+تېما يوللاش
umut吧 يوللانغان ۋاقتى:2017-3-24 22:14 2612 قېتىم كۆرۈلدى 25 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىكى توشىبا DVD ئاپپاراتى
1.TOXIBA
2017-يىلى14-فېۋرال توشىبا شىركىتى ئالدىن نىشانلانغان خىزمەت نەتىجىسىدە 2016-يىلى 12-ئايغىچە شىركەت مۈلكىنىڭ قەرزگە چىقىش قىلالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى، پېيىنىڭ مىنۇس 191مىليارد 200مىليون ياپونىيە يېنىغا چۈشۈپ، ئۇدا ئۈچ يىل زىيان تارتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىلگىرى توشىبا ياپونىيە سانائىتىنىڭ سەردارى ئىدى. 1890-يىلى ياپونىيەدىكى تۇنجى چوغلانما لامپىنى ئىشلەپ چىقارغاندىن بۇيان توشىبا شىركىتى كەينى-كەينىدىن ياپونىيەدىكى تۇنجى شامالدۇرغۇچ، كىرئالغۇ ۋە توڭلاتقۇ قاتارلىقلارنى ئىشلەپ چىقاردى، 1980-يىلىدىن كېيىن پۈتۈن يەرشارىدا ئالدى بىلەن خاتىرە كومپيۇتېرى بىلەن DVD ئاپپاراتىنى بازارغا سېلىپ، كومپيۇتېر كەسپى مەھسۇلاتلىرى يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ بازار كۆلىمىنى ئىگىلىگەن.
ھالبۇكى، توشىبا شىركىتى 2015-يىلىدىكى ئۈچ پەسىلدە تۆت مىليارد ئىككى يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرى زىيان تارتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇندىن كېيىن توشىبا شىركىتى قايتا قۇرۇلۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، نۇرغۇن يادرولۇق تېخنىكىلىرىنى سېتىۋېتىپ، ئۆزەك پىلاستىنكا بىلەن يادرو ئېلىكتىرنى ئاساسى كەسىپ قىلغان،  بىراق يادرو ئېلېكتىر دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ياخشى بازار تاپالمىغان.
80-يىللاردىكى «توشىبا، توشىبا ، يېڭى دەۋرنىڭ سەركىسى» دېگەن بۇ ئېلان ناخشىسى ھازىرمۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ ئېسىدىن چىقمىدى، بىراق پۈتۈن جۇڭگولۇق بىلىدىغان ئاشۇ توشىبا شىركىتىنىڭ %80.1 پاي ھوقۇقىنى جۇڭگونىڭ مېيدى ناملىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركىتى سېتىۋالدى. ھازىرقى توشىبا جۇڭگودا ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان مەھسۇلات ماركىسىغا ئايلىنىپ بولدى.
ئەمەلىيەتتە، توشىبالا ئەمەس 20يىل ئىلگىرى نۇرغۇن كىشىنىڭ قەلبىنى تىترەتكەن ياپونىيەنىڭ كونا كارخانىلىرى كەسىپ ئالماشتۇردى ياكى ۋەيرانە بولۇپ، خەلققە پەقەت ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەنىلا قالدۇردى.
2.SONY
پۈتۈن دۇنيا كىشىلىرىنى ئۆزىگە رام قىلىۋالغان wolkman يەنى يانچۇق ئۈن ئالغۇ بىلەن playstation يەنى بىز ئىلگىرى تېلېۋىزورغا ئۇلاپ ئوينىغان ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇق، كىنو ۋە سىن ئاپپاراتى، شۇنداقلا كومپيۇتېردىن تارتىپ يانفۇنغىچە  سونى نەچچە ئەۋلاد جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى ھەمراھى ئىدى.
سونى ياپونىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق چوڭ كۆلەمدىكى ئۇنىۋېرسال دۆلەت ھالقىغان گۇرۇھى بولۇپ 1945-يىلى 5-ئايدا قۇرۇلغان. سونى قۇرۇلغاندىن كېيىن بارا-بارا تەرەققىي قىلىپ دۇنيانىڭ ئۈن-سىن مەھسۇلاتى، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇق، ئالاقە مەھسۇلاتلىرى ۋە ئۇچۇر تېخنىكا ساھەلىرىدە يول ئاچقۇچىسىغا ئايلانغان شۇنداقلا دۇنيادىكى تۇنجى ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك سىپىرلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئىجاد قىلغۇچىسى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات ئىشلەپ چىقارغۇچىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئۇندىن سىرت يەنە دۇنيا ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن كەسپىدىكى ئۈچ چوڭ باشلامچىنىڭ بىرى، ھوللىۋودنىڭ ئالتە چوڭ كىنو شىركىتىنىڭ بىرى بولغان.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا، سونىنىڭ wolkman ئەپچىل ئۈن ئالغۇسى بىلەن ئۈنئالغۇ لېنتىسى دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ساياھەت بۇيۇملىرىنىڭ بىرى بولۇپ سونىنىڭ CHF60 تىپىدىكى ۋە 82-يىلى ئىشلەنگەن TDK D60 تىپىدىكى ئۈنئالغۇ لېنتىسىنىڭ باھاسى تەخمىنەن 3.88 يۈەن ئىدى.

