+تېما يوللاش
begmurad يوللانغان ۋاقتى:2013-10-5 14:18 4260 قېتىم كۆرۈلدى 40 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
   ئەسسالامۇئەلەيكۇم  !
ئالدى بىلەن ئالىپ تورىدىكى بارلىق تورداشلار ۋە باشقۇرغۇچىلارغا سالىمىنى يوللايمەن. مەن سىلەرگە  ۋىندوۋس8 نىڭ دۈشمىنىنى ئىلىپ كەلدىم. ئۇيغۇرلارنىڭ كومىيۇتىر ئىشلىتىش ھالىتىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان بۇ سىستېما كەڭ جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشمەكچى؛  نىمە ئۈچۈن ۋىندوۋس 8نىڭ قاتىلى دەيمىز؟ چۈنكى ۋىندوۋس 8 ئېلان قىلىنغىلى خېلى بولغان بولسىمۇ ھازىرغىچە ئەتراپىمىزدا بىرەرىنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنى ئۇقىمىدىم تورلاردىمۇ ئىشلىتىپ باققان بىرەرىنىڭ  ئۇنى ياخشى دىگىنىنى ئۇچراتمىدىم.
ۋىندوۋس8 نىڭ 2000 يۈئەنلىك سىستىمىسى ئۇيغۇرلاردا ئۇمۇملىشىشى بۇ بىر مەسلە، ئەمما ئازادە-ئۇيغۇرئىكىس بولسا ھەقسىز. لىنۇكىس سىستېمىلىرىنى توردىن بىۋاستە ھەقسىز چۈشۈرۈپ ئىشلىتەلەيسىز شۇنداقلا ئۆزىڭىز قول سىلىپ پىروگىرامما تۈزۈشكە قاتنىشالايسىز ۋە ئېلان قىلالايسىز. بۇ جەھەتتىن ۋىندوسنىڭ  ئىشلەتكۈچىلەرنى ئويلىماستىن پەقەت پۇل تىپىشنىلا ئويلايدىغان مۇنۇپۇل رامكىسىغا كۈچلۈك رىقابەت ئىلىپ كەلگۈسى.
  
قىنى بۇ قىتىم ئېلان قىلىنىدىغان ئازادە-ئۇيغۇرئىكىسنىڭ كۆرۈنمە يۈزىدىن بىر قانچىنى كۆرۈپ باقايلى.
     
  
بىر قىسىم رەسىملەرنى يوللىيالماي قالدىم كەچۈرۈڭلار . بىۋاستە ئەسلى يازمىغا كىرىپ كۆرەسىز.
بۇ قىتىمقى نۇسخسى تۇلۇق قۇلايلىق نۇسخا بۇلۇپ، مەيلى سىز بۇرۇن ئۇيغۇرئىكىس دىگەننى ئاڭلاپ باقمىغان بۇلۇڭ ياكى ئىشلىتىپ كۆنەلمەستىن ۋاز كەچكەن بۇلۇڭ ئوخشاشلا ئىنتايىن ئاسان ئىشلىتپ كىتەلەيسىز. قاچىلاپ ئىشلىتىش ئاسان پەقەت سىز ئۆز يىزىقىڭىزنى بىلسىڭىزلا بىمالال قاچىلاپ ئىشلتەلەيسز ، ئىشلەتكۈچىلەرنى ئاساس قىلىپ تۈزۈلگەن بۇلۇپ باش ئىرانغا ئىككى پارچە چۈشۈندۈرۈش كىتابى قۇيۇلغان.  بۇلارنىڭ بىرى قاچىلاش چۈشەندۈرىشى يەنە بىرى ئازادە-ئۇيغۇرئىكىسنى قىسقىچە ئىشلىتىش قوللانمىسى.  بىز دائىم ئىشلىتىدىغان   YY ,QQ،  kugou  مۇزىكا قويغۇچىلار قۇيۇلغان يەنە بوشلۇقتىكى  توپ ئۇيۇنى قاچىلانغان، شاھماتمۇ بار قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن يىڭىلاش ، فۇنت تەڭشەش ۋە كىرەكلىك دىتاللارنىڭ بىر- بىرلەپ قاچىلاپ ئولتۇرۇشنڭ ھاجىتى يوق. بۇرۇن ئىشلىتىپ باقمىغان ئادەممۇ نورمال قاچىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ.
چۈشۈرۈش ئادرىسى [/url]   
ئەسلى يازما ئارىسى؛[url]http://auyghurix.com/?p=189

  ئازادە-ئۇيغۇرئىكىسنىڭ يەنە بىر ئىختىيارىي نۇسخسى بۇلۇپ ئۇيغۇرئىكىستىن ئازراق خەۋىرى بارلار ئۇنى ئىشلىتىپ باقسىمۇ بۇلىدۇ. ئازادە-ئۇيغۇرئىكس تۇغۇرلۇق تىخمۇ كۆپ مەزمۇنلارغا قىزىقسىڭىز بىۋاستە ئورگان بىتىگە كىرىڭ www.auyghurix.com    .
ئىلخەت؛ bagmurat@foxmail.com      
QQ :1498134577                           
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش10 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن2 قوللىمايمەنقوللىمايمەن
www.begmurad.wix.com/yaqupjan

40ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
بەھرام710 ۋاقتى: 2013-10-5 15:26:38
مۇشۇ ۋىن8 گە قاچلىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى قاچلىغىلى بۇلامدۇ؟
گىلەم
008 ۋاقتى: 2013-10-5 16:07:50
ۋاھ  ۋاھ  بەك ياخشى بوپتۇ  ھارمىغايسىلەر
ئورۇندۇق
turkzad ۋاقتى: 2013-10-5 16:43:16
چۈنكى ۋىندوۋس 8 ئېلان قىلىنغىلى خېلى بولغان بولسىمۇ ھازىرغىچە ئەتراپىمىزدا بىرەرىنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنى ئۇقىمىدىم تورلاردىمۇ ئىشلىتىپ باققان بىرەرىنىڭ  ئۇنى ياخشى دىگىنىنى ئۇچراتمىدىم.

مەن ئىشلىتىۋاتىمەن. مىنىڭ دوستلىرىممۇ ئىشلىتىۋاتىدۇ. مىنىڭچە  ۋىندوۋس 8 ناھايىتى ياخشى ئىشلەنگەن سېستىما ئىكەن...
5-قەۋەت
uran ۋاقتى: 2013-10-5 16:56:19
يېڭى بىر شەيئىنى تونۇشتۇرغاندا ئەسلى بار بولغان،كۆپچىلىككە تونۇشلۇق شەيئىنى چۆكۈرۈش،كەمسىتىش  تەلەپپۇزىدا سۆزلەش نە ھاجەت،لىنۇكىس ئاساسىدىكى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان بۇ سېستىمىنى تونۇشتۇرغاندىكىن شۇنىڭلا پارىڭىنى قىلسىڭىزچۇ،windows8نىڭ بازار ئۈلۈشى 8%كە چىقتى،دېمەك نەچچە ئون مىلىيۇن ئابونىت ئۇنى ئىشلىتىۋاتىدۇ دېگەن گەپ،ئويۇن ماشىنىسىدىن قالسىلا،ۋىندوۋىس سۇپىسىدىكى ئويۇنلار ئەڭ سەر خىل،مۇتلەق كۆپ دېتاللارمۇ ۋىندوۋىس ئۈچۈنلا تۈزۈلىدۇ،ۋىندوۋىس8كە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇلدى،ئۇيغۇر ئېكىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق لىنۇكىس سېستىما ئابونىتلىرىنى قوشسىمۇ تارقىتىلغىلى بىر يىل بولغان ۋىندوۋىس8نىڭ ئابونىتلىرىغا يەتمەيدۇ،سۆزلىگەندە كىچىك پىئېل بولغۇلۇق
6-قەۋەت
ئەزمەت ۋاقتى: 2013-10-5 16:59:29
مەن ۋىن8 نى 248 يۈەنگە سېتىۋېلىپ قاچىلاتقان ئۈچ ئاي ئاران چىدىدىم يەنە ۋىن ئېكىسپى قاچىلىۋالدىم ، چۈنكى مەن ئىشلىتىۋاتقان قۇشۇمچە چاتما ئۈسكىنلەرنى تۇنۇتالماي بەك ئاۋارە بولغاچقا كۈنەلمىدىم . ئەمدى بۇنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ئىشلىتىپ كۈرەي رەخمەت سىزگە
7-قەۋەت
UYGHURBIZM ۋاقتى: 2013-10-5 17:22:13
مەيلى نېمە بولمىسۇن ھەممىسىلا ئۇيغۇرلارنىڭ it ئىشلىرى ئۈچۈن ،بىزنىڭ  تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا ئاپرىن! قىزىقىدىغانلار ئىشلىتىپ باقسا بولىدۇ ،ئارتۇق گەپ ھاجەتسىز!来自: Android客户端
8-قەۋەت
karwanlar ۋاقتى: 2013-10-5 17:38:21
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karwanlar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-5 17:47  

نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىمىز ، چوقۇم يەنە بىر تەرەپنى 0گە چىقىرىۋىتىش كىرەكمۇ ؟
نۇقۇل ھالدا پۇل تىپىشنىلا مەقسەت قىلغان دىيىش كىتەمدۇ .؟
ئەلۋەتتە بىرئىش قىلغان ئىكەن دىمەك مەقسەت بولىدۇ ، پۇل تېپىشمۇ شۇ مەقسەتنىڭ ئىچىدە ..يەنە بۇ مەقسەتلەرنىڭ ئىچىدە ، ئۇتۇق قازىنىش ، قىزىقىش، ئىنسانىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش قاتارلىقلارمۇ بار .شۇنچىلىك كۆپ ئادەم كۈچى ۋە ۋاقىتقا تايىنىڭ مۇشۇنداق بىر باشقىلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئىرىشكەن نەرسىنى ياساپ پۇلغا ساتسا بۇ بولماپتىما .ئاشۇ كۆپ ئادەم كۈچىىڭ ھەممىسى بانكا تەشمەيدۇ شۇ مۇشۇنى ياساپ جان باقىدۇ ...ھېلىمۇ ياخشى دۆلىتىمىز كومپيۇتېر ساھەسىدە ھەقسىز نەرسىلەر  ساماندەك بولمىسا يەنە نىمە دەرتۇقكى تاڭ ..
يەنە بىرگە سىز بىرنىمۇ كۆرمىدىم دەپسىز، مېنىڭچە چوقۇم ئۆزىڭىز ئىشلەتمىگەچكىلا مۇشۇنداق دەۋاتىسىز ..2000 يۈەن دەپسىز، دەسلەپتە 98 يۈەنگە خېلى مەزگىلگىچە ساتقان ۋاقىتنى ئۇنتۇپ قالدۇقما ، كېيىن يەنە بىر مەزگىل248 يۈەن بولدى ..مېنىڭ ئۆيدىكى ئۈستەل كومپيۇتېرىدا 98 يۈەنگە سېتىۋالغىنى بار ، دەسلەپ چىققاندىلا ئىشلىتىشنى باشلىغان ، كېيىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىققاندا قاچىلاپ ئىشلەتتىم ، ھازىر ئۆزۈم خىزمەت بىلەن خاتىرە كومپيۇتېر ئىشلەتكەچكە ئۇنى دادام ئىشلىتىۋاتىدۇ ، دادامدەك باشقا تىلدىن تازا ساۋادى يوقلارغا بۇ سىستېما بەك قۇلايلىق بىلىندى ، يەنە كىلىپ سىستېمىنىڭ يەڭگىللىكىگە گەپ كەتمەيدۇ ..قولايلىقلىق جەھەتتە windows سىىستېمىلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى  مەن كۆپ سۆزلىمىسەممۇ ھەممەيلەننىڭ ھەتتا سىزنىڭمۇ كۆڭلىڭىزگە ئايان ...سىز دىگەن ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنى مەنمۇ ئىشلەتكەن بۇرۇن  ھازىرمۇ ئانچە مۇنچە قاچىلاپ ئىشلىتىمەن ، ئاساسلىقى linux ئاساسىسدىكى ئاندرويدتەك پروگراممىلارنى تەھرىرلەش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغاندا قاچىلاپ باقىمەن ، بولمىسا ئاساسەن ئىشلەتمەيمەن ..شۇڭا كۆزىمىزنى يۇمۇپلا سۆزلەۋەرمەيلى .
9-قەۋەت
karwanlar ۋاقتى: 2013-10-5 17:41:13
windows8 سىستېمىسى يېڭى چىققاچقا كومپيۇتېرغا بولغان تەلەپمۇ بىر ئاز يۇقىرى بولىدۇ ، شۇڭا كومپيۇتېرنىڭ سەپلىمىسى ياخشى بولسا بۇ سىستېما ئاتتەك ئىشلەيدۇ ..
10-قەۋەت
alptegin ۋاقتى: 2013-10-5 17:42:36
ئەزمەت يوللىغان ۋاقتى  2013-10-5 16:59
مەن ۋىن8 نى 248 يۈەنگە سېتىۋېلىپ قاچىلاتقان ئۈچ ئاي ئارا ...

ياماقلارنى تولۇق قاچىلىغان بولسىڭىز ئۇنداق بولمايتتى قېرىندىشىم
11-قەۋەت
tudajimamat ۋاقتى: 2013-10-5 18:03:24
ۋىندوۋىس 7 بىلەن  بىللە قاچىلاپ ئشلەتكىلى بولامدۇ؟
12-قەۋەت
abdulla156 ۋاقتى: 2013-10-5 18:47:12
قانداخلا بولسۇن باشقىلار نىمىلا دىسۇن سىزگە كۆپ رەھمىتىمنى بىلدۈرمەن !  ئانا تىلىمىزنى قوغدايلى قېرىنداشلار! نىمىلا بولسۇن ئانا تىلىمىز قېتىلغان سېستىمىكەن .رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى يېڭىلىقلارنى ئالىپتىن ئايمىغايسىز来自: Android客户端
13-قەۋەت
acer ۋاقتى: 2013-10-5 18:49:57
مەنمۇ ۋىن7 كۆچۋالدىم، چاتما ئۈسكىنلەرنى تۇنۇتالماي
14-قەۋەت
Qiwer ۋاقتى: 2013-10-5 19:00:23
مەن win7 چىققاندىن  بۇيان شۇنىلا ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن،
15-قەۋەت
karwanlar ۋاقتى: 2013-10-5 19:22:39
Qiwer يوللىغان ۋاقتى  2013-10-5 19:00
مەن win7 چىققاندىن  بۇيان شۇنىلا ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن،

مىنىڭ خاتىرە كومپيۇتىرىمدىمۇ win7 بار، ياخشى ئسىستېما بۇ،
123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部