+تېما يوللاش
ansar630 يوللانغان ۋاقتى:2018-1-1 03:08 1560 قېتىم كۆرۈلدى 9 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
سالام ئالىپداشلار ، مەن يەنە كەلدىم . بۇگۈن  كۆپچىلىكنى ئالما تېلفۇنلىرىنىڭ ھەرقايسى نەشىردىكى سېستىمىلرىنى روتلاش دېتاللىرى تەمىنلەيمەن ھەم ئىشلىتىش ئۇسۇللىرىنى سۆزلەيمەن .
گەرچە بۇ دىتالار تورلاردا ئاللىقاچان ئېلان قىلىنىپ بولغان ھەم تورلاردا كەڭ تارقالغان بولسىمۇ ، يەنە كۆپ دوسلىرىمىزنىڭ بىلمەسلىك ، بىلسىمۇ چۈشۈرەلمەسلىك ، چۈشۈرسىمۇ ئىشلىتەلمەسلىك دىگەنلەرنى كۆزدە تۇتۇپ نەخ چۈشۈرۈش ئادرىسى  ۋە  ۋە ئەڭ ئاسان ئىشلىتىش ئۇسۇللىرىنى سۆزلەش ئۈچۈن بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن .

1 . ئاساسلىق ئىشلىتىلىۋاتقان سېستىمىلاردىن : 8.0 دىن 8.4 بولغان سېستىمىنىڭ روتلاش دىتالى ئاللىبۇرۇن كەڭ تارقىلىپ بولغان . شۇڭا  قايتا سۆزلەش ھاجەتسىز . ئەمما 8.4.1 نىڭ دېتالى ئارلىقتا تاشلىنىپ قالغان بۇلۇپ ، يېقىنقى مەزگىلدە 32 بىتلىق ئۈسكىنىلەرنىڭ بۇ دىتالى چىقتى . بۇ دېتال 8.4.1 سېستىمىلىق  5c ،5 ، 4s  ، iPad2 iPad mini، iPad4  iPad3  ئۈسكىنىلەرگە ماس كېلىدۇ . دېتال ئەپ شەكىللىك بولۇپ ، تېلفۇنغا قاچىلاپ ئەپ ئىچىدىن مەشغۇلات قىلىمىز . قاچىلاش ئۇسۇلىنى تېما ئاخىرىدا سۆزلەيمەن .  چۈشۈرۈش ئادرىسى :  باسسىڭىزلا چۈشىدۇ

2 . 64 بىتلىق ،يەنى : ئالما 5s تىن يۇقۇرى ئۈسكىنىلەرنىڭ 9.0 دىن 9.3.3 كىچە بولغان سېستىمىسىنىڭ روتلاش دېتالى ئاللىقاچان ئېلان قىلىنىپ بولغان بولۇپ ، بۇ توغرىسىدىمۇ كۆپ سۆزلەش بىھاجەت . ئەگەر ئېھتىياجلىق بولسىڭىز pp助手 يانفۇن ياردمچىسىگە قارىسىڭىز بولىدۇ . ئەمدى 32 بىتلىق ئۈسكىنىلەرنىڭ 9.1 دىن 9.3.4 كىچە بولغان سېستىمىلارنىڭ دېتالى چىققىلىمۇ خېلى بولدى . بۇ دېتال  iPhone 4s、iPhone 5、iPhone 5c、iPad 2、iPad 3、 iPad 4、iPad mini、iPod touch 5G قاتارلىق ئۈسكىنىلەرگە ماس كىلىدۇ . چۈشۈرۈش ئادرېسى : باسسىڭىزلا چۈشىدۇ    بۇمۇ ئوخشاشلا ئەپ شەكىللىك دېتال بۇلۇپ ،يانفۇنغا قاچىلاپ ئەپ ئىچىدىن مەشغۇلات قىلىمىز . ئەمدى بۇ نامۇكەممەل روتلاش بولۇپ ، يانفۇننى قايتا قوزغاتسىڭز روتنىمۇ قايتا ئاكتىپلاشقا توغرا كېلىدۇ . ھەم دېتال ئىچى مەشغۇلاتى سەل مۇرەككەپ بولۇپ ، كونا ئۇستىلار بولمىسا سەل تەسكە توختايدۇ . ئەمما بۇنىڭمۇ ئامالى بار . يەنى : يانفۇننى دىتال چۈشۈرمەي تور بەتتىلا روتلاش بىلەن بىرگە قايتا قوزغاتسىمۇ روتنى ئاكتىپلاش ھاجەتسىز .  http://jailbreak.me  بۇ ئادرىسنى Safari تور كۆرگۈچتە ئېچىڭ . ئاندىن  「jailbreak me!」 دىگەننى بېسىڭ . باش ئىكرانغا قايتماي ساقلاڭ . ئىكراندا بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ .  Fertig  دىگەننى بېسىڭ . يانفۇن قايتا قوزغۇلىدۇ . تۈگىدى . ناھايتى ئاسان . ئاندىن سىدىيانى ئېچىڭ دە - http://cydiaapp.cc مەنبەسىنى قوشۇڭ . ئاندىن  ئىزدەش كۆزنىكىگە Community Offsets دەپ بېسىپ ئىزدىتىپ چىققان قىستۇرمىنى قاچىلاڭ . ئىش پۈتتى . ئەمدى يانفۇننى قايتا قوزغاتسىڭىزمۇ روتنى ئاكتىپلاش ھاجەتسىز .
قوشۇمچە : ئەگەر ئۈستىدىكى دىتالدىمۇ ، تور بەتتىمۇ مۇۋەپىقىيەتلىك بولمىسا ، ھەم دىتالدا بىر بوش كاتەكچە چىقىپ قارارپ تۇرىۋالسا http://wall.supplies/offsets.html  بۇ ئادرىسقا كىرىپ ، ئۈسكىنىڭىزگە ماس كېلىدىغان كودلارنى كۆچۈرۈپ ئاشۇ كاتەكچىگە چاپلاپ قايتا سىناڭ . چۇقۇم بولىدۇ .