Sony نىڭ ئۈنئالغۇ لېنتىسى ۋە WOLKMAN ئەپچىل ئۈنئالغۇسى
بەلكىم، 25ياشقا توشمىغان ياشلىرىمىز WOLKMANنى كۆرۈپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن، بىراق Playstation نى ئويناپ باققان بولۇشى مۇمكىن. Playstationبازارغا سېلىنىپ رىنتيەنتاڭ، SEGA ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇقلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، كېيىنكى بازارلىق مەھسۇلاتقا ئايلانغان.

psp
بۇنىڭدىن سىرت sony يەنە CBS (يەنى كولومبىيەنىڭ ئۈچ يۇلتۇز كىنو شىركىتى) بىلەن تارىخى ئۇزۇن مىگاۋمى كىنو شىركىتىنى سېتىۋېلىپ، CYBERSHOT ماركىسىدىكى رەقەملىك فوتو ئاپپارات، VAIOماركىسىدىكى خاتىرە كومپيۇتېرلارنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ شۇنداقلا ERIKSON بىلەن بىرلىشىپ SONY ERIKSONيانفونىنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ. ئەينى يىللىرىSONY ERIKSON خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە رىۋايەت تۈسىنى ئالغان مەھسۇلات ئىدى.

SONY ERIKSON T707  قاپقاقلىق يانفونى
بىراق، بىر مەھەل ئالقىشقا ئېرىشكەن بىر مۆجىزىمۇ كىرىزىسقا ئۇچرىدى. 2000-يىلى ئاجايىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان سونى شىركىتى 2002-يىلى قاتتىق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدۇ، شىركەت زور زىيانغا ئۇچراپلا قالماي 59يىلدىن بۇيان ئۆزگەرمىگەن رەھبەرلىك قۇرۇلمىسىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولىدۇ. Sony كىنوچىلىقىنىڭ سودا ئىناۋىتى تۆۋەنلەيدۇ، شۇنداق قىلىپ sony نىڭ كىرىزىسى بارا-بارا ئاشكارىلىنىشقا باشلايدۇ.
Sony يەنە نىيۇيوركتىكى sony سارىيى بىلەن ياپونىيەدىكى باش ئىشتاب بىناسىنى، خاتىرە كومپيۇتېر كەسپىنى، فوتو ئاپپارات مودېلى زاۋۇتىنى شۇنداقلا مەخسۇس فوتو ئاپپارات ئىشلەپچىقىرىدىغان ئولىمپاسنىڭ يېرىم پاي ھوقۇقىنى سېتىش ئارقىلىق زىيانلىرىنى تولۇقلايدۇ.
Sony ھازىرمۇ مەۋجۇت، بىراق ئۆتمۈشتىكى sonyغا تەۋە شۇ بويۇملار يوقىلىپ كەتتى.شۇنداق دېيىشكىمۇ بولىدۇكى، sony دەۋرى ئاياغلاشتى.
3. FUJI
ئالدىنقى ئەسىردە، سىپىرلىق مەھسۇلاتلار تېخى مەيدانغا كەلمىگەن زامانلاردا، لېنتىلىق فوتو سۈرەت ئاپپاراتى بىلەن ئۇنىڭ لېنتىسى ئۆتمۈشىمىزنى خاتىرىلەيدىغان قورال ئىدى. شۇ يىللاردىكى ئامېرىكىنىڭ Kodak ياپونىيەنىڭ FUJI لېنتىسى ھازىرمۇ ئېسىڭىزدە بولۇشى مۇمكىن.
FUJI فوتو-ئاپپارات لېنتا شىركىتى-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەسلىدىكى ياپونىيە پىلاستىر «لېنتا تەجرىبىخانا»سى دۇر. 1986-يىلى FUJIشىركىتى دەسلەپتە بىر قېتىملا ئىشلىتىلىدىغان «ئۇتسۇرۇن دېسۇ» ناملىق فوتو ئاپپاراتنى بازارغا سېلىپ، فوتو ئاپپاراتى ئېلىشنىڭ ئەمدى ئۇنچە قىيىن ئىش ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگەنىدى.

