+تېما يوللاش
abdulla156 يوللانغان ۋاقتى:2017-1-17 22:11 9608 قېتىم كۆرۈلدى 129 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!  ئالىپ تورىدىكى  ئەزىزلەر ياخشىمۇسىلەر،  مەن تۈنۈگۈن بىر مېيزۇ مېيلەنEيانفونىغا ھېساباتىمنى سېلىپ كارتامنى سېلىپ ئىشلەتكەن، قارىسام يېڭىلاش ئۇچۇرى كەپتىكەن  يېڭىلاپ قوياي دەپ يېڭىلىسام  تېلفون ئېچىلىپلا مېيزۇ ھېساباتىم چىقتى  مەخپى نومۇرنى  كىرگۈزسەم ئېچىلمىدى، مەخپى نومۇرنى خاتا كىرگۈزسەم خاتا بوپ قالدى دەپ چىقىدۇ لېكىن توغرا كىرگۈزسەم ئېچىلۋاتىدۇ دەپ چىقىپلا يەنە يوقاپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ئورنىغا ئاپارسام ئۇلامۇ  ۋاقتىنچە ھەل قىلالمايمىز، بۇنداق ئەھۋال بىرنەچچە كۈندىن بۇيان بەك كۆپ كۆرۈلدى دەپ يولغا سېپ قويدى.
  توردىن ئېچىش ئۇسۇلىنى ئىزدىسەم شۇ ھېساباتنى يالغان ئاچىدىغان ئۇسۇلى باركەن بۇنىڭدا يانفوننى زاۋۇت ئەسلىگە قايتۇرغىلى باشقا ھېسابات ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن، شۇڭا ئالىپ تورىدا مۇشۇ ئەھۋالغا يولۇققانلار بارمۇ بىلىپ باقاي دەپ ۋە ئەمدى سىستېما يېڭىلىماقچى بولغان ئەزىزلەرنىڭ ھېساباتنى چىقىرۋېتىپ يېڭىلاپ بولغاندىن كېيىن قايتا سېلىپ  ئىشلىتىپ تۇرىشىنى ئەسكەرتىپ قوياي دەپ بۇ تېمىنى يوللۇشۇم .
ئەگەر مۇشۇ مەسىلىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلالىساڭلار مەن بىلەن ئالاقىلاشقان بولساڭلار ياكى مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس قىلۋەتكەن بولساڭلار، رەھمەت.
ئۈندىدار نومۇرۇم 18196877800

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +2 يىغىش سەۋەبى
ghaye + 2 مەن قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش6 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن11 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

129ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
لەغمەن ۋاقتى: 2017-1-17 22:23:07
ئەجەپ غەلۋىسى جىقكەن بۇ مىيزۇنىڭ شۇڭا قىززىقمايمە يەنىلا مۇشۇ خۇڭمىي نوت 4تىم ياخشىكەن
گىلەم
umut吧 ۋاقتى: 2017-1-17 22:26:01
ۋاي  مەنمۇ  دىققەت  قىلسام  بولغىدەك  تىلفۇنۇم  مېيلەن  3ئىدى  تېما ئىگىسىگە  رەھمەت  
ئورۇندۇق
لەغمەن ۋاقتى: 2017-1-17 22:30:55
مەنمۇ مىيلەن 2نى شۇنداق قىپ قۇيۇپ ئوڭشىيامماي شاۋمىگە كۆچكەن مىيزۇنىڭ سىستېما خاتالىقى تۇلا چىقىدۇ
5-قەۋەت
uyghur96 ۋاقتى: 2017-1-17 22:32:50
flyme6 گە يېڭىلىغان مىدىڭىز؟
6-قەۋەت
18099398894 ۋاقتى: 2017-1-17 22:39:36
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قېرنداشلار مەنمۇ مۇشۇ قېرندشىمىز دىگەندەك مەسلىگە مەنمۇ يۇلۇققان مەنمۇ مېيزۇ flyme6 Eتى دۇكاندىن يېڭى ئېلىپلا شۇ كۈنى قارسام يىڭلاش دىگەن ئۇچۇر كەپتۇ يىڭلاي دىسەم مەخپى نۇمۇر سېلىڭ دەپ چىقتى سېپلا يڭلاشنى مۇقۇملاشتۇرسام چۈشۈپ بۇلۇپ ئېچىلغاندا قارسام ئۈستدىكى رەسىمدىكدەك چىقۋالدى مەخپىي نومۇرنى توغرا سالسام توغرا دەيدۇ يۇ لېكىن ئېچىلمايدۇ. خاتاسالسام خات دەپ چىقىۋالىدۇ.رىمنۇتچىنىڭ قېشىغا بارسام ئەيدى نىما كىرىپ قاپتۇ دەپ 50يۈەنگە نىماسىنى يەشىكەن.ئەتسى ئەتگەندە قارسام يەنە شۇنداق بۇلۇپ قالدى

