+تېما يوللاش
alqutcom يوللانغان ۋاقتى:2017-5-27 13:47 5132 قېتىم كۆرۈلدى 54 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
46-قەۋەت
Günes ۋاقتى: 2017-5-29 18:17:56


مەندە توربەت سالۇن ئۇچۇر ھەرقانداق يەردىكى خەت نورمال
47-قەۋەت
ئۆتكور ۋاقتى: 2017-5-29 20:28:56
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قىرىنداشلار ئاراڭلاردا سامسۇڭ c9pro ئىشلتىپ باققانلار بارمۇ؟بۇ تىلفۇن قانداقراق چىقىدۇ؟ھازىر شىياۋمى5 ئىشلتىۋاتقان،بۇ تىلفۇندىن تازا رازى بۇلمىدۇم،شۇڭا سامسۇڭ c9proنى ئىشلتىپ باقايمىكىن دىگەن،ئىشلتىپ باققانلار 1تەسراتىڭلارنى قىسقىچە قىلىپ مۇشۇ تېما ئاستىغا قالدۇرۇپ قۇيساڭلار
48-قەۋەت
alqutcom ۋاقتى: 2017-5-29 23:08:00
salkin158 يوللىغان ۋاقتى  2017-5-28 11:41
باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە مۇشۇ يانفۇننى سۇدىن ھەم سىلكىن ...

مۇشۇ تىما ئاستىدىكى بارلىق سۇئاللارغا قىسقارتىپلا جاۋاب بىرەي:
بۇ يانفۇننى سامسۇڭ شىركىتى ئۈرۈمچى تارماق سېتىش دۇكىنى (قىزىل بايراق كومپيۇتېر بازىرىنىڭ جۇڭشەن تەرەپ كىرىش ئېغىزى) دىن 6988 يۈئەنگە زاكاس قىلىپ ئالغان ئىدىم. بۇ يانفۇن پۈتۈن مەملىكەت تەۋەسىدە 5-ئاينىڭ 22-كۈنى سېتىشنى باشلىغان. مەنمۇ دەل 22-چىسلا قولۇمغا ئالدىم.

يانفۇننى سىمونىت يەرگە تاشلاپ سىناپ بېقىئش مەسىلىسىگە كەلسەك: يانفۇننى ئېلىپ 3-كۈنى ئېھتىياتسىزلىقتىن 1 مىتىر 25 سانتىمىتىر ئېگىزلىكتىن چىنە خىش ئۈستىگە تىك چۈشۈپ كەتتى. ئەمدى يانفۇنۇم تۈگەشتى دەپ قاتتىق ئازاب ئىچىدە قولۇمغا ئېلىپ قارىسام، يان گىرۋىكى ئازراق سۈرلۈپ كىتىپتۇ. باشقا ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق. يانفۇننىڭ ئىكرانى چېقىلىپ كەتكەن ئىشلارمۇ يۈز بەرمىدى. بىراق سىز دىگەندەك سىمونىت يەرگە تاشلاپ سىناپ باقمىدىم.

ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى لازىم بولغانلارغا مەن يانفۇنۇمدىكى ئۇيغۇرچە فونت تۇنىتىش ماتېرىيالىنى تەييارلاپ ئايرىم تىما قىلىپ يوللاپ بىرەي.
49-قەۋەت
OKYAQi ۋاقتى: 2017-6-2 18:29:38
مەن مۇشۇ سەنشىڭنىڭ يىزىقىمىزنى قوللمغانلىقىغا قەتتى ئۆچ، شۇڭا ئالما بىلەن xplay6 نى ئشلىتىۋاتىمەن .xplay 7چىققاندا ئالماشتۇرامەن
50-قەۋەت
kohinur ۋاقتى: 2017-6-6 14:47:21
مەنمۇ  مۇشۇ  تىلفۇن  چىققاندىن  بىرى  بىر  تال  ئالارمەن  دەپ  ئويلاۋاتقان ، لىكىن  توردا  قارىسام  تازا  كەڭرى  ئەمەس ، شۇڭا  ھازىرچە  سېتىۋالغىلى  بولمامدىكىن  دەپ  قاپتىمەن . تۈنۈگۈن  بۇ  تېمىنى  ئوقۇغاندىن كىيىن  قارىسام  تېما  ئىگىسى  سېتىۋىلىپ  ئىشلەتكىلى  ئىككى  ھەپتە  بوپتۇ ، شۇنىڭ  بىلەن قايتىدىن تاۋباۋ ، جىڭدوڭ ، تىيەنماۋلارغا  چىقىپ  سېتىۋىلىشنىڭ  كويىغا  چۈشتۈم. جىڭدوڭدا  ھازىرچە  64g لىقى  بىر  ئاز  كەڭرىكەن (ئورگان  باھاسىدا) ، لىكىن  مەن  سېتىۋالاي  دەپ  ئويلىغان 128g لىقىنى  تاپالمىدىم ، تاۋباۋدىمۇ 64g لىقى  كەڭرىكەن (يەنە  كىلىپ  كۆپىنچىسى  چوڭ  قۇرۇقلۇق نۇسقىسى ئەمەس)، كۆپىنچىسى  باھاسىنى ئورگان  تورىغا  بىرەرمىڭ  يۈەن  قوشىۋاپتۇ . 128g لىق  نۇسقىسىنى  توردىن  سېتىۋالالمايدىغان  ئوخشايمەن  دەپ تىيەنماۋغىمۇ  بىر  قاراپ  باقاي دەپ ئىزدەپ  باقسام 上海智慧生活馆 دېگەن  دۇككاندا  باركەن ، باھاسىمۇ 6988 يۈەن ، ئورگان  باھاسى  بىلەن  ئوخشاشكەن ، بىرنى  زاكاز  قىلىپ  بولۇپ ، پۇل  تۆلەيدىغان  چاغدا ، ئەتراپتىكى سامسۇڭ  مەخسۇس  دۇككانلىرىدىن بۇنىڭدىن  تىز  سېتىۋالغىلى  بولماسمۇ دەپ ئويلاپ سامسۇڭ جوڭگو  ئورگان  تورىدىن  ئىزدىسەم قەشقەر خوڭ شىياڭ  مەخسۇس  سېتىش  دۇككىنىنىڭ  ئالاقىلىشىش  تىلفون  نومۇرى  باركەن ، تىلفون  قىلسام سوغۇققدە  قىلىپ  500 يۇەن  زاكالەت  پۇلى  تاپشۇرساڭ  تۆت بەش  كۈنگىچە  ئەكەلدۇرۇپ  بېرىمىز ، باھاسى  مەملىكەت  بويىچە  بىر  تۇتاش  باھا  6988 يۇەن دېدى ، قارىسام توردىن  سېتىۋالغاندىن  تىزراق  قولۇمغا  تەككۈدەك ، شۇڭا  300 يۈەن  تاپشۇرۇپ  بىرنى  بۇيرۇتۇپ  قويدۇم . قالغىنى  كەلگەندە  ئىشلىتىش  تەسىراتىنى  ئورتاقلىشارمەن . ئاخىرقى  بىر گەپ  سامسۇڭ  تىلفۇننى  توردىن  سېتىۋالغان  بىلەن ئەمىلى  دۇككاندىن  سېتىۋالغاننىڭ  جىق  پەرقى  يوق مەن  ئىلگىرى  كىيىن توردىن n7100 نى 4800 يۇەنگە ، n9009 نى 5100 يۇەنگە ، ئەمىلى  دۇككاندىن s6 edge 9280 دىن  ئىككىنى  5900 يۇەن ۋە 5400 يۇەنگە  ئالدىم ، ھازىرغىچە  بىرەر  كۆڭۈلسىزلىككە  ئۇچراپ  باقمىدىم .
51-قەۋەت
mutalipmuhtar ۋاقتى: 2017-6-6 14:56:50
مىنىڭكىمۇ مۇشۇنىڭدىن بوپ قالدى،ئىشنى قىلىپ سۈرئەت،نەپىسلىك،ۋاھاكازالار ئىنتايىن ياخشى،مەن ناھايتى رازى بوپ قالدىم،
52-قەۋەت
1217 ۋاقتى: 2017-6-6 17:18:11
مۇشۇ سامسۇڭ ئىشلىتىۋاتقانلار ھەممىمىز ئاساسىي تىلنى ئۇيغۇرچىغا توغۇرلاپ قويساق بولماسمۇ؟ بۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ چوقۇم ئىشلىتىش ئەندىزىسىنى ستاتىسكىلاپ تۇرۇدىغان ئورگانلىرى بولىدۇ، شۇلاردا ئۇيغۇرچە ئىشلىتىۋاتقانلار مۇنچە پىرسەنت دەپ چىقامدىكىن دەيمەن.
53-قەۋەت
1217 ۋاقتى: 2017-6-6 17:21:39

