+تېما يوللاش
2595922642 يوللانغان ۋاقتى:2016-9-24 22:00 3654 قېتىم كۆرۈلدى 17 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   2595922642 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-9-24 22:02  


بۈگۈن تورداشلار بىلەن خۇاۋېي شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن Honor يانفونلىرىغا Root ئالماي ئۇيغۇرچىنى تونۇتۇش ﻫەققىدە ئورتاقلىشىمىز. ئەلۋەتتە باشقا تۈردىكى خۇاۋېي يانفونلىرىغا Root ئالماي ئۇيغۇرچىنى تونۇتۇش دەرسلىكىنى ئالىپ تورىدىكى ‹‹ salam211520 ›› تورداش يوللىغان . لېكىن ئۇ تورداش يوللىغان فونت روڭياۋ يانفونلىرىغا ماس كەلمىدى بولغاي. فونت نورمال قاچىلاندى . لېكىن ئۇيغۇرچە خەتلەردە يەنە ﻫېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى . شۇنىڭ بىلەن باشقا فونتلارنى سىناش ئارقىلىق ئاخىرى ئۇيغۇرچىنى نورمال تونىدى . لېكىن بىر مەسىلە سالون ئېچى يەنىلا ئوخشاش تونىماي قويدى .

ئەمىسە بىر روڭياۋ يانفونلىرىغا Root ئالماي ئۇيغۇرچىنى تونۇتۇشنى كۆرۈپ چىقايلى :

تەييارلىق :
1، iFont爱字体 يەنى فونت قاچىلاش ئەپىنى چۈشۈرۈپ تەييارلايمىز.
2 ، ئۇيغۇرچىنى تونۇتۇش فونتىنى چۈشۈرۈپ تەييارلايمىز .

iFont爱字体 چۈشۈرەي
فونتنى چۈشۈرۈش ئادرېسى

پارول : mWK1
https://eyun.baidu.com/enterpris ... =201605217404017139

قەدەم باسقۇچلىرى :
1، ئالدى بىلەن iFont爱字体 نى چۈشۈرۈپ يانفنىمىزغا قاچىلايمىز، ‹‹ ئەپ قاچىلاش ﻫەممە تورداشلار بىلىدىغۇ دەيمەن ﻫى ﻫى ﻫى ›› ۋە قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ئەپنى ئېچىپ ئۇستى تىزىملىكتىن 我的 يەنى مېنىڭ تۈرىنى تاللاپ ئېچىلغان كۆزنەكتىن 我的字体 يەنى مېنىڭ فونتلىرىم دېگەن تۈرگە كېرىمىز. ‹‹ بۇ يەرگە كىرىشتىكى سەۋەب ifont ﻫۆججىتىنى يەنى فونتنى قاچىلاش ﻫۆججىتىنى پەيدا قىلىش ئۈچۈندۇر ›› ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ !

2، ئەمدى تەرتىپ بويىچە يانفونىمىزنىڭ 我的文件 -设备- ifont – custom دېگەن ﻫۆججەت خالتا ئىچىگە بايا چۈشۈرۈۋالغان فونت نى قاچىلايمىز ‹‹ بۇنداق بولغاندا ئۇيغۇرچە فونتنى iFont爱字体 ئارقىلىق 我的字体 نىڭ ئىچىگە قاچىلىيالايمىز ››

