+تېما يوللاش
Sebiybeg يوللانغان ۋاقتى:2015-4-12 13:45 10389 قېتىم كۆرۈلدى 43 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش

نەچچە كۈننىڭ ياقى قارىسام بۇ خاپا بولمايدىغان سەبىيجان ھە دەپ سەنشىڭ يانفونلىرىنىڭ سىستېمىلىرىنى يوللاۋاتمامدۇ ، ئاچچىقىم تازا بىر كەلدىدە شۇنىڭ بىلەن بۈگۈن مۇشۇ سەبىيجاننىڭ يوللىغان سىستېمىلىرىنى بۇزالايدىغان بىر ئامالنى تاپمىسام دەپ ئىزدەپ … ئىزدەپ ئاخىر تىپىپ كەلدىم !

ئۇ بولسىمۇ بارلىق سەنشىڭ يانفونلىرىنى Root لاش

قانداق سەبىيجان ئەمدى مەن سەبىيجاندىن ئېھتىيات قىل جۇمۇ ھى ھى ھى

دوستلارغا ئايان بولغىنىدەك سەنشىڭ يانفوننى Root ئالماي تۇرۇپ ئۇيغۇرچىنى چىرايلىق قىلغىلى بولمايدۇ ، ۋە بەزى بىر مەشغۇلاتنى قىلغىلى بولمايدۇ ، ( ئەلۋەتتە باشقا ئۇسۇللارمۇ بار ئۇنى ئايرىم بىر تېمىدا سۆزلەي )

ئالدى بىلەن بۇ تېمىنى تولۇق ئوقۇپ بولۇپ مەشغۇلات قىلىڭ !

ئەمىسە كۆپ گەپ قىلماي بۇ خىسلەتلىك قورالنىڭ ئۆزىگە كىلەيلى …



http://autoroot.chainfire.eu/



ئۇستىدىكى ئاۋۇ ئادرېسقا كىرىمىز ۋە ئاستىدا بېرىلگەن ئۆرنەك رەسىم بويىچە مەشغۇلات قىلىمىز  ، يەنى بىز Root ئالماقچى بولغان يانفوننىڭ تىپ نومۇرىغا ئاساسەن توغرا تاللاپ تاپىمىز ، ۋە يەنە android نەشرىگە قاراپ يانفونىمىزنىڭ نەشرى بىلەن ئوخشاشمۇ ئەمەسمۇ سېلىشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن download دېگەننى چىكىمىز ، ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ !





ئەمدى ئېچىلغان يېڭى كۆزنەكتىن ئىسترېلكا كۆرسەتكەن خەتنى چىكىپ چۈشۈرىمىز ، ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ !





ھە مانا ئەمدى توغرا تاللاپ چۈشۈرگەن zip ھۆججىتىنى پىرىستىن يىشىپ تازا ئوبدان قارايدىغان بولساق ئۆرنەك رەسىمدىكىدەك ھۆججەتلەرى كۆرۈمىز ئەينا ، ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ !





ئەمدى يانفوننى سىستېما يېزىش ھالىتىگە ئەكىرىمىز ، سىستېما يېزىش ھالىتىگە ئەكىرىش ئۇسۇلى : يانفوننى پۈتۈنلەي ئىتىپ ، ياكى باتارىيىسىنى ئېلىپ بىر نەچچە سېكونتتىن كېيىن سېلىپ ئاۋاز تۆۋەنلىتىش – ۋە ئۆي كونۇپكىسى Home ۋە يەنە ئېچىش كونۇپكىسىنى تەڭلا 3 سىكوت بىسىپ تۇرىمىز يانفون 1 رەسىمدىكىدەك ھالەتكە كىرىدۇ ، ئەمدى 2 رەسىمدىكىدەك ھالەتكە ئەكىرىش ئۈچۈن ئاۋاز يۇقىرىلىتىشىنى  باسىمىز ، مانا ئەمدى نورمال سىستېما يېزىش ھالىتىگە كىردى ، ئەمدى دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم نۇقتا يانفوننىڭ تىپىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغايسىز  ، ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ !





ئەمدى ئابايامقى چۈشۈرگەن ھۆججەتنى ئېچىپ Odin قوزغىتىمىز ۋە Root ھۆججىتىنى تاللاپ بىرىمىز ، ئۆرنەك رەسىمدە كۆرسىتىلگەن بويىچە ، ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ !





قارىسام يېزىپ بولغان ئوخشايسىز ھى ھى ھى

ئەمدى يانفون ئېكران يۈزىدە SuperSU دېگەن ئاداش پەيدا بولغان بولسا سىز غەلبە قىلدىڭىز يەنى Root ئالالىدىڭىز

ئەسكەرتىش : مەشغۇلاتنى خاتا قىلىپ يانفونىڭىز ئۆلەپ كېتىپ قالسا مەندىن ئاغرىنماڭ ! ۋە بۇ بېكەتنى قاغاپ يۈرمەڭ !ھى ھى ھى

يەنە بەزىدە توغرا قىلغان بولسىڭىزمۇ ئاندا ساندا خاتالىق كۆرۈلۈپ باشقا سىستېما يېزىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ قىلىشى مۇمكىن شۇنىڭ ئۈچۈن ماتېرىيالىمىز زاپاسلاپ ئاندىن مەشغۇلات قىلغايسىز ، دەرس ئاڭلاپ بەرگىنىڭلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ….!



ئەسلى مەنبە :  http://www.tizyol.net/?p=11708
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش65 ھەمبەھرھەمبەھر1 قوللايمەنقوللايمەن3 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

43ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
alihan3 ۋاقتى: 2015-4-12 15:20:11
رەھمەت دەيمەن شۇ يەنلا
گىلەم
subat786 ۋاقتى: 2015-4-12 15:34:39
سەنشىڭ يانفۇنلار نى يانفۇن ئەپ دىتالىدىلا روتلىغىلى بولمامدىكەن؟
ئورۇندۇق
saedi ۋاقتى: 2015-4-12 15:37:05
sch - p709e  تىپلىقنىڭ كىنى تاپالمىدىم
5-قەۋەت
Sebiybeg ۋاقتى: 2015-4-12 16:29:53
saedi يوللىغان ۋاقتى  2015-4-12 15:37
sch - p709e  تىپلىقنىڭ كىنى تاپالمىدىم

بەلكىم قىسمەن يانفونلارنىڭ چىقماسلىقى مۇمكى يەنە باشقا ئۇسۇللارمۇ بار مەن ئايرىم بىر دەرسلىك ئىشلەپ يوللايمەن ۋاقىت چىقسىلا

باھا سۆز

شۇنداق قىلىڭە  ۋاقتى: 2015-4-27 12:57
6-قەۋەت
iltabir1 ۋاقتى: 2015-4-12 16:41:45
رەھمەت
7-قەۋەت
dj.abdukyum521 ۋاقتى: 2015-4-12 16:42:00
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئالىپ ئەھلى قانداق ئەھۋالڭلار ياخشىمۇ ئىشلىرڭلار ئۇتۇقلقمۇ ھەممىڭلارغا خۇشاللىق يار بولسۇن ئەمدى نەخ گەپكە كەلسەم مەندە vivo y11iw تىلفۇندىن بىرى بار بۇ تلىفۇننى يىڭى ئالغاندا ئۇيغۇرچىنى نورمال قوللمايدىكەن ئۆزۇم روتلاپ فونىت قاچلىغانتىم ئەممە   ئۇيغۇرچنى نورمال قوللمىدى شۇنىڭ بىلەن يەنە روتلاي دەپ تۇرسام سىستمنى يىڭلامسىز دەيدۇ ھەئە. دىسەم يىڭلاندى تىلفۇن قايتىدىن قوزغالدى ئەممە  .شۇنڭدىن كىينلام پەقەت روتتىن ئۆتمىدى ھەتتە  رىمنۇتخانلارغا ئاپاردىم ئۇستاملارمۇ روت ھوقۇقى ئالاممىدى شۇڭا بىر  ياردەم   قىلساڭلار ھەقلىق بولسمۇ  مەيلىتى ياردەم قىلغۇچى دوسلار كوت كوت ئارقىلىق پاراڭلشاقمۇ بولىدۇ كوت كوت نومۇرىم 1987350490 قوشقاندا ئالىپ دەپ ئەسكەرتىپ قويساڭلار . باشقۇرغىچلار ئىغىر كورمەي بۇ تىمنى بىر تەستىقلىپ قويساڭلار كۆپ مىننەتتار بولغان بولاتىتىم

