+تېما يوللاش
18899202908 يوللانغان ۋاقتى:2017-5-13 13:23 8249 قېتىم كۆرۈلدى 55 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
كۈپۈنچە ئاندرويد تىلفۇنلاردا گەرچە ئاللىبۇرۇن NFC دىگەن ئىقتىدار بارلىققا كەپ بولغان بولسىمۇ تېخى ھازىرغىچە نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىقتىدارنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلمەيدۇ ياكى بۇنىڭ  قانداق ئىقتىدار ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ ... ئۇنداقتا بۈگۈن مۇشۇ توغرىلىق ئازراق ئورتاقلىشىپ ئۈتەيلى ..
NFC دىگەن نىمە ؟
NFC تۇلۇق ئاتىلىشى Near Field Communication بۇلۇپ ، گەپنىڭ مەنانىسى بۇيىچە تەرجىمە قىلساق : يېقىن مەيدان ئالاقىسى بولىدۇ . يەنە ئىككى ئۈسكۈنىنى يېقىن ئەكىلىش ئارقىلىق ھەر خىل ئالاقىلارنى ئېلىپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ .NFC ئىقتىداراى قوزغىتىش : ئادەتتە كۈپۈنچە يانفۇنلارنىڭ 设置 سىغا كىرىپ 更多 دىگەن تاللاشقا كىرسىڭىز NFC دىگەن ئىقتىدارنى كۈرىسىز. شۇنى ئېچىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ .
NFC نىڭ قانداق ئىقتىدارلىرى بار ؟
ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئىقتىدارلىرى كۆپ بۇلۇپ ، تىپىك ئالاھىدىلىكلىرى تۈۋەندىكىچە :
1-  بانكا كارتا ئۇقۇش ئىقتىدار
بەزى ۋاقىتلاردا بىز بانكا كارتىمىزنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدىكى كىرىم چىقىم ئەھۋالىنى بىلمەكچى بۇلىمىز.  مەسىلەن بانكا كارتىڭىزنىڭ ئۇچۇر كەسپى ئۇچۇق بولمىغان ئەھۋالدا كارتىغا پۇل كىردىمۇ ، قانچىلىك كىردى ، قايسى كۈنى قانچىلىك پۇل چىقىم قىلىندى دىگەندەكلەرنى سۈرۈشتۈرمەكچى بولسىڭىز بانكىغا بېرىشنىڭ ياكى تور بانكىسىغا چىقىپ تەكشۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق ... پەقەت سىزنىڭ تىلفۇنىڭىزنىڭ NFC ئىقتىدارى بولسىلا بۇ ئۇچۇرلارنى بىردەمدىلا تەكشۈرەلەيسىز .
سىز تىلفۇنىڭىزنىڭ تەڭشكىدىن NFC ئىقتىدارنى ئېچىپ قويغاندىن كىيىن خالىغان بانكا كارتىسىنى تىلفۇننىڭ كەينىگە ئەكەلسىڭىزلا ئېكراندا قايسى ئەپتىن تەكشۈرىسىز ؟ دەپ تاللاش چىقىدۇ .
يۇقۇرقىدەك 支付宝 ياكى NFC读卡器 دىتالىدىن خالىغان بىرىنى تاللىسىڭىز بانكا كارتىڭىزنىڭ ئۇچۇرلىرى ۋە يېقىنقى ئون قېتىملىك كىرىم چىقىم تارىخىنى تەكشۈرەلەيسىز .  بۇنىڭ ئىچىدە 支付宝 نىڭ تەكشۈرۈش ئىقتىدار بەك ياخشى كەن ، ئەگەر سىز 支付宝 ئىشلەتمىگەن بولسىڭىز ، يانفۇنىڭىزغا  NFC读卡器 دىتالىنى قاچىلىۋېلىپ شۇنىڭدىن تۈكشۈرسىڭىز بولىدۇ . . .
2- NFC ئىقتىدار ئارقىلىق ھۆججەت يوللاش
بۇ ئىقتىدارنىڭمۇ بىر يانفۇندىن يەنە يانفۇنغا ھۆججەت يۆتكەش ئىقتىدارى بار . سۈرىتى ناھايىتى تىز ، كۆك چىش ، سىمسىز تور قاتارلىقلاردەك ئاۋال بىر قېتىم جۈپلىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق ..  بىۋاستىلا ئىشلىتەلەيسىز ...
