+تېما يوللاش
tormahiri يوللانغان ۋاقتى:2017-7-21 19:27 1079 قېتىم كۆرۈلدى 14 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش

يىقىندا kotlin پىروگىرامما تىلى ھەققىدە گوگىل شىركىتنىڭ كۆپلىگەن android ئەپ ئىچىش مۇتەخەسسلىرى زىيارەت قىلىنغان بولۇپ،بۇ ماقالىنى يازغۇچى ،مۇتەخەسسىلەردىن كەلگەن جاۋابلاردىن 17 نى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاش،ۋە مۇشۇ يىتەرلىك دەپ قارىغان،ئەملىيەتتە زىيارەتنى قۇبۇل قىلغان مۇتەخەسسىلەر كۆپ ئىكەن.

مەقسەتكە كەلسە بىزبۇ قاراشلارنى تەرجىمە قىلدۇق، بۆگۈندىن باشلاپ بىزgoogle دىكى مۇتەخەسسىلەرنىڭ كوتلىن پىروگىرامما تىلى ھەققىدىكى باھالىرى ۋە قاراشلىرىنى  سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز،بۇنىڭدا ھىچقانداق بىرشەخسىنىڭ ئۆزى قوشۇپ قويغان گەپ سۆزلىرى يوق.



بۇ 17 نىڭ ئىچدىكى 1-سى ،بۇ ماقالە داۋاملىق تەرتىپ بويىچە ئىلان قىلىنىدۇ.

1. Annyce Davis

مەن ئىلگىرى Groovy پروگرامما تىلى ئارقىلىق Grails ئەپلىرىنى ئېچىپ باققان. ماڭا نىسبەتەن Groovy بولسا Java نىڭ ناھايىتى زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغىنى.ئۇ  ناھايىتى ئىخچام شۇنداقلا، ئەينى چاغدا Java6 تىلىنى ئىشلىتىپ كود يازغاندا چۇقۇم يولۇقىدىغدن ناھايىتى كۆپ قىسىم كودلاردىن ساقلىنىقا پايدىلىق. Kotlin مەيدانغا كەلگەندە تېزلا مىنى جەلىپ قىلىۋالدى. چۈنكى ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان گىرامماتىكا ئالاھىدىلىكلىرى ماڭا Groovy نى ئەسلەتتى.ئۇ پاكىزە ھەم رەتلىك شۇنداقلا تاۋلانغان ئىدى.


مەن بىر ئەسەبىي ئۆگەنگۈچى.شۇڭا مەندە Kotlin  نى ئۆگىنىش ئىشتىياقى قوزغالدى شۇنداقلا  Kotlin Koans ئاساسىدا ، ئۆگىنىش سەپىرىمنى باشلىۋەتتىم. مەنمۇ Kotlin in Action نىڭ دەسلەپكى زىيارەت نەشىرىنى زاكاز قىلدىم. Hadi بىلەن Kotlin نىڭ تارقاتمىسىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ، مەن Kotlin غا ئىتىبار بىلەن قاراش ئويىغا كەلدىم.Kotlin 1.1 ئېلان قىلىنغاندا ، مەن ئاخىرى Kotlin غا جىددىي مۇئامىلە قىلىشنى قارار قىلدىم شۇنداقلا ئىشلىتىشكە ئېچىۋىتىلگەن ئەپلىرىمگە Kotlin نى كىرگۈزدۈم.



android  ئەپ ئاچقۇچىلارغا نىسبەتەن ، Kotlin نىڭ ناھايىتى كۆپ ئەۋزەللىكى بار. ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىكى بولسا، ئۇنىڭ تۈر سېستىمىسى ۋە بوش تۈرنى بىر تەرەپ قىلىشى(null pointer exeption). بۇ ئەۋزەللىك سىزنى كود يازغاندا ، قايسى ئۆزگەرگۈچى مىقدارنى قۇرۇق قالدۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى ئېنىڭ كۆرسىتىشكە شۇنداقلا، ئىشلەتكەندە بۇ بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ، ئاندىن تەرجىمە-تەھرىرلىگۈچ ئارىغا كىرىدۇ ۋە ئۆزگەرگۈچى مىقدارنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. بوش ئىستىرىلكا نورمالسىزلىقى بولسا مەن - ئەپ پروگراممىلىرىدا بىر تەرەپ قىلغان ، دائىم ئۇچرايدىغان نورمالسىز تۈر ھىساپلىنىدۇ.Kotlin ئادىل رىقبابەت مۇھىتىغا پايدىلىق.