3 . يۇقۇردىكى دىتال 9.3.4 كىچە ئىشلەيدىغان بولۇپ ، تەتقىقاتچىلار 9.3.5 نىڭمۇ كۆڭلى يېرىم بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغىمۇ ئايرىم دېتال ئىشلەپ تارقاتتى . بۇ دېتال 9.3.5 سېستمىلىق بارلىق 32 بىتلىق ئۈسكىنىلەردە ئىشلەيدۇ . (قايسى ئۈسكىنىلەرنىڭ 32 بىتلىق ئىكەنلىكىنى ئەمدى تەكىتلىمىسەممۇ بولا ) بۇمۇ ئەپ شەكىىللىك دېتال بۇلۇپ ، يانفۇندا مەشغۇلات قىلىمىز . چۈشۈرۈش ئادرېسى : ئورگان تورىدىن چۈشۈرۈڭ https://phoenixpwn.com/download.php

4 . بارلىق 32 بىتلىق ئۈسكىنىلەرنىڭ 10.0 دىن 10.3.3 كىچە بولغان بارلىق سېتىمىسىنى روتلاش دېتالى . بۇ دېتال تېخى يېقىندا تونۇردىن چىقتى . ئۈسكىنىسى 10غا كۆتۈرلۈپ كىتىپ روتلىيالماي ئىچى پۇشۇپ ئولتۇرغانلارنىڭ باھارى كەلدى . بۇمۇ ئەپ دىتال . يانفۇندا مەشغۇلات قىلىپ روتلايمىز . ئەمما بۇمۇ نامۇكەممەل روتلاش بولۇپ  ، ئۈسكىنىنى قايتا قوزغاتقاندا روتنى ئاكتىپلاشقا توغرا كىلىدۇ .  چۈشۈرۈش ئادرېسى : ئورگان تورىدىن چۈشۈرۈڭ https://h3lix.tihmstar.net/
شۇنىڭ بىلەن 32 بىتلىق بارلىق ئۈسكىنىلەرنىڭ بارلىق سېستىمىلىرى روتلىنىپ بولدى  . 32 بىتلىق سېستىما ئىشلىتىۋاتقانلار خاتىرجەم سىناق قىلساڭلار بولىدۇ . ئۇيغۇرچە فونت دىگەننى تۆكمە قىلىۋەتتۇق  . بەھۇزۇر چۈشۈرگەيسىلەر . مەنبە ئادرېسى : apt.so/hakan1

4 . 64 بىتلىق ئۈسكىنىلەرنىڭ 10.0 دىن 10.2گىچە روتلاش دېتالى . بۇ دىتال ئالما 6s تىن تۈۋەن بولغان 64 بىتلىق ئۈسكىنىلەردە ئىشلەيدۇ . نامۇكەممەل بولۇپ ، ئۈسكىنە قايتا قوزغالسا قايتا ئاكتىپلاش كېرەك . بۇمۇ ئەپ شەكىللىك دېتال .  چۈشۈرۈش ئادرىسى :  http://yueyu.cydiaapp.cc/ios10/  بۇ ئادرىسىنى يانفۇن تور كۆرگۈچىدە ئېچىپ ، بىر بېسپلا دىتالنى يانفۇنغا قاچىلايمىز . ئاندىن دېتال ئىچىدىن مەشغۇلات قىلىمىز .

