+تېما يوللاش
يۇمشاق دېتال يوللانغان ۋاقتى:2016-10-18 02:37 2772 قېتىم كۆرۈلدى 11 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۇمشاق دېتال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-10-18 04:10  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

Arduino بولسا ئۆزىنىڭ قۇلايلىقلىقى، پروگرامما كودىنىڭ ئاددىيلىقى، پروگراممىرغا نىسبەتەن ئۆزەككە چوڭقۇر چۈشەنچە تەلەپ قىلماسلىقى، تىز سۈرئەتتە قوللىنىشچانلىقى يۇقىرى بولغان قۇرۇلمىلارنى ياساپ چىققىلى بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆزىگە رام قىلالىدى،

قاتتىق دېتال قىسمى :
Arduino بولسا AVR قاتتىق دېتال سۇپىسىنى ئۆزىگە يادرو قىلىپ ، AVR ئۆزىكى ئىھتىياجلىق بولغان توك يولى ۋە ئىلىكتىرون زاپچاسلىرىنى بىر دانە توك يول تاختىسى ئۈستىگە توپلاشتۇرۇپ(مەسىلەن تەۋرەتكۈچ، توك بىسىمى مۇقۇملاشتۇرغۇچ، ئارقىمۇ-ئارقا ئالاقە ئىغىزى(COM)، چاتقۇچ، قارشىلىق، كوندىنساتورلار، USB ئۇلىنىش ئىغىزى)  ياسالغان
لىكىن نۆۋەتتە Arduino سۇپىسى پەقەت AVR ئۆزىكىلا ئەمەس ARM ئۆزىكى، Intel نىڭ X86 رامكىلىق Intel Atom مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىغىچە قوللايدۇ،
يۇمشاق دېتال قىسمى:
ئۈچىنچى تەرەپ تەمىنلىگەن AVR-GCC تەھرىر تەرجىمە قىلغۇچ(Compiler) تەمىنلىگەن مۇھىت ئۈستىگە بەرپا قىلىنغان يۇمشاق دېتال قەۋىتى، يەنى Arduino نىڭ بىرلىككى كەلگەن ئۆلچەملىك رامكىسى، فۇنكىسىيە ئامبىرى
نۆۋەتتە پەقەت Avr-gcc لا ئەمەس Arm-gcc,  ۋە Intel نىڭ i586 تەھرىر تەرجىمە قىلغۇچىلىرىمۇ بار،

قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان،  يەنى تۆۋەندىكىدەك





يۇقارقىدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى Arduino يۇمشاق دېتال سۇپىسى AVR, ARM ۋە Intel i586 قاتارلىق قاتتىق دېتال سۇپىلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان مۇنداقچە قىلىپ ئىيىتقاندا قاتتىق دېتال سۇپىسى ئاتلىغان يۇمشاق دېتال سۇپىسى،
مەسىلەن AVR سۇپىسىنى مىسال قىلساق Arduino يۇمشاق دېتال سۇپىسى  AVR ئۆزىكى ئۈستىدىكى AVR-GCC مۇھىتى ئۈستىگە قۇرۇلغان،
ARM دا ARM-GCC مۇھىتى ئۈستىگە قۇرۇلغان،
Arduino مۇھىتى قاتتىق دېتال قىسمىدىن روشەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ، يەنى ئۇ قاتتىق دېتالغا مەشغۇلات قىلىمەن دەيدىكەن ئۆزدىن تۆۋەن تۇرغان يۇمشاق دېتال سۇپىسىغا ئۇلانغان ئۆمۈچۈك پۇتلىرىدەك API ئىغىزلىرىدىن پايدىلىنىدۇ. ئوخشىمىغان سۇپىلارغا نىسبەتەن API ئىغىزلىرى ئىچكى قىسىمدا ئاپتوماتىك بىر تەرەپ قىلىنغان بولىدۇ، شۇ ۋەجىدىن Arduino سۇپىسى كۆپ خىل قاتتىق دېتال سۇپىسىنى قوللىغان بولىدۇ.

Arduino يۇمشاق دېتال سۇپىسى بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەملىك زور مىقداردىكى فۇنكىسىيە، تۈر ئامبىرى يەنى API(بۇ دىگەنلىك پروگرامما ئۇلىنىش ئىغىزى يەنى Application Programming Interface نىڭ قىسقارتىپ يىزىلىشى) نى تەمىنلىگەن، بىز بۇ سۇپا ئارقىلىق بەك ئاسانلا Arduino ھازىرغىچە قوللىغان قاتتىق دېتال سۇپىلىرىدا ئورتاق ئىشلىتىشكە بولىدىغان پروگراممىلارنى يىزىشقا بولىدۇ، پروگرامما يازغاندا ئازراقلا دىققەت قىلسىڭىز يازغان پروگراممىڭىزنى AVR, ARM, Intel Edison, Intel Galieo قاتارلىق تىپتىكى ئۆزەكلەردە ئىجرا قىلالايسىز،
بىرلىككە كەلگەن،
مەسىلەن ARM-Cortex M3 نى يادرو قىلغان SAM3X8E تىپلىق كونتىرولىغۇچ ئۈچۈن سىز ARM-GCC ئۈگىنىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، ئۆلچەملىك Arduino رامكىسىدا يىزىلغان بىر پروگراممىنى سىز AVR ۋە SAM3X8E دا ئىجرا قىلالايسىز،

ئەلۋەتتە بۇ نەرسىنىڭ ئارتۇقچىلىقى بولغانكەن چوقۇم كەمچىللىكىمۇ بولىدۇ دىگەن گەپ.
تۆۋەندە Arduino رامكىسىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە كەمچىللىكلىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىمىز.

