+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:4 كۈن بۇرۇن 2655 قېتىم كۆرۈلدى 14 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئېكران بارماق ئىزى تونۇيدىغان يانفون ھەققىدىكى ئۇچۇرلار يېقىندىن بېرى بارغانسىرى كۆپەيگەن. بولۇپمۇ پۈتۈن ئېكرانلىق يانفون دەۋرى باشلانغاندىن بويان بارماق ئىزى سېنزورىنى يانفوننىڭ نەرىگە ئورۇنلاشتۇرۇش باش قاتۇردىغان ئىش بولۇپ قالغان. پۈتۈن ئېكرانلىق يانفونغا ئېكران بىۋاستە بارماق ئىزى تونۇش ئەڭ ئاقىلانە تاللاش.
ئالما، سامسۇڭ، شىياۋمى... قاتارلىق كارخانىلار بۇ ھەقتە خېلى بۇرۇنلا تەتقىق قىلىشقا باشلىغان. ئەمما VIVO دۇنيا بويچە تۇنجى بولۇپ ئېكرانى بارماق ئىزى تونۇيدىغان يانفوننى چىقاردى.
بۈگۈن CES2018 كۆرگەزمىسىدە VIVO X20 Plus UD كۆرگەزمە قىلىندى. بۇ يانفوننىڭ ئېكرانى ئاستىغا بارماق ئىزى سېنزورى ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان.




بۇ يانفوننىڭ سىرتقى شەكىلى X20 Plus گە ئوخشايدۇ. 6.43 دىيۇملۇق 2160*1080 ئېنىقلىقتىكى OLED ئېكران، كۇۋالكوم 660 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىلگەن. كەينىدە ئىككى دانە 12 مىليون پىكسېللىق كامېراسى بار. باتارىيەسى 3905mAh .



ئېكران ئاستىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بارماق ئىزى سېنزورىنىڭ تېزلىكى 0.6 سېكۇنتتىن 0.7 سېكۇنتقىچە؛ خاتالىق پەرقى 50000 دە 1 ؛ نورمال ئىشلىتىشتىكى بارماق ئىزى تونۇتۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. بارماق ئىزى تونۇش بىخەتەرلىكى چىقىم قىلىش ئۆلچىمىگە توشىدۇ. ئۈندىدار، ئالىپايدا بارماق ئىزى تونۇشنى قوللايدۇ.
VIVO ئىگە تەرەپنىڭ ئۇقتۇرۇشىچە، بۇ يانفون نۆۋەتتە ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان بولۇپ، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىردا بازارغا سېلىندىكەن.

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن1 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

14ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
燕山灰狼 ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
ئالمىدىن بۇرۇن قىپ  بوپتىغۇ بۇ خەق
گىلەم
ablikimqz ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
تۇنجى يىڭىلىق يەنىلا جۇڭگودا  بوپتۇدە
ئورۇندۇق
ئاتەش11 ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
ئېسىل ،كېيىنچە يانفون سېتىۋالسام ، مۇشۇ يانفوننى ئويلىشىپ باقسام بولغۇدەك.باھاسى مۇۋاپىق بولسىلا.
5-قەۋەت
muhtrim ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
vivoبولىدۇجۇمۇ،
6-قەۋەت
2635210282 ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
جىملام   تۇراتتى بۇ تېلفۇنلار  ،چوڭ سەكرەپ  ئىلگىرلەشنى قوللاندىمۇ  نىمە ،بى قوقماي كۇۋالكۇم 835 نى سەپلىمەي ،سەپلىمىسى  سەل تۈۋەن لېكىن.يەنىلا  ياخشى ئىلگىرلەش.
7-قەۋەت
XaTuR007 ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
شياۋمي 7گە مۇشۇ تېخنىكىنى ئىشىلتىدىغۇ دەيمەن بىر تەرەپ قىلغۇچىسى 845قىلىپ
8-قەۋەت
abdukayum01 ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
vivo غۇ ياخشى تىلفۇن لىكىن كۇۋالكۇم 835نى ئىشلىتسىچۇ باھاسىغا لايىق
9-قەۋەت
1357104490 ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
باھاسىنى نەچچە قىلىۋىتە بۇلا  ئەمدى
10-قەۋەت
UMID148 ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
سەپلىمىسى ياخشى چىقارمۇ
11-قەۋەت
uybeg01 ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
ئايفونX چىراي تونۇش ئىقتىدارىنى مودا قىلىۋەتكەن ئەمدى ماۋۇ ئىقتىدار مودا بۇلۇپ كىتەرمىكىن
12-قەۋەت
muhtar312 ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
ئېسىل ئەمدى بۇ ئىقتىدارنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرىدىكەنمىزدە
13-قەۋەت
tumantal29 ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
بەلكىم  شىياۋمى  note4  ۋە  小米7 لەرمۇ   مۇشۇ  تېخنىكىنى  قوللىنىپ  ياسىشى  مۈمكىن  .

لىكىن   ماۋۇ  تىلفۇن  5.5  دىيۇم   بوپ  كەتكەن  بولسا   مەن  ئىكلەنمەي  ئالاتىتىم   ماڭا  نىسپەتەن  سەل  چوڭراق  ئىكەن.
14-قەۋەت
zaman111 ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 14:49
ئىكراننىڭ ئاستى ئوتتۇرا قىسمىلا بارماق  تونۇيدىكەن ، ھەرگىز ئىكراننىڭ خالىغان ئەمەس
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部