+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-4-23 13:23 1280 قېتىم كۆرۈلدى 5 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
يانفون ھازىر كىشىلەر تۇرمۇشىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمىغا ئايلىنىپ كەتتى. لېكىن كىشىنى بىئارام قىلىدىغىنى، ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى بالىلارغا زىيان يەتكۈزمەكتە. دۇنيادىكى ئەڭ باي كىشى، مىكروسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گەيتىسنىڭ بۇ ھەقتىكى تەسىراتى چوڭقۇر. يېقىندا ئۇ ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، پەرزەنتلىرىنىڭ 14 ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرى يانفون ئىشلىتىشنى چەكلىگەنلىكىنى ئېيتقان.



بېل گەيتىس بىلەن ئايالى مېلىندانىڭ ئۈچ بالىسى بار. چوڭ قىزى ‏‏‏Jennifer ‏20 ياش، ئوغلى  ‏‏‏Rory ‏17 ياش، كىچىك قىزى Phoebe ‏14 ياش. بېل گەيتىس بالىلىرىنىڭ 14 ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن يانفون ئىشلىتىشىنى چەكلىگەندىن باشقا يەنە، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ۋە بىرلىكتە تاماق يەۋاتقاندا يانفون ئىشلىتىشنى چەكلىگەن.
بېل گەيتىس ئىلگىرى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، باللىرىنىڭ ئۆي ئىشلىرىنى قىلسا ئاندىن ئاز مىقداردا پارچە پۇلغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. 2010-يىلى ئۇ 61 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى كۆپ قىسىم مۈلىكىنى ئىئانە قىلىۋەتكەن، باللىرىغا قالدۇرمىغان. ئۇ باللىرىنىڭ نورمال كىشىلەرگە ئوخشاش ئۆسۈپ-يېتىلىشىنى ئۈمىد قىلغان.
« ئەينەك گېزىتى » نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇنچىۋالا زور بايلىقنىڭ ئىگىسى بېل گەيتىسنىڭ تاقىۋالغان سائىتى 10 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدىكەن. ماكدونالد ۋە ھامبۇرگ بولكىسى يېيىشنى ياخشى كۆرىدىكەن.

ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئايفون، ئايپەدلەرنى بەرپا قىلغۇچىلارنىڭ بىرى سىتۋ جوبېسىمۇ باللىرىنى ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتى iPad ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلمىغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن «ئەمەلىيەتتە ئۆيدە بىز ئۇلارنىڭ iPad ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلمايمىز. بىز iPad نىڭ بالىلارغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن ئېغىر دەپ قارايمىز.»
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش3 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن8 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

5ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-4-23 13:36:49
ئىتراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلىشمۇ قالتىسلىقنىڭ ئىپادىسى
گىلەم
biparwa1 ۋاقتى: 2017-4-23 14:09:47
ھەي بىزلەر ئەمدى قانداقىلارمىز ، بىزنىڭ باللىرىمىز ھازىر زاكىسىدا تۇرۇپ ئىلىكتىرونلۇق مەھسولات ئىشلىتىپ يىتىلىۋاتسا
ئورۇندۇق
tiz ۋاقتى: 2017-4-23 18:12:58
قاندا قىلامىز دىگەنمۇ گەپمۇ ،قىيىن ئىش يوق ئالامدە كۆڭۇل قويغان ئادەمگە دەپ تىكىن ،باللارنىڭ ئالدىدا بولغان ئىش ھەركەتنىڭ ھەممىسىگە دىققەت قىلشىمىز كىرەك ،
5-قەۋەت
foxtpdf ۋاقتى: 2017-4-23 23:48:13
14ياشتىن يۇقىرىلارغىمۇ زىيانلىق
تېمىغا مۇناسىۋەتسىز سوئالىم باتتى
يەنى qq غا بۇرۇن ئىشلەتكەن 头像 بىلەن ,照片墙غا ئىشلەتكەن رەسىملەر توردا ساقلىنىپ قالپتۇ قانداق قىلسام ئۆچۈرۋەتكىلى بۇلۇدۇ بىر ياردەم قىلساڭلار
6-قەۋەت
buyuknur ۋاقتى: 2017-4-25 20:20:32
ئۇلار بالىلىرىنىڭ تەن سالامەتلىكىنى بەكلا ئويلىشىدىكەن ھە.ئەلۋەتتە ، بىزمۇ ھە كەلگۈسىمىزنىڭكى ئەۋلادلىرى بولغان بالىلىرىمىزنى ياخشى ، ساغلام چوڭ قىلىشتا بىزنىڭمۇ مەجبۇرىيىتىمىز ۋە مەسۇلىيىتىمىز چوڭدۇر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部