باھا سۆز

ئەخمەق مىيزي تىلفۇن ئورگان مۇلازىمىتىرىنى خاككىرلار ياساپ قويغان گەپ  ۋاقتى: 2017-1-17 23:01
7-قەۋەت
abdulla156 ۋاقتى: 2017-1-17 22:45:59
uyghur96 يوللىغان ۋاقتى  2017-1-17 22:32
flyme6 گە يېڭىلىغان مىدىڭىز؟

ھەئە flyme6گە يېڭىلىغان
8-قەۋەت
adiljan3359 ۋاقتى: 2017-1-17 22:52:00
شۇ يەنىلا فىلەيمى 5ياخشىكە 6دىن 5كە چۈشۈرۋالدىم
9-قەۋەت
Blu_Wolf ۋاقتى: 2017-1-17 22:52:56
يېڭلاش بولىقدا مەسلە با چېغىيېڭلاشتىن بۇرۇنقى ئەسلى رومىغا قايتۇرۇپ سىناپ بېقىڭلا

باھا سۆز

ياق مىنىڭچە مۇلازىمىتىردىكى ئىشلار ئۇ سىستىما بىلەن مۇناسىۋىتى يوق  ۋاقتى: 2017-1-17 23:02
10-قەۋەت
misken ۋاقتى: 2017-1-17 23:03:04
قارىغاندا مەنمۇ يېڭىلاشنى ئويلاشمىسام بولغۇدك
11-قەۋەت
2501005820 ۋاقتى: 2017-1-17 23:06:05
Blu_Wolf يوللىغان ۋاقتى  2017-1-17 22:52
يېڭلاش بولىقدا مەسلە با چېغىيېڭلاشتىن بۇرۇنقى ئەسلى ر ...

ئايدى چۇپ بۇلغاندا   سىستىمىمۇ  يازغىلى  بۇممايدۇ يىزىلغان تەقدىردىمۇ   يەنە شۇ   ئايدى چىقىۋالىدىكەن  ئايدىنى  يىشىپ بۇپ  ئاندىن  5كە چۇشۇر سە بۇلدىكەن مەن شۇندا ئىشلىتىۋاتىمە
12-قەۋەت
ghaye ۋاقتى: 2017-1-17 23:06:31
ئەسكەرتىش بەرگىنىڭىزگە رەھمەت ، گەرچە مەن مىيزۇ ئىشلەتمىسەممۇ
13-قەۋەت
LOPJAN ۋاقتى: 2017-1-17 23:23:42
مىنىڭ ئۇنداق ئەمەسقۇ ،مېيزۇ نوت 3ئىدى ،ئاكامنىڭمۇ نۇرمال ئىككىلىمىزنىڭ تىلفۇنى ئوخشاش بولۇپ فىلەيمى 6گە يېڭىلىساق پەچەت ئىشلەۋاتىدۇ،
14-قەۋەت
بۆرەwolf ۋاقتى: 2017-1-17 23:25:30
ئەمسە فىلايمى سېستىمىسىغا MIUIسېستىمىسى ياخشىدەك قىلىدۇ چاتىقى ئاساسەن يوق
15-قەۋەت
13040484060 ۋاقتى: 2017-1-17 23:31:21
مىنىڭ نوت3 نۇرمالغۇ فلەيمى 6    لىكىن مەنمۇ يېڭلاپ ئەتىسى ئوزلىگدىن مىما  چۇپقېلىپ 4 قېتىم تەكرالاندى  ئۇنۇڭدىن كىيىن نۇرمال ئىشلتىۋاتىمە تورغا چىقىدىغان كارتىڭزنى بىرنجى كارتىغا سېلىپ سىناپ بېقىڭ  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部