بۇ يەردە كىچىككىنە بىر ئىشنى تىلغا ئىلىپ ئۆتەي،
Atmel شىركىتى تەرەپ پەقەت ئۆزىنىڭ AVR سۇپىسى ئۈچۈن پەقەت ئاسسىمبلىر (Assembly)تەھرىر تەرجىمە قىلغۇچىنى تەمىنلىگەن، يەنى مۇنداقچە قىلىپ ئىيىتقاندا AVR ئۆزىكىگە پەقەت ئاسسىمبىلىر ئارقىلىقلا پروگرامما تۈزگىلى بولىدۇ، C, C++ بىلەنمۇ پروگرامما تۈزگىلى بولمايدۇ دىگەن گەپ.
كىيىن AVR ئۆزىكىگە C, C++ دا پروگرامما يىزىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈنGNU تەرەپتىكىلەر(مۇشۇنداققۇ دەيمەن) پارتىزانلارچە  avr-gcc نى يىزىپ چىقتى ۋە ئىلان قىلدى، يەنى بۇ قانداق قىلىدىغان نەرسە دىگەندە AVR نىڭ C,C++ تەھرىر تەرجىمە قىلغۇچىسى(Compiler) دىمەك ئەمدى C, C++ بىلەنمۇ AVR ئۆزىكىگە پروگرامما يىزىشقا بولىدىغان بولدى.
گەرچە Atmel تارقاتقان AVR Studio دا يەنىلام ئاسسىمبىلىر ئارقىلىقلا پروگرامما يىزىشقا بولسىمۇ لىكىن WinAVR (يەنى avr-gcc نىڭ Windows نۇسقىسى) نى تولۇقلىما دېتال شەكلىدە قاچىلاپ AVR Studio دا C, C++ دا پروگرامما يىزىشقا بولاتتى،
كىيىن Atmel تەرەپ AVR Studio نى يېڭىلاشنى توختىتىپ Atmel Studio نى ئوتتۇرغا چىقاردى، بۇ توپلاشتۇرۇلغان ئىجادىيەت مۇھىتى Microsoft Visual Studio نى رامكا قىلىپ قۇرۇلغاچقا پەقەت Windows نۇسقىسىلا بار، Linux, Mac os x لەردە Atmel Studio نى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ،
Microsoft تەرەپ Visual Studio غا قارىتا ئۈزلۈكسىز يېڭىلاش ئىلىپ بارغاچقا ھازىرقى ئەڭ يېڭى نەشىرى Visual Studio 2015, شۇنداق قىلىپ Microsoft تەرەپ Visual Studio نى داۋاملىق يېڭىلاپ تۇرغاچقا Atmel تەرەپمۇ Visual Studio نى يادرو قىلىپ كىڭەيتىپ ياسىغان Atmel Studio نى يېڭىلىدى، نۆۋەتتىكى Atmel Studio نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى Atmel Studio 7، ئەگەر ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز Windows 10 مەشغۇلات سىستېمىسى بولسا نۆۋەتتىكى Atmel Studio نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرىنىلا قاچىلىيالايسىز، يەنى بۇرۇنقى كونا نۇسقىسىدىكىسى Windows 10 بىلەن سىغىشمايدۇ، يەنى قاچىلىغىلى بولمايدۇ، لىكىن ماۋۇ يېڭى نەشىرىنى Windows Vista ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشىردىكى Windows قىلا قاچىلاشقا بولىدۇ، Windows XP نى قوللىمايدۇ،
Atmel Studio بولسا دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى پروگرامما ئىجادىيەت مۇھىتى دەپ ئاتىلىدىغان Visual Studio نى يادرو قىلىپ ياسالغاچقا Atmel Studio دا پروگرامما يىزىش بىر خىل ھوزۇر ئىش، ھەم ھازىرقى يېڭى نەشىرى C, C++ ئارقىلىق AVR گە پروگرامما يىزىشنى ياخشى قوللايدۇ، ھەم ئوخشاشلا ئاسسىمبىلىر ئارقىلىق پروگرامما يىزىشنىمۇ قوللايدۇ، ھەم ARM سۇپىسىمۇ بار، ھەم يەنە قىستۇرما قاچىلاش ئارقىلىق Arduino غا پروگرامما يىزىشقىمۇ بولىدۇ،
ئەگەر Linux بىلەن Mac os x دە يازاتتىم دىسەڭلارمۇ avr-gcc  نىڭ بۇ ئىككى سۇپىدىكى نەشىرلىرىمۇ بار، تىخى Android نۇسقىلىرىمۇ چىقتى.

قىززىققۇچىلار چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ باقسا بولىدۇ، قىززىققۇچىلار بولسا ئىنكاس يازسا ئەڭ يېڭى نەشىرىگە ئىرىشىش توغۇرلۇق ئايرىم يازما يىزىشىم مۇمكىن.


ئىدراك ئەترىتى تەمىنلىگەن ئىدراك ئاردۇينو تاختىسىغا ئىشلىتىلگەن ئۆزەك بولسا AVR ئۆزىكى بولۇپ Atmega 32U4 ئۆزىكى ئىشلىتىلگەن،
ئاساسى چاستوتىسى 16MHz بولغان مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ،
2.5KB چوڭلۇقتىكى ئىجرا ئىچكى ساقلىغۇچ، يەنى SRAM

32KB چوڭلۇقتىكى پروگرامما ساقلاش بوشلۇقى يەنى Flash Memory
4KB بوشلۇقنى Bootloader پروگرامما رايۇنى ئىگىلەيدۇ،

1KB چوڭلۇقتىكى EEPROM بوشلۇقى،
UART, I2C, SPI قاتارلىق ئۇلىنىش ئىغىزلىرىنى قوللايدۇ،

ھازىر بىز بۇ يەردە ARM, i586 لارنى مۇلاھىزە قىلمايمىز، بىزنىڭ ھازىر مۇلاھىزە قىلىدىغىنىمىز دەل AVR ئۆزىكى ئۈستىدە بولىدۇ، چۈنكى بۇ ئۆزەك ھەممىمىزدە بار،
يەنى ئىدراك ئاردۇينو تاختىسىدا سىناش ئىلىپ بارىمىز.