ئاندىن گالاكسي كۇلۇبىنىڭ تەكلىپ-پىكىر دىگەن يېرىگىمۇ يېزىپ قويايلى ئۇيغۇرچە فونت ۋە تىل بولىقى دەپ.
54-قەۋەت
kohinur ۋاقتى: 2017-6-9 15:12:41
مۇشۇ  تېمىدىن  ئىلھاملىنىپ سەيشەنبە  كۈنى  ئۈندىداردا  300  يۈەن  زاكالەت  پۇلى  تاپشۇرۇپ ، قەشقەر  خوڭ شىياڭ  سامسۇڭ  مەخسۇس  سېتىش  دۇككىنىدىن 128g لىق  +s8 تىن بىرنى  بۇيرۇتقانتىم ، پەيشەنبە  كۈنى  چۈشتىن  بۇرۇنلا  ئۇچۇر  قىلىپ  مال  كەلدى  ، دەرھال  ئېلىۋال  دەپتۇ ، مەن  سىرىتتا  بولغاچقا  ئەتە  قەشقەرگە  بارالايمەن ، ئەتە  ئېلىۋالاي  دەپ  ئۇچۇر  قايتۇردۇم . بۈگۈن  چۈشتە قالغان 6688 يۈەننى  تاپشۇرۇپ  تىلفۇننى  قولۇمغا  ئالدىم . تىلفۇننى  ئېلىپ  مېڭىشتىن  بۇرۇن  چوقۇم قېپىنى  ئېچىپ  خىزمەتچى  خادىملار مۇناسىۋەتلىك  ئۇچۇرلارنى  تىزىملىۋالغاندىن  كىيىن  ئېلىپ  ماڭىدىكەنمىز ، قالغان  تەرەپلەر  نورمال ، شۇ  ھىساپتا  زاكالەت  پۇلى  تاپشۇرۇپ 3 كۈن  ئىچىدىلا  قولۇمغا  تەككەن  بوپتۇ ، شۇنىڭغا  قارىغاندا ئەمىلى  دۇككاندىن  سېتىۋىلىش توردىن  سېتىۋالغاندىن  تىزراقكەن .
55-قەۋەت
kohinur ۋاقتى: 2017-6-12 22:29:26
سامسۇڭ  +s8 نى  قولۇمغا  ئالغاندىن  كىيىن  تەسىراتىمنى  يازىمەن  دېگەنتىم ،  قولۇمغا  يېڭى  ئېلىپ بىرەر  كۈن  يېڭى  دىتاللارنى  قاچىلاش ، ئۇيغۇرچە خەت  نۇسقىسى  قاچىلاش  دېگەندەك  مەشغۇلاتلارنى  قىلىپ  باقتىم ، مەشغۇلات  سىستىمىسى  ھەر  ھالدا  شىياۋمىنىڭ  سىستىمىسىدەك ئۇ دەرىجىدە باشقا  ئەپلەرنى  يەكلەپ  كەتمەيدىكەن ، ھەر  ھالدا  پۇلغا  ئالغاندىكىن  بىزنىڭ  رايىمىزغا  بېقىپراق  تۇرىدىكەن . لىكىن  راستىنى  دېسەم  يىرىم  يىلدىن  بىرى  شىيامى ماكس  ئىشلىتىپ  كۆنۈپ  قالغان  قوللىرىم بۇ  تىلفۇنغا  پەقەتلا  كۆنەلمىدى ، بەكلا  يەڭگىل بىر  قارىسا  داڭلىق  تىلفۇنغا  ئەمەس  كىچىك  بالىلارنىڭ  ئويۇنچىقىغا  ئوخشاپ  قالىدىكەن ، ماڭا ئاددىلاشتۇرىمىز  دەپ  سەل  ئاشۇرۋەتكەندەك  تۇيۇلۇپ  قالدى ، مىنىڭچە  يەنىلا  سامسۇڭ  +s6 edge  ھەم  چىرايلىق  ھەم  چوڭ  سۈپەترەككەن ، قالغىنى  بۇ  تىلفۇننى  بىر  قانچە  كۈن  ئىشلەتسەم  كۆنەرمەنمىكىن  تاڭ .  
1234
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部