+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2016-7-3 23:22 5247 قېتىم كۆرۈلدى 30 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئاپتۇۋۇزدا، مېترودا يانفوندا بىر نەرسە كۆرۈۋاتقانىڭىزدا يېنىڭىزدىكى ئادەم بۇيۇنداپ قاراپ ئىچىڭىزنى پۇشۇردۇ. ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاش ئۈچۈن تىڭشىغۇچنى قولاققا تىقىۋالسىڭىز باشقا ئاۋازنى مەسىلەن بېكەت ئەسكەرتىشىنى ئاڭلىيالمايسىز، ھەم ئۇزاق مۇددەت قۇلاققا تىڭشىغۇچ سالسا قۇلاققا تەسىرى بولىدۇ.
مۇشۇلاردىن ئىلھام ئالغانلار ئىككى خىل غەلىتە كەشپىيات يارىتىپتۇ.
ئاۋال ئاۋازدىن كېلەيلى. تىڭشغۇچ تاقىمايسىز، ئاۋاز ياڭراتقۇدىن چىققان ئاۋازنى پەقەت سىزلا ئاڭلىيالايسىز، ئەتراپىڭىزدىكى باشقىلار ئاڭلىيالمايدۇ، ئىشەنمەمسىز؟

رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى كۇۋادرات شەكىللىك تاختايغا ھەرە كۆنىكىنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قويغاندەك تۇرغان ئەمەلىيەتتە بىر ئاۋاز ياڭراتقۇ. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ئاۋازنى بىر يۆنىلىشكىلا يەتكۈزدۇ. يەنى، ھەرە كۆنىكى شەكىللىك ئاۋاز ياڭراتقۇ ئاۋازنى تۈز سىزىق بويچىلا يەتكۈزدۇ. شۇنىڭغا ئۇدۇل تۇرغان ئادەملا ئۇنىڭدىن چىققان ئاۋازنى ئاڭلىيالايدۇ، دائىرنىڭ سىرتىدىكى ياندىكى ئادەم ئاڭلىيالمايدۇ.

ئىشخانىدا، ئاممىۋى سورۇندا ئۆزىڭىزگە مەنسۇپ ئاۋازنىلا ئاڭلىيالايسىز، باشقىلارغا دەخلىسى بولمايدۇ. تىڭشىغۇچ تاقاشنىڭ ھاجىتى يوق.


ئۇنىڭ پىرىنسىپى بەك مۇرەككەپمۇ ئەمەس. ئولتۇرا ئاۋاز دولقۇنى تېخنىكىسى ئارقىلىق ئاۋاز چاستوتىلىق سىگنال يەتكۈزدۇ. ئۇنىڭ تۈز سىزىقلىق ئۈنۈملۈك ئاۋاز يەتكۈزۈش ئارىلىقى 10 مېتىر ئەتراپىدا. ئائىلىدىكى تامغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ.

‏3.5mm لىق ئۇلاش تۆشۈكى ۋە USB ئېغىزىنى قوللايدۇ. ھەر خىل ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرگە چېتىشقا بولىدۇ. بىخەتەرلىك جەھەتتىن، تەتقىقاتىچىلار نۆۋەتتىكى تەجىرىبە نەتىجىسىدىن قارىغاندا بۇنىڭ بىخەتەرلىكى ئادەتتىكى تىڭشىغۇچ بىلەن ئوخشاش دېدى.

ئاۋاز مەسىلىسى ھەل بولدى. ئەمدى سۈرەتكە كەلدۇق.

تۈركىيەدىكى بىر تەتقىقاتچى ئوغۇرلۇقچە كۆرگىلى بولمايدىغان ئېكرانلىق يانفون+كۆزئەينەك كەشىپ قىلغان. بۇ كەشپىياتچى مېترودا يانفوندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇۋاتقاندا دائىم باشقىلار ئوغۇرلۇقچە كۆرۈۋالغان. شۇڭا ئۇ كۆپ ئىزدىنىپ مۇشۇنداق بىر ئۈسكۈنە كەشىپ قىلىپ چىققان.
ئۇ ئاۋال يانفونغا بىر ئۆزەك قوشقان. ئاددى كۆز بىلەن قارىغاندا يانفون ئېكراننى ئاپپاق بولۇپ ھېچنىمە كۆرۈنمىگەن.

ئاندىن كۆزئەينەككىمۇ بىر ئۆزەك قوشۇپ، يانفون بىلەن سىمسىز ئۇلىغان. كۆزئەينەكنى تاقاپ يانفونغا قارىغاندا ھەممەن نەرسە ئوچۇق كۆرۈنگەن.