يۇقارقىدا بىز Arduino رامكىسىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن تونۇشتۇق، تۆۋەندە بەزى بىر تەجرىبىلەر ئارقىلىق Arduino سۇپىسى بىلەن ئىچكىرلەپ تونۇشۇپ چىقىمىز.

بۇ يەردە بىز ئەڭ ئاددىي بولغان بىر پروگراممىنى مىسال قىلايلى،
يەنى ئاردۇينونىڭ 13. پۇتىغا ئۇلانغان LED (يەنى نۇر چىقىرىدىغان ئىككى قۇتۇپلۇق كىرىستال لامپاLight Emitting Diode نىڭ قىسقارتىپ ئىلىنىشى) نى چاقنىتىش تەجرىبىسى ئىشلەيمىز،
ئىشلىتىلگەن مۇھىت Arduino IDE 1.6.2
تەلەپ، 13. پۇتىغا ئۇلانغان LED لامپا سىكۇنتىغا بىر قىتىم ئۆچۈپ، بىر قىتىم يىنىپ تۇرىشى كىرەك، مۇشۇنداق دەۋرىيلىنىدۇ،
پروگرامما ئوخشىمىغان ئىككى خىل ئۇسۇلدا يىزىلىدۇ، يەنى Arduino رامكىسى ۋە avr-gcc دا يىزىلىدۇ.
بۇ ئىككى خىل پروگراممىنىڭ سىغىمى، ئىچكى ساقلىغۇچتىكى ئىگەللىگەن بوشلۇقى قاتارلىقلارنى سىلىشتۇرۇش ئىلىپ بارىمىز، بۇ ئارقىلىق ئىجرا ئۈنۈمىنى كۆرىمىز.



ئىدراك ئاردۇينو تاختىسىنى كومپىيۇتېرىمغا ئۇلىدىم، COM ئىغىزى نومۇرى COM14.
پروگراممىنىڭ كۆپرەك تەپسىلاتىنى كۆرۈش ئۈچۈن مەن Arduino IDE نى debug ھالىتىدە قوزغىتىمەن ئاندىن تەھرىر تەرجىمە قىلىش ۋە پروگراممىنى ئۆزەككە چىقىرىش جەريانىنى كۆرسىتىش ھالىتىنى قوزغىتىپ قويىمەن.
يەنى تۆۋەندىكىدەك:




ئاۋال پروگراممىنى ئۆلچەملىك ئاردۇينو پروگراممىسى ھالىتىدە يازىمەن.

  1. void setup() {
  2.   pinMode(13, 1);
  3. }

  4. void loop() {
  5.   digitalWrite(13, 1);
  6.   delay(500);
  7.   digitalWrite(13, 0);
  8.   delay(500);

  9. }
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش





ئەمدى پروگراممىنى ئۆزەككە يوللاپ تىرمىنالغا چىقىرىلغان  Arduino IDE نىڭ ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈپ باقايلى



پروگرامما ئۆزەككە يوللاندى، ئەمدى ئىۋۇ ئارقا سۇپىدىكى ئۇچۇرلارنى سىيرىپ پروگرامما توغۇرلۇق كۆرۈپ باقايلى.


قىزىل رەڭدە بوياپ قويغان يەرگە قاراڭ





دىمەك، پروگراممىنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە!
پروگراممىنىڭ سىغىمى 4454 بايىت، تەخمىنەن 4.4KB دەپ قويايلى، يەنى بۇ 28628 بايىت يەنى 28.5KB سىغىمدىكى پروگرامما ساقلاش بوشلۇقىنىڭ 15% نى ئىگىلەپتۇ.
دىينامىك ئىچكى ساقلىغۇچتىن ئىگىلىگەن(ئىچكى ساقلىغۇچ يەنى SRAM نى دىمەكچى) پۈتۈن دائىرىلىك ئۆزگەرگۈچى مىقدارلارنىڭ سىغىمى 148 بايىت، يەنى بۇ 2560 بايىت SRAM قىسمىدىن 5% ئورۇننى ئىگىلەپتۇ،
خوش ئۇنداقتا ئەمدى بۇنى
32 بىتلىق ARM سۇپىسىدىكى Arduino Due غا يەنى مۇنداقلا دىسەك ARM سۇپىسىغا تەرجىمە قىلىپ باقايلى!





ھازىر يىنىمدا Arduino Due بولمىغاچقا ئۆزەككە چىقارمىدىم، بىۋاستە تەرجىمە قىلىپ كۆرۈپ باقتىم، بىز بۇ يەردە پەقەت پروگراممىنىڭ يۆتكىلىشچانلىقىنى سىنىغاچقا پروگراممىنىڭ ئىگىلىگەن سىغىمىنى سۆزلىمەيمىز،
رەسىمدىكى قىزىل رامكىغا ئىلىنغان يەرلەرگە دىققەت قىلىڭ،
دىمەك بۇ پروگرامما AVR, ARM سۇپىسىدا ئورتاق ئىشلىتىشنى قوللىدى.



