+تېما يوللاش
tarhan يوللانغان ۋاقتى:2012-2-28 10:03 88007 قېتىم كۆرۈلدى 202 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
16-قەۋەت
tarhan ۋاقتى: 2012-2-28 13:21:48
8- سۇئال : ئاندىروئىد سېستىملىق يانتېلفۇنلارغا يۇمشاق دىتاللارنى قانداق قاچىلايمىز ؟

جاۋابى : كىيىنگە قالدۇرۇلدى . سۇئاللار تەرتىپىنىڭ قالايماقان بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئورۇن ئېلىپ قويدۇم .
17-قەۋەت
tarhan ۋاقتى: 2012-2-28 13:22:32
9- سۇئال :
ئەنجۈر تېلفۇنى ئۇيغۇرچە تۇنامدۇ ؟

جاۋابى : كىيىنگە قالدۇرۇلدى . سۇئاللار تەرتىپىنىڭ قالايماقان بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئورۇن ئېلىپ قويدۇم .  
18-قەۋەت
tarhan ۋاقتى: 2012-2-28 13:26:20
10- سۇئال  ئەنجۈرنىڭ ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قانداق تەرەپلىرى بار ؟
dolanem1@  نىڭ ئوتتۇرىغا قۇيغان سۇئالى

جاۋاپ :
ھازىرغىچە ئەنجۈر مەشغۇلات سېستىمىسنى تارقاتقان ئىگە تەرەپ گوگىل شىركىتى ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق ئىش قىلىپ بەرگىنى يوق .  ئەنجۈر مەشغۇلات سېستىمىسى ھەققىدە ئىزدىنىپ ئۇيغۇرچە يېزىقنى نورمال كۆرۈنىدىغان،   نورمال يازغىلى بۇلىدىغان قىلغانلار ھەممىسى ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان ياكى ئويغۇرتىلىنى سۆيىدىغان پەخىرلىك ئوغلانلىرىمىزدۇر .

