+تېما يوللاش
kara-burkut يوللانغان ۋاقتى:2017-8-11 14:52 4030 قېتىم كۆرۈلدى 25 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
16-قەۋەت
ئۇيغۇرr ۋاقتى: 2017-8-12 18:23:49
مەن پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنى ئالىپايدا قىلىۋاتىمەن ، شۇنداق بولغاندا ئىناۋەت تىز ئۈسىدىكەن ،  قانداقلا بولسۇن ئۈندىداردا پۇل يۆتكىمەيمەن .  

جىددىي پۇل لازىم بولغاندا باشقىلاغا چىراي ساغاتىشنىڭ ئورنىغا خۇابىيدىكى پۇلنىلا نەخلەپ ئىشلىتىمەن ،  مەن جىفۇباۋنى سۆيىمەن ..،
17-قەۋەت
ئىقرار ۋاقتى: 2017-8-13 08:48:17
ئۈندىداردا باشقىلارغا خاتا ئۇرۇلۇپ كەتكەن پۇلنى قايتۇرۇپ ئېلىشنىڭ قانداق ئامالى بار
18-قەۋەت
kara-burkut ۋاقتى: 2017-8-13 15:38:37
ئۇيغۇرr يوللىغان ۋاقتى  2017-8-12 18:23
مەن پۇل مۇئامىلە ...

مېنىڭ بىلىشىمچە花贝دىكى پۇلنى پەقەتلا تاۋباۋدىن نەرسە سېتىۋىلىشقا ئىشلەتكىلى بولىدۇ مېنىڭمۇ 2.5مىڭ يۈەن نېسى مال ئالالايمەن  
19-قەۋەت
oguzhan ۋاقتى: 2017-8-13 22:52:35
ئىقرار يوللىغان ۋاقتى  2017-8-13 08:48
ئۈندىداردا باشق& ...

تېڭشۈنگە ئادەم مۇلازىمىتىدىن ياردەم سوراپ باقسىڭىز قانداق بولاركىن؟ ئاندىن شۇنداق خاتا ئۇرۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى پۇلنى 24سائەتتىن كىيىن قارشى تەرەپنىڭ ھېساباتىغا باردىغان قىلىپ تەڭشەپ قويۇڭ.
20-قەۋەت
iltebir107 ۋاقتى: 2017-8-14 12:36:58
بۇلار رىقابىتى كۈندىن كۈنگە كۈچىيۋاتىدۇ.بۇنداق بولغاندا پايدا ئىستېمالچىلارغا بۇلىدۇ. مەن ئالىپاي ھەميانى ئىشلەتكۈچىسى. Alipay good.
21-قەۋەت
qaptikax ۋاقتى: 2017-8-14 13:32:25
梁飞 يوللىغان ۋاقتى  2017-8-11 20:34
ئەلى بابادىن ئۆز ئەينى كۆچۈرۈپتۇ ، منىڭغۇ ئەزەلدىن خوش ...

