+تېما يوللاش
mardan123 يوللانغان ۋاقتى:2016-2-26 23:39 2043 قېتىم كۆرۈلدى 16 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
كىتاب  كۆرۈڭ
<ك>  ھەرپىدىن  باشلانغان  سۆز ئويۇنى
كىتاپنى كۈندە كۆرسىڭىز، كۆڭلىڭىز كائىناتتەك كەڭرىپ،كېچىدە كۈن كۆرگەندەك، كېلىچىكىڭىز كىتاپتىن كېلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ، كەلگۈسىنى كېرىلىپ كۈتۈۋالالايسىز.
كىتاپ كۆرگەن كىشىلەرنىڭ كۈنلىرى كۆڭۈللۈك، كەيپىياتى كۆتۈرەڭگۈ كۆرۈنىدۇ. كىتاپ كۆرگەنلەر كىتاۋىنى كونا، كۆرۈمسىز كەپىدە كۆرسىمۇ، كەڭ كائىناتتىكى كانادا، كورىيە، كۇبا، كولۇمبىيە، كەشمېر، كورلا، كېرىيە، كەلپىنلەرنى كۆرگەندەك، كۈلۈمسىرەپ كۆڭلىگە كەلتۈرەلەيدۇ.
كاتتا كىتاپنىڭ كارامەت كۇچى كەمتەرلەرنى، كاسىپلارنى، كادىرلارنى، كەمىنىلەرنى كامالەتكە كەلتۈرۈپ، كۆكنى كەزدۈرەلەيدۇ.
كىتاپ كۆرمىگەن كىشى كامادىكى كېلەدەك، كارىزدىكى كېسەكتەك كۆككە كۆتۈرۈلەلمىگەن كۆكىنەكتەك، كەپىدىكى كۇنجۇرىدەك، كۆكۈرۈپ كۆپچۈلۈككە كونا  كېسەلدەك كۆرۈنۈدۇ.
كەمكۈتىسىز كۆكەمە، كۈنلەمچى، كوت-كوت ، كىبىرلىك كېلىدۇ. كىتاپسىز كىشىنىڭ كۈزى كور، كەلگۈسى كۈلپەتلىك. كىشىلەرنىڭ كەينىدىن كوتۇلداپ - كاڭشىپ كوڭكىدا كىتىۋېتىپمۇ كۆڭۈلسىز كەچمىشلەرنى كۆڭلىگە كەلتۈرۈپ، كۆپتىن-كۆپ كىشىلەرنى  كۆڭلىدە كېپەنلىۋېتەلەيدۇ.
كىمدە-كىم كىتاپ كۆرمەيدىكەن، كوچىسىغا، كۈلبىسىگە كەلكۈن كەلسىمۇ، كەتمەن كۆتۈرمەيدۇ. كۆكتاتلىرىغا كالا كەلسىمۇ كالتەكلەپ كەتكۈزۋەتمەيدۇ.  كىيىم - كېچەك، كۆرپە - كىرلىك، كاستىيوم - كۆينەكلىرى كىرلىشىپ، كاللىسى كېپەكلىشىپ، كەپكىسى  كىچىكلەپ كەتسىمۇ، كېسەللىنىشنى كۆزلىمەي كىيىۋېرىدۇ.
كۈزۈتۈپ كۆرۈش كېرەككى: كىتاپ كۆرمەيدىغانلار كەم،كۆرۈدىغانلار كۆپ. كۈندۈزى كۆرمىگەنلەر كېچىسى كۆرۈدۇ، كۈتۈپخانىلارمۇ كەڭ كىتاپخانلارنى كۈزى كۆرۈپ، كونكىرت كۈزۈتۈپ، كەمدىن - كەم كۆرۈلۈدىغان  كاتالوگ، كېلاسسىك، كىنايىلىك كىتاپلارنى كۆپ كىرگۈزۈپ، كەڭ-كۆلەمدە كۆرسۈتۈش كېرەك.
كىتاپ كۆرمەي كىتىۋاتقان كۈنلىرىڭىزگە كۆز تىككىنىڭىزدە، كاكىراۋاتقان كۈيسىز كەچمىشلىرىڭىز  كۆڭۈل - كۆكسىڭىزگە كىرىۋېلىپ، كۆڭلىڭىزنى كاۋاپداندا كۆمۈر كۆيدۈرگەندەك كۆيدۈرۈپ كەيپىڭىزنى كۆرۈمسىزلەشتۈرۈدۇ.
كۆرەي دىسىڭىز كەنت كۈتۈپخانىسىدىمۇ كېرەكلىك كىتاپلار كۆپ. كوچىلاردا كوتۇلداپ كۆنمەي كىتاپخانىغا، كۈتۈپخانىغا كۈندە كىلىپ كىتاپ كۆرۈڭ !!!         
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش3 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن1 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

16ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
uyghur26 ۋاقتى: 2016-2-27 11:20:34
رەھمەت
گىلەم
hacker09 ۋاقتى: 2016-2-27 13:28:44
ئەرزىمەيدۇ
ئورۇندۇق
ئۇچقۇن` ۋاقتى: 2016-2-27 14:00:27
يازمىغان مۇشۇنداق تېما قالغان
5-قەۋەت
15739925433 ۋاقتى: 2016-2-27 14:01:17
ئالامەت چىقىپتۇ
6-قەۋەت
merdan ۋاقتى: 2016-2-27 14:55:50
ياخشى تېما !
7-قەۋەت
doktor8 ۋاقتى: 2016-2-27 15:02:27
ۋاھ، ئ‍اجايىپ ئ‍ىزدىنىپ يېزىپسىز ، ئ‍اپىرىن ! "ئ‍ايىمگۈلنىڭ ئاغرىق ئ‍ازابى"دىنمۇ ئ‍ۇزۇن چىقىپتىمۇ نىمە؟
8-قەۋەت
تورچى ۋاقتى: 2016-2-27 17:54:05
يەنىلا ئالىپ مۇنبىرى باشقىچە پەيزى
9-قەۋەت
muzat1970 ۋاقتى: 2016-2-27 20:27:37
doktor8 يوللىغان ۋاقتى  2016-2-27 15:02
ۋاھ، ئ‍اجايىپ ئ‍ىزدىنىپ يېزىپسىز ، ئ‍اپىرىن ! "ئ‍ايىمگ ...

دىسىڭىز   دىن باشقىسى غەزەپ كەپتۇغۇ،ھارمىغايسىز!!
10-قەۋەت
mardan123 ۋاقتى: 2016-2-27 21:58:18
ئايىمگۈلنىڭ ئاغرىق ئازابى دېگەنى  مۇشۇ يەرگە ئىنكاس قىلىپ يېزىپ قويىڭە
11-قەۋەت
atiwa007 ۋاقتى: 2016-2-27 22:43:50
رەھمەت ياخشى  يېزىپسىز  جۇمۇ
12-قەۋەت
ياسىن. ۋاقتى: 2016-2-27 23:58:55
كارامەت كەپتۇ ، كۆكلەپ كىتىڭ .  
كۆپچىلىك كۈندە كىتاب كۈرەيلى!!!
13-قەۋەت
samanlik ۋاقتى: 2016-2-28 00:13:41
كارامەتنى
15-قەۋەت
foxtpdf ۋاقتى: 2016-6-29 23:46:43
مانابۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىلىشچانلىقىنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسى  
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部