ئەمدى مەن مۇشۇ پروگراممىنىڭ ئىقتىدارىنى Avr-GCC پەدىسىدە بىر يىزىپ باقاي،
Avr-gcc دە بىۋاستە ئۆزەكنىڭ مۇناسىۋەتلىك رىگىستىرلىرىغا مەشغۇلات قىلغاچقا يەنى بىر قەدەر تۆۋەن دەرىجىلىك مەشغۇلات قىلغاچقا پروگراممىرغا قاتتىق دېتالنى بەكرەك چۈشىنىش تەلىپى بار، يەنى قايسى رىگىستىرغا مەشغۇلات قىلىسىز؟ قانداق مەشغۇلات قىلىسىز دىگەندەك،
بىز Atmega 32U4 ئۆزىكىنىڭ Arduino نىڭ 13.پۇتىغا توغرا كەلگەن IO ئىغىزى ساقلانغان رىگىستىرغا مەشغۇلات قىلىشىمىز كىرەك، ئۇنداقتا بىز ئاۋال 13.پۇت زادى ئۆزەكنىڭ قايسى پۇتىغا ئۇلىنىدۇ؟ قايسى رىگىستىرنىڭ تەۋەلىكىدە بولىدۇ؟ بۇنى ئاردۇينو تەرەپنىڭ تورىدىن كۆرۈپ باقاي،





يۇقارقى رەسىمگە قاراڭ، قىزىل رامكا ئىچىدە Arduino كوللىكتىپى تەرەپ تەمىنلىگەن توك يول تاختىسىغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىيالى باركەن، كۆرۈپ باقايلى




بۇ يەردە راس دىگەندەك Atmega32U4 ئۆزىكىگە ئالاقىدار مەزمۇن باركەن، بىز چوڭايتىپ ئىز قوغلاپ كۆرۈپ باقايلى، 13.پۇت زادى ئۆزەكنىڭ قايسى پۇتىغا توغرا كىلىدۇ؟





يۇقارقى رەسىمگە قاراڭ، مەن سىزىق سىزىپ قويغان يەرلەرنى كۆردىڭىزمۇ؟
13.ئۇلىنىش پۇتى ئۇلانغان ئۆزەكنىڭ پۇتى PC7 پۇتىغا توغرا كىلىدىكەن، مەن بۇ يەردە ئۆزەكنىڭ قايسى پۇتىنى كونتىرول قىلىدىغىنىمنى بىلىۋالدىم، بۇ يەردىكى PC7 دىگەننىڭ مەنىسى بولسا بىشىدىكى P ھەرىپى بەلكىم Pin دىگەننى بىلدۈرسە كىرەك، ئىككىنچى C ھەرىپى بولسا ئۆزەكنىڭ مۇشۇ پۇتى ئۆزەك ئىچىدىكى C گورۇپپىدىكى رىگىستىرلارغا توغرا كىلىدىغىنىنى بىلدۈرىدۇ، ئاخىرىدىكى 7 بولسا ئۆزەكنىڭ مۇشۇ پۇتى C گورۇپپىدىكى رىگىستىرلارنىڭ 7.خانىسىغا توغرا كىلىدىغان پۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، خوش، ئۇنداقتا بىز قىلىدىغان ئىشىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۋالدۇق،
يەنى ئۇلىنىش پۇتىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان DDRx رىگىستىرلار گورۇپپىسىدكى DDRC رىگىستىرنىڭ 7.خانىسىغا مەشغۇلات قىلىش ئارقىلىق مۇشۇ ئۆزەكنىڭ پۇتىنى چىقىش ھالىتىدە قىلىپ بەلگىلەيمىز،
ئاندىن سىرىتقا قارىتا چىقىرىش رىگىستىرلار يەنى PORTx لار ئىچىدىكىPORTC رىگىستىرىنىڭ 7.خانىسىغا مەشغۇلات قىلىش ئارقىلىق ئۆزەكنىڭ مۇشۇ پۇتىدىكى ئىلىكتىر بىسىمىنى يۇقىرى پوتىنسىئال ياكى تۆۋەن پوتىنسىئال قىلساقلام بولىدۇ.
مۇشۇ قانۇنىيەت بويىچە مەن gcc-avr پەدىسى بويىچە تۆۋەندىكى پروگراممىنى لاھىيەلەپ چىقتىم بۇ يەردە بۇ پروگرامما كودىنى بىرمۇبىر سۆزلەپ ئولتۇرمايمەن، پەقەت كۆچۈرۈپ ئىجرا قىلىپ باقساڭلار بولىدۇ، بۇ پروگرامما ئىدراك ئاردۇينو تاختىسى بىلەن سىغىشىدۇ.



  1. #include
  2. int main()
  3. {
  4.   DDRC |= 1 << 7;
  5.   PORTC = 0;
  6.   while(1)
  7.   {
  8.     PORTC |= 1 << 7;
  9.     _delay_ms(500);
  10.     PORTC &= ~(1 << 7);
  11.     _delay_ms(500);
  12.   }
  13.   return 0;
  14. }
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش






ئەمدى پروگراممىنى ئۆزەككە يولغا سالاي، پروگراممىنى ئۆزەككە چىقاردىم ئاندىن تىرمىنالدىكى چىقارغان ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ باقتىم.





يوۋ..... ما كاساپەتكە قاراڭلا،
پروگرامما تەرجىمە قىلىنغاندىن كىيىنكى سىغىمى 246 بايىت، يەنى 28672 بايىت پروگرامما ساقلاش رايۇنىدىن ئىگىلىگەن سىغىمى ئارانلا 246 بايىت، يەنى 0% ئىگىلەپتۇ، دىمەك ئىگىلىگەن نىسبىتى 1% گىمۇ يەتمىدى دىگەن گەپ.
ئەمدى پۈتۈن دائىرىلىك ئۆزگەرگۈچى مىقدارلارنىڭ دىنامىك ساقلاش رايۇنى يەنى ئىچكى ساقلىغۇچتىن ئىگىلىگەن دىغىمى 0 بايىت، دىمەك پروگرامما ئىچكى ساقلىغۇچتىن ئالدىنئالا بوشلۇق ئىگىلىمەيدۇ، پروگرامما ئىجرا بولغاندا ئاندىن ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىدۇ، لىكىن ئىچكى ساقلىغۇچ ئارتۇق ئىگىلىنىپ كەتمەيدۇ.