كەينىگە چۈشەندۈرۈلۈشى كىرگۈزۈلگەن، بىر قېتىملا ئىشلىنىدىغان فوتو ئاپاراتتا تارتىلغان رەسىم
ھالبۇكى، سىپىر تېخنىكىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئەنئەنىۋىي لېنتا ئاستا-ئاستا ئىستېمالدىن قېلىپ، FUJI مۇ ھايات-ماماتلىق ئۇرۇشى پاتقىقىغا چۆكۈپ قالدى. 2000-يىلىدىن باشلاپ، لېنتا بازىرى سىپىرلىق ئاپپاراتنىڭ ھۇجۇمى سەۋەبىدىن، بازار ئېھتىياجى يىلىغا %20-%30 لىك سۈرئەت بىلەن تۆۋەنلەپ، 10يىل ئىچىدە دۇنيانىڭ لېنتىغا بولغان ئومۇمىي ئېھتىياجى ئاساسىي جەھەتتىن قالماي كارخانىنىڭ %60 كىرىمىنى ئىگىلىگەن FUJIلېنتىسىنىڭ بازاردىكى ئۈستۈنلۈكى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە غايىب بولدى.
شۇنداق قىلىپ FUJI يەنە قايتىدىن ئىگىلىك تىكلەيدۇ.2003-يىلى FUJI پۈتۈنلەي كەسىپ ئالماشتۇرۇپ، ھاياتلىق ئىلىمىي، باسمىچىلىق، يۇقىرى ئىقتىدارلىق ماتېرىيال، ھۆججەتلەرنى بىرتەرەپ قىلىش پىروگراممىسى كەسپىنى تاللاپ، ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋىي لېنتا ساھەسىدە توپلىغان نازۇك خىمىيە، نۇر سىزىقلىرى ۋە رەڭنى كونترول قىلىشتىكى يادرولۇق تېخنىكىسىدىن قايتا پايدىلىنىپ خاس تېخنىكىغا ئىگە يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ.
ھازىرقى FUJI بولسا سۈرەت، ئۇچۇر، ھۆججەتلەرنى بىرتەرەپ قىلىش مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىنى ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ بىرى. ھازىرFUJI نىڭ پەقەت سىپىرلىق فوتو-ئاپپاراتى ۋە تېز تارتىش ئاپپاراتىلا بار خالاس.

FUJI نىڭ فوتو ئاپپارات لېنتىسى
4. SHARP
80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئۆيىدە SHARP GF-500 تىپىدىكى قوش لېنتىلىق ئۈنئالغۇسى بار كىشىلەر مەيدىسىنى كېرىپ، پەخىرلىنىپ يۈرەتتى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60،70-يىللىرى جۇڭگودا مودا بولغان كىيىم تىكىش ماشىنىسى، تېلېۋىزور ۋە ۋېلىسىپىتتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۇرمۇش بۇيۇمىنىڭ بىرى چوقۇم SHARP ماركىسىدىن ئىدى.

SHARP ماركىلىق قوش لېنتىلىق ئۈنئالغۇ
ئائىلە ئېلېكتىرون سايمانلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان SHARP شىركىتى 1912-يىلى ياپونىيەدە قۇرۇلغان. ئۇ ياپونىيەدىكى ئەڭ دەسلەپكى تېلېۋىزورنى ئىشلەپ چىقارغان. 20-ئەسىرنىڭ 60،70-يىللىرى SHARP شىركىتى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزىگە خاس يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقارغان بولۇپ، %80 مەھسۇلاتى يەرشارىدا ئەڭ خاسلىققا ئىگە شۇنداقلا ھەممىدىن ئاۋۋال ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلاردۇر. «سۇيۇق كىرىستال» ئاتىسى SHARP «ئوساكا شەھىرىدىكى ئەپسانە» دەپ ئاتىلىپ، يەرشارىدىكى تۇنجى سۇيۇق كىرىستال كۆرسەتكۈچلۈك كومپيۇتېر، سۇيۇق كىرىستال تېلېۋىزورى، سۇيۇق كىرىستاللىق تېلېكامېرالارنى ئىشلەپ چىقارغاندىن سىرت SHARP يەنە ئالما شىركىتىگە كۆرسەتكۈچ تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ بىرى. شۇڭا ئۇ ئىزچىل رەڭلىك تېلېۋىزور ساھەسى يەنى سۇيۇق كىرىستال كۆرسەتكۈچى كەسپىنىڭ باشلامچىسى.

