+تېما يوللاش
Aじè يوللانغان ۋاقتى:2016-8-24 13:54 6808 قېتىم كۆرۈلدى 50 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى
بۈگۈن مەن مەخسۇس vivo نىڭ ئەڭ يېڭى يانفونى x7 توغۇرلۇق ئىشلىتىشتىن كېيىنكى ھېس قىلغانلىرىمنى ئورتاقلاشماقچىمەن.
مەن  ئۆتكەندە مۇشۇ مۇنبەردە ۋىۋو ۋە ئوپپو توغۇرلۇق تېلفوننى سېلىشتۇرغان يازمىنى كۆرۈپ ، ۋىۋو تېلفون ئېلىشنى ئويلىشىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ ، ئىككىنى ئالدىم. بىرسى  شاپتۇل چېچىكى قىزىل رەڭ، يەنە بىرسى ئالتۇن رەڭ.ئالتۇن رەڭنى ئۆزۈم ئىشلەتتىم، يەنە بىرسىنى خوتۇن ئىشلەتتى.

1. سىرتقى كۆرۈنۈشى





سىرتقى قېپى پۈتۈن مېتال قاپ بولۇپ ، ئالدى ئېكرانى 5.2 ۋە 5.7 سۇڭلۇق چىقىدۇ. بارماق ئىزىنى تونۇش تېخنىكىسى قوللىنىلغان.
سىرتقى كۆرۈنۈشىدىن بىرەر نەرسىنى ھېس قىلدىڭلارغۇ دەيمەن...ئالما 6  تېلفونىدىن ئۆرنەك ئالغان دېسەك تامامەن بولىدۇ..ئوخشىمايدىغانلار يېرى بارماق تونۇيدىغان ئورۇن يۇمىلاق ئەمەس بەلكى ئېلىپىس شەكىللىك...
ئىشلەتكۈچىلەر ئۆز ئېھتىياجىغا ئاساسەن  رەڭ ، چوڭ كىچىكلىكىنى تاللاپ سېتىۋالسا بولىدۇ.

2.سەپلىمىسى ۋە ئىقتىدارى


سەپلىمىسىنى مۇشۇ رەسىمدىن كۆرۈۋالساڭلار بولىدۇ...ئاندىروئىد 5.1 دە Funtouch OS سېستىمىسى يېزىلغان.
يۇقىرى نومۇرى 8 تۈمەندىن ئاشىدۇ...

مەن تېلفوننى قولۇمغا ئېلىپلا 1-قىلغان ئىشىم سېستىمىدىكى ئالدىن قاچىلانغان ئەپلەرنى ئۆچۈرۈپ ، سېستىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بولدى...ئاندىن لازىملىق ئەپلەرنى قايتىدىن قاچىلىدىم...سېستىمىدا بار بولغان ھەر بىر ئىقتىدارنى تولۇق ئېچىپ ئىشلىتىپ باقتىم ...بۇنىڭ ئىچىدە ماڭا يارىغىنى خالىغان  ئەپكە  قۇلۇپ سېلىش ۋە ، بارماق ئىزى بىلەن ئېچىش ...ئېكران ئۆچۈك ھالەتتىكى بارماق ئىزى بىلەن ئېچىش ۋاقتى 0.15 سىكۇنت ، ئىنتايىن تېز... كېچىدە ئۆزۈڭلارنى رەسىم تارتساڭلار ئالدى چىراق بار..رەسىم ئىنتايىن ياخشى چىقىدۇ...
توكىمۇ 1 كۈن ئوينىسام ئاران تۈگەيدۇ..ئاندىن 1 سائەت توكقا چېتىپ قويسام 100 پىرسەنت توشىدۇ...
بىر قول بىلەن نومۇر بېسىش  رايونىنى كىچىكلەتكىلى ، خالىغان نومۇرغا شەكىللىك نومۇر ئۇرۇش بەلگىلىگىلى بولىدۇ ...مەسىلەن خوتۇنۇمغا تېلفون قىلماقچى بولسام ، نومۇر بېسىش رايونىغا يۈرەك سىزىپ قويسام ، خوتۇنۇمغا تېلفون ئۇرۇلىدۇ.
ھازىرغىچە  قېتىۋېلىش ئىقتىدارى كۆرۈلمىدى...
ئەمدى  باھاسىنى قۇبۇل قىلالايدىغانلار  ئالساڭلار بولىدۇ...
شەخسەن ماڭا  ھەقىقەتەن يارىغان  دۆلەت ئىچىدىكى تېلفونلارنىڭ بىرسى...
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن3 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

50ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
samanlik ۋاقتى: 2016-8-24 14:09:07
باھاسى نەچچە چىرايلىق تەلەفۇنكەن
گىلەم
anwar425 ۋاقتى: 2016-8-24 14:17:08
oppoقانداقراق چىقا مەن بۇرۇن ئالما ئىشلەتكەن لىكىن ھازىر ئوپپو R9پىلۇس ئالغانتىم ھىچ،ئالاھىدە ئىقتىدارىنى سەزمىدىم مۇشۇ ئالاھىدە ئىقتىدارلىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ بىر تىما يۇللىۋەتكەن بولساڭلار دوسىتلار،،،،
ئورۇندۇق
adiljan212917 ۋاقتى: 2016-8-24 14:27:07
باھاسى نەچچىكەن  بۇ  كاساپەتنىڭ  خىلى بولىدىغاندەك.
5-قەۋەت
شىرىزات ۋاقتى: 2016-8-24 14:32:10
ھېلىقى نىمە دەيتىشۇ مەۋھۇم رىيانلىق ئۇسكۇنىسنى قېتىپ بەردىمۇ ۋى ئار دەمدۇق بۇ ئۇسكۇننى بىزنىڭ مىيەدىكى دۇكانغا كىرسەم شۇ نەرسىسى بىلەن قۇشۇلۇپ 2599دەپ تۇردۇ ئا نەرسىگە ئازراق قىزىقىپ قالدىم ھ ھ ھ ھى
6-قەۋەت
1314520 ۋاقتى: 2016-8-24 14:53:00
anwar425 يوللىغان ۋاقتى  2016-8-24 14:17
oppoقانداقراق چىقا مەن بۇرۇن ئالما ئىشلەتكەن لىكىن ھازى ...

قانچە پۇلغا ئالغانتىڭىز.سىزگە يارىمىدىمۇ.ئۇتېلېفوننىڭ ئاپراتى ئالاھىدە ئەمەسمىكەن  ، ئوپپو لارنىڭ ئاپراتى  بەك سۈزۈك چىقىدىغانتىغۇ ،    ساتامسىز  ئۇ يانفۇننى  مەن  ئىپ قالاي.....
7-قەۋەت
1314520 ۋاقتى: 2016-8-24 14:54:37
راس  ياخشىكەن  ، باھاسىنى دىمەپسىزغۇ  ،  قانچە  پۇلغا   ئالدىڭىز
8-قەۋەت
power ۋاقتى: 2016-8-24 15:26:47
قېتىۋېلىش ئىختىدارى دەڭ
9-قەۋەت
power ۋاقتى: 2016-8-24 15:28:52
ياخشى تىما بوپتۇ، يېڭى چىققان تىلفۇنلارنى سېتىۋالغانلار تەسىراتڭلارنى قالدۇرساڭلا تىلفۇن سېتىۋالماقچى بولغانلارغا ياردىمى تىگىپ قالاتتى
10-قەۋەت
(sirdax) ۋاقتى: 2016-8-24 15:29:46
power يوللىغان ۋاقتى  2016-8-24 15:26
قېتىۋېلىش ئىختىدارى دەڭ


11-قەۋەت
anwar425 ۋاقتى: 2016-8-24 15:46:33
vr ئۈسكىنىسى سىرىتتىن ئالساق 20كۇي ئىكەن مەن ئىلىپ كەلگەن شۇنداق پەيزىكەن لىكىن بۇيەرگە ئەكەپ تىلىفۇننى ئىچىگە سالىدىغان يىرىنى ئاچالمىدىم لىكىن vrدا كۈرسە ھەقىقەتەن ئۈنىمى پەيزىكەن
12-قەۋەت
ahat1976 ۋاقتى: 2016-8-24 15:55:41
1314520 يوللىغان ۋاقتى  2016-8-24 14:53
قانچە پۇلغا ئالغانتىڭىز.سىزگە يارىمىدىمۇ.ئۇتېلېفونن ...

سىزگە oppo لازىم بولسا مەندە oppo r9plusm aدىن بىرسى بار
13-قەۋەت
arsak ۋاقتى: 2016-8-24 16:18:16
1314520 يوللىغان ۋاقتى  2016-8-24 14:54
راس  ياخشىكەن  ، باھاسىنى دىمەپسىزغۇ  ،  قانچە  پۇلغا   ئ ...

باھاسى  سەپلىمە  جەدىۋىلدىكى رەسىمدە  يۇغان تۇرمامدۇ
14-قەۋەت
1314520 ۋاقتى: 2016-8-24 16:23:57
ahat1976 يوللىغان ۋاقتى  2016-8-24 15:55
سىزگە oppo لازىم بولسا مەندە oppo r9plusm aدىن بىرسى بار

ئالاقىلىشىش نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويىڭە،  چچ  نۇمرىڭىز  بوسا تىخى ياخشى ياكى  بۇنى  قوشۋىلىڭ 492602727  چچ دا  دىيىشىلى كىلىشىپ قالساق مەن ئېلىپ قالاي.
15-قەۋەت
ahat1976 ۋاقتى: 2016-8-24 16:39:41
1314520 يوللىغان ۋاقتى  2016-8-24 16:23
ئالاقىلىشىش نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويىڭە،  چچ  نۇمرىڭ ...

سىزنىڭ چ چ رىڭىزنى قوشسام ئىكاس يوق سىز 2776288735نى قۇشۇڭا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部