بۇ يازمىنى ئاخىرىدا رىۋايەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-7 20:06
ئەسىلامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار!
بىرنەچچە كۈن بۇرۇن تاساددىپىي مۇنبەرنى بايقاپ قالغانىدىم . نۇرغۇن ياردەم تەلەپ قىلغان تېمىلارنى كۆرۈپ ياردەم قىلسام دېگەن نىيەتتە توپنى قۇرغانىدىم بىركۈندىلا نۇرغۇن تورداشلار قوشۇلدى ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ جەھەتتە ئېھتىياج خېلى باركەن شۇڭا بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن، كۆپچىلىككە ياردىمى بولسا ئەجەپ ئەمەس.
SONY ماركىسى ھەققىدە
ھەممەيلەنگە مەلۇم SONY ياپونىيەنىڭ ماركىسى. دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئېلىكتىرون ماركىللىرىنىڭ بىرى ، بەلكىم تېلۋىزور،رەقەملىك ئاپىرات،سىن ئالغۇ ،mp3، PS،PSP،قاتارلىقلاردا دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغانلىقىنى بىلىشىڭلار مۇمكىن . SONY يەنە ھوللىئود (HOLLYWOD) نىڭ خوجايىنى، دۇنيادىكى ھەر 3 كىنونىڭ بىرى SONY ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدۇ ،بۇنىڭدىن باشقە نۇرغۇن ساھەلەرگىمۇ چېتىلدۇ.SONY تېلفونلىرى ئەسلىدىكىSony ericsson ماركىسىدىن 2011 يىلى ericssonنىڭ تولۇق پېيىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق SONY غا ئۆزگەرگەن.
SONY تېلفونى ھەققىدە
SONY تېلفونى قويۇق ياپونچە تۈس ئالغان بولۇپ ، ئۆز ئالدىغا ئۇسلۇب ياراتقان ، سىرتقى شەكىل يەنى سانائەت لاھيسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. شۇڭا تېلفونلىرى ئىنتايىن كۆركەم نەپىس چىقىدۇ، قارىغۇلارچە ئىقتىدار قوغلاشمايدۇ،samsung نىڭ توختىماي مەركىزىي بىرتەرەپ قىلغۇچنى (CPU) يۇقىرى كۆتىرىشى ،ئالما ۋە SONY دا بىھۇدە دەپ قارىلىدۇ ، بۇ جەھەتتە ئالما ئەڭ ياخشى ئالما تېلفونى ۋە تاختا كومپىيۇتېرلىرى قوللانغان IOS سېستىمى ۋە يۇقىرى سۇپەتلىك يۇمشاق دېتاللار تۆۋەن قاتتىق دېتال سەرپىياتىدىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە،iphone5 قوللانغان قوش 1.0GHZ لىق مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ ئەگەر Android سېستىمىسىدا بولۇپ قالسا بۇنداق يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە بولالمايدۇ.كامېرا سەل مۇرەككەپ بۇتوغرىلىق ئاستىدا ئايرىم توختىلاي...
SONYتېلفونى تىپىنىڭ بەلگىلىنىش قائىدىسى ھەققىدە
SONYتېلفونى تىپىدىكى LT ،MT ،ST ۋە سان تەرتىپىنىڭ مەنىسى؛ L ئېنگىلىزتىلىدىكىLarge يەنى چوڭ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۈ ،LT تىپىدا 4 سۇڭدىن كىچىك تېلفون بولمايدۇ ،ھەر يىلقى ئەڭ ئېسىل تېلفونلىرى LT تىپىدىن چىقىدۇ؛ M ئېنگىلىزتىلىدىكى Medium يەنى ئوتتۇرا دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۈ، يەنى ھەريىلقى ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېلفونلار MT بولىدۇ؛S ئېنگىلىزتىلىدىكى Small يەنى كىچىك دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۈ، تۆۋەن دەرىجىلىك تېلفونلار ST تىپىدا بولىدۇ.
بۇنىڭدىكى T غا كەلسەك Touchبولۇپ پۈتۈن سېزىمچان ئېكراننى بىلدۈرىدۇ،لېكىن بۇ يىلقى Lt36h ،lLt35h نى يەنە L36h ، L35h دەپ ئاتىلىۋەردى ،يەنى بۇندىن كېيىن بارلىق تېلفونلار سېزىمچان ئېكران بولغاچقا T نى قىسقارتىشقا بولىدۇ.
سانغا كەلسەك SONY ئىككى خانىلىق سانلا ئشلىتىدۇ،بىرىنچى خانىسى شۇ يىلنى ئىككىنچى خانىسى دەرىجىسىنى كۆرسىتىدۇ. مەسلەن LT26 نى ئالسىاق 2 دېگەن رەقەم2012 يىلىنى،6 ئوتتۇرىدىن سەل يۇقىرى دەرىجىسىنى كۆرسىتدۇ ، يەنى LT29 بولسا LT26دىن يۇقىرى بولىدۇ.