تېڭشۈن بىلەن ئەلى بابا ھازىرقى ئاسىيادىكى بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى ئىككى شىركەتكە ئايلاندى، بۇ ئىككى كاتتىباشنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن رىقابەتمۇ پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئىلگىرى تېڭشۈن ۋە ئەلى بابا بىلەن بىللە «ئىنتېرنېت ساھەسىدىكى ئۈچ كاتتىباش» دەپ ئاتالغان بەيدۇ شىركىتى بولسا ھازىر تەدرىجىي ئاجىزلاپ سەپتىن چۈشۈپ قالدى.
مايۈن بىلەن ماخۇاتېڭ ئايرىم-ئايرىم جۇڭگودىكى ئىككى ئىنتېرنېت كاتتىبېشى بولغان تېڭشۈن شىركىتى بىلەن ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىلىرى، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى جۇڭگو ئىنتېرنېت ساھەسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى، شۇنداقلا ئۇلار جۇڭگودىكى نۇرغۇن ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ قەلبىدىكى قەھرىمانىغا ئايلاندى.
undefined
لېكىن خەلق ئارىسىدا بۇ ئىككى شەخسكە بېرىلگەن باھالار ئاسمان-زېمىن پەرقلىنىدۇ، ئەلى بابا قۇرغۇچىسى مايۈن سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ چوقۇنۇش ئوبيېكىتىغا ئايلاندى، ماخۇاتېڭ بولسا يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ تىللىشىغا ۋە قارغىشىغا قالدى.
بۇ ئىككى شەخسنىڭ مىجەزىگە كەلسەك، مايۈن ئوچۇق-يورۇق، ئاممىۋى پائالىيەتلەردە كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۇنىڭ نەتىجىلىرى، ئۆتمۈشى ۋە باشقا ئۇچۇرلىرى بىلەن خېلى تونۇشلۇق، نۇرغۇن كىشى ئۇنىڭ ئۈچ قېتىم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقانلىقىنى، ئامېرىكىدا تۇتقۇن قىلىنغىلى تاسلا قالغىنىنى، ئىش باشلىغان دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ناھايىتى قىيىنچىلىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى بىلىدۇ، ئۇنىڭ بىر مەھەل جۇڭگودىكى بىرىنچى باي بولغىنىنى بولسا تېخىمۇ كۆپ ئادەم بىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش جەريانى سانسىزلىغان كىشىلەرگە تەسىر قىلىپ ئۇنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىشقان.

ماخۇاتېڭغا كەلسەك، نۇرغۇن كىشىلەر QQدىن ئىبارەت بۇ مەھسۇلات ئارقىلىق ئاندىن ماخۇاتېڭنى تونۇغان ۋاقتىدا ئۇ ئاللىبۇرۇن خېلىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ بولغان ئىدى، Q تەڭگىسى، QQ كىيىمى، ھەر خىل رەڭلىك ئالماسلار ۋە ئويۇنلارغا پۇل قاچىلاش جەريانىدا تېڭشۈننىڭ ناھايىتى كۆپ پۇل تاپىدىغان شىركەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقان ئىدى. راست دېگەندەك تېڭشۈننىڭ نۇرغۇن كەسىپلىرى ئادەتتىكى ئىستېمالچىلارغا نىسبەتەن ھەقسىز ئەمەس، دەل بۇ سەۋەب ئابونتلارنىڭ تېڭشۈن شىركىتىگە بولغان نارازىلىق ھېسسىياتىنى كۈچەيتىۋەتكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن تەدرىجىي ماخۇاتېڭنى تىللايدىغان بولغان. ئەڭ تىپىك مىسالنى ئالىدىغان بولسا، تېڭشۈن تېلېفون ساھەسىگە يۈرۈش قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندا نۇرغۇنلىغان تورداشلار كىنايە قىلىپ: «تېڭشۈننىڭ تېلېفونىغا VIP ئاچقاندا ئاندىن ئېكرانى رەڭلىك ئېچىلىدۇ...» دېيىشكەن ئىدى.
سودا قىلىش شەكلىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا تاۋباۋ تورى ئۆزى پۇل تېپىپلا قالماي يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنى پۇل تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنى بولسا نەرسە سېتىۋېلىش قولايلىقىدىن بەھرىمەن قىلدى، تاۋباۋ يەنە سانسىزلىغان سودا پۇرسەتلىرىنى ياراتتى، نۇرغۇن كىشىلەرگە ھاياتىنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلدۇردى.

تېڭشۈن شىركىتىگە قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ ھازىرقى كۆپ قىسىم كىرىمى ئويۇن كىرىمىدىن كېلىدۇ، جۇڭگودا تور ئويۇنى ئەزەلدىن ياخشى نەرسە قاتارىدا سانىلىپ باقمىغان، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار، مۇئەللىملەر، ئاكا-ھەدىلەر ۋە ئويۇننىڭ زىيىنىنى تارتقانلار تەبىئىيلا ماخۇاتېڭنى تىللايدۇ...
يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، تېڭشۈننىڭ نۇرغۇن مەھسۇلاتلىرىنى باشقا شىركەتلەرنى دوراش ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن، ھەتتا نۇرغۇن كىشىلەر تېڭشۈن دېگەن ئىسىمنى ئاڭلىسىلا ئۇنى كۆچۈرمىكەشلىككە سىمۋول قىلىشىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەر تېڭشۈننىڭ مەھسۇلاتىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپمۇ يەنە تېڭشۈننىڭ تىللايدۇ.

