭىدىن چىقارغان R11 مۇ تولۇق تورلۇق. كۆچمە ئۈچۈن مەخسۇس چىقارغان  +4G ‏移动 تىپى يوق.
كۆچمە خەۋەرلىشىش ئۈچۈن ياسالغان 4G+‎ دېگىنى قانداق يانفون؟ بۇ يانفونمۇ قوش كارتا سېلىشنى قوللايدۇ. ئەمما كۆچمە خەۋەرلىشىش كارتىسنى مەجبۇرىي كۆچمە تورغا ئۇلىندىغان سانلىق مەلۇمات كارتىسى قىلىپ تەڭشىلىدۇ، باشقا خەۋەرلىشىشنىڭ كارتىسىدا پەقەت 2G تورغا چىقىدۇ. تولۇق تورلۇق يانفونغا ئوخشاش خالىغان كارتىدا كۆچمە تورغا چىقىدىغان قىلىپ ئالماشتۇرغىلى بولمايدۇ.



كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ 4G ئىشلەتكۈچىلىرى 450 مىليوندىن ئاشىدۇ. ئەمما كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ 4G كۆچمە تورىنى ھەقىقى ئىشلىتىدىغان ئىشلەتكۈچىلىرىدىن بارا-بارا ئايرىلىپ قېلىۋاتىدۇ. كۆپ ساندىكى كۆچمە خەۋەرلىشىش ئىشلەتكۈچىلىرى كۆچمە خەۋەرلىشىش نومۇرىدا پەقەت دەلىللەش كودىنى تاپشۇرۋېلىش؛ بۇرۇنقى تونۇشلىردىن، دوستلىرىدىن تېلېفون قۇبۇل قىلىشقىلا ئىشلىتىپ، كۆچمە تور ئىشلەتمەكچى بولسا بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ياكى تېلگىراف كارتىسىنى ئىشلەتمەكتە. كۆچمە تور ئېقىمىدىن كىرىم قىلىش خەۋەرلىشىش شىركىتىنى قۇتقۇزۇپ قالىدىغان ئاخىرقى ئۈمىد. شۇڭا كۆچمە تور ئىشلەتكۈچىلىرىنى تۇتۇپ قېلىش ئۈچۈن بەزى ۋاستىلەرنى قوللانماقتا.
دۆلەت ئىچىدە سېتىلىشى ئىنتايىن ياخشى بولۇۋاتقان OPPO R11 نىڭ كۆچمە كۆچمە  +4G تىپىنىڭ بولماسلىقى كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويدى. شۇڭا يۇقارقىدەك كەسكىن ئۇقتۇرۇش چىقاردى.


OPPO شىركىتى بۇ ئىشنىڭ ھەل بولغانلىقى ھەققىدە ئىنكاس قايتۇردى. ئەمما مۇخبىر خېنەن كۆچمە خەۋەرلىشىش تور بېتى ياكى تىجارەت زالىدا سېتىلىدىغان OPPO يانفوننى كۆرمىگەن.
خېنەن ئۆلكىسىنىڭ نوپۇسى 100 مىليوندىن ئاشىدۇ. كۆچمە خەۋەرلىشىش 4G نى ئىشلىتىدىغان خېنەنلىك ئىشلەتكۈچىلەر %76 گە يېتىدۇ. كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ بۇ ئۆلكىدىكى ئورنى ئىنتايىن كۈچلۈك. شۇڭا OPPO شىركىتىنىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى بىلەن مۇرەسسە قىلىپ، شۇلارنىڭ تەلىپى بويچە يانفون چىقىرىشى ئېنىق.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش3 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن3 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

32ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
TADBIR ۋاقتى: 2017-6-24 11:04:59
ئېقىمنى زەھەردىن قىممەت تۇرسا ، يا تورى ياخشى بولمىسا ،شەھەردىن باشقا يەرگە چىقىپ كەتسە 2جى ئىشلىسە ،4جى ئەمەس ،3جى مۇ ئىشلىمسە ،خېرىدارىدىن ئايلىرىپ قالماي قانداق بوماقچى يەنە ،
گىلەم
ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-6-24 11:22:23
مۇشۇ كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىگە ھەيرانمەن. بىزنىڭ يېزا بازىرىغا ھەر چارشەنبە ، ھەر يەكشەنبە تەشۋىقات ماشىنىسى چىقىدۇ. كۆچمە خەۋەرلىشىش كارتىسىدىن بىرنى بېجىرسىڭىز يەنە بىرنى سوۋغا قىلىدۇ . يەنە بىرنى ئالمايمەن دېسىڭىز مەجبۇرىي تېڭىپ ساتىدۇ ، بۇ ئېنىقلا تۆكمە قىلىپ سېتىش ئەمەسمۇ؟ ئەمما سۆزلىشىش ھەققى ھەم  سىگنالى باشقا  ئىككى خەۋەرلىشىشتىن خېلىلا ياخشىكەن ،
مەنمۇ سۆزلىشىشتا كۆچمە خەۋەرلىشىشنى توردا بىرلەشمە خەۋەرلىشىشىنى ئىشلىتىمەن.
ئورۇندۇق
yasman ۋاقتى: 2017-6-24 11:26:26
TADBIR يوللىغان ۋاقتى  2017-6-24 11:04
ئېقىمنى زەھەردىن قىممەت تۇرسا ، يا تورى ياخشى بولمىسا  ...

بۇ گىپڭىز توغرا بولدى ، قوللايمەن
5-قەۋەت
ئاتەش11 ۋاقتى: 2017-6-24 11:28:13
مۇشۇنداق قىلىۋەرسە يەنە نۇرغۇن ئابۇنىتلىردىن ئايرىلىپ قىلىشى تۇرغانلا گەپ،مەنغۇ شۇڭا ئەزەلدىن كۆچمىنىڭ كارتىسىنى ئىشلەتمەيمەن.
6-قەۋەت
مۇساجان2 ۋاقتى: 2017-6-24 11:53:16
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇساجان2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-6-24 12:32  

دىمسىمۇ  راس  مۇشۇ  داۋاڭ كارتا چىققاندىن بېرى  نۇرغۇن كۆچمە كارتىلاردىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ سانى يوق  ھەم ئاشۇ كارتىنى بىجرىش ئۈچۈن ئالاقىلشىش نۇمۇر كىرگۈزدىغان يەرگە كۆچمىنىڭ نۇمۇردىن پايدىلانمىسا بولمايدۇ  بىرلەشمە  تىڭشۈن بىلەن بىرلىشىپ كۆچمىنى ۋەيران قىلاي دەپ قالدى  
دىمسىمۇ بۇلار ئېقىمنى زەھەردىن قىممەت ساتىدۇ ئاز ئاز دىن بىرىشلىرچۇ تېخى   بۇلار ئۈزىگە ئۈزى قىلدى   قايتا باش كۈتۈرمەن دىسە  ئېقىمنى ئەرزانلىتىشى كىرەك  بولمىسا مۇمكىن ئەمەس كەيىنىدە قالغىنى قالغان
7-قەۋەت
梁飞 ۋاقتى: 2017-6-24 11:53:30
كۆچمىنىڭ تورى تىز ئەمەس دەپ كىم دەيدۇ ،مىنىڭ دوسلۇرۇمنىڭ كارتىسى كۆچمىنىڭ ،تورى ھەر قانداق يەردە ساز ئىشلەپ قويىدىكەن شەھەردىن يىراق جايلاردىمۇ ھەم شۇنداق ياخشى ،مەن ئىشلەتكىنىم بىرلەشمىنىڭ كارتىسى ،باشقا دوسلۇرۇم كۆچمىنىڭ تورىدا بىۋاستە تارقىتىش نى كۆرۈپ كەتسە مەن qqغىمۇ چىقالماي ئىچىم سىقىلىپ قالىدۇ بولۇپمۇ شىنجاڭدا 4gتور توختىغاندىن بۇيان تىخىمۇ شۇنداق بولۋاتىدۇ ،لىكىن مەن ئادەتتە تورلا ئوينىغاندىكىن كۆچمىنىڭ كارتىسىنى ئىشلەتمەيمەن ،لىكىن تورى قىممەت سۈرىتى تىز ،بىرلەشمىنىڭ تورى ئەرزان ھىلى بار ھىلى يوق سۈرىتىنىڭ تاھاينى يوق لىكىن بىز بىكا نامرات بولغاندىكىن ئاستا بولسىمۇ بىرلەشمىنىڭ تورىنى ئىشلىتىدىغان گەپ ،كۆچمىنىڭمۇ  ئىنساپسىز خەقكەن بۇ تور بەكلا قىممەتكەن تورغا چىقمايدىغانلارغا ياكى ۋاقتى قىس پۇلى جىق بايۋەتتچىلەرگە بولغىدەك ،لىكىن باشقا مۇلازىمەت جەھەتتە بىرلەشمىدىن ياخشىكەن ،تورنى ئەرزانلاتسا چوقۇم ئىشلەتكۈچىلەر كۆپىيىدۇ .
8-قەۋەت
muhtrim ۋاقتى: 2017-6-24 12:32:57
梁飞 يوللىغان ۋاقتى  2017-6-24 11:53
كۆچمىنىڭ تورى تىز ئەمەس دەپ كىم دەيدۇ ،مىنىڭ دوسلۇرۇمن ...