بۇ تەتقىقاتچى نۆۋەتتە بۇ تېخنىكىنىڭ پىرىنسىپىنى ئاشكارىلىمىدى. ئۇ «بۇنى مەن ئۆزۈمنىڭ ئاۋارىچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ياساپ چىقتىم. ئەگەر مەبلەغ سالدىغانلار چىقسا يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلىپ، ئىقتىدارلىرىنى كۆپەيتسەك، مەسىلەن ئۈزچات ئورنىتىپ خالىغان چاغدا ئېكراننى نورمال كۆرۈندىغان، خالىغان چاغدا يوشۇرۇپ قويۇپ، پەقەت كۆزئەينەك بىلەنلا كۆرگىلى بولىدىغان قىلساق بولىدۇ» دېدى.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش6 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن9 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

30ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
كىيىك ۋاقتى: 2016-7-3 23:29:11
ئاجايىپ تېخنىكلار بارلىققا كىلۋاتدۇ جۇمۇ ،
گىلەم
bulbulla ۋاقتى: 2016-7-3 23:48:22
ئەگەر  باشقىلاردىمۇ  مۇشۇنداق  كۆزئەينەك  بولسا  كۆرگىلى  بولغۇدەك. باشقىلارنىڭ يانفۇنىنى  ئوغورلۇقچە  كۈرۈشىكە  ئامراق  كىشىلەر  بۇنداق  كۆزەينەكنى  ئاۋۋال سېتىۋېلىشى  مۇمكىن.
ئورۇندۇق
شىرىزات ۋاقتى: 2016-7-4 00:02:52
ياخشى تېخنىكەن بىر بىردىن قالتىس ،
5-قەۋەت
Bahadir9 ۋاقتى: 2016-7-4 00:12:36
ماۋۇ تېخنىكىلار قالتىسكەن…
6-قەۋەت
turup0 ۋاقتى: 2016-7-4 00:15:59
قالتىس تىخنىكا ئىكەن
7-قەۋەت
Gvllinayli ۋاقتى: 2016-7-4 00:24:51
مەنمۇ تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا رەقەملىك سائەتنىڭ ئېكرانى بىلەن ھەپىلشىپ باققان.(بىرتال باتارىيەلىك، كۆك يورۇيدىغان ئەرزان سائەت).
مۇشۇ سائەتنىڭ ئېكرانىنىڭ تېشىدا بىر قەۋەت سۈزۈك سۇلياۋ قەۋىتى بولۇپ، ئۇنى سويۇپ ئېلىۋەتسەك ھېچنەرسە كۆرۈنمەيدۇ.
سويىۋالغان سۇلياۋنى كۆزۈمىزگە تەڭلەپ ئېكرانغا توغۇرلىساق كۆرۈنەتتى.
بۇ خىل سۇلياۋدىن ئىككىنى يۈزمۇ-يۈز پاراللېل (تەكشىلىك پاراللېل)قىلىپ قارىساق سۇلياۋ رەڭگى سۈزۈك، لىكىن بىر پارچىسىنى 90گىرادۇس ئايلاندۇرۇپ كۆزەتسەك سۇلياۋ قارا رەڭگە ئۆزگىرەيتى.
بۇنى فىزىكا مۇئەللىمىمدىنمۇ سورىغان ئىدىم. ئۇ مۇئەللىمنىڭ چۈشەندۈرشىدە، بۇخىل سۇلياۋدا بىر يۆنلىشتە پاراللېل تىزىلغان تۈزسىزىقلار بار ئىكەن.
شۇ سەۋەب ئىككى سۇلياۋنىڭ تۈز سىزىقلىرى ئوخشاش بىر يۈزگە پاراللېل بولسا نۇر ئۆتكۈزدىكەن(سۈزۈك)، ئىككىسىنىڭ تۈز سىزىقلىرى بىر تەكشىلىكتە كېسىشىپ قالسا نۇر ئۆتكەزمەيدىكەن.

نىمە دىسىڭىز، بۇ تېخنىكىنىڭ ئەسلى ماھىتىنى ئېكران ياسايدىغان شېركەتلەر بىلىدۇ. بولمىسا ئۇنداق سۇلياۋلارنى يانفۇننىڭ ئېكرانلىرىغا چاپلىماس بولغىيتى. شۇ سەۋەب ئۇلارمۇ مۇشۇ سۇلياۋنى چاپلىمىسا ئېكراندىكى نەرسىلەرنى كۆرگىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ھېلىقى تۈركىيەلىك ئادەم كۆزئەينەك بىلەن يانفۇنغا ئۆزەك ئورناتتىم دەپتىمىش. ئۇ بۇنداق دەپ ئىشنى مۇرەككەپ كۆرسەتمەكچى، ياكى بولمىسا ئەھۋال راستىنلا شۇنداقتۇ.
تورداشلار ئۆزلىرى سىناپ باقسا بولىدۇ، بىرەرخىل نەرسە چىقىدىغان ئېكرانلىق نەرسىنىڭ ئېكرانىنىڭ تېشىدا كۈلرەڭ سۈزۈك بىر قەۋەت سۇلياۋ بار، ئاشۇنى سويۇپ، ئېكرانغا قاراپ باقساڭلار بولىدۇ.

