+تېما يوللاش
veros47 يوللانغان ۋاقتى:2015-8-24 15:22 3903 قېتىم كۆرۈلدى 44 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار. ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام.  
نەق گەپكە كەلسەك نۇرغۇنلىغان مىيزۇ ئىشلەتكۈچىلەر  مىيزۇغا روت ھوقوقى ئىلىشنىڭ تولىمۇ ئاسانلىقىدىن خۇش بولغان بولىشى مۇمكىن. لىكىن بايقىغان بولساڭلار مىيزۇنىڭ تەڭشەك قىسمىدىنلا روت ھوقوقى ئالغاندا گەرچە روت ئېلىنغىنى بىلەن پۈتۈنلەي روت ئىلىندى دېگىلى بولمايدىكەن.  بەزى روت تەلەپ قىلىدىغان ئەپلەرنى ئىشلەتكەندە يەنە قاملاشمايدىكەن.  يېقىندا مەنمۇ بىر مىيلەن نوت يانفۇنى سېتىۋىلىپ ئىشلەتكەن. روت ئالىدىغان بوپ قىلىپ شۇنچە جىدەللىشىپ بۈگۈن ئاخىرى روت ئالدىم ، شۇڭا تەجىربەمنى كۆپچىلىك بىلەن تەڭ ئورتاقلىشاي دەپ بۇ تېمىنى يىزىۋاتىمەن.
1. ئالدى بىلەن تىلفۇنىمىزنىڭ سىستىما تەڭشىكىگە كىرىپ 个人中心 دىن 开放系统权限 دىگەن تۈرنى ئىچىۋىتىمىز. تىلىفۇن قايتا قوزغىلىدۇ.
     
2.ئاندىن توردىن 360 بىر كونۇپكا بىلەن روتلاش قۇرالىنى چۈشۈرۈپ تىلىفۇننى كومپىيوتىرغا ئۇلاپ روتلايمىز. مىنىڭكى تىلىفۇنۇم تىلىفۇن نۇسقىسىدا بىر قىتىمدىلا روتلانغان قالغانلا سىناپ باقساڭلا بولىدۇ.


3.روتلاپ بولغاندىن كىيىن روت لازىم بولىدىغان نۇرغۇن مەشغۇلاتلىرىمىز يەنىلا توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ سەۋەبى تىلىفۇن ئۆزىدە بار بولغان يانفۇن قاراۋۇلى مەشغۇلاتلارغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقتىن رپت مەشغۇلاتىنى توسۇپ قالىدۇ. بىز ئاشۇ قاراۋۇلنى جايلىۋەتسەكلا ئىش تامام .
4. ماۋۇنى بىسىپ 安全中心 نى يۇيۋەتسەكلا بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ روتلاش پۈتۈنلەي تاماملاندى.
  لىكىن مەن سىستىمامنى 51. گە كۆتىرۋاپتىكەنمە ، چىرايلىق خەت نۇسقىسى قاچىلاي دىسەم سەل ئەنسىرەپ قالدىم. ھەم مۇنبەردە بۇ توغۇرلۇق تىمىمۇ يوقكەن 5.1 گە مۇناسىۋەتلىك دىمەكچى.  شۇڭا خالايدىغان دوسلا بولسا بىللە مۇشۇ مەسلىنى ھەل قىلىپ باقساق.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش4 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن3 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

44ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
ababakri88 ۋاقتى: 2015-8-24 16:24:43
رەھمەت سىزگە ! مەندە x5v  vivo بارئىدى  ، پەقەت روت ئالالمىدىم . ياكى بولمىسا ، روت ئالماي تۇرۇپلا ئۇيغۇرچە فونىد قاچلىغىلى بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى .

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
گىلەم
eliy007 ۋاقتى: 2015-8-24 16:36:37
مەندە mx3باتى بازاردىن ئالغاندا ئىچىدە فىلەيمى باركەن  فىلەيمىنىڭ مەخپى نۇمۇرنى بىلەلمىدىم  رۇت ئالغىلى بۇلمىدى  مۇشۇنۇڭغا ئامال قىلالمىدىم رۇت ئېلىشنى بىلدىغانلار ياردىمىڭلارنى ئايمىغان بۇلساڭلار
ئورۇندۇق
wp8.1otkur ۋاقتى: 2015-8-24 16:59:54
مەن mx5 ئىشلىتىۋاتقان ،سىستىما تەڭشىكىدىنلا روت ھوقۇقى ئىلىپ خەت شەكلى قاچىلدىم ھىچقانداق بىنورمال ئەھۋال يوق ، ئۇنداق 360 دىن روت ئىلىشنىڭ ئورنى يوق ،ھەم بىخەتەرلىك مەركىزىنى يۇيۋەتىشنىڭمۇ ئورنى يوق،،،
5-قەۋەت
wp8.1otkur ۋاقتى: 2015-8-24 17:01:07
ئەگەر سورايدىغان گەپ بولسا مۇنۇ ئۈندىدارنى قاچىلاڭ قاچىلغاندا ئەسكەرتىڭ 577133154
6-قەۋەت
wp8.1otkur ۋاقتى: 2015-8-24 17:03:49
eliy007 يوللىغان ۋاقتى  2015-8-24 16:36
مەندە mx3باتى بازاردىن ئالغاندا ئىچىدە فىلەيمى باركەن   ...

ئەخمەق بوپسىز ،ئۇ فىلەيمىنى مەخپىي نۇمۇرنى بىلگەندىلا ئاچقىلى بولىدۇ ،
7-قەۋەت
بۈركۈت11 ۋاقتى: 2015-8-24 18:43:22
ئەمىليەتتە 360 روتلىغۇچتا خېلى جىق يانفۇنلارغا روت ئالغىلى بۇلىدۇ ..
8-قەۋەت
timoqin ۋاقتى: 2015-8-24 18:46:47
جاپا تارتىپ تىما يازغىنىڭىزغا رەھمەت. مىنىڭ كۆز قارىشىم مۇنداق :
زاۋۇت بىزنى يانفۇننى بىخەتەر ئىشلەتسۇن دەپ روت ھوقوقى ئالماي ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە مېيزۇ يانفۇنلارنىڭ ئۆزىدىلا روت ھوقوقى ئېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپتۇ.
شۇڭا بەك زۆرۈر بولمىسا ئامال بار روت ئالماي ، ئىچىدىكى تەڭشەكتىن ھوقۇقنى ئېچپلا ئۇيغۇرچە تونۇتساق تونۇتۇپ شۇ بويىچە ئىشلىتەيلى. نىمە قىلىمىز ئۇنىمىسا ئۇنىماي روت ئېلىپ ،
مىنىڭ ھازىر ئىشلىتىۋاتقىنىممۇ مۇشۇ مېيزۇ نوتى 2 يانفۇنى. ئورگان تورىدىن ئالغانتىم ئەكىلىپلا شۇ تەڭشەكتى روت ھوقوقىنى ئېچىپ ئاندىن قۇتيار فوند قاچىلىغۇچ ئارقىلىق ئۇيغۇرچىنى چىرايلىق قىلىۋالدىم لىكىن ئېكران ئۈستىدىكى 中国移动 دىگەن خەت پۇچۇق چىقىۋالدى.   ھەپىلىشىپ يۈرۈپ re ھۆججەت باشقۇرغۇچ ئارقىلىق باشقا فوند قاچىلاپ بۇ ئىشنىمۇ ئوڭشىۋالدىم
9-قەۋەت
timoqin ۋاقتى: 2015-8-24 18:49:42
ھەر راس تىما ئىگىسى بىر گەپ سوراي  ، سىز سېستىمىنى 5.1 گە كۆتۈرۋالغان دەپسىز . بۇ يانفۇنلار زاۋۇتتىن كېلىشتە 5.1 سېستىما بىلەن كېلىدىغان تۇرسا ، بۇ نىم دىگىنىڭىز ؟
يەنە بىر گەپ ، مۇشۇ مېيزۇنىڭ 5.1 سېستىمىسىنى 4.4 غا چۈشۈرگىلى بولامدۇ ؟  بىلىدىغان يىگىتلەر بىر جاۋاپ يېزۋىتىڭلارچۇ…
10-قەۋەت
rewayat353 ۋاقتى: 2015-8-24 20:24:46
مىيلەن 2 نى ئىشلىتىۋاتقانلار بارمۇ؟ قانداقراقتۇ؟  4 ھەپتە بولدى ھىچ سىتىۋالالمايمەن ئۆچرەت تەگمەيدۇ.
11-قەۋەت
oglan1 ۋاقتى: 2015-8-24 22:27:32
timoqin يوللىغان ۋاقتى  2015-8-24 18:46
جاپا تارتىپ تىما يازغىنىڭىزغا رەھمەت. مىنىڭ كۆز قارىشى ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم، مەنمۇ مىيلەن note2 ئىشلىتىۋاتىمەن،مىنىڭ ميزۇنىڭ يانفۇنلىرىنى تۇنجى قىتىم ئىشلىتىشىم،بۇ تېلفۇن توغرىسىدا تەجرىبەم يوق دىيەرلىك،بۇ تېلفۇننىڭ ئېكراننى رەسىمگە تارتىش ئىقتىدارىنى پەقەت تاپالمىدىم، ياردەم قىلغان بولسىڭىز، يەنە بىر ئىش مۇمكىن بولسا سىز
12-قەۋەت
oglan1 ۋاقتى: 2015-8-24 22:35:17
oglan1 يوللىغان ۋاقتى  2015-8-24 22:27
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم، مەنمۇ مىيلەن note2 ئىشل ...