Androidسېستىمىسى ھەققىدە
بۇ سېتىما ئەڭ دەسلەپتە 2003-يىلى پىلانلىنىپ ياسىلىشقا باشلانغان ،2005-يىلى Google تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىپ ، 2008-يىلى 10-ئايدا تۇنجى Android سېستىمىسىدىكى تېلفون بارازغا سېلىنپ ،2012يىلى 11-ئايغا كەلگەندە دۇنيادىكى 76% ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلفون Android سېستىمىسنى قوللاندى.ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر سېستىمىدا بۇنداق تېزتەرەققىيات سۈرئىتى كۆرۈلۈپ باقمىغان.
Androidنىڭ ئۇتۇقى ئۇنىڭ ئېچىۋېتىلگەن ، ھەقسىز سېستىما بولغانلىقىدا، ئېچىۋېتىلگەن سېستىمىنىڭ ئارتۇقىچىلىقى ئەركىن يەنى خالىغانچە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغىلى بولىدىغانلىقىدا، يۇمشاق دېتال ياساش ، قاچىلاش قاتارلىقلار چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.Androidنىڭ ئاجىزلىقىمۇ مۇشۇ يەردە.ئەڭ كۆرۈنەرلىكى مۇقىملىقى تۆۋەن ، ھەر ۋاقىت ئىشلەتكۈچى ياكى مەلۇم بىر ئەپ(app) سېستىمىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزىشى مۇمكىن ،چۈنكى بۇ ئېچىۋېتىلىگەن سېستىمىدا يول قويۇلىدۇ. ROOT قىلىنغاندىن كېيىن مۇتلەق ھوقۇق بولغاچقا تېخىمۇ ئاسانلىشىدۇ ، ئەگەر سېستىمىغا خاتا ھالدا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلسە كۆپ ھاللاردا ئېچىلماسلىقنى ياكى توختىماي قايتا قوزغىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.مۇنبەردىكى نۇرغۇنلىغان كېسسەككە ئايلانغان تېلفونلار بۇنىڭ مىسالى بولالايدۇ.
Androidنىڭ قۇرۇلمىسى بۇ سېستىمىنىڭ ئوخشاش قاتتىق دېتال مۇھىتىدا باشقا IOS,WP8 قاتارلىق سېستىمىلاردىن ئاستا بولىشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان،Android ئۆزىگە Linux سېستىمىسىنى يادرو قىلىپ تۇرۇپ JAVA دا ئەپ (app) بىر تەرەپ قىلىدۇ، يەنى بۇسېستىمىنىڭ مەركىزى Linux سىرىتقى قىسمى JAVA بولىدۇ.ھەممىزگە تونۇشلۇق ROOT ئاتالغۇسىمۇ Linuxدىن كىرگەن. نېمىشقا قاتتىق دېتالغا بولغان تەلىپى يۇقىرى دېگەندە Android ھەربىر ئەپ ئۈچۈن ئايرىم بىر JAVA تەقلىد قىلغۇچ قوزغىتىدۇ ،سېستىما Linux ئاساسىدا بولغاچقا JAVAنى ئۇدۇل ئوقۇپ چىقىرالمايدۇ ،تەقلىد قىلغۇچ تەرجىمانلىق رولىنى ئوينايدۇ.دەل مۇشۇ تەرجىمە قىلىش باسقۇچى CPUنىڭ خىزمەت مىقدارىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ، نېمە ئۈچۈن ھەربىر ئەپكە ئايرىم تەقلىد قىلغۇچ ئىشلىتىدۇ؟ بىرنىلا ئىشلىتىپ بارلىق ئەپلەرنى بىر تەرەپ قىلسا تېز بولمامدۇ،ھەقىقەتەن شۇنداق. لېكىن بۇنداق بولغاندا بىر ئەپنىڭ كاشىلىغا ئۇچىرىشى ياكى قېتىپ قېلىشى پۈتكۈل سېستىمىنىڭ قېتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ،ھېسابتا ئايرىم تەقلىد قىلغۇچ ئىشلىتىش سېستىما مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆلەنگەن بەدەل بولىدۇ.RAM نىڭ كۆپلەپ ئىشلىتىلىشىمۇ مۇشۇ سەۋەپتىن بولىدۇ.
