+تېما يوللاش
Idrak_Team يوللانغان ۋاقتى:2016-1-28 04:21 1472 قېتىم كۆرۈلدى 6 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كەڭ ئاردۇينو ھەۋەسكارلىرى دوستلار،ئىدراك ئەترىتىدىكى بارلىق ئەزالاردىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام.
   ئىدراك ئاردۇينو تاختىسى Arduino Leonardoئاساسىدا Atmega32u4ئۆزەكتىن پايدىلىنىپ ياسالغان بولۇپ بىۋاستە USBئۇچۇرى بېرەلەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئالدىنقى تېمىلىرىمىزدا چۈشەنچە بەرگەن ئىدۇق،ئەمدى ئويلاپ باقايلى،USBسىگنالى ئارقىلىق يەنە قانداق ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ؟
  تۆۋەندە ئىدراك ئاردۇينو تاختىسىنى Windows10سېستىمىلىق كومپيوتېرنىڭ ئاچقۇچى قىلىپ ئىشلىتىشنى چۈشەندۈرىمىز(بۇ ئۇسۇل Windows10سېستىمىلىق كومپيوتېردا سىناقتىن ئۆتكەن،باشقا سېستىمىلارغا ئۆزگەرتىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ).
پىرىنسىپى: Windows10سېستىمىسى قوزغالغاندىن كېيىن بىۋاستە پارول كىرگۈزۈش كۆزنىكى چىقماستىن باشقا بىر ئېكران يۈزى ئېچىلىدۇ،خالىغان كونۇپكىنى باسقاندىن كېيىن ئاندىن پارول كىرگۈزۈش كۆزنىكى چىقىدۇ،پارولنى كىرگۈزۈپ Enterكونۇپكىسىنى باسقاندىن كېيىن سېستىما ئېچىلىدۇ.ئەمدى بىز مۇشۇ تەرتىپلەر بويىچە ئاردۇينو ئارقىلىق كومپيوتېرغا USBسىگنالى بەرسەك كومپيوتېر سېستىما قوزغىلىدۇ.تۆۋەندە ئاردۇينو پروگراممىسى ئارقىلىق جەرياننى كۆرۈپ ئۆتەيلى.
  1. //  كونۇپكا تاختىسى ئامبار ھۆججىتى
  2. #include "Keyboard.h"
  3. void setup()
  4. {
  5. //كونۇپكا تاختىسى قوزغىتىلدى
  6.   Keyboard.begin();
  7. //تاختىنى تونۇشىغا ئىككى سىكونت بېرەيلى
  8.   delay(2000);
  9. //ئېنتېر كونۇپكىسى ئارقىلىق پارول كىرگۈزۈش كۆزنىكىنى چىقاردۇق
  10.   Keyboard.press(KEY_RETURN);
  11. //كونۇپكىلار قويىۋېتىلدى
  12.   Keyboard.releaseAll();
  13. //كۆزنەكنىڭ ئېچىلىشىغا ئىككى سىكونت ساقلايلى
  14.   delay(2000);
  15. //سېستىما پارولى 1234567بولغاندا
  16.   Keyboard.write('1');
  17.   Keyboard.write('2');
  18.   Keyboard.write('3');
  19.   Keyboard.write('4');
  20.   Keyboard.write('5');
  21.   Keyboard.write('6');
  22.   Keyboard.write('7');
  23. //پارولنى كىرگۈزۈپ بولۇپ يېرىم سىكونت ساقلايلى
  24.   delay(500);
  25. // ئېنتېر كونۇپكىسى بىلەن سېستىمىنى قوزغاتتۇق
  26.   Keyboard.press(KEY_RETURN);
  27. //كونۇپكىلار ھەممىسى قويىۋېتىلدى
  28.   Keyboard.releaseAll();
  29. }
  30. void loop()
  31. {//سېستىما قولۇپىنى ئېچىش بىر قېتىملىقلا جەريان بولغاچقا تەكرارلاشنىڭ ھاجىتى يوق،شۇڭا بۇيەر بوش قويۇلدى
  32. }
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

ئەمدى سىزمۇ سىناپ بېقىڭ. Windows10سېستىمىسىدا سېستىما قوزغاتقاندىن كېيىن ياكى Win+Lكونۇپكىسى بېسىلغاندىن كېيىن سېستىما قولۇپلانغان ھالەتتە بولىدۇ،بۇ چاغدا يوقارقى كود يېزىلغان ئىدراك ئاردۇينو تاختىسىنى كومپيوتېرغا چاتساقلا سېستىما قۇلۇپى ئېچىلىدۇ.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن1 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

6ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
abjsoft ۋاقتى: 2016-1-28 13:29:53
ھەقىقەتەن بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك مەزمۇنكەن ، مەن چۇقۇم كەچتە شۇنداق قىلىمەن ، كۇنۇپكا تاختا ھۆججىتىچۇ ؟ ئىدراك ئاردۈينو توپىغا دىسكىدىكى ID  ئارقىلىق  كىرگىلى بولىدۇ دىگەنتىلە. ...
گىلەم
eeyyss ۋاقتى: 2016-1-29 11:50:41
abjsoft يوللىغان ۋاقتى  2016-1-28 13:29
ھەقىقەتەن بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك مەزمۇنكەن ، مەن چۇقۇم  ...

كونۇپكا تاختىسى ئامبار ھۆججىتى ئاردۇينو توپلاشما ئىجادىيەت مۇھىتىنىڭ ئۆزىدە بار،ئايرىم قاچىلاش ھاجەتسىز.تۆۋەن نەشىردىكى ئىجادىيەت مۇھىتىدا ئامبار ھۆججىتى ئىشلەتمىسىمۇ بولىدۇ.توپقا قوشۇلمىغان بولسىڭىز قوشۇلىۋېلىڭ.
ئورۇندۇق
ئوغلان132 ۋاقتى: 2016-1-29 17:17:29
بۇ تەجرىبە ۋىندوۋسنىڭ ھەممە سېستىمىسىغا بولىدىكەن.ۋېن7دە سىناپ باقتىم
5-قەۋەت
bulbulla ۋاقتى: 2016-1-30 14:11:03
مەن چ چ  ياكى ۋېيشىن ئ‍ىشلەتمەتتىم باشقا ئ‍ۇسۇلدا توپتىكى بىلىملەرگە ئ‍ىرىشكىلى بۇلامدۇ؟
6-قەۋەت
قاغان ۋاقتى: 2017-6-23 04:58:03
بولمايدۇ ، ئاغىنە ،،،
7-قەۋەت
قاغان ۋاقتى: 2017-7-22 02:06:33
قىنى مەنمۇ بىر سىناپ باقاي ،،،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部