ئەمدى بىز بۇ پروگراممىنىڭ يۆتكىلىشچانلىقىنى بىر سىناپ باقايلى جۇمۇ,  تۆۋەندە Arduino Due نى تاللاپ مۇشۇ پروگراممىنىڭ ARM دە ئىجرا بولۇش ھالىتىنى بىر كۆرەيلى،




پروگرامما تەھرىر تەرجىمىدىن ئۆتمىدى، يەنى پروگراممىدا خاتالىق كۆرۈلدى، يۇقارقى رەسىمگە قاراڭ، خاتالىق ئۇچۇرىغا قاراڭ،
avr/io.h دەيدىغان باش ھۆججەتنى تاپالماپتۇ، ئاندىن پروگراممىنى تەرجىمە قىلىش باسقۇچى ئاخىرلىشىپ كىتىپتۇ،
دىمەك بۇ پروگراممىنى ARM دە ئىجرا قىلغۇزغىلى بولمىدى،
نىمىشقا avr/io.h باش ھۆججىتىنى تاپالمايدۇ؟ سەۋەبى تولىمۇ ئاددى،
بۇ AVR ئۆزەك ئەمەس، ARM ئۆزەك تۇرسا... بۇ AVR نىڭ باش ھۆججىتى نىمە قىلىدۇ؟
DDRC, PORTC لار ARM ئۆزەكتە نىمە قىلىدۇ؟ ARM ئۆزەكنىڭ ئىچىدە AVR ئۆزەكنىڭ رىگىستىرلىرى بولمىسا يە؟ بۇ ئۆزەكنىڭمۇ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل رىگىستىرلىرى باردە.

دىمەك پروگراممىنىڭ يۆتكىلىشچانلىقى يوق، چۈنكى بىز بۇ يەردە ئۆزەكنىڭ تۆۋەن قاتلام قىسىملىرىغا مەشغۇلات قىلىدۇق، ئۆزەك ئوخشىمىغاچقا ئۆزەكنىڭ قۇرۇلمىسىمۇ ئوخشىمايدۇ، دىمەك رىگىستىرلارمۇ ئالاھىدە پەرىقلىنىدۇ، بۇنداق پروگراممىنى ARM غا يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ
لىكىن ARM غا يۆتكىگىلى بولمىغان بىلەن باشقا AVR ئۆزەكلىرىگە يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، نىمىشقا؟
AVR دىگەن بۇ ئۆزەكنىڭ رامكىسى، مۇشۇ رامكا ئاساسىدا ياسالغان بارلىق ئۆزەكلەرنىڭ قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولىدۇ، يەنى ئوخشاش قۇرۇلمىدا بولىدۇ، لىكىن سەپلىمىسىنىڭ پەرقى تۈپەيلى يەنىلام ئاز پەرىقلەر بولىدۇ، مەسىلەن بىر ئۆزەكنىڭ 40 دانە پۇتى بولسا يەنە بىر ئۆەكنىڭ 100 دانە پۇتى بولسا دىمەك يەنە بىر ئۆزەكنىڭ رىگىستىرلىرى يەنە بىرسىگە قارىغاندا كۆپرەك بولدى دىگەن گەپ،
بىز بۇ پروگراممىنى يازغاندا ئەگەر ئىككىلى ئۆزەكتە بار رىگىستىرغا يازغان بولساق بىۋاستە پروگراممىنى ئىككى دانە ئوخشىمىغان AVR ئۆزىكىگە بىۋاستە يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئۇنداق بولمىسا مۇناسىۋەتلىك رىگىستىرلارنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كىلىدۇ، مەسىلەن بىز بۇ پروگراممىنىڭ Arduino UNO بىلەن بولغان سىغىشچانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى!
تۆۋەندە ئورگان تەرەپ تورىدىن ماتىرىيال ئىزدەيمەن.




دىمەك شۇ مەلۇم بولدىكى ئۆزىكى Atmega328P بولغان Arduino UNO دا يۇقارقى پروگراممىنى ئىجرا قىلغۇزۇش ئۈچۈن پروگراممىنى Arduino UNO نىڭ 13.پۇتى ئۇلانغان Atmega328P ئۆزىكىگە ماسلاشتۇرۇشۇم كىرەك، يەنى ئىشلىتىدىغان رىگىستىرلار ۋە خانىسى:
DDRB رىگىستىرنىڭ 5. خانىسى، PORTB رىگىستىرنىڭ 5. خانىسى
ئەمدى پروگراممىنى مانداق ئۆزگەرتىشىم كىرەك

  1. #include
  2. int main()
  3. {
  4.   DDRB |= 1 << 5;
  5.   PORTB = 0;
  6.   while(1)
  7.   {
  8.     PORTB |= 1 << 5;
  9.     _delay_ms(500);
  10.     PORTB &= ~(1 << 5);
  11.     _delay_ms(500);
  12.   }
  13.   return 0;
  14. }
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش






ئەمدى پروگراممىنى Arduino Uno غا يوللىسام نۇرمال ئىجرا بولىدۇ،


ئەمدى ئويلايمىزدە، بىز ئىدراك ئەترىتى C تىلى دەرسى سۆزلىگەندە بىز C تىلى پروگراممىسى main فۇنكىسىيەسىن باشلىنىدۇ دىگەن ھەمدە پروگراممىنى شۇنداق يازغان، ئەمدى يۇقارقى پروگراممىلاردىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى avr-gcc دا main ئىشلىتىلگەن،
ئەجىبا Arduino رامكىسىدا پروگرامما main فۇنكىىسيەسىدىن باشلانمامدۇ؟
ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس، ئوخشاشلا main دىن باشلىنىدۇ. ئۇنداقتا main فۇنكىسىيەسى نەگە كەتتى؟ setup, loop فۇنكىسىيەلىرى بۇ قانداق قىلىدىغان فۇنكىسىيەلەر؟

تۆۋەندىكى رەسىمدىكى كود سىزگە جاۋاپ بولالايدۇ.