5 . ئالما 7 ، 7پلاس ئۈچۈن 10.0 دىن 10.1.1 گىچە روتلاش دېتالى . بۇ دىتال پەقەت ئالما 7 ، 7 پلاستا نورمال ئىشلەيدۇ . نامۇكەممەل بولۇپ .... (يەنە تەكرارلامدىم ...) چۈشۈرۈش ئادرېسى : بېسىپلا چۈشۈرۈڭ
10.2.1 دىن 10.3.3 كىچە بولغان 64 بىتلىق ئۈسكىنىلەرنىڭ دېتاللىرى سىناق باسقۇچىدا بولغاچقا بۇيەرگە يوللانمىدى . مۇكەممەل نۇسخسى چىقىپ قالسا ئايرىم ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن .

6 . 11.0 دىن 11.1.2 نىڭ دېتالى . بۇ قېتىملىنى روتلاش دېسەكمۇ ، دىمىسەكمۇ بولىۋىرىدۇ . ئەگەر سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە روتلاس سىيدىيا قاچىلاش بولسا ، ئۇنداقتا بۇ روتلاش ئەمەس . ئەگەر روتلاش سيدىيا بولمىسىمۇ سېستىما ھۆججەتلىرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش بولسا بۇ يەنە روتلاش .  تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ قېتىم ئىچى پۇشۇپ ، سىيدىيادىن زېرىكىپ ، باشقىچە ئۇسۇل ئويلاپ باقتى . شۇنىڭ بىلەن ئىنتايىن ئاددى ھەم يېقىشلىق بىر دېتالنى ئېلان قىلىپ ئىشلىتىشىمىزگە سۇندى . بۇ دېتال بىز بۇرۇندىن روتلانغان ئۈسكىنىلەردە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ھۆججەت باشقۇرۇش دېتالى بولۇپ ، بۇنى بۇ قېتىم 11 سېستىمىدا ئۈسكىنىنى روتلىماي ، سىيدىيامۇ بولمىغان ھالەتتە ئىشلەتكلى بولىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ چىقتى . گەرچە سيدىيادىن قىستۇرما چۈشۈرۈشپ ئىشلىتەلمىسەكمۇ ، سېستىمىغا ئۆزگەرتىش قىلالايمىز . ھېچ بولمىغاندا كۆزىمىزگە سەت كۆرنىۋالغان فونتنى بولسىمۇ چىرايلىقلاشتۇرىۋالالايمىز . تەپسىلى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى توردىن ئىزدىنىپ كۆرۈڭ . چۈشۈرۈش ئادرېسى : https://next.tweakboxapp.com
ئەمدى يۇقۇرىدا دىيىلگەن ئەپ شەكىللىك دىتاللارنى قاچىلاش ئۇسۇلىنى سۆزلەيمىز :
1 . ئالدى بىلەن يۇقارقى دىتاللاردىن ئۈسكىنىڭزگە ماس كىلىدىغاننى چۈشۈرۈڭ . 2 . دىتالنى يانفۇنغا قاچىلاشتا ئىشلىتىدىغان كومپىيۇتېر دېتالى : cydia impactor نى چۈشۈرۈڭ : ئورگان تورى : http://www.cydiaimpactor.com/  كومپىيۇتېر Mac بولسا مەك نۇسخسىنى ، ۋىندوس بولسا ۋىندوس نۇسخسىسىنى چۈشۈرۈڭ .  چۈشۈرگەن  impactor.zip نى پىرىستىن يېشىپ ئىچىدىكى impactor.exe  نى ئىجرا قىلىپ . ئاندىن ئۈسكىنى كومپىيۇتېرغا چېتىپ نورمال تونۇتۇڭ . چۇقۇم iTunes  قاچىلانغان بولۇش كىرەك . ئاندىن چۈشۈرگەن روتلاش دېتالىنى مائۇس ئارقىلىق سۆرەپ ئەكىلىپ impactor نىڭ ئۈستىگە تاشلاڭ . بىر كاتەكچە سەكرەپ چىقىدۇ . ID نۇمېىڭىزنى كىرگۈزۈپ enter  نى  بېسىڭ . يەنە بىرسى سەكرەپ چىقىدۇ . ID نىڭ مەخپى نۇمرىنى كىرگۈزۈپ enter نى بېسىڭ . ئاگاھلاندۇرۇش چىقسا OK نى بېسىۋېتىڭ . بىردەم ساقلىسىڭىز يانفۇنغا ئەپ دىتالى قاچىلىنىپ بولىدۇ . تەڭشەككە كىرىپ ھۇقۇق بېرىۋەتكەندىن كېيىن  ئەپكە كىرىپ مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ . رەسىمگە قاراڭ :