SHARP ماركىلىق سۇيۇق كىرىستال تېلېۋىزورى
ھالبۇكى، كىرىستال ساھەسىگە سالغان زىيادە مەبلەغ، ئاخىرى SHARP نىڭ ئېغىر يۈكى بولۇپ قالىدۇ. 2016-يىلىنىڭ 2-پەسىلدىكى مالىيە دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاساسلىق تىجارىتىنىڭ نەتىجىسىدە نەچچە مىليارد زىيان كۆرۈلۈپ، ئاساسىي كۈچ ھېسابلىنىدىغان فوتو ۋولت ۋە كىرىستال ئېكران كەسپى مۇشەققەتلىك كۈرەش پاتقىقىدىن چىقالمايدۇ.
بۇلتۇر، قايتا قۇرۇلۇش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان SHARP نى جۇڭگو تەيۋەندىكى خۇڭخەي گۇرۇھى سېتىۋېلىپ قايتا رەتلىگەندىن كېيىن ئازراق ئۆزگىرىش بولىدۇ. بىراق، بىر كېچىدىلا جۇڭگو ياسىمىچىلىقى بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن يەنىلا قىيىنچىلىق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ.
5.PANASONIC
ئاتا-ئانىمىز ۋە بىز ياپونىيەنىڭ ئائىلە-ئېلېكتىر سايمانلىرى دەۋرىنى بېسىپ ئۆتكەن، ساقال ئالغۇچتىن تارتىپ توكلۇق قازان شۇنداقلا تېلېۋىزورلارغىچە PANASONIC ماركىسىنى كۆرەلەيمىز. توكلا بار يەردە PANASONIC شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئۇچرىتالايتتۇق. بۇ دەل PANASONIC نىڭ زامانى ئىدى.

20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىكى ياپونىيە PANASONIC شىركىتىنىڭ رەڭسىز تېلېۋىزورى
1918-يىلى قۇرۇلغان PANASONIC ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئەسلى نامى « PANASONICئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئىگىلىكى شىركىتى» بولۇپ، ياپونىيەنىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار سودىسى قىلىدىغان چوڭ كارخانىسى ئىدى.
PANASONICنىڭ مەھسۇلات لىنىيەسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىشلەپچىقارغاندىن سىرت يەنە سىپىرلىق مەھسۇلاتلار مەسىلەن، DVD، سىنئالغۇ، MP3، سۇيۇق كىرىستال كۆرسەتكۈچلۈك تېلېۋىزور، خاتىرە كومپيۇتېر قاتارلىقلارنى ئىشلەپ چىقارغان. ئۇندىن سىرت يەنە ئېلېكتىرونلۇق ئۇششاق زاپچاسلار، فىزولياتور قاتارلىقلارمۇ بار، بۇ شىركەت يەنە نەچچە يۈز شىركەتكە بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك ھالدا مەبلەغ سالغان.

PANASONIC ماركىلىق ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان سىنئالغۇ
بىراق بىرمەھەل دەۋر سۈرگەن بۇ ئېلېكتىر مەھسۇلاتى خاندانلىقىمۇ ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان كىرىزىسقا ئۇچرايدۇ. تۆت يىل ئىلگىرى  PANASONIC گۇرۇھى ياپونىيەدىكى ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا تارىختىكى ئەڭ چوڭ زىيانغا ئۇچراپ  772مىليارد 170مىليون ياپونىيە يىنى زىيان تارتىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا شىركەتنىڭ لىدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان تىسۇگا شىركەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىسىنى B2B ساھەسىگە قارىتىپ، شىركەتنى ئىچكى جەھەتتىن قايتا رەتلەپ،توختىماي يېڭى مەھسۇلات تەتقىق قىلىۋاتاتتى. (B2B دېگىنىمىز، كارخانا بىلەن كارخانا ئوتتۇرىسىدىكى ئىنتېرنېت تورىدىن پايدىلىنىپ مەھسۇلات، مۇلازىمەت ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت. B2B قېلىپى ئېلېكتىرونلۇق سودىدىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن، ئەڭ قېلىپلاشقان سودا شەكلى بولۇپ، ناھايىتى تېز سۈرئەتتە پايدا ئېلىپ كېلەلەيدۇ.)
نەچچە يىللىق تەڭشەشتىن كېيىن، PANASONIC گۇرۇھىدىمۇ زىيان ئازلاپ ئۆزگىرىش زور بولىدۇ. 16يىل دەۋر سۈرگەن PANASONIC نىڭ سېتىش كۆلىمى يەتتە تىرىللىيون 500مىليارد ياپونىيە يىنى ئىدى، ئىچكى قىسىمى 36 كەسپىي بۆلۈمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت چوڭ كەسپىي شىركەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلار ئايرىم ھالدا تېلېفون ۋە ئائىلە سايمانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېلېكتىر سايمانلىرى شىركىتى،  تۇرالغۇغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇھىت ئاسراش لايىھەسى شىركىتى، مۇلازىمەت كەسپىگە يۈزلەنگەن سىستېمىلىق ئالاقىلىشىش-سېتىش شىركەتلىرى شۇنداقلا ماشىنا-ئېلېكتىر سىستېمىسى شىركىتىدىن ئىبارەت.
يۈز يىل مابەينىدە ئائىلە-ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئاساس قىلغان PANASONIC شىركىتى بارا-بارا ئەنئەنىۋىي ئائىلە-ئېلېكتىر سايمانلىرى كەسپىدىن ۋاز كېچىپ، دىققىتىنى رەقەملىك مەھسۇلاتلار ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە سايمانلىرى، ئەقلىي قابىلىيەتلىك شەھەر ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈردى. كەلگۈسىدىكى PANASONIC پات يېقىندا يىپيېڭى قىياپىتى بىلەن ئەتراپىمىزدا پەيدا بولىدۇ.
6.SANYO
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا، SANYO ماركىلىق رادىيولۇق ئۈنئالغۇ سېتىۋېلىش مودا ئىدى. ئەينى يىللىرى تۆت كانايلىق ئۈنئالغۇسى بارلار دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ئالقىشىغا ۋە ھەۋەس قىلىشىغا ئېرىشەتتى.  ئۈنئالغۇنىڭ ئەتراپىدا يېتىۋېلىپ ھەريەرلەردىن يىغىپ كەلگەن ناخشا-مۇزىكىلارنى ئاڭلاش ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەنىدى.