3، خۇش ئەمدى يەنە تەرتىپ بويىچە iFont爱字体 ئېچىپ ئۇستى تىزىملىكتىن 我的 يەنى مېنىڭ تۈرىنى تاللاپ ئېچىلغان كۆزنەكتىن 我的字体 يەنى مېنىڭ فونتلىرىم دېگەن تۈرگە كېرىمىز. ۋە بايا بىز قاچىلىغان ‹‹ TizyolFont ›› خەت ﻫۆججىتىنى چېكىمىز. ئېچىلغان يېڭى كۆزنەك ئاستىدىكى 应用 يەنى قوللىنىش دېگەننى چېكىمىز. چىققان ئەسكەرتمىدىن 跑过 يەنى ئاتلاپ كېتىشنى چېكىمىز. چىققان ئەسكەرتمىدىن باشقا تاللاشلارغا چېقىلماي 确认 يەنى مۇقۇمداشنى چېكىمىز. ۋە يەنە ئوخشاشلا 确认 يەنى مۇقۇمداشنى چېكىمىز. فونت قاچىلىنىۋاتىدۇ. ئەمدى چىققان ئەسكەرتمىدىن يەنە ئوخشاشلا 确认 يەنى مۇقۇمداشنى چېكىمىز.

4,ئەمدى يانفوننىڭ ئۇسلۇب چۈشۈرۈش بازىرى ئېچىلىدۇ. سىز تەرتىپ بويىچە 推荐-字体-我的 كېرىپ يېڭىدىن قاچىلانغان فونتنى تاللاپ ئاستىدىكى 应用 يەنى قوللىنىش چىكىۋەتسىڭىز بولىدۇ .

خۇش قارايدىغان بولسىڭىز ئۇيغۇرچە خەتلەر چىرايلىقلاشقان بولىدۇ .
سىزگە ئامەت تىلەيمەن …!


مەنبە:تېزيول IT ئۇچۇر لىنىيەسى



ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش4 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن3 قوللىمايمەنقوللىمايمەن
سەبىر-قىل....

17ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
ablatjan0997 ۋاقتى: 2016-9-24 23:37:49
بۇ فوند نەشىرى 5.0ياكى6.0 نىڭمۈ 4.4.4نىڭمۈ ئاشۈنداق سالۈندىكى خەتنى چىرايلىق قىلىدىغان فوند بارمۈ بولسا يوللاپ قويساڭلار.
گىلەم
灬XaX灬 ۋاقتى: 2016-9-25 00:33:23
سالوندىكى خەتلەر نورمال ئەمەس دەپتىكەنسىز، لىكىن رەسىمدە شۇنداق چىرايلىق تۇرمامدۇ.
ئورۇندۇق
►J_AS_S_U_R◄ ۋاقتى: 2016-9-25 02:41:18
بۇ تېلفۇنلارغا روت ئىلىش دىتالىرىدىن نۇرمال روت ئالغىلى بولىدۇ ، بەك ياخشى جۇمۇ بۇ تېلفۇنلار بۇرۇن مەن روڭ ياۋ 3 نى ئىشلەتكەن ئىدىم بەك ياخشى چىققان ئىدى تۇيۇقسىز ئىچىلماس بولۇپ قالدى رېمنۇتچىلارمۇ سىستىما يېزىل باقتى پەقەتلا باش بەتكە كىرەلمەس بولۇپ قالدى شۇنىڭ بىلەن خوڭمى 3س ئىشلىتۋاتىمەن
5-قەۋەت
samanlik ۋاقتى: 2016-9-25 07:58:25
سامسۇڭنىڭ 5.1 نەشىردىكى قونىت قاچىلايدىغىن تەۋسىيە قىلساڭلا
6-قەۋەت
uyghur26 ۋاقتى: 2016-9-25 14:51:46
note3پەقەت ئۇيغۇرچە تۇنمايۋاتقدۇ ،سامسۇڭ نوتى 3،ھەممە ئامالنى ئىشىلتىپ باقتىم
7-قەۋەت
ئالم110 ۋاقتى: 2016-9-25 16:48:57
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  قېرىنداشلار ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقىتى خەيىرلىك بولسۇن  لېشى 2 پىرو يانفۇنغا روت ھوقۇقى ئالماي ئۇيغۇرچە تونتىدىغان بىرە ياخشى ئامال بولسا دەپ بەرسەڭلا  بوپتىكەن
8-قەۋەت
ahat1976 ۋاقتى: 2016-9-26 11:13:08
مەندە 荣耀7دىن بىرسى بارتى بۇ تېلفۇنغا روت ئالالمىدىم،مۇشۇ جەھەتتە ياردەم قىلدىغانلارنى قارشى ئالىمەن
9-قەۋەت
ahat1976 ۋاقتى: 2016-9-26 12:51:50
دوستلار مىنىڭ 荣耀7تېلفۇنۇمنىڭ قۇلۇپ ئېچىش نۇمۇرنى ئېلىپ بىرىغانلار بولسا ياردەم قىلىڭلار
10-قەۋەت
763678829 ۋاقتى: 2016-9-27 16:40:48
ئاندىرويىد 6.0گە خۇشخەت فونۇنىت بارمۇ
11-قەۋەت
gherip ۋاقتى: 2016-9-28 11:25:31
بولسا مۇشۇ 乐视يانفۇنلىرىغۇ Root ئالماي ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ئۇسۇلى بولسا بىر يوللىۋاتكەن بولسىڭىز بوپتىكەن...
12-قەۋەت
15999174213 ۋاقتى: 2016-11-13 08:01:51
مەن يولغان تىلفۇن ئەسىلى 3.0  50.1ئ‍ادىروئىت ئ‍ىدى ھازىر 4.0ئ‍ادىروئىت بۇلۇپ قالدى  قانداق قىلسام ئ‍ەسلگە كەلتۇرەلەيمەن
13-قەۋەت
Qiwer ۋاقتى: 2016-12-28 00:05:25
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qiwer تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-12-27 22:09  