مەسىلەن : بىر يانفۇندىكى مەلۇم رەسىم ، فىلىم ، ھۆججەت ، ئالاقىداش ، يازما خاتىرس ، تور بەت ئادىرسى ، ئېكران مەشخۇلاتى .... قاتارلىقلارنى دەقىقە ئىچىدىلا يەنە بىر يانفۇنغا يۆتكەش .
مەلۇم چوڭراق فىلىمنى يەنە بىر يانفۇنغا يوللىماقچى بولسىڭىز كۆك چىش ئارقىلىق قىلسىڭىز ۋاقىت ئۇزۇن كىتىشى مومكىن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاۋارچىلىق ،، ئەگەر سىز NFC ئىقتىداردىن يۆتكىسىڭىز بىردەمدىلا يۆتكىيەلەيسىز ...
ئۇسۇلى :  NFC ئىقتىدارى بار بولغان ئىككى يانفۇننىڭ كەينى تەرپىنى بىر بىرىگە يېقىن ئېكىلىپ ، خالىغان يانفۇندىكى  يوللىماقچى بولغان فىلىمنى تاللاپ  分享 ياكى 发送 دىگەندەك تاللاشلارنى باسقاندىن كىيىن  رەسىمدىكىدەك Android Beam ياكى NFC دىگەن تاللاشنى باسسىڭىز ئېكران كىچىكلەپ يوللاش ھالىتىگە كىرىدۇ ،
ئاندىن سىز ئېكراننى يىنىك بىر چىكىپ قويسىڭىزلا ھۆججەت يەنە بىر يانفۇنغا يۆتكىلىدۇ.  باشقا ھەر قانداق شەكىلدىكى ھۆججەتلەرنىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا يۆتكىسىڭىز بولىدۇ .
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سىز مەلۇم بىر كىنو تور بىتىدە ۋە ياكى باشقا بىر تور بەتتە مەلۇم مەزمۇننى كۈرىۋاتقان بولسىڭىز ، ئەگەر يەنە بىر يانفۇندىمۇ مۇشۇ تور بەتنى يەنى سىز كۈرىۋاتقان ئاشۇ بەتنى بىۋاستە ئاچماقچى بولسىڭىز قارشى تەرەپكە تور ئادىرسىنى يوللاپ بىرىشنىڭ ھاجىتى يوق . پەقەت سىز ئىككىلى يانفۇننىڭ NFC ئىقتىدارىنى ئېچىۋەتكەندىن كىيىن ئىككى يانفۇننىڭ كەينىنى بىر بىرىگە يېقىنلاشتۇرسىڭىزلا  ئاپتۇماتىك  ئېكران كىچىكلەپ "ئېكراننى يىنىك بىر چىكىپ يوللاڭ" دىگەن خەت چىقىدۇ . سىز ئېكراننىڭ خالىغان يىرىنى بىر چىكىپ قويسىڭىزلا  شۇ سىز كۈرىۋاتقان تور بەت يەنە بىر تىلفۇندا ئاپتۇماتىك ئېچىلىدۇ ...
خۇددى كىنولاردا كۆرىدىغان بىر ئۈسكۈنىدىكى مەزمۇننى مۇنداق بىر سىيرىپلا يەنە بىر ئۈسكۈنىگە يوللىغانغا ئوخشاش .
بۇلاردىن باشقا يەنە مەسىلەن ئالىپاي 支付宝 غا بانكا كارتا باغلىغان ۋاقىتتا  بانكا كارتا نۇمۇر ، ئىسىم تولدۇردىغان باسقۇچتا سىز بانكا كارتا نۇمۇرىڭىزنى ئىسمىڭىزنى يېزىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق . سىز پەقەت NFC ئىقتىدارنى ئېچىپ قۇيۇپ باغلىماقچى بولغان بانكا كارتىنى تىلفۇننىڭ كەينىگە يېقىن ئەكەلسىڭىزلا بانكا كارتا نۇمۇر ، ئىسىم ئۈزى ئاپتۇماتىك تولدۇرلىدۇ . NFC نىڭ بۇلاردىن باشقا يەنە ، ئاپتۇمۇبىل ناخشاقويغۇچىسى بىلەن ئۇلاش ،  بەزى بىر قىسىم NFC ئىقتىدارى بار ياڭراتقۇلار بىلەن ئۇلاش .
مىتىرو ۋە ئاممىۋى ئاپتۇبۇس كارتىللىرىنى ، ھەممىباب كارتىللىرىنى (一卡通) قاتارلىقلارنى باغلاپ قۇيۇش ئارقىلىق ئاپتۇبۇسقا چىققانداق ۋە باشقا شەكىلدىكى ماس كارتىلار ئىشلەيدىغان جايلاردا  كارتىنىڭ ئورنىغا بىۋاستىلا تىلفۇننى سۈركەش ئارقىلىق پۇل تۈلەش ،،، قاتارلىق نۇرغۇن قۇلايلىق ئىقتىدارلىرى بار .
ئەمما بۇ ئىقتىدارلىرى كۆپ ئۇمۇملاشمىغان شۇڭا كۆپ جايلاردا بۇ ئىقتىدار قوللايدىغان ئۈسكۈنىلەر ئورنىتىلمىغاچقا كىشىلەر كۆپ ئىشلەتمەيدۇ .

