+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-4-24 12:27 6780 قېتىم كۆرۈلدى 124 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بايراقدار دەرىجىلىك يانفون oppo R9s ۋە vivo X9 نىڭ قاتتىق دېتال سەپلىمىسى ئوتتۇرھال دەرىجىدە. بولۇپمۇ CPU سى. باشقا يانفون كارخانلىرى بايراقدار دەرىجىلىك يانفون چىقارماقچى بولسا شۇ ۋاقىتتىكى قاتتىق دېتالنىڭ ئەڭ يوقىرى دەرىجىدىكىسىنى ئىشلىتىدۇ. بۇ ئىككى يانفونغا كۇۋالكوم 625 تىپلىق CPU ئىشلىتىلگەن. خۇڭمى 4 كىمۇ كۇۋالكوم  625 تىپلىق CPU ئىشلىتىلگەن. ئەمما خۇڭمى 4 نىڭ باھاسى 999 يۈەن، R9s نىڭ باھاسى بولسا 2799 يۈەن. ئوخشاش سەپلىمىدە تۇرۇپ مىڭ نەچچە يۈز يۈەن قىممەت بولسىمۇ R9s نىڭ سېتىلىشى شۇنداق ياخشى. نېمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟


1. بۇلار ئېلانغا بەك كۈچەيدۇ.
سەپلىمىسى ئادەتتىكىچە، باھاسى قىممەت بولغاندىكىن ئوتتۇردىكى پايدىنىڭ كۆپ قىسىمىنى ئېلان تەشۋىقاتقا، ئوتتۇردىكى سېتىش سودىگەرلىرىگە ئاجىرتىدۇ. شۇڭا چوڭ شەھەردىن تارتىپ، كىچىك يېزا-بازارلارغىچە يوغان يېزىلغان OPPO, ViVO دېگەن ۋىۋىسكىلارنى، تەشۋىقاتلارنى كۆرگىلى بولىدۇ. يانفون سېتىۋالماقچى بولسىڭىز سودىگەرلەر سىزگە ئالدى بىلەن مۇشۇ يانفونلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ، چۈنكى باشقا يانفون ساتقاندىن ۋىۋو ياكى ئوپپو ساتسا سودىگەرگە كۆپرەك پايدا قالىدۇ.


2. سىرتقى كۆرۈنىشكە، لايىھەسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
خېرىدارغا نىسبەتەن مەلۇم مالنى سېتىۋېلىشتا سىرتقى كۆرۈنىشى تۇنجى تەسىرنى بېرىدۇ. يانفوننى قولغا ئالغاندىكى سىزىمى، سىرتقى لايھەسى، سەنئەتلىك تۇيغۇسى ئىشلەتكۈچىنى تېخىمۇ جەلپ قىلىدۇ. كۆپ ساندىكى خېرىدارنىڭ CPU, ئىچكى ساقلىغۇچ دېگەندەك تاراق-تۇرۇقلىرى بىلەن كۆپ كارى يوق. شۇڭا ۋىۋو، ئوپپولارنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى، رەڭگى، قېپىنىڭ ماتېرىيالىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. R9s نىڭ سىرتقى لايىھەسى، قارا رەڭگى، ياي گىرۋەكلىك HOME كۇنۇپكىسى iphone 7 گە ئوخشاپ كېتىدۇ.


3. كامېرا
R9s نىڭ ئالدى كامېراسى 16 مىليون پىكسېل، ئارقا كامېراسى 16 مىليون پىكسېل
X9 نىڭ ئالدى كامېراسى 20 مىليون پىكسېل، ئارقا كامېراسى 16 مىليون پىكسېل
باشقا يانفونلارنىڭ كەينى كامېراسىمۇ 16 مىليون پىكسېل ئەتراپىدا بولسىمۇ، ئالدى كامېراسى 5 مىليون ياكى 8 مىليون پىكسېللىق كامېرا ئورنىتىدۇ. بۇ ئىككى يانفون ئاياللارنىڭ ئۆزىنى رەسىمگە تارتىشقا ئامراق بولۇش پىسخىكىسىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ ئالدى كامېراسىغا يۇقىرى پىكسېللىق كامېرا ئورناتقان.