كومپىيۇتېرىڭىزدا Arduino IDE قاچىلانغان مۇندەرىجە ئاستىدىكى \hardware\arduino\avr\cores\arduino\main.cpp ھۆججىتىنى خاتىرە دەپتەردە ئىچىپ يۇقارقى رەسىمدە بويالغان يەرلەرگە قاراڭ،
كۆك رەڭدە بويالغىنى سىزچە نىمىدۇ؟  توغرا، بىز نەگە كەتكەندۇ دەپ ئىزدىگەن main فۇنكىسىيەسى دىگەن دەل ئۆزى شۇ.
ئىچىدىكى setup, loop فۇنكىسىيەلىرىنىڭ يۆتكەپ ئىشلىتىلگىنىنى كۆردىڭىزمۇ؟
دەل بۇلار بىز ئاردۇينو كودىدا يازغان setup, loop فۇنكىسىيەلىرى شۇ.
setup فۇنكىسىيەسى main ئىچىگە يىزىلغان، main ئىجرا بولغاندا loop  دىن بۇرۇن ئىجرا قىلىنىدۇ ئاندىن كىيىن مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدىغان for جۈملىسىگە كىرىپ كىتىدۇ، يەنى بىز دىگەن ئۆلۈك ئايلانما دىگەن شۇ، loop مۇشۇ ئۆلۈك ئايلانما ئىچىدە بولغاچقا مەڭگۈ(مەڭگۈ دىسەم توكنى ئۈزىۋەتسەكمۇ ئايلىنامدا دىمەڭ، ماندا c تىلى ئۈگەنگەن، ئىلىكتىرون ئۈگەنگەن ئۇقۇمۇشلۇق بالىدەك گەپ قىلىڭ ) ئىجرا بولىۋىرىدۇ، ئىجرا بولۇپ بولسا يەنە ئىجرا بولىدۇ، يەنە تۈگىسە يەنە ئىجرا بولىدۇ،


ئەمدى گىپىمىزنىڭ داۋامى، سىلىشتۇرۇشقا كىلەيلى، ئىۋۇ ئىككى خىل كودنى بىر سىلىشتۇرۇپ كۆرۈپ بىقىڭلار





پەرىق خلى با ھە؟
توغرا خىلى با، بۇنچىلىك پەرىق بولمىسا سىلىشتۇرىمىزمۇ بىز ھە.

خۇلاسە


avr-gcc پروگراممىسىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى:
بۇ خىل پروگرامما كودى قاتتىق دېتالغا يىقىن، يەنى رىگىستىرلارغا نىسبەتەن بىۋاستە مەشغۇلات قىلىدۇ، باشقا ۋاستىگە تايانمايدۇ، مەقسەت ئىنتايىن ئىنىق، ئۇدۇل، بىۋاستە قىلىدىغان ئىشىنى قىلىدۇ، يەنى تۆۋەن دەرىجىلىك مەشغۇلات قىلىدۇ.
ئىجرا ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى، بىھۇدە ئىچكى ساقلىغۇچ ئىگىلىمەيدۇ، پروگرامما سىغىمىمۇ كچىىك، CPU غا كەلتۈرىدىغان بىسىممۇ ئاز.


كەمچىللىكى:
دەل بۇ خىل پروگرامما كودى قاتتىق دېتالغا يىقىن، ئىنتايىن بىۋاستە، بىر قەدەر  تۆۋەن دەرىجىلىك بولغاچقا پروگراممىردىن ئۆزەكنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنى ياخشى چۈشىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ، يەنى پروگراممىر ئۆزەككە ئالاقىدار نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ،
بۇلارلا ئەمەس سىز ئەمدى قولىڭىزغا ئىلىكتىرونغا ئائىت كىتابتىن برەرنى ئىلىپ بىسىپ ئولتۇرۇپ ئۈگەنمىسىڭز ھەتتا كود يازسىڭىز يازغان كودىڭىز ئۆزەكنىڭ قانداق قىسمىغا تەسىر قىلىدۇ؟ نىمە قىلىدۇ بۇنى چۈشەنمەي قالىسىز،
لوگىكىلىق توك يولى، رەقەملىك توك يولى، ئۈچ قۇتۇپلۇق كىرىستال لامپا، ئىككى قۇتۇپلۇق كىرىستال لامپا، موسفىت لامپا(مەيدان ئىففىكتى لامپا) لارنى، قارشىلىق، بەزى فىزىكىلىق قانۇنىيەتلەرنى ئىغىز بىر پەدە ئۈگەنمىسڭىز بولمايدۇ.

پروگرامما كودى بىر قەدەر مۇرەككەپ، ھەم كۆپ، گەرچە ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولسىمۇ بىراق ئوخشاش بىر ئىشنى قىلىدىغان پروگراممىنىڭ Arduino رامكىسى بويىچە ھەم avr-gcc  بويىچە تۈزسەك Arduino رامكىسىدا ئىككى تۆت قۇر كود بىلەن خىلى يامان ئىشلارنى قىلىۋەتكىلى بولغان بىلەن ما ئوقەتتە ئۇنداق ئاسان ئىش يوق، Arduino رامكىسى ئاپتوماتىك سىزگە كۆرسەتمەي يوشۇرۇن قىلىپ بىرىدىغان ئىشنىڭ ھەممىسى ئەمدى سىزگە قالىدۇ، دىمەك Arduino كودىدا 10 قۇر بىلەن ئەمەلگە ئاشقان ئىقتىدارنى ما ئوقەتتە ئەمەلگە ئاشۇرىمەن دىسىڭىز بەلكىم 20 قۇر، 30 قۇر، يەنە بەلكىم 50 قۇر...
لىكىن ئۈنۈمى Arduino نىڭكىدىن ياخشى، بىراق مۇرەككەپلىشىدۇ ھەم ھەقىقى تىز سۈرئەتتە ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈنۈمى تۆۋەنراق،

يۆتكىلىشچانلىقى تۆۋەنراق، بۇ كودنى Arduino رامكىسىدەك ARM غا يۆتكەپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئۇنداق ئوماق ئىش يوق(دەپ قويدۇققۇ ئەمدى ).
ھەتتا AVR دىمۇ خىلى ئىشلارنى قىلىسىز، لىكىن Arduino رامكىسىدا بولسا ھەممە ئىشلار پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك بولىدۇ.