mmexport1494651875074.jpg (72.63 KB, چۈشۈرۈش سانى: 15)

mmexport1494651875074.jpg

mmexport1494651866430.jpg (39.23 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2)

mmexport1494651866430.jpg

mmexport1494651860610.jpg (43.49 KB, چۈشۈرۈش سانى: 6)

mmexport1494651860610.jpg

mmexport1494651854678.jpg (37.67 KB, چۈشۈرۈش سانى: 8)

mmexport1494651854678.jpg

mmexport1494651895381.jpg (90.44 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2)

mmexport1494651895381.jpg
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش41 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن12 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

55ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
yarsiz ۋاقتى: 2017-5-13 14:31:46
بىزنىڭكىدەك  ئادەتتىكى تىلفۇنلاردا يوقتۇ  بۇ  ئىقتىدار 魅族 U10
گىلەم
13309954400 ۋاقتى: 2017-5-13 14:34:12
شىياۋمى  نىڭ قايسى تىلفۇنلىلرىدا بۇ ئىقتىدار بار؟
ئورۇندۇق
kaptar1 ۋاقتى: 2017-5-13 14:41:04
بۇلدىغان ئىقتىدار بۇ مىنىڭ يوقتە
5-قەۋەت
johndeere ۋاقتى: 2017-5-13 14:49:22
ئوپپۇ a37m بابۇئىقدىدار
6-قەۋەت
arkan886 ۋاقتى: 2017-5-13 15:07:19
شىياۋمى5 5s دىگەنلەردە بار
7-قەۋەت
..adiljan ۋاقتى: 2017-5-13 15:11:59
johndeere يوللىغان ۋاقتى  2017-5-13 14:49
ئوپپۇ a37m بابۇئىقدىدار

مىنىڭ مېيزۇ نوتې5 يوقتەك قىلىدۇ بۇ ئىختىدار مەن تاپالمىدىم
8-قەۋەت
18040880200 ۋاقتى: 2017-5-13 15:15:40
شىياۋمى 3س دە بار ئىدى لىكىن سىستىما يېڭىلىغاندىن بۇيان ئىشلىمەس بوپ قالدى
9-قەۋەت
对你的眼里_我 ۋاقتى: 2017-5-13 15:16:55
13309954400 يوللىغان ۋاقتى  2017-5-13 14:34
شىياۋمى  نىڭ قايسى تىلفۇنلىلرىدا بۇ ئىقتىدار بار؟

مىنىڭ شياۋمى 3تېلىفۇنۇمدا  بار
10-قەۋەت
ئەركە1 ۋاقتى: 2017-5-13 15:45:54
مىنىڭ بۇرۇن ئىشلەيتى خىلى بولدى پەققەت ئىشلىمەيدىيا كارتىنى ئەكەلسەممۇ جىملا تۇردۇ ھىچقانداق ئىنكاس يوق بۇنى قانداق ھەل قىلغىلى بولىدۇ
11-قەۋەت
[كارۋان] ۋاقتى: 2017-5-13 15:46:42
glaxy S5 تە باركەن بىراق بانكا كارتىسىنى تەككۈزسەممۇ ھېچ سادا يوق ، s5 تە بۇ ئىقتىدارىنى ئىشلىتىپ باققانلار بولسا ياردەم قىلغان بولساڭلار
12-قەۋەت
UdUnOhLi ۋاقتى: 2017-5-13 16:21:52
ھەرقانداق بانكا كارتىسى دىگەن گەپ خاتا بوپ قاپتۇ، بەزى كوناكارتىلار بۇ ئىقتىدارنى قوللىمايدۇ، يېڭى بىجىرگەن ئۆزەكلىك كارتىلارنىڭ كۆپۈنچىسىنى تۇنۇيدۇ
13-قەۋەت
ozyax ۋاقتى: 2017-5-13 16:29:32
بۇ ئىقتىدار رستلا بەك قولايلىق. مەن بانكا كارتىسىنى ئىشلىتىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئاپتوبۇس كارتىسىغا پۇل قاچىلاش ، تېلىفۇننى ئاپتوبۇس كارتىسى ئورنىدا ئىشلىتىش قاتارلىقلار
14-قەۋەت
umak003 ۋاقتى: 2017-5-13 16:58:11
yarsiz يوللىغان ۋاقتى  2017-5-13 14:31
بىزنىڭكىدەك  ئادەتتىكى تىلفۇنلاردا يوقتۇ  بۇ  ئىقتىدار ...

مېيزۇنىڭ باغۇ مانا مۇنداق

S70513-151456(1).jpg (92.18 KB, چۈشۈرۈش سانى: 5)

S70513-151456(1).jpg
15-قەۋەت
13139988442 ۋاقتى: 2017-5-13 17:00:35
مىنىڭ تىلفۇنۇم NFC ئىقتىدارىنى   قوللىمايدىكەن. 不支持دەپ چىقىۋالدى. بولمىسا ياخشى ئىقتىداركەن بۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部