رەھمەت تىما ئىگىسى. تىلىفۇنۇمنىڭ خەتلىرىنى كۆرۈپ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم. خۇاۋېى دىگەن بۇ ماركىغا ئامال تاپقىنىڭىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن،ھەمدە بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
ئەمدى ئاغىنىللىرىمنىڭ تىلىفۇنلىرىغىمۇ خەت نۇسخا قاچىلاپ بىر خوش قىلىۋىتىدىغان بولدۇمدە!!
ھەراست .تىلىفۇنۇم 华为荣耀5A 全网通 ئىدى. بۇ گەپنى قىلىشتىن مەقسەت قانداقتۇر تىلىفۇنۇمنى ماقتاش ئەمەس مۇشۇ تىپلىقنى ئىشلىتىۋاتقان دوستلارغا ئىككىلەنمەي مۇشۇ يوللانمىدىكى ئۇسۇل بويىچە خەت نۇسخا قاچىلىۋېلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
14-قەۋەت
شەمشەر ۋاقتى: 2016-12-28 02:39:46
ablatjan0997 يوللىغان ۋاقتى  2016-9-24 23:37
بۇ فوند نەشىرى 5.0ياكى6.0 نىڭمۈ 4.4.4نىڭمۈ ئاشۈنداق سالۈندى ...

سالوندىكى خەتنى چىرايلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن چوقۇم يانفۇنغا روت ھوقوقى ئېلىشىڭىز كىرەك ۋە سېستىمىنىڭ يادىروسىدىن ئۇيغۇرچىنى تۇنىتىشىڭىز كىرەك بولمىسا روت ئالماي ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇشتا شۇنداقراق ئۇنىڭغا ئامال يوق
15-قەۋەت
Qiwer ۋاقتى: 2016-12-28 22:32:10
ablatjan0997 يوللىغان ۋاقتى  2016-9-24 21:37
بۇ فوند نەشىرى 5.0ياكى6.0 نىڭمۈ 4.4.4نىڭمۈ ئاشۈنداق سالۈندى ...

قېرىندىشىم ئەيىپكە بۇيرىماڭ.فونت بىلەن فوند ئىككىسى ئىككى گەپ. دىقەت قىلىشىڭىزنى ئۇمىت قىلىمەن.
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部