دەرسلىك مۇشۇ يەردە ئاخرلاشتى . قالغىنى سىلەرنىڭ قىزىقىشىڭلارغا قالدى .
ئەمدى مەنمۇ ئۆز تىرىشچانلىقىمغا تايىنىپ كىچىككىنە بىر ئىش قىلدىم . يەنى 11 سېستىمىغا ئۇيغۇرچە فونت ماسلاشتۇردۇم . كۆپچىلىكنىڭ بىلگىنىدەك بۇ قېتىم ئۇيغۇرچە فونتقا خېلى چوڭ ئۆزگەرتىشلەر قىلىنغان ئىكەن . بۇرۇنقى 10 دا ئىشلەتكەن geezapro خەت نۇسخسىنى باستۇرسام مىت قىلىپمۇ قويمىدى . شۇنىڭ بىلەن ئىزدىنىپ يەنە ئىككى خىل فونت ھۆججىتىنى ماسلاشتۇرۇش ئارقىىلىق مۇكەممەل ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق . تۈۋەندىكى ئۈنۈم رەسىمى :

فونت ئازراق مەسىلىلەرنى ئويلۇشۇپ ھەقلىق تارقىتىلدى . قىممەت ئەمەس ، پەقەتلا بەش ئاقچا . ئالىپ ھىساۋاتىدا ئاقچىسى بارلار قوشۇمچىنى ئاقچىغا سېتىۋېلىپ چۈشۈرسەڭلار بولىدۇ . ئاقچا تولۇقلىيالمىغانلار مەن بىلەن بىۋاستە ئالاقىلاشساڭلار مەن يوللاپ بەرسەممۇ بولىدۇ . ئەمدى بۇ پەقەت فونتنىڭ باھاسى . ياردەملىشىپ قاچىلىشىپ بىرىڭ دەيدىغانلارغا مۇلازىمەت ھەققى بىلەن قاچىلاپ بېرىمەن . بۇ ئون ئاقچا . قىممەت كۆرگۈچىلەر توردىن ئىزدىنىپ ئۆزۈڭلار قاچىلىۋالساڭلار بولىدۇ .
ios11Uyghurfont.zip (137.39 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2, باھاسى: 5 ئاقچا)   باستۇرۇش ئورنى : system / library / fonts / core

يەنە بىرسى : 8 سېستىمىنىڭ خەنزۇچىنىڭ پىنيىنى چىقىدىغان فونتى . فونت پەقەت 8 سېستىمىغا ماس كېلىدۇ . 32 بىت ، 64 بىتنى ئايرىمايدۇ . ئەمدى بۇمۇ ھەقلىق . ئوخشاشلا بەش ئاقچا . ياردەملىشىپ قاچىلىشىپ بىرىڭ دېگۈچىلەرگە ئون ئاقچا مۇلازىمەت ھەققى بىلەن قاچىلاپ بېرىمەن . قىممەت كۆرگەنللەر توردىن ئىزدەنسەڭلار بولىدۇ .
ios8拼音字体.txt (88 Bytes, چۈشۈرۈش سانى: 2, باھاسى: 5 ئاقچا) باستۇرۇش ئورنى : system / library / fonts / core

ئالاقە  : كوت كوت -  ئۈندىدار  787307603 .     ماتىرىيال يوللاشقا قولاي بولسۇن ئۈچۈن ئامال بار كوت كوتقا قوشقايسىلەر .