  ئەمىسە يېڭى چىققان نەشىرى ئۇيغۇرچىنى تۇلۇق قوللايدىكەن دىيىشىڭىز مۇمكىن . شۇنداق ئۇيغۇرچىنى قوللايدۇ . چۈنكى ئۇيغۇر يېزىقىمىز خەلقارا يۇنىكود ئۆلچىمىگە كىرگۈزۈلگەن . گوگىل شىركىتى يۇنىكود ئۆلچىمى بۇيىچە سېستىما چىقارمىسا ئەلۋەتتە بولمايدۇ . شۇڭا 4.03 نەشىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرچىنى نىگىزىدىن قوللايدۇ .
ئالما شىركىتىنى بىلىشىڭىز مۇمكىن . بىزنىڭ پەخىرلىك شىركىتىمىز قارلۇق ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشقان . شۇڭا ئالما شىركىتى مەھسۇلات ئىشلىگەندە ئۇيغۇر يېزىقىنى ئويلىشىدۇ .  مىكروسوفتنىڭ يېڭى خەۋىرىنى ئاڭلىغان بۇلىشىڭىز مۇمكىن . windows8 گە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تىل بولىقى قۇشۇلۇپ تارقىتىلىدۇ . كومپىيۇتېر ساھەسىدە ئۇيغۇر يېزىقىغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەن شىركەت مىكروسوفت شىركىتىدۇر. چۈنكى بېل گايتىس ئۇيغۇرلارنى بىلىدۇ . 1995-يىلى ئۇنىڭ نامى تېخى رەسمىي خەلقاراغا تۇنۇلماستا ئۈرۈمچىگە كەلگەن . ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە تاماق يىگەن . ئۇلارنى چۈشەنگەن . ئۇيغۇر سوفت شىركىتى مىكروسوفت شىركىتى بىلەن مەلۈم ھەمكارلىقلارنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ . ئالىم ئەھەت باشچىلىقىدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار مىكروسوفت بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇيغۇر يېزىقى مەسىلىسى ھەققىدە كۆپ پىكىرلەرنى يەتكۈزگەن . شۇڭا windows7 دىن باشلاپ مەشغۇلات سېستىمىسىغا مەخسوس ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى ياسالغان ھەم ئۇيغۇرچە خەتنى تۇلۇق قوللىغان .
ئەمىسە گوگىل شىركىتى نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇر يېزىقىغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ . مېنىڭ بىلىشىمچە رايۇنىمىز تەۋەسىدىن گوگىل شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان ھېچقانداق بىر شىركەت ۋە ئورۇن يوقتۇر . بۇ بىر بوشلۇق مېنىڭچە بۇنى تولدۇرۇش كېرەك .
گوگىل شىركىتى ئىشلىگەن ئەنجۈر مەشغۇلات سېستىمىسى ھازىرغىچە 143 خىل يېزىقنى رەسمىي قوللايدىكەن . لېكىن ئېلان قىلىنغان تىزىملىك ئىچدە ئۇيغۇرتىلى يوق . تورداشلار ئۆزۈڭلار كۆرۈپ باقساڭلار بۇلىدۇ . http://www.eoeandroid.com/thread-148626-1-1.html
ئۇيغۇرتىلىنى نىمە ئۈچۈن قوشمايدۇ ؟  چۈنكى بۇ يېزىقنى ئىشلىتىدىغان ئاھالە 10 مىليۇندىن ئاشىدىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر تىلى بىرەر دۆلەتنىڭ تىلى ئەمەس . نوپۇسى مىليۇنغا بارمايدىغان دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت تىللىرى بۇ قاتارغا كىرگۈزۈلىدۇ .ئۇيغۇر تىلى دۆلەت تىلى بۇلمىسىمۇ جۇڭگودىكى 2- ئورۇندا تۇرىدىغان تىل . بىرەر ئۇيغۇر شىركىتى چىقىپ گوگىل شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى كىرگۈزۈش ، ئەسلى كودىدىكى ئۇيغۇرچىنى قوللىمايدىغان كودلارنى ئۆزگەرتىش، ئۇيغۇرچە فونتنى ئەسلى كودىغا سىڭدۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىسە ئاندىن ئۇيغۇرتىلىمۇ ئەنجۈرنىڭ ئىچىگە كىرەلەيدۇ .  
مىكروسوفتنىڭ مەشغۇلات سېستىمىسى windows8  بولسا 109 خىل يېزىقنى قوللايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەلۋەتتە سۈيۈملۈك ئۇيغۇر تىلىمۇ بار . http://www.jisuxz.com/news/4628.html  
  گوگىل شىركىتى ئۇيغۇرچە ئۈچۈن ھېچقانداق ئىش قىلىپ بەرمىگىنى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ ئەسلى كودىنى ئوچۇق تارقاتتى . بۇنداق دىگەنلىك مانا سىلەرنىڭ ئىشلىتىشىڭلار ئۈچۈن ئۇچۇق تارقاتتۇق . بىڭسىڭلار بولسا خالىغانچە ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىڭلار . قانداق قىلۋالساڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئىشى دىگەنلىك . بىزدە ئاندىروئىد(ئەنجۈر) مەشغۇلات سېستىمىسى بىلەن ھەپىلىشىدىغان ئىنژىنىرلار تۇلىمۇ كەم . ھەتتا يوق دىيەرلىك !!! بۇ يېڭى بىر ساھە بولغاچقا بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ . ئەنجۈر بىلەن ھەپىلىشىدىغان يۇمشاق دىتال ئىنژىنىرلىرى ۋە مۇتەخەسىسلەر كۆپلەپ يېتىشىپ چىقسا ئۇيغۇرتىلىنى ئەنجۈر دىگەن مەشغۇلات سېستىمىسىدا ساما ئۇسۇلىغا سېلۋىتىدۇ .

