+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2016-7-31 00:11 6713 قېتىم كۆرۈلدى 27 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئالدىنقى كۈنلىرى iOS9.3.3 تۈرمىدىن قاچقاندىن كېيىن ئايفون ئىشلىتىدىغانلار بەس-بەستە تۈرمىدىن قاچۇرۇپ، ئۇيغۇرچە فونت، كىرگۈزگۈچ قاچىلاپ ئايفوننىڭ ھەقىقى ھوزۇرىنى سۈرۈشكە باشلىدى. ئۇيغۇرچە فونتتىن باشقا، ئايفوننى تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كېيىن ئىقتىدارنى كېڭەيتىدىغان يەنە نۇرغۇن ئېسىل قىستۇرمىلار بار بولۇپ، تۆۋەندە شۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەڭ نوچىلىرىنى تونۇشتۇرىمىز.

قىستۇرمىنىڭ نوچىسى Activator
‏Activator ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بارماق ھەركىتىنى تەڭشەيدىغان قىستۇرما. ئۇ بولسا ئايفوندا كۆپ نوقتىنى چېكىش، ھەر خىل سىيرىش ئارقىلىق ئۆزگىچە ئىقتىدارلارنى چىقىرىشقا بولىدۇ.

‏Activator 1.9.9 نەشىرى iOS9.2-9.3.3 نىڭ تۈرمىدىن قاچۇرغىنىغا ماسلاشتۇرۇلغان، ئايفونىڭىز (ئايپەد) تۈرمىدىن قاچقان بولسا Cydia دىن ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ.


Anywhere
بۇ قىستۇرما باشقىلارغا كۆرۈندىغان ئورۇن ئۇچۇرىنى ۋە ئايفوننىڭ تىپىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. كىيۇ كىيۇ بوشلۇقى، مىكروبلوگ قاتارلىقلاردىكى ئايفونىڭىزنىڭ تىپىنى، تۇرۋاتقان ئورننى خالىغانچە تەھرىرلىيەلەيسىز.



تور ئېقىمىنى نازارەت قىلىدىغان قىستۇرما DataMete
بۇ قىستۇرما سىزنىڭ تور ئېقىمىڭىزنى نازارەت قىلىدۇ، تور تېزلىكى ئۈستىدە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.



رەڭ تۈسىنى ئاپتۇماتىك تەڭشەش قىستۇرمىسى f.lux
بۇ قىستۇرما بىر كۈندىكى ھەر قايسى ۋاقىتتا ئايفوننىڭ رەڭ تۈسىنى ئاپتۇماتىك تەڭشەپ، كۆز تېلىشنىڭ ئازايتىدۇ. كېچىدە كۆز چارچاشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. توك تىجەيدۇ.


ھۈججەت باشقۇرغۇچ قىستۇرمىسى iFile
‏iFile ئىقتىدارى كۈچلۈك ھۈججەت باشقۇرغۇچ.


تېلېفۇن ئۇرغۇچ قىستۇرمىسى KuaiDial
ئايفونچىلار ئىنتايىن ياقتۇردىغان تېلفۇن ئۇرغۇچ قىستۇرمىسى. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى: تېلېفۇن ئۇرغۇچ، كەلگەن تېلېفون، ئۇرغان تېلېفون، سۆزلىشىش خاتىرىسى، قىسقا ئۇچۇر تىزىملىكىدە رايون تەۋەلىكى كۆرۈندۇ.


سىستېما ئۆزگەرتىش قىستۇرمىسى Springtomize3
بۇ قىستۇرما جانلاندۇرۇم، كۆپ ۋەزىپە، كونترول مەركىزى، ھۈججەت قىسقۇچى، Dock ، ئايكون، ئېكران قۇلپى، ئېكران باش بېتى، ھالەت سىتونى قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتەلەيدۇ.

Springtomize3 نىڭ 1.4.1-1 نەشىرى تۈرمىدىن قاچقان iOS9.3.3 گە ماسلاشتۇرۇلغان.

VirtualHome
ئىسىمىدىنلا چىقىپ تۇرىدۇ، بۇ فىزىكىلىق Home كە ئوخشاش مەۋھۇم كۇنۇپكا ھاسىل قىلدىغان قىستۇرما. بۇ قىستۇرما ئارقىلىق ھاسىل قىلغان مەۋھۇم كۇنۇپكىنى ئىشلەتكەندە ھەقىقى Home كۇنۇپكىسىنىڭ بېسىلىشىنى ئازايتىپ، ئۇپراپ بۇزلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تاق چېكىش، قوش چېكىش ھەرىكەتلىرىگە ھەر خىل ئىقتىدارلارنى قوشقىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ Home كۇنۇپكىسى مەلۇم سەۋەبتىن بۇزلۇپ قالغانلارغا ئىنتايىن زۆرۈر قىستۇرما.


ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش14 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن10 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

27ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
apirat ۋاقتى: 2016-7-31 15:18:10
تورداشلار ئارىسىدا 5s تېلىفۇننى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ باققانلار بامۇ ؟ قاچقاندىن كېيىن قانداق ئەھۋال كۆرۈلدى ؟ بىردەك ئورتاقلاشقان بولساق
تۆر
Nur1800 ۋاقتى: 2016-7-31 00:25:13
بىزمۇ ئەمدى تۆرمىدىن قاچساق بۇلدىغان ئۇخشايدۇ
گىلەم
yasman ۋاقتى: 2016-7-31 00:30:49
نىمىمۇ قىلاتىڭلار تۇرمىدىن قاچۇرۇپ ئۇنى ؟ بەرىبىر ساقچىلار تۇتۇۋالىدۇ شۇ !
ئورۇندۇق
kara_iz ۋاقتى: 2016-7-31 01:06:50
قىستۇرما مەنبەسىنىمۇ قوشۇپ قويغان بولسىڭىز تولۇق بوپ كېتەتتىكەن ، مۇشۇ ئالمىنىڭ مەنبە ئىشى بەك باش ئاغرىتىدىكەن ، يەنە تېخى قىستۇرما نەشىرى دىگەندەك
5-قەۋەت
ablikim117 ۋاقتى: 2016-7-31 03:12:43
ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار ياخشىمۇسىلەر ،مەندە ئالما 6دىن بىرسى بار ئىدى سىستىمىسى 9.2بۇنى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ فونت قاچىلسام بەزى خەتلەر نورمال كۆرۈندى لىكىن  ئۈندىدار سالوننىڭ خەتلىرى ئۇلاشماي چىقىۋالدى نۇرغۇن فونىتنى ئالماشتۇرۇپ باقتىم يەنە بولمىدى بۇنى ئوڭشاشقا ئامال بامۇ ،مانا مانىڭدەك

image.jpeg (83.04 KB, چۈشۈرۈش سانى: 10)

image.jpeg

image.jpeg (79.59 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2)

image.jpeg

image.jpeg (47.98 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2)

image.jpeg
6-قەۋەت
ablikim117 ۋاقتى: 2016-7-31 03:16:08
9.2نىڭ ئەسلىدىكى فونىت ھۈججىتىنى ياكى بولمىسا ياخشىراق فونت بولسا ئەۋەتىپ بەرگەن بولساڭلار بوپتىكەن QQ361475238
7-قەۋەت
eliyar120 ۋاقتى: 2016-7-31 14:19:08
نوچىراق مەنبە بولسا تەۋسىيە قىلىڭلا باللا   
9-قەۋەت
subat118 ۋاقتى: 2016-7-31 18:28:16
قىززىق گەپ قىلىدىكەنسىلە باللا تىلىفۇننى تۈرمىدىن قاچۇرسا ساقچىلارنىڭ نىمە ئىشى ئۇنىڭ بىلەن
10-قەۋەت
mi你oylam三 ۋاقتى: 2016-7-31 23:51:11
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باللا ، مۇشۇ ۋاختىڭلار خەيىرلىك بولسۇن ، مەن تىلفۇننى تۇرمىدىن قاچۇرماي ئىشلىتىۋاتقىلى بىر يىلچە بۇلاي دەپتۇ ، شۇڭا ھازىر ھەممە مەنبەلەرنى ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن ، ماڭا مۇشۇ ئۇيغۇرچە فونىت بار مەنبەلەر بولسا دەپ بەرسەڭلار بوپتىكەن.
11-قەۋەت
salamjan33 ۋاقتى: 2016-8-1 00:52:58
توغرا ئۇيغۇرچە فونىت بار مەنبەلەرنىڭ ئادېرىسىنى بىلىدىغانلار بەھىرلىۋەتمەمسىلەر!
12-قەۋەت
salamjan33 ۋاقتى: 2016-8-1 00:55:24
ھە راس باللا مەخسۇس ئالما مەھسۇلاتلىرى بىلەن ھەپلىشىدىغان مۇنبەرلە يوقمۇ ؟
13-قەۋەت
mardan323 ۋاقتى: 2016-8-1 10:03:23
دوسلار ئۇيغۇرچە فونت تەۋسىيە قىلساڭلار ،تۈرمىدىن قاچۇرغاننىڭ ھۇزۇرىنى بىر  سۈرەي دىگەن
14-قەۋەت
mi你oylam三 ۋاقتى: 2016-8-1 11:55:38
9.3.3 سىستىمىغا شىراق مەنبەسىدىكى ماك ئېكران فونتى نۇرمال ماس كېلىدىكەن .
مەنبە ئادرىسى : cydia.shiraq.com
15-قەۋەت
13399794872 ۋاقتى: 2016-8-2 00:04:04
بۇنى تېلىفۇنغا قانداق قاچىلايمىز دەپ بەرسىڭىز
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部