SANYO نىڭ تۆت كانايلىق رادىيولۇق ئۈنئالغۇسى
ياپونىيەنىڭ SANYO ئېلېكتىر سايمانلىرى گۇرۇھى ياپونىيەدىكى 60يىللىق تارىخقا ئىگە چوڭ تىپتىكى كارخانا گۇرۇھى بولۇپ بولۇپ، 1947-يىلى قۇرۇلغان، ئاھاڭ تەرجىمىسىدە «ئۈچ دېڭىز» دېگەن مەنىگە ئىگە بولۇپ، مەھسۇلاتلىرىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تونۇتۇش مەقسىتىدە قويۇلغان.   ئەينى يىللىرى SANYO نىڭ كىرئالغۇسى بىلەن توڭلاتقۇسى ئەڭ داڭلىق بولۇپلا قالماي   SANYO يەنە ياپونىيەدە لىتىي باتارېيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقارغۇچىسى ئىدى.

SANYO نىڭ لىتىي باتارېيەسى
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولدى،مەھسۇلاتلىرى ئېكران، يانفون، رەقەملىك فوتو ئاپپارات، ماشىنا، بىيولوگىيەلىك دورا ياساش كەسىپلىرىدىن ئىبارەت كۆپ ساھەگە چېتىلىدىغان SANYO مۇ تالان-تاراج قىلىنىش تەقدىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ.
2009-يىلىنىڭ ئاخىرى، PANASONIC شىركىتى رەسمىي ھالدا SANYO شىركىتىنى سېتىۋالدى ۋە زىياندىن قۇتۇلۇش ھەمدە كەسىپنى قايتا رەتلەش ئۈچۈن SANYO نىڭ قىسمەن مۈلۈكلىرىنى سېتىشقا باشلىدى.
2011-يىلى جۇڭگو خەيئېر گۇرۇھى PANASONIC قارمىقىدىكى SANYO ئېلېكتىروماتور شىركىتى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، SANYO نىڭ ياپونىيە، ھىندونېزىيە،مالايشىيا، فىلىپپىن ۋە ۋىيېتنامدىكى كىرئالغۇ، توڭلاتقۇ ۋە باشقا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى كەسپى ۋە AQUA ماركىسىدىكى كىرئالغۇ كەسپىنى سېتىۋالىدۇ.
2013-يىلى مارتتا PANASONIC شىركىتى SANYO ئېلېكتروماتورنىڭ رەقەملىك فوتو ئاپپارات كەسپىنى ساتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، يەنە شۇ يىلى مايدا PANASONIC شىركىتى 2015-يىلى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن SANYO نىڭ ئېلېكتىرون شىركىتىنى ساتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، شۇنداق قىلىپ، SANYO ماركىسى پۈتۈنلەي پارچىلىنىپ تۈگىدى.
SANYO يوقىلىپ كەتتى، بىراق بىز بازاردا كۆرگەن خەيئېر ماركىلىق كىرئالغۇ دەل شۇ SANYO  نىڭ كىرئالغۇسى بولۇشى مۇمكىن. ياپونىيەنىڭ كونا ماركىلىرى نېمە ئۈچۈن تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ؟ ئەينى يىللىرى دەۋر سۈرگەن، خەلق ھەۋەس بىلەن سۆزلەپ كېتىدىغان ياپونىيەنىڭ بۇ داڭلىق كارخانىلىرىدا كىرىزىس يامراپ كەتتى. ئىلگىرى سۇيۇق كىرىستال تاختىسى ساھەسىدە پۈتۈن دۇنياغا تونۇلغان SHARP قەرز پاتقىقىغا پېتىپ قالدى، تىجارەت ئىلاھى كونوسۇكى ماتسۇشىتا ئەپەندىم قۇرغان PANASONIC يىلمۇ-يىل زىيان تارتىدىغان قىيىنچىلىقتىن ناھايىتى تەستە قۇتۇلغان بولسىمۇ لېكىن پايدا ئېلىشى خۇددى ئاسمانغا چىقىشتەك تەس بولدى. ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ ماگناتى TOSHIBA شىركىتىنىڭ پۈتۈن مەھسۇلات لىنىيەسى چېكىنىپ كەتتى. ئۇندىن باشقا HITACHI,SANYO,NEC قاتارلىق ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بۇ ئىسىملار ئاستا-ئاستا يوقىلىشقا باشلىدى، بۇ ئېغىر ئەھۋالنىڭ سەۋەبى نېمە؟
ياپونىيەنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ئاجىزلاپ كەتتى