بۇ يەردە مەن بىر قىسىم ئىزدەنگۈچىلەرنى ، ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ۋاقتنى بىكار ئۆتكۈزمەي مۇشۇ ئەنجۈر مەشغۇلات سېستىمىسى ئۈچۈن يۇمشاق دىتال ئىشلەشنى ئۆگىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .  بۇ ئىستىقبالى بار يېڭى بىر تۈر ، گەپ ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقىدا !!!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tarhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-28 15:24  

19-قەۋەت
EんXαㄒ ۋاقتى: 2012-2-28 13:29:19
Sony Ericsson St18i  نىڭ Root ھوقۇقىغاقانداق ئىرىشىدۇ؟ ياردام قىلالاسىزمۇ
20-قەۋەت
veros ۋاقتى: 2012-2-28 13:53:06
تېلېفون روتلانغان تۇرۇپمۇ،ئەسلى ئۆزىدەباربولغان بىكىرەك دىتاللارنى يۇيۋەتكىلى بولمىساقانداق قىلىش كىرەك؟
21-قەۋەت
sirdax808 ۋاقتى: 2012-2-28 14:23:12
1-سۇئالىم : libskia.so       libwebcore.so   libicuuc.so     بۇنىڭغا ئوخشاش بىر قاتار ھۆججەتلەرنى ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا كۆپ تىمىدا ئۇچىراتتىم ، ئالماشتۇرماقچى بولغان ھۆججەتلەرنى نەدىن تاپىمىز ؟ نىمىگە ئاساسەن ئۇزىمىزنىڭ يانفۇنغا ماس كىلىدىغانلىغىنى بىلىمىز؟ ياكى 4.0غا ئوخشاش يۇقۇرى نەشىردىكى روملاردىن ئالىمىزمۇ ؟
2-سۇئالىم :مەن يانفۇنۇمغا ئۇيغۇرچە فونىت قاچىلىغان ئىدىم ، ى ھەرپلا ئۇلانمايدۇ باشقا ھەرىپلەر نورمال ، باشقىلاردىن سورسام ئەرەپچە فونىتنىمۇ قاچلايسىز دەيدۇ ، چۇقۇم ئىككى فونىتنى قاچلاش كىرەكمۇ ؟   
22-قەۋەت
tarhan ۋاقتى: 2012-2-28 15:27:22
11- سۇئال : ئەنجۈر مەشغۇلات سېستىمىلىق يانتېلفۇنلارنىڭROOT ھوقۇقى دىگەن نىمە ؟


جاۋاپ :
ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا سىز كومپىيۇتېرىدىكى ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچى ۋە ئالىي دەرىجىلىك ئىشلەتكۈچىلەر بىلەن سېلىشتۇرساق بۇنى چۈشىنىش ئاسان . ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچى بەزى چەكلەنگەن مەشغۇلاتلارنى قىلالمايدۇ . باشقۇرغۇچى يول قويغان دائىرىدە ئىشلىتەلەيدۇ . ROOT ھوقۇقىغا ئېرىشسەك خەت نۇسخىسى قاچىلاش ، سېستىمىدا ئەسلى تەمىنلەنگەن بىزگە لازىم بولمايدىغان دىتاللارنى ئۆچۈرۋىتىش دىگەندەك ئىشلارنى قىلالايمىز .  يەنى تېلفۇننىڭ ھەقىقىي ئىگىسىگە ئايلىنمىز . مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا سىز خەقنىڭ ئۇيىدە ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرسىڭىز ئوينى خالىغانچە ئۆزگەرتەلمەيسز . ئۆينى بىزىمەكچى بەزى جايلارنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز ئىگىسىنىڭ روخسىتىنى ئالمىسىڭىز قىلالمايسىز . شۇنداق مىسال ئېلىپ بەرسەك كۆپچىلىك چۈشىنىشى مۇمكىن ،
روت ھوقۇقى ئېلىشنىڭ  بۇنىڭ خەتىرىمۇ بار . ئەگەر سىز خاتا مەشغۇلات قىلىپ بەزى ئۆچۈرۈشكە تېگىشلىك بولمىغان ھۆججەتلەرنى ياكى دىتاللارنى ئۆچۈرۈپ سالسىڭىز ،  تېلفۇنغا ۋىروس كىرىپ كەتسە چاتاق چىقىدۇ . شۇڭا تېخنىكا ئاساسىي ئانچە ياخشى بولمىغان تورداشلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى بۇ مەشغۇلاتلارنىڭ قىلماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tarhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-29 18:24  

23-قەۋەت
tarhan ۋاقتى: 2012-2-28 15:27:47
12- سۇئال  :  ROOT ھوقۇقىغا قانداق ئېرىشىمىز ؟
جاۋاپ :


ROOT ھوقۇقىنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان دىتاللار ناھايىتى كۆپ بۇلۇپ  تۈۋەندە 2-3 خىل دىتالنى تۇنۇشتۇرىمىز .

