+تېما يوللاش
serdax007 يوللانغان ۋاقتى:2017-8-24 00:57 2051 قېتىم كۆرۈلدى 13 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   serdax007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-8-24 01:03  

17 يېشىدا جوبىسنى 20 يېشىدا سونىينى 26 يېشىدا تېسلانى «ئاكا» دېگۈزۈۋەتكەن خاككېر

سۈرەتتىكى بۇ يىگىت تۇغما تالانتلىق خاككېر جورج، 1989-يىلى تۇغۇلغان، بۇ يىل 28 ياش. ئەمما ئۇنىڭ ئەقىل بۆلمىسىنى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بولۇپ، بۇرۇتى خەت تارتماستىلا ئالاقە تورىدىكى ماگناتلارنى ئالىقىنىدا ئوينىتىپ يۈرگەن.

پۈتۈن دۇنيادا ئالما يانفونىنى ياقتۇرمايدىغانلار يوق دېيەرلىك، 2007-يىلى تۇنجى ئالما يانفونى بارلىققا كېلىپ زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەنىدى. جوبىس ئەينى چاغدا ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ تىجارەت شىركىتى بىلەن توختام ئىمزالىغان، ئەمما ئالما يانفونىنى پەقەتلا ئالاھىدە بەلگىلەنگەن خەۋەرلىشىش تورىدا ئىشلەتكىلى بولاتتى.

ئەينى يىلى ئەمدىلا 17 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان جورج جوبىس بىلەن ھېلىقى شىركەتنىڭ بۇ قارارىغا تازا قايىل بولمىغان، كېيىن ئۇ ئەتۋىركە ۋە گىتتارنىڭ زەخمىكى بىلەن 500 سائەت سەرپ قىلىپ ئالما يانفونىنىڭ يادرولۇق ئاساسىي بەلبېىغىنىڭ شىفىرىنى ئېچىۋەتكەن. ئەنە شۇ ئىشتىن كېيىن، پەقەتلا ئالاھىدە بەلگىلەنگەن توردا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئالما يانفونى ھەممدە توردا ئىشلەتكىلى بولىدىغان يانفونغا ئايلانغان.

جورج مانا مۇشۇنداق ئاددىي ئۇسۇل بىلەن دۇنيا بويىچە ئەڭ بىخەتەر يانفوننىڭ شىفىرىنى ئۇتۇقلۇق ئېچىپ تاشلىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئالما يانفوننى ئېچىش جەريانىنى سىنغا ئېلىپ توردا كىم ئارتۇق قىلغان، قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە مەزكۇر سىننىڭ باھاسى 100 مىليون دوللارغا چىققان، ئاخىردا شىفىرى يېشىۋېتىلگەن يانفوننى بىر دانە سپورت ئاپتوموبىلى ۋە قۇلۇپى ئېچىلمىغان ئۈچ دانە ئالما يانفونىغا ئالماشتۇرغان.

شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇ تۇيۇقسىزلا ئالما يانفونىنىڭ شىفىرىنى يېشىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى جاكارلىغان، ئەينى چاغدا كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ «چاتاقچى»نى ئەمدى ئازراق دەم ئالىدىغان چېغىۋا دەپ ئويلاپ تۇرغاندا، ئۇ يەنە سونىي PS3ننىڭ شىفىرىنى يېشىشكە باشلىغان، ئاخىردا پەقەت بەش ھەپتە ۋاقىت سەرپ قىلىپلا 500 قۇر كود بىلەن PS3نىڭ ئۈچ يىلدىن بېرى ھېچكىم يېشەلمىگەن شىفىرىنى ئۇتۇقلۇق يېشىۋەتكەن.

ئاخىردا ئۇ كۆزىنى گۇگول بىلەن تېسلا ئۇزۇندىن بۇيان تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئاپتوماتىك ھەيدەش سىستېمىسىغا تىككەن، تېسلانىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ماسك بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال يۇقىرى ئىش ھەققى بىلەن ئۇنى تېسلانىڭ تەتقىقاتىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغان، بىراق جورج ئۇنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغان، جورجنىڭ دېيىشىچە، تېسلانىڭ سىستېمىسى بەكلا ئاددىيكەن.