ئەمەلىيەتتە تېڭشۈن ئاسىيادىكى بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى شىركەت، ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان ماخۇاتېڭنىڭمۇ نۇرغۇنلىغان ئارتۇقچىلىق تەرەپلىرى، كىشىلەر بىلمەيدىغان جاپالىق ئىگىلىك يارىتىش تارىخى بولغان.
22-قەۋەت
kara-burkut ۋاقتى: 2017-8-15 00:07:26
ئۈندىداردا بار ئىقتىدارلار جىفۇباۋ دا يىتىپ ئاشقۇدەك بار  مەن جىفۇباۋ ئىشلەتكەن نەچچە يىلدىن بۇيان بانكىغا ئازراق قاترايدىغان بولدۇم  ئۈندىدارنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىمۇ بار ئەمما زىيانلىق تەرپى بەكلا جېق   ناۋادا ماڭا بىرسى جىفۇباۋ بىلەن ئۈندىدار نى تاللا دىسە ئەلۋەتتە جىفۇباۋنى تاللايمەن  جىفۇباۋ دا كۈنجۈت ئىناۋەت نومۇرى يۇقرى بولغانلارنىڭ  نىسى مال ئېلىش ھەم تۆۋەن ئۈسۈم قەرز ئېلىش ئىقتىدارى بار ئەپسۇس بۇ ئىقتدار ئۈندىداردا يوق
23-قەۋەت
نۇرچاچ ۋاقتى: 2017-8-15 14:41:48
كۈنجۈت نومۇرى دىگەن نىمە دوسلار
24-قەۋەت
سەھرا@ ۋاقتى: 2017-8-17 11:06:15
kara-burkut يوللىغان ۋاقتى  2017-8-15 00:07
ئۈندىداردا بار ئىقتىدارلار جىفۇباۋ دا يىتىپ ئاشقۇدەك  ...

بۇندىن كيىن شۇ ئقتدارلنى قۇشدكەن ، مەن ئالدنقى بر خەۋەردە  ماخۇاتڭنىڭ خلى جق مەبلەغ سىلپ ئۈندداردا قەرز بجرش ئقتدارنى قۇشدغانلقنى كۈرگەن    ئەمدى ئالپاي بلەن ئۈنددارغا كەلسەك  ئالپدي ھەققەتەن ئۈندداردن قۇلايلقكەن،  ئۈندداردا با ئقتدارلانىڭ ھەممسى باكەن  لكن ھازر ئۈنددارنىڭ ئشلتش نسبتى ئالپايدن يۇقرى  پەقەت شۇ ئستمالچلار ئالپاينى ئشلتپ كۈنمگەن يىرى با   باشقا تۇرداشلانىڭمۇ ئالپاينى ئشتپ بقشنى تەۋسيە قلمە
25-قەۋەت
kara-burkut ۋاقتى: 2017-8-17 12:21:33
نۇرچاچ يوللىغان ۋاقتى  2017-8-15 14:41
كۈنجۈت نومۇرى دى ...

كۈنجۈت نومۇرى دىگىنمىز  تېلېفونڭىزدا جىفۇباۋ支付宝غا ھەققى ئىسم ۋىە كىملىكىنى بانكا كارتىسىنى تىزىملىتىپ كىرگەن بولسىڭىز 芝麻信用دىگەن خەتتكە قارسىڭىز بىلەلەيسىز  مىنىڭ كۈنجۈت نومۇرۇممۇ 669بوپتۇ  يىل ئاغىرغىچە 700گە چىقامىكى
26-قەۋەت
aabbcc520 ۋاقتى: 2017-8-28 11:03:11
kara-burkut يوللىغان ۋاقتى  2017-8-13 15:38
مېنىڭ بىلىشىمچە花贝دىكى پۇلنى پەقەتلا تاۋباۋدىن نەرسە  ...

جىفۇباۋدىكى 花呗نى قانداق ئاچىدۇ مىنىڭ پەقەت ئىچىلمىدى
12
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部