+تېما يوللاش
weli يوللانغان ۋاقتى:2016-8-22 18:37 4238 قېتىم كۆرۈلدى 29 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
مەن بايىلا بىر جىياڭسۇ يىۋۇدىن تىلىفۇن (18051940256)قوبۇل قىلدىم، ئۇ ماڭا مەن مال سېتىۋالغان بىر تاۋباۋ دۇكىنىنىڭ خىزمەتچىسى ئىكەنلىكىنى مەن سېتىۋالغان مال گەرچە تېز يەتكۈزۈشتىن سىلىنغان بولسىمۇ بىر قانداق سىستىمىلار سەۋەبىدىن (تولۇق چۈشىنەلمىدىم) مال ئەۋەرتىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولمايدىغانلىقىنى، مىنىڭ 申请退款 قىلىشىم لازىملىقىنى شۇنداقلا تىلىفۇنۇمغا بىر قىسقا ئۇچۇر (18358235770) ئەۋەرتىپ شۇ تور ئادرىسقا http://gbwkq.com/كىرىپ جەزىملىشىمنى تەلەپ قىلدى. قارىسام بۇ تور ئادرىسى تاۋباۋ ئادرىسى ئەمەس، مەندە ئازراق گۇمان پەيدا بولۇپ ئۇ ئادرىسقا تاۋباۋ ھىساباتىمىنى كىرگۈزمەي داۋاملىق پاراڭلاشتىم. ئۇمەندىن QQ ياكى ئۈندىدار ئارقىلىق پاراڭلىشىشنى تەلەپ قىلدى (چۈنكى مىنىڭ خەنزۇچە ئاڭلاش سەۋىيەم تۆۋەن كەلدى). مەن ئالى ۋاڭ ۋاڭ ئارقىلىق پاراڭلىشىشنى دىسەم ئۇ ئۇچۇر قوبۇل قىلىش ئەۋەتىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئىيتىپ يەنە ئۆز گىپىنى يورغىلاتتى. مىنىڭ گۇمانىم تېخىمۇ كۈچەيدى. تىلىفۇننى ئايالىمغا بىرىپ ئۆزۈم كومپىيوتىردا تاۋباۋ ھىسابىمنى ئېچىپ 申请退款 دىگەنلەرنى قىلىپ ئۈلگۈردۈم. قارشى تەرەپمۇ سۆزلەپ زىرىكمىدى. مەن ئاخىرى ئالى ۋاڭ ۋاڭ دىلا پاراڭلىشىشتا چىڭ تۇرسام قارشى تەرەپ تىلىفۇننى قويىۋىتىپ يوقالدى.
مەن مال سىتېۋالغان دۇكان بىلەن ئالاقە قىلسام ئۇ تەپسىلاتلاردىن خەۋەر تىپىپ ئۇنداق خىزمەتچىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئالدامچىدىن ھەزەر ئەيلىشىمنى جىكلىدى، ھەمدە مىنىڭ مىلىمنىڭ نورمال ئەۋەتىلىۋاتقانلىقىنى ئىيىتتى.
دىمەك مەن قىسقا ئۇچۇردىكى تور ئۇلىنىشقا تاۋباۋ ھىساباتىمنى كىرگۈزگەن بولسام ئىش چاتاق بولاركەن.....
ھەممەيلەن مۇشۇنىڭدەك ۋە باشقا شەكىلدىكى ئالدامچىلىقىلاردىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەيلى!!!....
بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىپ ئۆگىنىپ سەۋىيەمىزنى يۇقىرى كۆتىرىشىمىز كېرەك.
2016-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت: چۈشتن كېيىن 16:22

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +3 يىغىش سەۋەبى
ئاتلان520 + 3 مەن قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن7 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

29ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
yusup383 ۋاقتى: 2016-8-22 18:47:41
ھەقىقەتەن دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشكەن تەرەققى قىلغانسىرى تور ئالدامچىلىرمۇ بەك ئاينىپ كەتتى ، سەللا دىققەت قىلمىساق ئىش چاتاق ،  
گىلەم
umudwar ۋاقتى: 2016-8-22 18:54:36
ناھايىتى ياخشى دەرس بوپتۇ
بىزلەرمۇ بۇندىن كېيىن دېققەت قىلىشىمىز  كېرەككەن
ئورۇندۇق
rewayat353 ۋاقتى: 2016-8-22 18:56:57
مەنمۇ توردىن بىرنەرسە سىتىۋالغاندا بىرقانچە قىتىم  تېلېفونلار كەلگەن .