مۇمكىن سىز re ھۆججەت باشقۇرغۇچ ئارقىلىق قاچىغان فۇنىتنى ھەم شۇ فۇنىتنى تەڭشەش جەريانىنى مۇنبەر يوللاپ قويغان بولسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى.


باشقۇرغۇچى قېرىنداشلارغا:
مەن ئۆزۈم يازغان تىمىنى تەھرىرلەي دىسەم باشقىلارنىڭ تىمىسىنى تەھرىرلىيەلمەيسىز دەپ چىقىۋالدى، بۇ قانداق ئىشتۇ؟
13-قەۋەت
oguzhan ۋاقتى: 2015-8-24 22:45:20
مۇشۇ مېيلەن نوت ئىشلەتكەنلەر تەسىراتىڭلارنى يېزىپ قويۇڭلارچۇ، قانداقراقكەن؟ توكى قانچىلىك يېتىدىكەن؟ ئاپپاراتى سۈزۈكمىكەن؟ قىزامدىكەن؟ ئىشلىشى راۋانمىكەن....... ۋەھاكازالار
14-قەۋەت
timoqin ۋاقتى: 2015-8-24 23:55:34
rewayat353 يوللىغان ۋاقتى  2015-8-24 20:24
مىيلەن 2 نى ئىشلىتىۋاتقانلار بارمۇ؟ قانداقراقتۇ؟  4 ھەپ ...

مېيلەن نوتى ئىككى نى ئىشلىتىۋاتىمەن ھازىرچە يامان ئەمەس ئىشلەۋاتىدۇ.  ئىككىلەنمەي ئېلىۋىرىڭ  رازى بوپ قالىسىز
15-قەۋەت
timoqin ۋاقتى: 2015-8-24 23:59:59
oglan1 يوللىغان ۋاقتى  2015-8-24 22:27
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم، مەنمۇ مىيلەن note2 ئىشل ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟  مېيلەنnote2 دە مەنبە كونۇپكىسى (تېلفۇننى تاقاش) كونۇپكىسى بىلەن ئاۋاز يۇقىرلىتىش قونۇپكىسىنى تەڭ باسسىڭىز ئېكراننى رەسىمگە تۇتىدىكەن.
مەن ئىشلەتكەن فونتنى بىر قېرىندىشىمىز كىيۇكىيۇدا يوللاپ بەرگەنتى ، كىيكىيۇدا ساقلىۋالغان ئىدىم.  ھازىر سىزگە يوللاپ بىرەي دىسەم بىزنىڭ رايۇندا كىيۇكىيۇ ئېچىلمىغاچقا ئۇ فونتلارنى چۈشۈرەلمىدىم
123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部