4. تېز زەرەتلەش تېخنىكىسى
بۇ يانفونلارنىڭ تەشۋىقاتىدا بەش مىنۇت زەرەتلەپ، ئىككى سائەت سۆزلەشكىلى بولىدۇ دېيىلگەن. نۆۋەتتە باشقا يانفونلارمۇ تېز زەرەتلەش تېخنىكىسىنى قوللىنىۋاتىدۇ، مەسىلەن مېيزۇنىڭ Mcharge دېگەندەك. R9s ۋە X9 نىڭ تېز زەرەتلەشتىن باشقا يەنە توك يېتىش ئەھۋالىمۇ ياخشى.

5. سىستېما ۋە كۆرۈنمە يۈز
ئالما ئۇسلۇبىدىكى كۆرۈنمە يۈزى بار. خۇددى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىۋېتىدىغاندەك بۇ يانفونلارنىڭ سىستېمىسىنى ئاسانلىقچە يېڭىلىمايدۇ. سىستېمىسنى يېڭىلىماسلىقمۇ خېرىدارلار ياختۇردىغان ئىش بولسا كېرەك.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش11 ھەمبەھرھەمبەھر1 قوللايمەنقوللايمەن6 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

124ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-4-24 12:45:57
بۇ 2 يانفون شىركىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى بولسا
ئاساسەن ھەممە ناھىيىلەردە دېگۈدەك پارچە سېتىش نۇقتىلىرى بار. ئەمما باشقا يانفون شىركەتلىرى بۇ نۇقتىغا سەل قارىغان. توردىن مال سېتىۋالغۇچىلار 1 نەچچە قېتىم ساختا مالغا يولۇققاندىن كېيىن تەبىئىيلا  مۇشۇنداق ھەقىقىي دۇكانلارغا يۈزلەنگەن.
چەتەلنىڭ يانفونلىرىنىڭ سەپلىمە كوزۇرى بولغان بىلەن يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ باھاسىنى قوبۇل قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلار يۇقارقى 2 يانفون شىركىتىدەك جاي ، جايلارغا ۋاكالىتەن سېتىش  نۇقتىلىرى تەسىس قىلىشقا كۈچەپ كەتمەيدۇ ، بەلكى ئىنتېرنېت تورىنىڭ كۈچىگە بەكرەك ئىشىنىدۇ ھە تايىنىدۇ.
تەۋسىيىلەش
ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-4-24 22:50:57
muzat1970 يوللىغان ۋاقتى  2017-4-24 19:43
ئەلبەتتە سەنشىڭ نوچىدە،مەنمۇ A9100 PLUS SAMSUNG تىن بىرنى ئىشل ...

