ھەرپ تىزمىسىنىڭ مەلۇم ئورۇندىن باشلاپ مەلۇم ئۇزۇنلۇقتىكى ھەرپنى كىسىپ قايتۇرىدۇ.
- Public Shared Function Mid( _
- ByVal str As String, _
- ByVal Start As Integer, _
- Optional ByVal Length As Integer _
- ) As String
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
پارامىتېرلىرى
Str(چوقۇم يېزىلىدۇ)
ھەرپ تىزمىسى(String). كەسمەكچى بولغان ھەرپ تىزمىسىنى كۆرسىتىدۇ.
Start(چوقۇم يېزىلىدۇ)
پۈتۈن سان(Integer). ھەرپ تىزمىسىنىڭ كېسىدىغان ئورۇن نومۇرىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر Startنىڭ قىممىتى Strنىڭ ھەرپ سانىدىن چوڭ بولسا، Mid فونكىسىيەسى نۆل ئۇزۇنلۇقتىكى ھەرپ تىزمىسىنى(”“) قايتۇرىدۇ. باشلىنىش بولسا ئاساس.
Length(تاللاپ يېزىلىدۇ)
پۈتۈن سان(Integer). كېسىدىغان ھەرپ ئۇزۇنلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر Length يىزىلمىسا ياكى كېسىدىغان ھەرپ تىزمىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى(كىسىلىش ئورنىدىن كېيىنكى ھەرپ ئۇزۇنلۇقى) Lengthنىڭ قىممىتىدىن كىچىك بولسا، ھەرپ تىزمىسىنىڭ كىسىلىدىغان ئورنىدىن باشلاپ ئاخىرغىچە بولغان بارلىق ھەرپلەرنى قايتۇرىدۇ.
كۆرۈلىدىغان خاتالىقلار
تىپى | نومۇرى | شەرتى | | | Start <= 0 ياكى Length < 0. |
ئەسكەرتىشلەر
ئەگەر Strنىڭ ھەرپ ئۇزۇنلىقىغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، Len فونكىسىيەسىنى ئىشلىتىڭ.
مىسال
- ' ھەرپ تىزمىسى ئېنىقلاش
- Dim TestString As String = "Mid Function Demo"
- ' "Mid"نى قايتۇرىدۇ.
- Dim FirstWord As String = Mid(TestString, 1, 3)
- ' "Demo"نى قايتۇرىدۇ.
- Dim LastWord As String = Mid(TestString, 14, 4)
- ' "Function Demo"نى قايتۇرىدۇ.
- Dim MidWords As String = Mid(TestString, 5)
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
تەلەپلەر
نامبوشلۇق: Microsoft.VisualBasic
بۆلەك: Strings
كۆرسەتمە
ئىككىنچى ئەۋلات كىملىك 18 خانىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئالدىنقى 6 خانە كىملىك ئىگىسى تۇغۇلغان يۇرتنى(ناھىيە شەھەرگىچە)، 7-خانىدىن 14-خانىغىچە تۇغۇلغان كۈنىنى، 17 خانىسى جىنسىنى(ئەگەر تاق بولسا ئەر، جۈپ بولسا ئايال بولىدۇ) كۆرسىتىدۇ.
ئەمدى سىز كىملىك نومۇرىغا ئاساسەن، Mid فونكىسىيەسىنى قوللىنىپ، بۇ ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىپ بېقىڭ.
قېنى سىزمۇ سىناپ بېقىڭ.
پىروگىراممىغا قىزىقىدىغانلار ئاستىدىكى چىپار كود(ئىككىلىك كود)نى سايىلەپ ياكى «شەرەر»، «xarar_09» دەپ ئىزدىتىپ شەرەر سالونىنى قىتىۋالساڭلار بولىدۇ.
مەنبە: شەرەر تورى
|