كېيىن ئۇ ئۆز ئۆيىدە تەتقىقاتنى باشلىغان، ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا 2000 قۇر كود ۋە 1000 دوللار تەننەرخ بىلەن تېسلانىڭ 80 مىليون دوللار خەجلەپ ياساپ چىققان ئاپتوماتىك ھەيدەش سىستېمىسىنى گۇمران قىلىۋەتكەن.
مەنبەسى :بېتا تورى
alkuyi toridin elindi http://www.alkuyi.com/news/show.php?mid=65808

15032141661.jpg (39.2 KB, چۈشۈرۈش سانى: 6)

15032141661.jpg
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش2 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن4 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

13ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-8-24 11:13:32
بالىلىق چاغلىرىدىن باشلاپلا كومپيۇتېر تور بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرغانلاردىن مۇشۇنداقلار چىقىپ تۇرىدۇ. ئەمما تۈمەندىن بىرەسى
گىلەم
MUTIHAM ۋاقتى: 2017-8-24 11:37:26
يامان گۇيكەن بۇ
ئورۇندۇق
تەشنا4433 ۋاقتى: 2017-8-24 12:02:25
بۇ ئادەم شۇنچە ئەقىللىق تۇرۇپ نىنىشقا دائم  باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە بۇزغىنچىلىك قىلدىغاندۇ بىراق شۇنداق بولسا شۇ سىستىمىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىگە ياردەم قىلغان بۇلدۇ
ئەگەر ئۈزى بىرە سىسىتىما ئىجاد قىلسا  خېلى ئىش بار ئوخشايدۇ
5-قەۋەت
xereli132 ۋاقتى: 2017-8-24 12:23:43
كاللا  دىگەن ئاجايىپ ئىشلەپ قويىدىكەن   بۇ  سېرىق تۈكنىڭ .
6-قەۋەت
M@LiKXaH ۋاقتى: 2017-8-24 13:21:01
ھەقىقەتەن يامانكەن  ،  بۇ ھازىر نېمىش قىلىۋاتقاندۇ ؟
7-قەۋەت
okyar ۋاقتى: 2017-8-24 14:21:48
ھەي، مەن داڭلىق خاككىرلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ قول قويدىغنى مۇشۇ شۇ
8-قەۋەت
خاقان331 ۋاقتى: 2017-8-24 17:38:07
بىرتال ئەتۋىركە،گىتتار زەخمىكى.....  نىمىشقا فىدراتسىيە ئىدارىسى مۇشۇ بالىنى ئېزدىمىگەن بولغۇيتى ھىلىقى بەس س نىڭ قۇلۇپىنى ئاچىدىغاندا ...
9-قەۋەت
0998alxah ۋاقتى: 2017-8-25 00:46:37
بۇ خاككىرلار نىمىدىگەن يامان
10-قەۋەت
ئىزلەپ ۋاقتى: 2017-8-25 15:56:40
بۇ بالىنىڭ تارىخىنى تولۇق ئۇقۇغۇم كەلدى ، نېمە دېگەن يامان
11-قەۋەت
saedi ۋاقتى: 2017-8-25 19:20:05
تېلېفۇن  نۇمۇرى ياكى ئۈندىدارى بامۇدۇ بۇبالىنىڭ  
12-قەۋەت
foxtpdf ۋاقتى: 2017-8-26 08:42:48
saedi يوللىغان ۋاقتى  2017-8-25 19:20
تېلېفۇن  نۇمۇرى ياكى ئۈندىدارى بامۇدۇ بۇبالىنىڭ

قىززىقچىكەنسىزغۇ ھېي سىز
13-قەۋەت
1999 ۋاقتى: 2017-8-26 11:03:57
ئەجەپ يامان نىمىكىنە ئۇ شۇ ئارتۇقچىلىقىنى ياخشى ئىشقا ئىشلەتسىچۇ
14-قەۋەت
ablikim0090 ۋاقتى: 2017-8-30 15:04:03
ما گۇيغا سەل قىززىقىپ قالدىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部