5-قەۋەت
Blu_Wolf ۋاقتى: 2016-8-22 19:05:50
شۇ ، دىققەت قىممىسا ئالدىندىغان گەپ ، مال ئالغاندا دوكاننىڭ مالنىڭ ئىشەنچلىك تەرپىنى ئالدىن ئويلاشقان تۈزۈك ،
6-قەۋەت
alipalim ۋاقتى: 2016-8-22 19:05:58
بۇنداق ئالدامچىلار شىنجاڭلىقلارنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى قانداق بىلۋالدىغاندۇ  مەنمۇ تاۋباۋدىن 72  يۈەنگە  ، توكسىكلىت  نىڭ چوڭدىيەنجىسىنى سېتىۋالغان  ئىككى ئاي بولدى كەلمىدى
ئۇ خومسىلار بىلەن قانچە، كۈرۈشۈپمۇ ئەكەلدۈرگىلى  بولمىدى،
مۇشۇ ئېلىكتىرونلۇق سودا سېتىق ئېلىم سېتىم ئىشلىرىدا نۇرغۇن
ئالدامچىلىقلار مەۋجۇت  
شۇڭا ھەممىمىز قاتتىق دىققەت قىلايلى
7-قەۋەت
qinar120 ۋاقتى: 2016-8-22 19:06:22
مەنغۇ ئەزەلدىن تاۋباۋدىن مال سېتىۋالمايمەن ،تاۋباۋدىمۇ مال ئەرزان  ئەمەس ئەرزان دىگەن تەقدىردىمۇ  كىرا ھەققىنى ھىساپلاپ كەلسەك جىڭدۇڭدىكى قىممەت چىقىدۇ
8-قەۋەت
wapadar12345 ۋاقتى: 2016-8-22 19:26:11
مەنمۇ تاۋباۋدىن ئېلىپ باققان ، لېكىن جىڭدۇڭنى ئىشەنچلىك كۆردۈم .
9-قەۋەت
yigana240 ۋاقتى: 2016-8-22 20:00:41
ماڭىمۇ كەپتىكەن بىر نەچە قېتىم ماڭا گەپ چۈشەندۈرەلمەي چىكىندى خەنزۇچە سەۋىيەرىم ياخشى ئەمەس نىمدىسە تىڭبۇدۇڭ دەپ تۇرۋالدىم
10-قەۋەت
(tan:ha:boy)? ۋاقتى: 2016-8-22 20:13:54
رەھمەت قېرىندىشىم جاپا چىكىپسېلەر
دېققەت قىلايلى قېرىنداشلار تور سودىسى
يۇقۇر چەككە يەتكەنسېرى ئالدامچىلارمۇ
قۇۋ بۇپ كەتتى
11-قەۋەت
umak003 ۋاقتى: 2016-8-22 20:30:15
ئۇزۇن گەپنىڭ قىسىقىسى ھەتتا تاۋباۋنىڭ ئۈزىدىمۇ باشقىلار ئەۋەتكەن ئۇلانمىلارنى خالىغانچە چىكىشكە بولمايدۇ.چۇقۇم دىققەت قىلىش كىرەك .ئامال بار ئۇلانمىلارغا كىرمەي مالنى ئۈزىمىز ئىزدەپ كىرەگەن دۇكاندىن بېسىپ سېتۋېلىشىمىز كىرەك .مانىڭغا ئوخشاش ئىچىدە تاۋباۋ دەپ خېتىمۇ يوق ئادرىسنى ئەۋەتسە پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ھاجىتى يوق.بىرلا ئېغىز گەپ给我滚牲口.دەپلا قويساق ئۈزىنى بىلىپ بېسىقىپ قالدۇ.
12-قەۋەت
alim8424 ۋاقتى: 2016-8-22 20:30:32
رەھمەت  قېرىندىشىم  بىلۋالدۇك  ماڭمۇ  بىر قېتىم  كەپتى خەنزۇچە  سەۋيەم ياخشى  ئەمستى قۇيۋەتتىم  سۆزلە ۋىرىپتى
13-قەۋەت
abjsoft ۋاقتى: 2016-8-22 20:32:34
taobao.com
1688.com
tianmao.com
دىن باشقا ئادىسقا قەتئى تاۋباۋ ھىساۋاتىڭىزنى كىرگۈزمەسلىكىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز
14-قەۋەت
ئاتلان520 ۋاقتى: 2016-8-22 23:12:17
مۇشۇنداق   ئاگاھلاندۇرۇش   تۈردىكى   تېمىنى  يوللاپ  ھەممىمىزگە  ئەسكەرتكىنڭىزگە  كۆپ  رەھمەت          مەنغۇ   ئۇنداق   ئىشلارغا  يۇلۇقۇپ  باقمىدىم    بۇندىن  كىيىن   يۇلۇقمايمەن  دىگىلى  بولمايدۇ  شۇنىڭ  ئۈچۈن   بولسىمۇ    ھۇشيار  تۇزغۇنۇم   ياخشى         تېما  ئىگىسى  رەھمەت  سىزگە
15-قەۋەت
xagirt0997 ۋاقتى: 2016-8-22 23:42:54
يىۋۇنىڭ يېز يەتكۈزۈش سېستىمىسىدىن راسلا چاتاق چىقتىمۇ نىمە?مەنمۇ 16-چىسلا ئالغان مالنى 18-چىسلا يىۋۇدا بىرتەرەپ قىلىۋاتىدۇ دەپ ئۇچۇر چىققان ئىدى، بۈگۈن قارىسام ھازىرغىچە شۇ ئۇچۇر ئۆزگەرمەپتۇ. مال سېتىۋالغان دۇكان خادىمى بىلەن ئالاقىلاشسام سېستىمىا كاشىلىسى تۈپەيلى ئىلگىركى زاكاس نۇمۇرىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىگىنى ئېيتىپ يېڭى زاكاس نۇمۇرىنى يوللاپ بەرگەن ئىدى، بەيدۇدىن تەكشۈرسەم تۇللۇق ئۇچۇرىنىڭ ھەممىسى چىقتى…
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部