ئۇففففف ... جاپانىڭ ئۈستىگە جاپا بوپ كەتتىغۇ ... فونت سېستىۋالمىساڭلارمۇ ئازراق بولسىمۇ تارتۇقلاپ قويساڭلار خوش بولاتتىم دە ...

ئالاھىدە ئەسكەرتىش : يانفۇننى روتلاش ، سېستىما ھۆججەتلىرىگە ئۆزگەرتىش قىلىش خەتەرلىل مەشغۇلات بولۇپ ، ھەتتا يانفۇننى بۇزۇپ قويىشى مۇمكىن . شۇڭا مەشغۇلاتتىن ئاۋۋال چۇقۇم ماتىرىياللىرىڭىزنى زاپاسلاڭ ،  بىلمىسڭىز مەشغۇلات قىلماڭ . مەشغۇلات خاتالىقى تۈپەيلى كىلىپ چىققان ھەرقانداق ئاقىۋەتكە مەن ۋە مەزكۇر تور بىكەت مەسئۇل بولمايدۇ .
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش8 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن2 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

9ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
ansar630 ۋاقتى: 2018-1-1 10:31:13
8 سېستىمىنىڭ پىنيىن فونتىنىڭ ئۈنۈم رەسىمى :
گىلەم
414459037 ۋاقتى: 2018-1-1 13:03:21
روتلىماي تۇرۇپ خەنزۇچە خەتنىڭ ئۇستىگە پىنيىن چىقىردىغان ئامال يوقما ئاداش مىنىڭ ئالما 6s ئىدى ئۇنىڭ ئۇستىگە نەشىرى10.2.1 ئىدى مىنىكىنى روتلىغىلى  بولمايدىغان ئوخشايدۇ
ئورۇندۇق
ansar630 ۋاقتى: 2018-1-1 13:32:14
414459037 يوللىغان ۋاقتى  2018-1-1 13:03
روتلىماي تۇرۇپ خەنزۇچە خەتنىڭ ئۇستىگە پىنيىن چىقىردىغ ...

10.2.1 نى روتلىماي قىلغىلى بولمايدۇ . لېكىن ئاۋۋال روتلاپ فونتنى قاچىلىۋېتىپلا قايتا قوزغۇتىۋېتىپ ، سىيديانى بىر بۇلۇڭلا تىقىپ قويۇپ  ئىشلەتسىڭىز  روتلىمىغان ھالەتتە ئىشلىتەلەيسىز .
5-قەۋەت
foxtpdf ۋاقتى: 2018-1-1 15:30:31
越狱نى روتلاش دەپ ئالسىمۇ بۇلامدۇ نىمە
6-قەۋەت
anvar773 ۋاقتى: 2018-1-1 16:02:58
روتلىماي تۇرۇپ خەنزۇچە خەتنىڭ پىنيىنى چىقىدىغان قىلغىلى بولامدۇ، ئامالىنى ئىزدەپ تاپسىڭىز، نەچچە ئاقچا كەتسە مەيلى
7-قەۋەت
ablikim117 ۋاقتى: 2018-1-1 17:39:11
最近我发现通过有一个软件不用越狱就可以更换字体了,但是手机10%的字体可以更换了,其他的还没有变,我一直找字体,暂时没有发现合适的字体文件,如果找到了就给大家分享,
8-قەۋەت
ansar630 ۋاقتى: 2018-1-1 20:51:47
anvar773 يوللىغان ۋاقتى  2018-1-1 16:02
روتلىماي تۇرۇپ خەنزۇچە خەتنىڭ پىنيىنى چىقىدىغان قىلغى ...

تېلفۇنىڭىزنىڭ سېستىما نەشرى نەچچە ؟
9-قەۋەت
بارچۇق520 ۋاقتى: 2018-1-1 21:53:12
11.2  نىڭ  تۇرمىدىن  قىچىش  مۇمكىنچىلىكى  بارمۇ  ، ياكى  بىرەر  خەۋىرى   بولسىمۇ  مەيلىتى  . سىستىمىنى  كۇتۇرۇپ  سالغانغا  شۇنداق  پۇشايمان   قىلۋاتىمەن  ☹️☹️☹️
10-قەۋەت
قابىل ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن
مەن ios10.3.3   5S نى تۈرمىدىن  قاچۇردۇم
ئادىرىسى : https://bbs.feng.com/read-htm-tid-11594552.html

8.2 تۈز فونىت نورمال ئىشىلدى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部