Kotlin  نىڭ يەنە بىر كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكى بولسا ، فۇنكىسىيەنى كېڭەيتىس ئىقتىدارىنى ھازىرلىغانلىقىدۇر. Context،ctivity  ۋە Date  تۈرلىرىگە كېڭەيتىلگەن فۇنكىسىيەنى قوشۇش ئارقىلىق ، مىنىڭ كودلىرىم كۆپ ئاددىيلاشتى شۇنداقلا ئوقۇشقا(ئىجرا بولۇشقا) تېخىمۇ قولاي بولدى.


گەپنىڭ قىسقىسى، Kotlin  نى ئىشلىتىپ مىنىڭ كودلىرىم تېخىمۇ ياخشىلاندى.

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن1 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

14ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
owqi11 ۋاقتى: 2017-7-22 23:38:41
tormahiri يوللىغان ۋاقتى  2017-7-22 16:11
شۇنداق ئۈگىنىەلەيسىز،چۈنكى نۆل سەۋيەدىن باشلاپ ئۈگى ...

نەدە با ئۇنىڭ دەرىسلىكى
گىلەم
abjsoft ۋاقتى: 2017-7-22 00:40:34
مەنمۇ سەل قىزىقىپ  قېلىۋاتىمەن مۇشۇ تىلغا  بەك ئىخچام چۈشىنىشلىك تىلكەن ، جاۋا ئۈگۈنىشنىمۇ ئويلىغان ھازىر س شارىپ ئۈگىنىۋاتىمەن ئاندرويدقا پروگرامما تۈزۈشنى ئۈگەنگەندە چۇقۇم مۇشۇ كوتلىن نى تاللايمەن.
تىما ئىگىسى جاپا چەكتىڭىز.
ئورۇندۇق
alipalim ۋاقتى: 2017-7-22 08:49:58
ئەپ ئاچقۇچىلارنىڭ بۇ يېڭى تىل ئارقىلىق تېخىمۇ پاكىز ،يىنىك ئەپ ئېچىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن
5-قەۋەت
1529657456 ۋاقتى: 2017-7-22 08:54:50
بۇنى بىزدەك قار قوساقلامۇ ئۆگىنەلەمدۇق
6-قەۋەت
sadda(boy)006 ۋاقتى: 2017-7-22 12:19:24
باللا كوتلىندا ئېچىلغان ئەپتىن بىرەرنى يوللىساڭلار بولاتتى ، كودلىرىنى بىر كۈرۈپ باقساق ،
7-قەۋەت
Asminim ۋاقتى: 2017-7-22 13:21:23
بىزمۇ زامانىۋى يېڭى تىللاردىن ئۆگەنسەك بولاتتى. كوتلىن بىر تىل بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ پروگرامما ئېچىش قۇرالى بارمۇ ياكى باشقا پروگرامما ئاچىدىغان يۇمشاق دىتاللارغا قىستۇرما قاچىلاپ ئىشلىتىمىزمۇ ؟
8-قەۋەت
tormahiri ۋاقتى: 2017-7-22 16:10:44
Asminim يوللىغان ۋاقتى  2017-7-22 13:21
بىزمۇ زامانىۋى يېڭى تىللاردىن ئۆگەنسەك بولاتتى. كوتلى ...

