+تېما يوللاش
ho.ali يوللانغان ۋاقتى:2017-4-26 12:20 5457 قېتىم كۆرۈلدى 24 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش

شىنخۇا تورى خەۋىرى. فرانسىيە «فىگارو گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا, ئامېرىكا تەتقىقات خادىملىرى ئەگكىلى بولىدىغان, ئىشلىتىش ۋاقتى ئۇزۇن, بىر قانچە سېكۇنتتىلا تولۇق زەرەتلىگىلى بولىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى باتارېيەنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان. بۇ باتارېيە ئارقىلىق يانفوننى بىر قانچە سېكۇنت زەرەتلەپلا بىر ھەپتىگىچە ئىشلەتكىلى بولىدىكەن.
ئۇنىڭدىن سىرت, بۇ باتارېيە 30 مىڭ قېتىم زەرەتلەنگەندىن كېيىنمۇ تەركىبى خورىمايدىكەن, توك ساقلاش ئىقتىدارى ئۆزگەرمەيدىكەن. ھازىر ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىۋاتقان لىتىي باتارېيە سەپلەنگەن يانفوننى 18 ئاي ئىشلىتىپ, 1500 قېتىم زەرەتلىگەندىن كېيىن, باتارېيەنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ.
تەتقىقاتچىلار نانومېتر ماتېرىيالى ئارقىلىق باتارېيەنىڭ توك ساقلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغان. چوڭ-كىچىكلىكى ئادەتتىكى باتارېيەچىلىك كېلىدىغان بۇ باتارېيەنىڭ توك ساقلاش ئىقتىدارى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان. بۇ باتارېيە نەچچە مىليون نانومېتر يىپىدىن تۈزۈلگەن. ئادەتتىكى باتارېيەلەر خىمىيىلىك رېئاكسىيە ئارقىلىق زەرەتلىنىدۇ, بىراق بۇ باتارېيەنىڭ توك مىقدارى تىنچ ھالەتتە باتارېيەنى تەشكىل قىلغان جىسىمنىڭ يۈزىدە ساقلىنىدىكەن, شۇڭا پارتلاش خەۋپى يوق ئىكەن.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا, بۇ باتارېيەنى يانفون ۋە ئېلېكتر مەھسۇلاتلىرىغا ئىشلىتىشتىن سىرت, يەنە توكسىكلىتقىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن سىرت, ئۇ ئىگىلىشچان بولغاچقا, كىيىم جابدۇقلارغىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدىكەن.
تەتقىق قىلىپ ياساشقا قاتناشقان نىتىن چودخارىينىڭ ئېيتىشىچە, ھازىرقى كىچىك تىپتىكى ئېلېكتر مەھسۇلاتلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا, بۇ باتارېيە ئىقتىدارى, مۇقىملىقى قاتارلىق ھەر قايسى جەھەتلەردە باشقا تېخنىكىلاردىن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن. بۇ تېخنىكىنى ھازىرچە سودا ئىشلىرىغا ئىشلىتىش پىلانلانماپتۇ. بىراق بۇ تەتقىقات نۇرغۇن ساھەلەرگە پۇرسەت ئېلىپ كېلىدىكەن.

mmexport1493179612843.jpg (57.67 KB, چۈشۈرۈش سانى: 16)

mmexport1493179612843.jpg
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش4 ھەمبەھرھەمبەھر1 قوللايمەنقوللايمەن16 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

24ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
tograk520 ۋاقتى: 2017-4-26 12:58:26
بۇ باتارىيەنىڭ بىزگە يىتىپ كىلىشىگە خېلى بىر زامانلار كىتىشى مۇمكىن
گىلەم
barhan88 ۋاقتى: 2017-4-26 12:59:47
سامسۇڭ Note7 نىڭ باتارىيەسىدىن چاتاق چىققاندا باتارىيە تېخنىكىسى يۇقىرى چەككە يەتتى ، زورلاپ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ مۇشۇ مەسىلە كىلىپ چىقتى دىگەندەك سۆزلەر بولۇنغاندا مەن ئىشەنمىگەن .مانا ئۇزۇن ئۆتمەي يېڭى تېخنىكا بارلىققا كەپتۇ.مىنىڭ قارىشىمدا ھازىرقى بىز ھەيران قىلىۋاتقان نۇرغۇن تېخنىكىلار تېخى بىخ ھالىتىدە .ئۆمرىمىز بولسا ئۇلارنىڭ كونىلىققا ئايلىنىدىغانلىقىغا شاھىد بولىمىز.
ئورۇندۇق
ho.ali ۋاقتى: 2017-4-26 13:14:01
ئەگەر بازارغا سالسىلا دۆلىتىمىز جۇڭگۇدا بازار تىپىپ كىتىدۇ بۇ كاساپەت، كىيىنكى تىلفۇنلاردا ئىشلەتسە مۇشۇ باتارىيەنى ياخشى بولاتتى ھە
5-قەۋەت
oyqan1 ۋاقتى: 2017-4-26 13:35:46
بۇ باتارىيە خېلى نىپىزدەك قىلىدۇ  . ئەگەر ئىشلىپ قالسا يان تېلفۇنلار تېخىمۇ نىپىز ئىشلەپچىقىرىلغۇدەك.
6-قەۋەت
palqi ۋاقتى: 2017-4-26 13:44:53
يەنا  ئون يىلدا  كۇرىشەمىز  بو  باتارىيە بىلەن  
7-قەۋەت
x11 ۋاقتى: 2017-4-26 14:41:30
كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس                        
8-قەۋەت
adiljan3359 ۋاقتى: 2017-4-26 16:16:37
بۇ باتارىينى ئاپتوموبىل ۋە توكسىكلىتلارغا ئىشىلتىلسە ئالامەت ئىش بولاتتىكەن …ئادەتتە بىر ھەپتە توكى يىتىدىغان ئەقلى ئىقتىدىدارلىق تىلفۇن يوق بۇلۇش قاپقىقنى چۆرۈپ تاشلىغۇدەك تىزراق ئىشىلتىلسە بولاتتى ئەمما بۇ خەق شامال چىقرىپ بوران كەلگۈچە يوقاپلا كىتىدۇ
9-قەۋەت
خام ۋاقتى: 2017-4-26 20:11:56
مىنىڭچە دىيارىمىزغا يىتىپ كىلىشكە ئۇنچە جىق ۋاقىت كەتمەيدۇ، ھازىر يېڭى يېڭى تىخنىكىلار توختىماي چىقىۋاتىدۇ، بۇ تىخنىكا تىخى رەسمى ھالدا قوللىنىلمىغان بولىشى مۇمكىن، رەسمى ھالدا قوللىنىلسا تىزلا ئومۇملىشىپ كىتىشىدە ئۈمىد بار، لىكىنزە باھاسىمۇ ئۆزىگە لايىق بولامدىكى بۇ كاساپەتنىڭ
10-قەۋەت
tiz ۋاقتى: 2017-4-26 21:01:37
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باللا باتارىيە سەمىرىپ قالسا ئوڭشىغىنى بولامدۇ بۇلىدىغانلار دەپ بەرسەڭلار.
11-قەۋەت
yalkun00998 ۋاقتى: 2017-4-26 22:33:46
تەننەرخىمۇ بەك يۇقىرى چىقارمىكىن بۇنىڭ
12-قەۋەت
ئالپ520 ۋاقتى: 2017-4-26 23:17:54
ئىشقىلىپ بۇ باتارىيەنى ئىشلەتسىمۇ قىممەت تېلېفونلارغا ئىشلىتىدۇ تۆت مىڭ بەش مىڭ يەتتە سەككىز مىڭ دېگەندەك.     ئەمدى ئادەتتىكى باتارىيە ئىشلەتكەن ، تېلېفوننىڭ باھاسى چۈشىدىغان بولدى.
13-قەۋەت
sadda(boy)006 ۋاقتى: 2017-4-27 01:41:49
ho.ali يوللىغان ۋاقتى  2017-4-26 13:14
ئەگەر بازارغا سالسىلا دۆلىتىمىز جۇڭگۇدا بازار تىپىپ ك ...

دۆلىتىمىز ئ‍ۇلارنىڭ تېخنىكىسىنى بىلىۋالدىمۇ بولدى    ، دۆلىتىمىزدە بازار تېپىشىدا گەپ يوق ، ئ‍
14-قەۋەت
abdut ۋاقتى: 2017-4-27 02:12:48
مەن   ئۇزۇندىن بۇيان خىيال قىلاتتىم  بۇباتارىيەنى  ئاخىرى ياساپتۇدە
خىيالىمدىكى باتارىيە  كىچىك   ئەمما كۆپ ئىنىرگىيەلىك   بۇلۇشتى  
15-قەۋەت
بوران520 ۋاقتى: 2017-4-27 02:14:37
جۇڭگودا بۇ چاغقا زھپىرىنى ياساپ بولدىمۇ كىم بىلدۇ.
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部