مىنىڭچە  سىز  تىلفۇنڭىزنى  ئالماشتۇرۇڭ، بىرلەشمىدە +H تورغا چىقىدىغان تىلىفۇندا تورغا چىقمىسا، تورغا چىققاننىڭ پايدسى يوق،
9-قەۋەت
tog_rak ۋاقتى: 2017-6-24 12:39:13
كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى سېتىشنى توختاتسا باشقا تىلىفۇن ساتىدىغان دۇكاندىن ئالسا بۇلىدىغۇ
10-قەۋەت
zor.zor ۋاقتى: 2017-6-24 12:45:40
ناتوغرا رىقابەت چەكلەنمەمدىغاندۇ
11-قەۋەت
13150415488 ۋاقتى: 2017-6-24 12:51:26
كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ تور ئېقىم مىقدارى ھەقىقەتەن قىممەت لېكىن سىگنالى سەل يامان ئەمەس.بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ تورى بەك ئەرزان تور سىگنالىمۇ ئىشقىلىپ بولۇپ قويدۇق.مەن 10 يىل بولدى بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ كارتىسىنى ئىشلىتىۋاتقىلى 3G توردىنمۇ نورمال ئىشلەۋاتىدۇ ، خېلى ياخشى.
12-قەۋەت
misken ۋاقتى: 2017-6-24 13:10:22
تورىنىڭ قىمەتلىكى يەنە تىلفونى چەكلىسە ،بەكلا ئۇشۇق كەن بۇلار.
13-قەۋەت
selqut ۋاقتى: 2017-6-24 13:11:38
مەنمۇ كۆچمىنى تاشلاپ تىلگىراف بىجىردىم، تىلگىرافنىڭ 3جى تورى كۆچمىدەك ياخشى بولمىسىمۇ گەرچە كۆچمىنىڭ ئىككى جى تورىدىن تىز ھەم پۇلى ئەرزانكەن، بىر يىل بولدى كۆچمىنىڭ ئايدا كەم دىگەندە 50كوي تور ئىقىم ئالىمەن، 3جى ئەتراپىدا ئاي ئاخىرغىچە تىجەپ يۈرۈپ ئاران يەتكۈزىمەن، ئاخىرى مەنمۇ  تىلگىرافنىڭ يوۋكۇ كارتىسىنى بىجىردىم ،ئىككى كۈن بولدى گەرچە تورى ئاستا بولسىمۇ ھاجىتىمدىن چىقىۋاتىدۇ ھەم بۇرۇنقى پۇلۇمنىڭ يىرىمى تىجەلگىنىدىن خۇشالمەن، مۇشۇنداق ياخشى كارتا ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىگەن ئالىپ تورىغا ھەم تورداشلارغا رەھمەت ئىيتىمەن.
14-قەۋەت
TADBIR ۋاقتى: 2017-6-24 13:20:34
梁飞 يوللىغان ۋاقتى  2017-6-24 11:53
كۆچمىنىڭ تورى تىز ئەمەس دەپ كىم دەيدۇ ،مىنىڭ دوسلۇرۇمن ...

شەھەر سىرتىغا چىقىپ باقسىڭىز بىلسىز ،كۆچمىنىڭ تورنىڭ تېز ئاستىلقنى ،…ئاددىيسى ،يەر ئاستى ئۈيگە چۈپ قالسىمۇ 2جى غا چۈپ قالدۇ،
15-قەۋەت
uduntori ۋاقتى: 2017-6-24 14:35:43
梁飞 يوللىغان ۋاقتى  2017-6-24 11:53
كۆچمىنىڭ تورى تىز ئەمەس دەپ كىم دەيدۇ ،مىنىڭ دوسلۇرۇمن ...

بىرلەشمىنىڭ 3g تورى كۆچمىنىڭ 4gتورىدىن قېلىشمايدۇ،بىرلەشمە4gنىڭ قانداقلىقىنى دىمەيلا قۇيايلى، مەسلەھەتىم تېلفۇن ئالماشتۇرۇڭ
123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部