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
8-قەۋەت
alipalim ۋاقتى: 2015-4-12 16:42:37
رەھمەت سىزگە بەك تەپسىلى چۈشىنىشلىك ئ‍خچام مەزمۇنلۇق تېما بۇپتو !!!!!  مەن دە شاۋمى 4 تىلفۇنى بار ئ‍ىدى ھەرخىل روت ئ‍ېلىش ياردەمچى دىتاللاردىن پايدىلنىپمۇ روت ئ‍الالمىدىم تېلفۇننىڭ ھازىرقى ئ‍ورگان سېستىمىسى  قاچىلاغلىق ،  ئ‍ورگان سېستىمىسىدا روت بار ئ‍ىكەن لېكىن مەن ئ‍ىشلىتەلمىدىم
شاۋمى 4 كە روت ئ‍ېلىشتا ياردەم قىلساڭلار سىلەردىن بەك خۇشال بولغان بۇلاتتىم رەھمەت
9-قەۋەت
sardar0998 ۋاقتى: 2015-4-12 17:39:33
ياخشى تىمكەن  ساقلىۋالاي
10-قەۋەت
ask ۋاقتى: 2015-4-12 20:44:39
سالىۋالاي كېيىن سامسۇڭ ئالغاندا لازىم بولار  .رەھمەت
11-قەۋەت
Tughrul ۋاقتى: 2015-4-12 22:14:43
huawei نى يەنى( g750-t01 )روتلاش ئوسۇلىنىمۇ بىر يوللاپ قويۇڭلار سەبىيجان ! بىزمۇ ئانا تىلىمىزنى چىرايلىق قىلىپ ھوزۇرىنى سۈرەيلى
12-قەۋەت
ruzimammat ۋاقتى: 2015-4-12 23:16:05
13-قەۋەت
سەنسىز. ۋاقتى: 2015-4-13 02:01:28
ئىككى كۇننىڭزى سەبىيجان يوللىغان نوتى 3 n9002 نىڭ 5.0 رومىنى قاچىلاپ پەقەت روت ئالالمىغانتىم ، ھازىرقى روت ئالىدىغان دىتاللارنىڭ ھىچقاندىقى 5.0 نىڭ روتىنى ئالالمايدىكەن ، ئاخىرى بۇگۇن خەنزۇچە رىكوۋىرنى ئودىن ئارقىلىق يىزىپ زىپ ھالەتتىكى روت باركەن شۇنى رىكوۋىردىن يىزىپ تىلفۇننى قوزغاتسام supersu قاچىلىنىپ روت ئىلىنىپتۇ ، لىكىن ئاز بىرقىسىم دىتاللاردا روت يوق دەپ چىقىۋالدى ،
سەنشىڭ تىلفۇنسى بارلار تىلفۇنىڭلارنىڭ 5.0 رومى چىققان بولسا تىزدىن كۆتىرۋىلىڭلار نەشىرىنى ، 5.0 روم بەك پاكىز ھەم يەڭگىل ئىشلەيدىكەن ، بولۇپمۇ سۇرئىتى نەچچە ھەسسە تىزلىشىپتۇ ، ئەپلەرنىڭ ئىجىرا بولىشى بەكلا تىز ،

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
14-قەۋەت
aaaaaaaaaaaaaaa ۋاقتى: 2015-4-13 10:35:49
كۆپ رەھمەت .
15-قەۋەت
قابىس ۋاقتى: 2015-4-13 23:23:49
سەنسىز.يوللاش22سائەت ئىلگىرىئىككى كۇننىڭزى سەبىيجان يوللىغ
مەنمۇ n9009 نى 5.0 گە كۆتۈرگەن ئەمما پەقەتلا روتلىيالمىدىم ياردەم قىلامسىز

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部