8-قەۋەت
Gvllinayli ۋاقتى: 2016-7-4 00:27:58
مەن بۇلارنى نوكىيا يانفونلىرىدىمۇ سىناپ باققان.
9-قەۋەت
Uyhackerjan ۋاقتى: 2016-7-4 00:32:48
بىر كۈنى 911- قانالدىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش كۆزەينەكخۇمار ئېكران توغرىسىدىكى خەۋەر كۆرگەنتىم،ئۇ توڭلاتقۇ ۋە تامغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ئېكرانكەن،كۆزەينەكنى تاقىسا ئېكران ئۇنى تونۇپ ئېكراندا مەزمۇن كۆرۈنىدىكەن،بولمىسا ئاپئاق،شۇ چاغدا مىنى قىزىقتۇرغىنى توڭلاتقۇنىڭ سۈزۈك ئەينىكى ،يەنى تېشىدا تۇرۇپ توڭلاتقۇ ئېچىنى كۆرگىلى بولىدۇ،بىر چەككەندىن كېيىن ئېكانغا ئايلىنىپ ،خەت-رەسىم كۆرنىدىكەن،يانفۇننىڭ شۇنداق سۈزۈكلەشكەن ئېكران تەشۋىقات سۈرىتى كۆپلەپ تارالدىيۇ،بىرەنى ئەمەلىي كۆرمۈدۈم.شۇنداق بىر سۈزۈك ئېكرانلىق يانفۇن بولسا ...
10-قەۋەت
zimistan22 ۋاقتى: 2016-7-4 05:46:30
Gvllinayli يوللىغان ۋاقتى  2016-7-4 00:24
مەنمۇ تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا رەقەملىك سائەتنى ...

گىپىڭىزنى ئويلۇنۇشقا تىگىشلىككەن ئ
11-قەۋەت
saidiya ۋاقتى: 2016-7-4 07:03:58
ئىككىلى تىخنىكا بولىدىغان تىخنىكىكەن
12-قەۋەت
RIXTA0998 ۋاقتى: 2016-7-4 07:06:21
ئاۋۇ كۆز ئەينەك  بۇلدىكەن دىسە
13-قەۋەت
uyghurum131 ۋاقتى: 2016-7-4 08:43:12
Gvllinayli يوللىغان ۋاقتى  2016-7-4 00:24
مەنمۇ تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا رەقەملىك سائەتنى ...

    مەن سىز دىگەنگە ئوخشاش سىننى كۆرگەن، لىكىن ئۇنىڭدا كومپىيۇتىر ئېكرانىنىڭ سىرتقى يۈزىگە چاپلانغان بىر قەۋەت يۈزىنى سويۇپ ئىلىۋىتىپ ئېكراننى قايتا قوراشتۇرىدىكەن، ئاندىن سويۇپ ئىلىۋەتكەن ئاشۇ يۈزلۈكىدە كۆزئەينەك ياساپ ئېكرانغا قاراتقان ئىدى ئېكراندىكى  سۈرەتلەر كۆرۈندى، كۆزئەينەكنى ئىلىۋىتىۋىدى ئېكراندا ھىچنىمە كۆرۈنمىدى.
     مىنىڭچە ئۇ ئالىمنىڭمۇ ھازىر قوللانغان ئۇسۇلى مۇشۇ سىز دىگەن پىرىنسىپقا ئوخشاپ قىلىشى مۇمكىن.
     ئۇنىڭ يەنە ئۇزچات بىكىتىپ خالىغان ۋاقىتتا كۆرۈنىدىغان، خالىغان ۋاقىتتا كۆرۈنمەيدىغان قىلىش ئويىغا قارىغاندا بەلكىم يەنە باشقىچە قوللانغان ئۇسۇلىمۇ بولۇشى مۇمكىن.
14-قەۋەت
xukur218 ۋاقتى: 2016-7-4 08:52:00
مىنىڭچە  كۆز ئەينەك بىلەن يانفۇننى  كۆكچىش ئارقىلىق ئۇلىغاندىن كىيىن مەخپىي نومۇر ئورنىتىپ قويسا  باشقىلارنىڭ  ئاشۇنداق كۆز ئەينىكى  بولغان تەقدىردىمۇ  كۆرەلمەسلىكى  مۇمكىن ،ئەمما ئاۋارىچىلىقكەن ،ئۇنداق مەخپىي كۆرىمەن دەپ بىرمۇنچە  ئاۋارىچىلىق  تاپقۇچە ئۆيىگە بېرىپ ئارام ئالغاچ  كۆرسە بولمامدۇ ،كۆز ئەينەكمۇ  كەتمەيدۇ  ئۇ ۋاقىتتا
15-قەۋەت
begmurad ۋاقتى: 2016-7-4 09:33:27
مىنىڭچە بۇ تىخنىكىلارنى FBI بىلەن يەنە روسىيە بىر جاسوسلۇق ئ‍ورگىنى بار شۇلار ئ‍ىشلەتسە بولغۇدەك.  ئ‍ۇنچىۋالا مەخپىي قىلىپ نىمە كەپتۇ.  ئ‍ەگەر ئ‍ۇنداق ئ‍ىش بولسا  朋友圈 نىمۇ بىكار قىلىش كېرەك، جامائەت نازارەتچىلىكى نىمىگە ئ‍ايلىنىپ قالىدۇ؟
123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部