1.     UniversalAndroot  دىتالى

سىغىمى كىچىك تىلفۇننىڭ ئۆزىگە قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بۇلىدىغان دىتال. چۈشۈرۈش ئادرىسى :

http://apk.gfan.com/Product/app12511.html دىتالنى توردىن چۈشۈرۈپ يانتېلفۇننىڭ سىغىم كارتىسىغا كۆچۈرۈپ ، ئاندىن يانتېلفۇندا بۇ يۇمشاق دىتالنى قاچىلاپ ئىشلەتسەك بۇلىدۇ . يۇمشاق دىتالنى قوزغاتقاندىن كىيىن ROOT كۇنۇپكىىسنى باسساقلا بۇلىدۇ . بىر ئاز  ۋاقىت ۋاقىتتىن كىيىن بارلىق مەشغۇلات تاماملىندۇ . يانتېلفۇننى قايتا قوزغاتساق ROOT ھوقۇقىغا ئىرشكەن بۇلىمىز .



2.    一键root z4root يۇمشاق دىتالى

بۇمۇ يۇقارقى يۇمشاق دىتالغا ئوخشاشلا بىر كۇنۇپكا ئارقىلىق ئالىي دەرىجىلىك ئىشلەتكۈچى ھوقۇقىغا ئىرىشش ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان قۇرال . چۈشۈرۈش ئادىرىسى

http://apk.gfan.com/Product/App112920.html

چۈشۈرۈپ ئوخشاشلا يانتېلفۇنغا كۆچۈرۈپ قاچىلىغاندىن كىيىن  يۇمشاق دىتالنى قوزغىتىمىز .

قوزغاتقاندىن كىيىن ئۈستىدىكى كۇنۇپكىنى باسساقلا بۇلىدۇ .



3.    SuperOneClickيۇمشاق دىتالى

بۇ يۇمشاق دىتال كومپىيۇتېردا ئىشلەيدىغان دىتال بۇلۇپ يانتېلفۇننى كومپىيۇتېرغا ئۇلاپ ، قوزغىتىش پىروگراممىسىنى نورمال قاچىلىغاندىن كىيىن ئىشلىتىمىز . بۇنىڭ خەتىرى تۈۋەن ، بىر قەدەر ئىشەنچىلىك دىتال . يۇقارقى 2 يۇمشاق دىتال ئارقىلىقمۇ ئالىي دەرىجىلىك ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىرىشەلمىسىڭىز مۇشۇ دىتالنى قاچىلاپ ROOT ھوقۇقىنى ئېچىۋەتسىڭىز بۇلىدۇ .

ئەسكەرتىش : ئەگەر يانتېلفۇنىڭىزنىڭ قوزغىتىش پىروگراممىسىنى كومپىيۇتېر تۇنىمىغان بولسا豌豆荚手机精灵 دىتالىنى توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ . ئاندىن تېلفۇننى كومپىيۇتېرغا چاتقۇچ سىمى بىلەن ئۇلاپ بۇ دىتالنى قوزغاتسىڭىز ئاپتۇماتىك ھالدا تېلفۇننىڭ قوزغىتىش پىروگراممىسىنى توردىن ئىزدەپ تېپىپ قاچىلايدۇ .  ئاندىن مەشغۇلات ئېلىپ بارسىڭىز بۇلىدۇ .

بۇ يۇمشاق دىتالنىڭ ئىقتىدارلىرى ھەققىدە كىيىنچە مەخسوس توختىلىمىز .