Arduino رامكىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقى
پروگرامما كودى پاكىزە، ئاددىي، ئۆزەكنى ئىچىدىن تىشىغىچە ئۇنداق بەك چۈشىنىشنى تەلەپ قىلمايدۇ،
C, C++, C#, Java لاردا پروگرامما يىزىش تەجرىبىسى بار ئادەم ئاسانلا كىرىشىپ كىتەلەيدۇ،
ئوخشىمىغان ئۆزەكلەردە ئورتاق بىر پروگراممىنى ئىشىتىشكە بولىدۇ،  دۇنيادىكى سانسىزلىغان Arduino غا پروگرامما يازغۇچىلار يىزىپ چىققان ئىنتايىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك غايەت زور فۇنكىسىيە، تۈر ئامبارلىرى(ھەممىسى بايلىق، بايلىق دىگەن شۇ) ئىشلىتىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.
خالىغانچە ئىشلىتەلەيسىز، بىر دانە ئامبار بىلەنلام ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىشلارنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز، گەرچە avr-gcc دىمۇ بۇنداق ئامبارلارنى ئىشلىتىشكە بولسىمۇ بىراق بۇ ئامبارلارنىڭ ئىنتايىن كۆپ قىسمى Arduino رامكىسى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان، avr-gcc پەدىسىدە ئامبارلار بولسىمۇ ئورتاق ئىشلىتىشچانلىقى يەنىلام Arduino غا يەتمەيدۇ.
ئاز كود يىزىپ كۆپ ھوسۇل ئالالايسىز.

كەمچىللىكى
كۆپ سۇپىلارنى قوللاش ئۈچۈن قاتتىق دېتالدىن يىراقراق تۇرۇش كىرەك شۇندىلا سۇپا يۆتكىلىش سەل ئاسانغا چۈشىدۇ، ھەم avr-gcc نىڭ ئىنتايىن نۇرغۇن ئىشلىرىنى ھەممىسىنى ئاپتوماتىك قىلىپ بەرگەچكە ئىچكى ساقلىغۇچنىمۇ ئىگىلەيدۇ، بەزى قەدەم باسقۇچلارنى ئارتۇقراق باسىدۇ، ئىجرا ئۈنۈمى avr-gcc قارىغاندا تۆۋەنرەك،  پروگراممىسى بەك ئاددىي ھەم ئاسان بولغاچقا پروگرامما يازغان كىشى ھورۇن بولۇپ قالىدۇ، ھەممە تەس، مۇرەككەپ ئىشنى Arduino رامكىسى بىزگە تۇيدۇرمايلام ئارقا سۇپىدا ھايىت ھۇيىت قىلىپلام بىر تەرەپ قىلىۋىتىدۇ، بىز بەلكىم بەزى ئىشلارنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەي قىلىشىمىز مۇمكىن،
لىكىن ھەممە ئىش بۇنداق ئاسان بولىۋەرمەيدۇ،  بەزى مۇرەككەپ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن دىسىڭىز C, C++ نىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان ئىقتىدارلىرى، ئارتۇقچىلىقلىرىنىڭ تەمىنى تىتىيسىز، ئەلۋەتتە avr-gcc دەك ئۇنچىۋالا مۇرەككەپ بولۇپ كەتمەيدۇ.




يۇقاردا سۆزلەپ ئۆتتۇق، قايسىسىنى ئىشلىتىشىڭىز ئەمەلىي ئەھۋالىڭىزغا باغلىق ئىش،
لىكىن مەيلى قايسىسىلا بولمىسۇن سىز ئۈزلۈكسز تىرىشىشىڭىز كىرەك، ئاسان ئوخشايدۇ دەپ C, C++ نى تولۇق ئۈگەنمىسىڭىز يەنە تىگىگە يىتەلمەيسىز، لەيلەپلا قالىسىز،
مەيلى Arduino رامكىسى بولسۇن AVR-GCC  بولسۇن C, C++ دا يازىسىز ئەمەسمۇ...

ئاخىرىدا بىر گەپنى دەپ قوياي،
نۇرغۇن باللا ماڭا دىدىدە، ئۇلار:
ئاردۇينو ئويۇنچۇق، ئەمەلىي ئىش قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ
شۇنداق دىيىشتى، قاراپ باقسام ئاساسەن 8051 ئاساسىدىكىلەرنى ئوينايدىغان باللىكەن،
شۇنداق ئويدىكىلەر بولسا ، بىز كۆپ ئىشلىتىۋاتقان Arduino نىڭ تىپلىرى AVR رامىدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچلار، كىم دەيدۇ ئەمەلىي ئىش قىلغىلى بولمايدۇ دەپ؟
ئاردۇينو ئۆزىكى توك يول تاختىسىدىن ئايرىلسا ئىشلىيەلمەيدىغاندەك تىخى توك يول تاختىسى چوڭكەن، بىرەر ئىش قىلىمەن دىسە پۇتلىشىدۇ... دەيدۇ،  ئەمسە 8051 نىڭ يوغان توك يول تاختىلىرىمۇ بارغۇ؟ نۇرغۇن مودىللىرى بىرلەشتۈرۈلگەن؟

يەنە بىرگە ئىدراك ئەترىتى يالغۇز ئاردۇينو بىلەنلا باغلانمايدۇ، تىخى كىيىن Raspberry PI توغۇرلۇق تېمىلارنىمۇ يوللايمىز، 8051 توغۇرلۇقمۇ يازما يازىمىز.
ماھىيىتىنى بىلىپ ئۈگىنەتتىم دەيدىغانلار avr-gcc نى ئۈگەنسە تامامەن بولىدۇ،
ئاۋال ئاددىي ئەمما ئۈنۈمى كۈچلۈك پروگراممىلارنى يىزىپ باققان كىشى قىززىقىپ قالىدۇ.