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ياپونىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئىزچىل ناچارلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ياپونىيەنىڭ ئىقتىسادى ئۈچىنچى پەسىلىدە چېكىنىپ كەتتى، بۇ 2016-يىلىدىن بۇيان كۆرۈلگەن تۇنجى قېتىملىق ئىقتىسادىي چېكىنىش. داڭلىق باشقۇرۇش مۇتەخەسسىسى لى جاڭتاۋ ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، «ياپونىيە پۇل مۇئامىلىسىنىڭ بازارلىشىشى، ئەركىنلىشىشى ياپونىيەنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان، پۇل-مۇئامىلە ھايانكەشلىكى، ۋە پۇل-مۇئامىلە مۇددىتىنىڭ قىسقىرىشى بىر مەھەل ياپونىيە كاپىتال بازىرىنى قاپلاپ، كارخانىلار مەبلىغىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى، كىرىزىسنىڭ گىرەلىشىپ يامراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئەڭ ئاخىرىدا ياپونىيە ئىقتىسادىي بىلەن ياپونىيە كارخانىلىرىنى ۋەيران قىلدى.
شۇنداق بولۇپلا قالماي، بەزى ياپونىيە كارخانىلىرىنىڭ كارخانا ئەخلاقىنىڭ كەمچىل بولۇشىمۇ مەغلۇپ بولۇش ۋەزىيىتىنىڭ پايدا بولۇشىغا سەۋەبچىدۇر. ياپونىيەنىڭ ئىقتىساد خەۋىرى  خەنزۇچە تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلگەن« بۇندىن بۇرۇن،  سۇيۇق كىرىستال ئېكرانى تېخنىكىسىغا تايىنىپ بىر مەھەل شۆھرەت قازانغان SHARP نىڭ كىرىزىسقا پېتىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى، چوڭ تىپتىكى مەبلەغ سېلىشىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى ۋە باشقۇرۇش قاتلىمىنىڭ سەۋەبىدىن باشقا يەنە كارخانا ئەخلاقىنىڭ چۈشكۈنلىشىشى بىلەنمۇ زور مۇناسىۋەتلىك».
جۇڭگو بازىرىنىڭ تەسىرى
جۇڭگو تېخنىكا جەھەتتە كېيىن يېتىشىپ چىققان بولۇپ، يۇقىرى پەن-تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ياپونىيەنى توختىماي قوغلىشىپ ياپونىيە كارخانىلىرىنىڭ بازار ئۈلۈشىنى ئىگەللىدى.
ھازىرقى جۇڭگو بولسا دۇنيادىكى يۇقىرى پەن-تېخنىكا، ئېلېكتىرون ۋە سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنى ئېكسپورت قىلغۇچى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ياپونىيەنىڭ ئاسىيادا يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئېكسپورتىدا يېتەكچى بولۇش دەۋرى  ئاياغلاشقان.
ئۇزۇن مەزگىل بازار سەركىسى بولۇپ كەلگەن ياپونىيەنىڭ داڭلىق ماركىلىرى جۇڭگونىڭ ئۈزلۈكسىز قەد كۆتۈرۈۋاتقان ھالىتىگە دەل ۋاقتىدا توغرا قارىيالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىستېمالچىلارنى تالىشىش رىقابىتى جەريانىدا بارا-بارا تۆۋەنكى ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان.
ئەسلى مەنبە  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو ئۇندىدار سۇپىسى

mmexport1490363943873.jpg (69.62 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

mmexport1490363943873.jpg

mmexport1490363947818.jpg (51.24 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

mmexport1490363947818.jpg

mmexport1490363955201.jpg (57.68 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

mmexport1490363955201.jpg

mmexport1490363962142.jpg (54.98 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

mmexport1490363962142.jpg

mmexport1490363975719.jpg (82.49 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

mmexport1490363975719.jpg

mmexport1490363979860.jpg (61.88 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

mmexport1490363979860.jpg

mmexport1490363983517.jpg (52.31 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

mmexport1490363983517.jpg

mmexport1490363987388.jpg (39.35 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

mmexport1490363987388.jpg
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش4 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن6 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

25ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
MAWLUD ۋاقتى: 2017-3-25 02:09:23
سونىنى،ئۇنداق تېز ۋەيران بولمايدۇ،ھازىرقى يۇقىرى تېخنىكا بىلەن ئىشلەۋاتقان،جۇڭگو بازىرىدىكى قىممەت باھالىق تېلېفونلارنىڭ،ھەممىسگە،سونىنىڭ،كامىراسىنى ئىشلتىۋاتىدۇ،مەسىلەن،شىياۋمى،ۋىۋو،مېيزۇ،نۇبىيا،قاتارلىق تېلفۇنلارنىڭ ھەمىسسىگە،ئاشۇ سونىنىڭ،مەسھۇلاتىنى شىلتىدۇ نىمىشقا چۈنكى،ئۇلارنىڭ تېخنىكىسى،سونىنىڭكىگە يەتمەيدۇ يەنەكىلىپ باشقا شىركەتلەر بىرتېلفۇنسىنى ئىشلەپ چىقرىپ ئۇزاق ئۆتمەي يېڭى مەسھۇلات چىقىردۇ،كەينىدىنلا بۇرۇن چىقارغان مەسھۇلاتنىڭ باھاسنى شىدەت بىلەن ۈشۈرۈشكە باشلايدۇ،بىراق سونى ئۇنداق ئەمەس،چۈنكى،دەل ئۇلارنىڭ بىرەر مەسھۇلات چىقارسا،قۇلىنىڭ ئۇچىدىلا ئىشلىمەستىن بەلكى،ئەڭ ياخشى تېخنىكا بىلەن ئىشلەيدىغانلقىنى بىلدۇردۇ،مەن 2015يىل ئاخرى،سونىنىڭ ئەڭ بايراقدار يانفۇنى z5pتوردىن،ئېلانىنى كۈرۈپ،ئۇزاق ئۆتمەي،ئۈرۈمچىدىكى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىغا بىرپ ئۆزكۈزۈم بىلەن كۈرۈپ،بۇتېلفۇنغا ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم،چۈنكى ھازىر كىشلەرنىڭ نەزىردە ئەڭ مودا بۇلۋاتقان ئالما تېلفۇنمۇ بۇتېلفۇنچىلىك ياخشى چىقمايدۇ مەسلەن ،كامىراسىنى ئېلىپ ئېتساق،كامىراسى2300مېليۇن پېسكىل ،0.03سىكۇنتتا بىرپارچە سۈرەت تارتالايدۇ،،ئېكىران4kئېنىقلىقتىكى ئېكىران سەپلەنگەن،ھازىر قايسى بىرتېلفۇنغا،4kئېنىقلىقتىكى ئېكىران سەپلەيدۇ،يەنە بىرئالاھىدىلكى،سۇدىن مۇداپىئەلىنىش ،ئىقتىدارى،10مېتىر چوڭقۇرلىقتىكى،سۇدا يېرىم كۈن تۇرۇپ قالسىمۇ ھىچنىمە بولمەيدۇ،ھازىر بەزى يانفون شىركەتلىرى،بۇنى دوراپ قىلدى بىراق يەنلا سونىينىڭكىگە يەتمەيدۇ،ئالما 7پىلاس،قا مۇشۇ ئىقتىدارقوشقان بولسىمۇ،ئەسۇسلىنارلىقى،سۇدا بەرداشلىق بىرىش ۋاقتى ئاران يېرىم سائەت ،ئويلاپ بېقىلا،مۇشۇنداق تۇرۇپ نۇرغۇن كىشلەرنىڭ نەزىردە،سونىنى ۋەيران بۇلدۇ دەپ ئويلايدۇ،بىراق ئۇنداق بۇلشى ناتايىن،يېقىنقى،ITخەۋەرلىردە سونىنىڭ يانفۇنى،XAچىقىدىكەن،بۇيانفۇنغا،كەينى كامىراسى،4100مىليون پېسكل،ئالدى كامىراسىغا1600مىليون پېسكىل،كامىرا سەپلىندىغانلىق،خەۋرې بار،ئەپسۇسنارلىقى قاچان بازارغا چىقىدغانلىقى ئېنىق ئەمەس
تۆر
14799682185 ۋاقتى: 2017-3-24 23:12:49
راستىنلا جىڭ ئىدى ،،مەنمۇ  تۇنجى ئىشلەت ىكەن تېلېفونۇم. سونى ئىدى
گىلەم
iltebir107 ۋاقتى: 2017-3-24 23:21:56
مەن ھازىرمۇ سونى ئىشلىتىمەن. توشىبا تىلھۇزۇرىمۇ بار . بۇلار يەنە كىشىلەر ياختۇرۇپ سېتىۋالىدىغان مەھسۇلات دەپ قارايمەن.
ئورۇندۇق
بۆرەwolf ۋاقتى: 2017-3-24 23:23:45
سونىينىڭ تېخنىكىسىغا قول قويىمە جۇمۇ
5-قەۋەت
RIXTA0998 ۋاقتى: 2017-3-25 00:06:11
ھەي  سونىگە   زەپ  بوپتۇ  دە كاساپەت
6-قەۋەت
BAHADIR05 ۋاقتى: 2017-3-25 00:10:07
سونىي دەۋرى ئاخىرلاشتى دېيىش سەل ئالدىراپ دېيىلگەن گەپ بوپ قاپتۇ،ھازىرمۇ نۇرغۇن تېلفۇن شىركەتلىرى تېلفۇننىڭ سۈرەتكە تارتىش ئاپىراتىغا سونىينىڭ ئاپىراتىنى ئىشلىتىدۇ،سونىينىڭ تېلفۇنلىرىمۇ بەك ياخشى ،ئېكران سۈزۈكلىكىمۇ 4Kچىقىدىغانلىرى بار،شۇڭا سونىي دەۋرى ئالدىراپ ئاخىرلاشمايدۇ
7-قەۋەت
0998alxah ۋاقتى: 2017-3-25 01:02:54
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   0998alxah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-3-25 01:04  
BAHADIR05 يوللىغان ۋاقتى  2017-3-25 00:10
سونىي دەۋرى ئاخىرلاشتى دېيىش سەل ئالدىراپ دېيىلگەن گە ...