شۇنداق،بۇنىڭ مەخسۇس زامانىۋى كود ئىچىش قورالى بار.
9-قەۋەت
tormahiri ۋاقتى: 2017-7-22 16:11:58
1529657456 يوللىغان ۋاقتى  2017-7-22 08:54
بۇنى بىزدەك قار قوساقلامۇ ئۆگىنەلەمدۇق

شۇنداق ئۈگىنىەلەيسىز،چۈنكى نۆل سەۋيەدىن باشلاپ ئۈگىنىدىغانلار ئۈچۈن ئۇيغۇرچە سۈرەتلىك دەرسى بار.
10-قەۋەت
parlan ۋاقتى: 2017-7-22 19:16:39
tormahiri يوللىغان ۋاقتى  2017-7-22 16:11
شۇنداق ئۈگىنىەلەيسىز،چۈنكى نۆل سەۋيەدىن باشلاپ ئۈگى ...

بۇ تىلغىمۇ جاۋا ئاساسى بۇلۇش تەلەپ قىلىنامدۇ ؟
دەرسلىك قانچە قىسىم ، قانچە پۇل ؟
11-قەۋەت
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2017-7-23 00:25:57
parlan يوللىغان ۋاقتى  2017-7-22 19:16
بۇ تىلغىمۇ جاۋا ئاساسى بۇلۇش تەلەپ قىلىنامدۇ ؟
دەرسلى ...

ئاساسىڭىز بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ،
چۈنكى سىز يەنىلا بۇ تىلدا Java دا يىزىلغان ئۈچىنچى تەرەپنىڭ SDK, Library لىرىنى ئىشلىتىسىز، ھەم يەنىلا ئوخشاشلا گۇگىل جاۋادا يىزىپ چىققان Android Sdk نى ئىشلىتىسىز،

قىسقىسى سىز بۇ تىلدىمۇ ئوخشاشلا Java دا يىزىپ قويۇلغان نەرسىلەرنى يۆتكەپ ئىشلىتىسىز،
بەلكىم بۇنىڭدىن كىيىن گۇگىل ھەم ئۈچىنچى تەرەپ تىز سۈرئەتتە Kotlin دا Library ۋە Sdk چىقىرىشى مۇمكىن، لىكىن ئۇنىڭغىچە ئوخشاشلا Java ئىشلىتىسىز،
نۆۋەتتە بار بولغان 98% كودنىڭ Kotlin دا ئىشلىتىش چۈشەندۈرىلىشى يوق، ھەممىسى Java دا قانداق ئىشلىتىشنى تىلغا ئالىدۇ،
سىز Java كودلىرىنى چۈشىنىپ ئۇنى ئۆزىڭىز Kotlin دا يېزىشىڭىز كىرەك،
Java دا يىزىلغان ئەبكا قوتۇر API لارنى Kotlin دا قايتىدىن يېزىشىڭىزمۇ كىرەك بولۇپ قالىدۇ

سىزگە ئىككى تاللاش بار:
1. ئىنتايىن تەپسىلىي ھەم تولۇق پۈتۈن يۈرۈشKotlin Android دەرسلىكى تىپىش
2. بىر مەزگىل Java ئىشلىتىپ ئاندىن Android بىلەن تونۇشۇپ بولغاندا Kotlin غا كۆچۈش،
12-قەۋەت
tormahiri ۋاقتى: 2017-7-23 12:02:01
parlan يوللىغان ۋاقتى  2017-7-22 19:16
بۇ تىلغىمۇ جاۋا ئاساسى بۇلۇش تەلەپ قىلىنامدۇ ؟
دەرسلى ...

ياق تەلەپ قىلىنمايدۇ،چۈنكى دەرس 0 سەۋيەدىن باشلايدىغان ئاساسى يوقلار ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلەنگەن
13-قەۋەت
tormahiri ۋاقتى: 2017-7-23 12:04:20

مەندە بار،مەن بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
14-قەۋەت
Kapsz305 ۋاقتى: 2017-7-23 23:48:54
بۇ تىلنى ئاندىرويد يانفۇننڭ ئۆزىدە تۇرۇپمۇ ئىشلەتكلى بولارمۇ
15-قەۋەت
سال ۋاقتى: 2017-7-24 22:37:03
tormahiri يوللىغان ۋاقتى  2017-7-23 10:04
مەندە بار،مەن بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

سىز بىلەن قانداق ئالاقىلىشىمەن؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部