ئاخىرىدا مەن Raspberry Pi3 گە قاچىلىغان Ubuntu Mate16.4 بىر نەچچە پارچە رەسىم،
بىكار تۇرغىچە دەپ ئۇنى بۇنى مىتكوتلاپ باقتۇق.




ئۇنىمۇ دەيمىز بۇنىمۇ دەيمىز 8051، AVR, ARM..... ھەممىسى MCU, يول باشقا نىيەت بىر.
ھەممىمىز تەڭ ئىلگىرلەيلى!




ھۆرمەت بىلەن ئىدراك ئەترىتى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 4تەجرىبە +72 يىغىش سەۋەبى
eeyyss + 30 ياخشى يازما
429099087 + 2
secret + 30
uyghurdetal + 10 مەن قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش8 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن7 قوللىمايمەنقوللىمايمەن1
غەلبە ئۈزلۈكسىز تىرىشقانلارغا مەنسۇپ!

11ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
tuman0998 ۋاقتى: 2016-10-18 09:39:29
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم  جاپاتارىتتىڭىز كوپرەھمەت
گىلەم
ئ‍ۆگەن ۋاقتى: 2016-10-18 09:48:23
تېمىڭىزغا كۆپ رەھمەت قېرىندىشىم ،گەرچە مەن بۇلارنى ئانچە چۈشەنمىسەممۇ .
ئورۇندۇق
oguzhan ۋاقتى: 2016-10-18 11:46:20
مەن بۇرۇندىن ئىلىكتىرون ئەسۋابلارغا قىزىققاچقا(سىز سۆزلىگەن مەزمۇنلارنى ئانچە بەك چۈشەنمىسەممۇ)سىزنىڭ ھەربىر تېمىلىرىڭىزغا دىققەت قىلىپ كىلۋاتىمەن، ھەم سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىزغا قايىلمەن، تېخىمۇ تىرىشىڭ!
5-قەۋەت
bulbulla ۋاقتى: 2016-10-18 11:47:42
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام  ناھايىتى بەلەن  تېمىدىن بىرنى يېزىپسىز ،ئىنتايىن تەپسىلىي ھەم چۈشۈنۈشلۈك ،مۇشۇنداق بەلەن تېمىلىرىڭىزنى ئايىماي يوللىغانسىز.
6-قەۋەت
alipalim ۋاقتى: 2016-10-18 13:03:54
Arduino نى مەن چۈشەنمەيمەن ، ئەمما ئۇزاق بۇپتىكەن تېما يازمىللىرىڭىزنى كۆرمىگىلى
بۇ دەرسنىكنى بەك مۇكەممەل تەپسىلىي قىلىپ يېزىپسىز ،مەن
چۈشەنمىسەممۇ ئەمما سىزدەك بىلىملىك قېرىندىشىمنىڭ بولغىنىدىن سۈيىنىمەن ،ئىپتىخارلىنىمەن
7-قەۋەت
Eziz25 ۋاقتى: 2016-10-18 13:40:53
بەك مۇرەككەپ نەرسىلەكەن بۇ
چۇشۇنۇش كاللا كىتىدىغان ئۇخشايدۇ
8-قەۋەت
ناۋاي1985 ۋاقتى: 2016-10-18 17:13:25
ئوف تەستە ئوقۇپ بولدۇم
9-قەۋەت
uqkun77 ۋاقتى: 2016-10-19 13:13:04
بىر تەرەپتىن مەشغۇلات قىلىپ كۆرۈپ باقمىسا، چۈشەنمەك سەل تەسرەككەن.
10-قەۋەت
بۈركۈت11 ۋاقتى: 2016-10-20 09:25:26
سىز پروگراممىرما ، ئ‍ىسمىڭىز ۋە يوللىغان تىمىلىرىڭىزغا قاراپ دەيمەنغۇ ھى ھى ھى ، مۇشۇ كەسىپنى ئ‍ۈگىنىش ئ‍ۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت ۋە ئ‍ىقتساد كىتە ، يەنە قانچىلىك كىرىم يارتالايدۇ ، بىلىپ باقاي دىگەنتىم ..
11-قەۋەت
ablikim1838 ۋاقتى: 2016-11-19 12:26:10
ئسسالامۇ-ئەلەيكۈم:مەن ھازىر 51单片机开发板نى ئۈگىنىۋاتىمەن،ئەگەرسىلەرنىڭ ئاردىينو مەھسۇلاتىڭلارنى سىتىۋالسام ئككىلىسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئۈگەنگىلى بۇلامدۇ ؟سىتىش ئادىرسىڭلارنى يوللاپ بەرگەن بولساڭلار.1597332516@qq.com
12-قەۋەت
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2016-11-30 14:50:01
ablikim1838 يوللىغان ۋاقتى  2016-11-19 12:26
ئسسالامۇ-ئەلەيكۈم:مەن ھازىر 51单片机开发板نى ئۈگىنىۋاتىمەن، ...

51 نى ئۈگىنىۋىرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن،
نىمىشقا دىگەندە Arduino نىڭ تەييار فۇنكىسىيە، رامكىلىرىغا كۆنۈپ قالسىڭىز ئىشلەتكىڭىز كىلىدۇ، لىكىن ماھىيىتىنى چۈشەنمەي بىلمەي ئۆتىدىغان گەپ،
ئۈگەنگەندە ھەقىقى مەنىسىنى بىلىپ ئۈگىنىش كىرەك، ئىشلەتكەندە ئاسانراق ئۇسۇلنى تاللاش كىرەك يەنى:
ئۈگەنگەندە مەنىسىنى بىلىپ ئۈگىنىش يەنى تەس ئۇسۇل بىلەن ئۈگىنىش، ئەمەلىي ئىشلەتكەندە بولسا ئاددىي، ئاسان ئۇسۇلنى ئىشلىتىش

مۇشۇنداق بولسا ئەڭ ياخشى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部