ئەمدى SuperOneClick دىتالىنى قوزغىتىپ  ROOT كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز بىر مۇنچە ۋاقىتتىن كىيىن ROOT ھوقۇقىنى ئېچىۋىتىش ئوڭۇشلۇق بولغان بۇلىدۇ .

  ئىزاھات :

كومپىيۇتېرغا ئۇلىغاندا يانتېلفۇننىڭ USB ئۇلىنىش ئىقتىدارىنى ئېچىۋىتىشنى ئۇنۇتماڭ . بۇ ئىقتىدارى ئېچىلمىسا ROOT ھوقۇقىغا ئېرىشكىلى بۇلمايدۇ . بۇنىڭ ئۇسۇلى تۈۋەندىكى رەسىمدىكىدەك  بۇلىدۇ .

يۇقارقى تۇنۇشتۇرغان دىتاللاردىن باشقا يەنە نۇرغۇن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىقتىدارلارغا ئىگە يۇمشاق دىتاللار بۇلۇپ ، تورداشلار بۇ ھەقتە ئۆزلىرى يەنە قايتا ئىزدىنىپ باقسا بۇنىڭدىنمۇ ياخشى دىتاللار بولسا كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرسا بۇلىدۇ .

تەييارلىغۇچى : تارخان          http://tarhan.blogbus.com/

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tarhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-29 18:30  

24-قەۋەت
ئبراھىم ۋاقتى: 2012-2-28 15:34:04
بەك خوش بولدۇم بۇ تىمىنى داۋاملىق زىيارەت قىلىمەن ھارمىغايسىلەر ئۇستازلار
مىنىڭ يانفۇنۇم iphone4ئىدى يەنىلا خەلقىمىزگە ئۇمۇملىشالايدىغىنى مۇشۇ ئاندرويد ئكەن .مەن بۇ بىلىملەرنى ئىگەللەپ ئەتراپىمدىكىلەرگە ياردەم قىلىمەن
25-قەۋەت
kebj ۋاقتى: 2012-2-28 15:50:41
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بۇ تېمىنى ئوتتۇرغا قويۇپ بەك ياخشى قىپسىز،چۈنكى بىزدەك ئەنجۈر سېسىتمىسىدىن 0 بىلىمگە ئىگىلەر بار،مىنىڭ يانفۇنىم 三星i9018 ئاندرويد 2.2كى نەشىرىتى بۇنى سېسىتمىنى ئۇيغۇرچە تونۇتقىلى بولارمۇ خۇدىدى سىلى يوللىغان 1-قەۋەتتىكى رەسىمدەك؟ يەنى بۇ سېسىتمىنى 4.0 گە كۆتۈرگىلى بولارمۇ؟
26-قەۋەت
RGB ۋاقتى: 2012-2-28 16:15:39
1-سۇئال : ئەنجۈر تېلفۇنغا ئۇيغۇر يېزىقىنى قانداق تونىتىمىز ؟
2-سۇئال: ئەنجۈر سېستىمىلىق يانفونغا ئەپ قاچىلىساق ، ئىچكى سىغىمى توشۇپ كەتتى دەپ چقىۋالسا قانداق قىلىپ سىغىمىنى چوڭايتىمىز ؟ قانداق قىلساق ئەپنى بىۋاستە كارتىغا قاچىلىيالايمىز ؟
3-سۇئال : قايسى ماركىلىق قايسى تىپتىكى ئەنجۈر سېستىمىلىق يانفونلارنى ئەنجۈر 4.0 ۋە ئۇنىڭ يۇقىرى نەشرىگە يېڭىلىغىلى بولىدۇ ؟
4-سۇئال :  iphone4 نى ئۇيغۇرچە ئۇچۇر يوللىغىلى ، ئۇيغۇرچە دېتال قاچىلسا نورمال كۆرۈنىدىغان قىلغىلى بولامدۇ ؟ (گەرچە ئەنجۈر سېستىمىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ )
27-قەۋەت
alip ۋاقتى: 2012-2-28 16:46:35
بەك قالايمىقان قىلىۋەتمەي، سورىماقچى بولغان سۇئالىڭلارنى ئۈستىدىكى ئىزدەش دېگەن يەرنى بېسىپ ئىزدەپ بېقىپ، بولمىسا ئاندىن سوراڭلار.
28-قەۋەت
dilkax125 ۋاقتى: 2012-2-28 17:03:41
abdulla350 يوللىغان ۋاقتى  2012-2-28 11:21
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئۇستاز بۇتىما ئاندروىد يانفۇنلىرى ...

