+تېما يوللاش
ependim يوللانغان ۋاقتى:2017-5-26 15:14 3703 قېتىم كۆرۈلدى 30 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
    يىقىندا مەن زاۋۇت ھالەتكە قايتۇرۇپ ID قۇلۇپ چۈشۈپ قالغان شىياۋمى4 تىكى ID نى يۇيۇپ مۇۋاپىقىيەتلىك سىستىما يىزىۋالدىم. ئالىپتىمۇ ئۈچىنجى تەرەپ recovery نى يىزىپ شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئابۇنت ئۇچۇرىنى بىراق ئۆچۈرۈپ ID نى يوقۇتۇش ئۇسۇلى باركەن، لىكىن مەن ئۇ ئۇسۇل بىلەن قىلالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن قۇرال بىلەن ئورگان سىستىمىسىنى قايتا يىزىپ ID نى يوق قىلدىم، قايسى ئوسۇلدىن پايدىلىنىپ ID نى يوقاتساڭلار مەيلى لىكىن تەۋسىيەرىم  توغرا يولغا ئىشلىتەسىلەر .
قەدەم باسقۇچلىرى:
    ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى ئادرىستىن تېلفونىڭىزنىڭ تىپى بويىچە ماس رومنى چۈشۈرۈپ بولاقتىن يىشىۋىلىڭ، يەشكەندە دىققەت قىلىڭ، ئىسىملىرى پۈتۈنلەي ئىنگىلىزچە ھەرپ بەلگىلەردىن تۈزۈلگەن مۇندەرىجە ئاستىغا يىشڭلار، ئامال بار غول مۇندەرىجە ئىچىگە قويۇڭلار.

ئورگان رومى: چۈشۈرۈش بىتى
ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن سىستىما يېزىش قۇرالى Miflash  .چۈشۈرۈش
1.        ئالدىن بىلەن Miflash قۇرالىنى كومپىيۇتېرغا قاچىلايمىز.

باسقۇچىلىرىنى دىمىسەممۇ بولىدۇغۇ، لىكىن تۆۋەندىكى ئورۇنغا دىققەت قىلىڭلار،  ئىستىرىلكا بىلەن كۆرسىتىپ قويغان تۈرنى تاللاپ بىرىمىز.


قاچىلاش تامام. باشلاش تىزىملىكى ئىچىدىن قوزغىتىمىز.
2.        ئەمدى تېلفوننى تولۇق ئىتىپ، (مەنبە+ ئاۋاز تۆۋەنلىتىش) كۇنۇپكىسىنى بىسىپ تۇرساق  FastBoot ھالىتىگە كىرىمىز. ئاندىن ئۇچۇر سىمى بىلەن كومپيۇتېرغا چاتىمىز.

3.        Miflash ئىچىدىكى يېڭىلاشنى(刷新) بىرقىتىم بىسىۋەتسەك تېلفوننى تۆۋەندىكىدەك تونۇيدۇ.(چەمبىرەككە ئىلىپ قويغان تونۇغاندىكى تىپ نومۇرى خالىغانچە شەكىللىنىدۇ، رەسىمدىكىگە ئوخشىمايدۇ )

4.        ئەمدى بايام يىشىپ تەييار قىلىۋالغان رومنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ بىرىمىز.

ئاخىرىدا دىققەت قىلىدىغان بىر نۇقتا چوقۇم بارلىق ئۇچۇرنى يۇيۇش (清除所有数据)نى تاللايمىز، بولمىسا ID نى يوقىتالمايدۇ پەقەت سىستىمىلا يىزىپ بىرىدۇ. ئاندىن يىزىش (刷机) نى بىسىۋەتسەكلا بولدى.

قاچىلاش جەريانىدا تېلفون FastBoot ھالەتتە تۇرىدۇ، Miflash ئىچىدە ۋاقتى ماڭىدۇ، تەخمىنەن 70s-120s لاردا تۈگەيدۇ. ئاندىن مەشغۇلار مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملانغانلىق ئۇچۇرى چىقىرىپ بىرىدۇ.

ئاخىرىدا تېلفون قايتا قوزغىلىپ قاچىلاش تاماملىنىدۇ. ئەمدى خاتىرجەم ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: ئامال بار ID نى ئەستە ياخشى ساقلاڭ، ۋاي ID يوقىتىش ئاسانكەنغۇ دەپ ئۇنتۇپ قالىۋەرسىڭىز بولمايدۇ، بۇنداق سىستىما يازىۋەرسىڭىز تېلفون ئاسان كاردىن چىقىدۇ.
تىمىدىن پايدىلىنىپ تېلفونىڭىزنى ئوڭشىۋىلىپ بەك خوش بوپكەتسىڭىز رەھمەت ئىيتىشنى ئۇنۇتماڭ...