توغرا دەيسىز مىنىڭچىمۇ سوني ئاسانلىقچە ۋەيران بولماسلىقى مومكىن لىكىن دەۋىرگە ماسلىشالمىسا بىر نەرسە دەپ بولغىلى بولماسمىكى   
8-قەۋەت
نەۋقۇت ۋاقتى: 2017-3-25 01:34:00
ئېسىمدە قېلىشىچە، توشىبانىڭ ماركا ئىسمى  TOSHIBA دەپ ئېلىناتتى.
10-قەۋەت
MAWLUD ۋاقتى: 2017-3-25 02:13:38
بەزى ئىملا خاتالىقى كۈرلۈپ قاپتۇ،توغىرا ئۇقۇشىڭلارنى ئۈمۈد قىلمەن
11-قەۋەت
abduwayt ۋاقتى: 2017-3-25 07:55:20
مەن ئەڭ ياخشى كۆردىغان ماركىلار سونى بىلەن مىتسۇبىشى ئىدى،
ممىتسو بىشىنىڭ خەۋرى يۇقكەن
12-قەۋەت
abdulla156 ۋاقتى: 2017-3-25 08:19:20
sharp نىڭ  تېلۋىزورى  ھازىرمۇ  باغۇ  نىپىز ئېكرانلىق  شۇنداق  نوچىلىرى  چىكەتتى لازىملار   مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلار، 18599080848
13-قەۋەت
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2017-3-25 09:53:14
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۇمشاق دېتال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-3-25 10:45  

تېما ئىگىسى،
ئىملاغا بەك دىققەت قىلىڭ،
باشقا قانداق سۆزدە ئىملا خاتالىقى ئۆتكۈزسىڭىز بولىدۇكى ئاتالغۇلاردا ئىملا خاتالىقى ئۆتكۈزۈش خۇددى جىنايەت،
TOXIBA  TOSHIBA
SONY ERIKSON  SONY ERICSSON

ئىملا خاتالىقى جىنايەت بىلەن باراۋەر،
بولۇپمۇ ئاتالغۇلارنى يازغاندا

تېمىنى ياخشى يىزىپسىز، رەھمەت سىزگە
14-قەۋەت
1217 ۋاقتى: 2017-3-25 11:00:17
MAWLUD يوللىغان ۋاقتى  2017-3-25 02:13
بەزى ئىملا خاتالىقى كۈرلۈپ قاپتۇ،توغىرا ئۇقۇشىڭلارنى  ...

كامېرا سانلىق ئۇچۇرىدا ھەم كۆرۈنۈپتۇ، 41 مىليون بولسا توغرا بولاتتى مېنىڭچە.
15-قەۋەت
MAWLUD ۋاقتى: 2017-3-25 12:34:46
كەچۈرۈڭ،مەن خەنزۇچە4100万دەپ ئويلاپلا،ئۇيغۇرچە،يېزىلشىغا دىققەت قىلماپتىمەن
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部