مېنىڭ تېلىفۇنۇممۇ ئاندرويدلىق .مېنىڭ تېلىفۇنۇمدا ئاساسى رايۇندا يېزىلغان ئۇيغۇرچە خەتلەر ( تەرجىمە دېتال ، ۋە ۋورد ، تېكىسىت ھۆججەتلىرى ) ھەرپلەر ئۇلانماي چىقىۋالىدۇ . كىڭەيتىلگەن رايۇندا يېزىلغانلىرى بولسا سولدىن ئوڭغا تەتۈر چىقىۋالىدۇ . بۇ نى قانداق ھەل قىلىش كېرەك .
29-قەۋەت
tarhan ۋاقتى: 2012-2-28 18:54:15
13- سۇئال تېلفۇنغا روئوت ھوقۇقى ئېلىپ بولغاندىن كىيىنمۇ نىمە ئۈچۈن ئەسلىدە بار بولغان كېرەكسىز ئەپلەرنى ئۆچۈرگىلى بۇلمايدۇ ؟
@veros نىڭ سۇئالىغا جاۋاپ :


_ جاۋاپلار ئالدىرىماي يوللىندۇ . ئىشتىن سىرتقى ۋاقتلاردىن پايدىلىنىپ يازىدىغان بولغاچقا توغرا چۈشەنگەيسىز ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tarhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-28 18:59  

30-قەۋەت
tarhan ۋاقتى: 2012-2-28 18:55:40
dilkax125 يوللىغان ۋاقتى  2012-2-28 17:03
مېنىڭ تېلىفۇنۇممۇ ئاندرويدلىق .مېنىڭ تېلىفۇنۇمدا ئاس ...

14- سۇئال :   ئاساسى رايۇن دىگەن نىمە ؟ كېڭەيتىلگەن رايۇن دىگەنچۇ ؟ نمىشقا ئاساسىي رايۇندا يېزىلغان خەتلەر نورمال كۆرۈنمەي كېڭەيتىلگەن رايۇندىكىسى ئۇلىنىپ چىقىدۇ ؟ نىمىشقا كېڭەيتىلگەن رايۇندىكىسى تەتۈر چىقىۋالىدۇ ؟
dilkax125@ نىڭ سۇئالىنى 14-رەتكە تىزدىم نۆۋىتى كەلگەندە بۇ ھەقتە تەپسلىي توختىلىمەن .

جاۋاپ : http://www.alip.biz/thread-3615-1-1.html بۇ تېمىدا تىكەن ئىسىملىك قېرىندىشىمىز مەخسوس دەرسلىك ئىشلەپتۇ . مېنىڭ قايتا جاۋاپ يېزىشىمنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك .
  ئاساسىي ۋە كېڭەيتىلگەن رايۇننىڭ كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە ئورتاق مەۋجۇد بولىشىنىڭ زىيىنى ۋە بۇ ئىككى رايۇننىڭ پەرقىنى كۆپچىلىككە بىلدۈرۈش ئۈچۈن كۆپچىلىككە بۇ دەرىسلىكنى ئىشلەپ سۇندۇم!
دەرىسلىك نامى: ئاساسىي ۋە كېڭەيتىلگەن رايۇن ھەققىدە چۈشەنچە
چوڭلىقى:25.1 مېگابايىت
سىن شەكلى: SWF (ھۆججەت ئىچىدىكى Deris.html نى ئېچىپ كۆرۈڭ!);
دەرىسلىك تەييارلىغۇچى: ئۇيغۇر يانفون تورى دىن تىكەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tarhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-19 10:23  

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部