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +18 يىغىش سەۋەبى
awzar007 + 18 ياخشى دېتال

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش44 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن16 قوللىمايمەنقوللىمايمەن
لومىياغا ROM يېزىش

30ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
1658279528 ۋاقتى: 2017-6-3 11:35:23
بۇنداق  قىلسا  id   يوقىمايدۇ   ئاۋارا  بومماڭلا  .... ياردەم قىلساڭلا  تۆۋەن  نەشىرنى  نەدىن  چۈشۈرمىز  ياكى  قايسى  توربەتتىن
گىلەم
kaptar3 ۋاقتى: 2017-5-26 15:41:26
بۇمۇ ياخشى ھۈنەركەن قاچىلاش ئاسان
ئورۇندۇق
电脑爱好者 ۋاقتى: 2017-5-26 15:41:59
بۇ خىل ئۇسۇلدا تۆۋەن نەشىردىكى سېستىمىنى يازسا يۇقايدۇ، لېكىن ئەڭ يېڭى نەشىرنى يازسا يەنە چىقىۋالىدۇ
5-قەۋەت
ukax520 ۋاقتى: 2017-5-26 16:19:00
مىنىڭ تىلفۇنۇمنىڭ يوق ئىكەن سىسىتىمىسى  شىياۋمى 5s ئىدى
6-قەۋەت
ئاتەش11 ۋاقتى: 2017-5-26 16:22:49
تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت،بولسا مۇشۇنداق بىلىملەرنى كۆپىرەك يوللاپ تۇرغان بولسىڭىز.
7-قەۋەت
cabira ۋاقتى: 2017-5-26 16:40:03
IMEI   نومۇرى يوقاپ كەتكەن  تىلىفۇنغا   مۇشۇ  ئورگان  رومىنى  قاچىلىساق  IMEI نومۇرى   ئەسلىگە   كىلەمدۇ
8-قەۋەت
cabira ۋاقتى: 2017-5-26 16:49:58
IMEI  نومۇرى   يوقاپ   كەتكەن   تىلفۇنغا   مۇشۇ  ئورگان رومىنى  قاچىلىسا   IMEI   نومۇرى   ئەسلىگە  كىلەمدۇ
9-قەۋەت
燕山灰狼 ۋاقتى: 2017-5-26 17:20:35
تىما  ئىگىسى  مۇشۇ ئۇسۇلدا  سېستىما يازىۋەسە يانفۇن بۇزۇلىدۇ دەپسىز  قانداق بۇزۇلىدۇ، چۈشەنچە  بېرىۋەتسىڭىز،
10-قەۋەت
abdullam ۋاقتى: 2017-5-26 17:48:04
تىلپوننىڭ ID نۇمۇرنى قەيەرنى ئىچىپ كورىمىز؟ID چۇشۇپ قالدى دىگەن نىمە گەپ ؟ مۇشۇنىڭغا بىر چۇشەنچە بىرىڭلار بىلدىغانلار

11-قەۋەت
star1108 ۋاقتى: 2017-5-26 17:55:41
بۇ پەقەت شىياۋمى   2.  3  .4  كە ئىشلەيدۇ     مەن تاۋباۋدا دۇكان ئاچىمەن 远程刷机解锁  باشقا شىياۋمى مېيزۇلانىڭكىنىمۇ ئاچىمەن   چچ   2635572158
12-قەۋەت
umakaxik007 ۋاقتى: 2017-5-26 19:48:32
ياخشى  تىما  بوپتۇ……………
مۇشۇ  مېيزۇنىڭمۇ   flyme مىما   يۇقتىدغانغا   بىر   ئامال  قىپ  باقساڭلار    دوسلار  
13-قەۋەت
مەجىنۇن ۋاقتى: 2017-5-26 19:53:46
كېسەك بوپ قالغان شىياۋمى 2نىمۇ ئوڭشاپ بىرەلەسىزمۇ،ئېھتىياتسىزلىقتىن شىياۋمى 4نىڭ رومىنى قاچىلاپ سېلىپ بۇزۇپ قويدۇم ،
14-قەۋەت
13689995859 ۋاقتى: 2017-5-26 20:01:25
بۇنىڭ پايدىسى يوق ،يوقىمايدۇ
15-قەۋەت
14527885517 ۋاقتى: 2017-5-26 20:13:46
IDنى تۈپتىن يوقاتقىلى بۇلامدۇ بۇخىل ئۇسۇلدا IDيوق بۇلدىكە بىراق سىستىما يىڭلىسا يەنە IDتەلەپ قىپ تۇرۋالدىكە
16-قەۋەت
イÄπんÂ ۋاقتى: 2017-5-26 20:15:23
بۇرادەر ئۇ  ئۇسۇل ھازىرقى يېڭى چىققان تېلفۇنلىرىغا ئاقمايدۇ شياۋمى نىڭ قۇلۇپ  بار ھازىر  سېستىمىدا
123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部