ئەتتىگەندىن چۈشكىچە توختىماي ئويۇن ئوينىسام 50% لا توكى تۈگەيدۇ دىگىنىڭلا گەپ بوپ قالدى ، ئەمما باتارىيە سىغىمى بولىدىكەن، ئەمما بۇ تىلفۇننىڭ
سىپىيۇسى سەل تۆۋەنكەن
ئورۇندۇق
XaTuR007 ۋاقتى: 2017-4-24 12:38:41
مەن شۇڭا شاۋمي 6ئالاي دەپ ساقلاپ تۇرۋاتىمەن 4كۈنلا قالدى بازارغا چىقىدىغانغا
5-قەۋەت
ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-4-24 12:49:29
ئەمما ، لېكىن بۇ 2 يانفوننىڭ باھاسى ھەقىقەتەن بەك پەرقلىنىدىكەن. ئۇلارنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشكە بەك كۈچەپ كېتىدىغانلىقى خۇددى ھازىر تاماق يەيدىغانلارنىڭ ئاشخانىلارغا تاماقنىڭ كۆپلۈكىنى ئەمەس بەلكى شۇ ئاشخانىنىڭ ئازادە مۇھىتىنى دەپ كىرىدىغانلىقىغا ئوخشىشىپ كىتىدۇ ،
6-قەۋەت
axik0998 ۋاقتى: 2017-4-24 12:50:06
iphone6  ئالاي دىگەن ئۈرۈمچىدە ئىشەنچىلىك تىلفۇن ساتىدىغانلار بارمۇ ، ئىككىنجى قول ...
7-قەۋەت
ئويغان07 ۋاقتى: 2017-4-24 12:53:50
مەن ئوپپونى ئۇنچە ئىشلىتىپ كەتمەيمەن شەكلىمۇ تازا ياقمايتتى بىراق OPPO R9نىڭ شەكلى بەك ياقتى باھاسى سەل قىممەتكەن لىكىن
8-قەۋەت
ئالپ520 ۋاقتى: 2017-4-24 13:01:40
شەكلى چىرايلىق ، سەپلىمىسى تۆۋەن ، باھاسى قىممەت دېگەندە
9-قەۋەت
appchi ۋاقتى: 2017-4-24 13:06:12
مەن vivo x7  سېتىۋالغىلى 5 ئاي  بولدى  ،  بىر قېتىممۇ قېتىۋالغىننى بىلمىدىم لىكىنغۇ ئىچىدە  46 دانە  قاچىلاقلىق  ئەپ  بار ، سېستىما ئەپلىرىدىن باشقا  ،  ماڭا  بۇ تېلېفوننىڭ  مۇشۇ يەرلىرى ياقتى ،  ماڭا ئەڭ ياقمايدىغان  يىرى بۇ تېلېفوننىڭ ئۇسلۇب بازىرىدا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى يوق ئىكەن  
10-قەۋەت
مۇساجان2 ۋاقتى: 2017-4-24 13:22:46
بۇ تىمىدا دىيىلگەن سۆزلەر ھەقىقەتەن توغرا دىيىلگەن سۆزلەركەن
11-قەۋەت
(sirdax) ۋاقتى: 2017-4-24 13:25:39
پەقەتلام خوشام يوق مۇشۇ تىلفۇنلا بىلەن  دوراشتىن باشقىنى  بىلمەيدۇ  ئۆز ئالدىغا بىرە ئالاھىدىلىكى يوق
12-قەۋەت
对你的眼里_我 ۋاقتى: 2017-4-24 13:30:34
ھەممىدىن نوچىسى شياۋمى ،خوڭمى ۋە يىجيا
13-قەۋەت
对你的眼里_我 ۋاقتى: 2017-4-24 13:34:42
XaTuR007 يوللىغان ۋاقتى  2017-4-24 12:38
مەن شۇڭا شاۋمي 6ئالاي دەپ ساقلاپ تۇرۋاتىمەن 4كۈنلا قالد ...

لىكىن تالىشىپ ئالالاسىزمۇ ،بۇ قېتىم سېتىلدىغان شياۋمى 6نىڭ سانى 10مىڭغا يەتمەيدۇ دىگەندەك گەپنى ئاڭلىغانتم ،لىكىن غەزەپ ياساپتۇ سەپلىمە جەھەتتىن
14-قەۋەت
ataman138 ۋاقتى: 2017-4-24 13:42:18
قېتۋالمايدىغان ھەر قانچە ئىسىل تىلفۇن بولسىمۇ ئارقا ئاقىدىن 5.6 يوغانراق ئەپ.ئۇيۇنلارنى ئېچىپ بېقىڭە...ئاندىن كۈرىسىز..ۋېيۋو نىڭ قېتۋالماسلىقىدى سەۋەپ. سىپيوغا يۈك سەل ئېغىر كەلگەندىلا ئارقا سۇپىدا ئىجرا بۇلۋاتقان ئەپلەرنى مەجبۇرى توختىتىۋېتدۇ... شۇڭا قېتۋالمايدۇ..بۇ ھەرگىزمۇ تىلفۇننى ياخش. قاتمايدۇ دىگەنلىك ئەمەس..
15-قەۋەت
17797917961 ۋاقتى: 2017-4-24 13:55:15
شۇڭا مەن ياقتۇرمايمەن قەتتىلا، شۇڭا يىجىيا 3t ئالدىم بەلكىم بۇنىڭ پۇلىغا خېلى تېلېفون كىلىشى مۇمكىن ، ئەمما بۇنى ياقتۇردۇم ئىنتايىن يىقىشلىق، ئەگەر 2000 ئەتراپىدا تېلفۇن ئېلىشنى ئويلاشقانلارغا تەۋسىيە قىلىمەن
16-قەۋەت
uqkun77 ۋاقتى: 2017-4-24 14:14:28
تىمىدا دىيىلگەن گەپلەرنىڭ ھەممىسى ئەمىلىيەت بوپتۇ.
ھەيرانمەن: ئىككى يىل بۇرۇن بىرەرسى گۈرۇچ تىلفۇننىڭ گىپىنى چىقىرىپلا سالدىما بولدى ئۇ ئادەمنى ئىنكاس تىما يازماس قىلىۋىتەتتۇق، زامان ئۆزگەردىمۇ قانداق؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部