كامېرا ھەققىدە(بۇجەھەتتە خاتا قاراش كۆپرەك تەپسىلىرەك سۆزلەپ بېرەي)
كامېرا تارتىپ چىقارغان سۈرەتنىڭ سۈپىتى ئۇنىڭ قانچە پېكسىلىقىدا دەپ قاراش بىرقەدەر ئوموملاشقان . 8مىليون پېكسىل چوقۇم 5مىليوندىن ياخشى تارتىشىمۇ ناتايىن. پېكسىل(Pixel) تارتىپ چىقارغان رەسىمنڭ چوڭ كىچىكلىكىنى بەلگىلەيدۇ، يەنى 8مىليون پېكسىل پەقەت شۇ رەسىمنىڭ 8مىليون دانە چېكىتتىن(ياكى نۇقتا) تۈزىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، يەنە بىر ئىتايىن مۇھىم بىر نۇقتىغا نۇرغۇن كىشىلەردېققەت قىلمايدۇ ،يەنى 感光单元 ئۇدۇل تەرجىمە قىلساق نۇر سەزگۈچى ئۆزەك ياكى بىرلىك، بۇ ئادەتتە ئىككى خىل بولىدۇ CCDياكى CMOS بۇنىڭ ئىچدە CCD تېخىمۇ ئىلغار شۇڭا بۇنىڭ باھاسىمۇ قىممەت SONY,SHARP قاتارلىق ئىنتايىن ئاز ساندىكى شىركەتلەرلا ئىشلەپ چىقىرالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يان تېلفونلاردا قوللىنىلمايدۇ،شۇڭا كۆپ ئۇچرىتىدىغىنىمىز CMOS..ئوخشاشلا CMOS ئىشلەتكەن تۇرۇقلۇق يەنە نېمىشقا چوڭ پەرق بولىدۇ؟ 感光单元نۇرسەرگۈزچى ئۆزەك چوڭ بولغانسرى رەسىمنىڭ سۈپىتى يۇقىرىلاپ ماڭىدۇ،پىكسلمۇ ماس قەدەمدە چوڭايسا رەسىم ھەقىقىي سۈپەتلىك چىقىدۇ. ئەگەر قارىغۇلارچە پىكسىلنى قوغلاشسا نۇر سەزگۈچ ماس قەدەمدە چوڭ بولمىسا ئۇنداقتا بىر ناھايىتى چوڭ بىر پارچە تۇتۇق رەسىمگە ئېرىشىمىز.ئەكىسچە بولسا ناھايىتى ئوچۇق سۈپەتلىك بىر پارچە كىچككىنە رەسىمگە ئېرىشىمىزدە شۇنداق چوڭايتساقلا تۇتۇقلىشىپ كېتىدۇ.شۇڭا بۇ قېتىم HTC One m7 باشقىچە يول تۇتۇپ يۇقىرى سۈپەتلىك 4مىليون پىكسىللا كېلىدىغان كامېرا سەپلىدى.
تېلفون كامېرالىرىنىڭ تەرەققىياتنى چەكلەۋاتقنى تەننەرخ ۋە ھۈنەر-سەنئەت ،تەننەرخ مەسلىسىنىى بارغانسىرى مۇھىم بولمايۋاتىدۇ ،ئالما تېلفونى پەقەت كۆڭۈل قۇيۇپ مەھسۇلات ئىشلىسىلا ئستىمالچىلارنىڭ باھا بىلەن بەك ھېسابلىشىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.بۇ يەردە بىرقەدەر تەسكە توختايدىغىنى ھۈنەر-سەنئەت، كامېرا ئىنتايىن نازۇك ئۈسكۈنە بولۇپ بۇنى ئشلەپچىرىش،يۇقىرى سۈپەتكە ئىگە قىلىش،تېلفون بىلەن مۇكەممەل بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن قىيىن تېخنىكىلار ھېسابلىنىدۇ،SONY L36Hبىلەن GALAXY S4 ئوخشاشلا SONY نىڭ ئوخشاش تىپلىق كامېراسىنى قوللانغان،ھەر ئىككى تېلفون قېلىنلىقى 7.9مىللمېتىر كېلىدۇ، لېكىن S4نىڭ كامېراسى كۆپۈپ چىققان L36Hنىڭ بولسا تېلفوننىڭ قېلىنلىقى بىلەن بىردەكلىك ساقلىغان، بۇنىڭدىن SONY نىڭ بۇجەھەتتىكى ئارتۇچىلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.رەسىمنىڭ سۈپىتى جەھەتتىمۇ ئالما ۋە SONY ئەڭ ياخشىسى ھېساپلىنىدۇ.
中关村在线 ، IT168قاتارلىق توربەتلەردا ھەر قايسى تېلفونلارنىڭ تەپسىلى ماتېريالى ، تارتقان رەسىلىرى كۆرۈپ باقساڭلارمۇ بولىدۇ.
ئېكران ھەققىدە
ھازىر كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىۋاتقان ئېكران 3خىل بولۇپ ،بۇلار TFT,IPS,AMOLEDقاتارلىقلار.بۇنىڭ ئىچىدە IPS يەنىلا TFTغا كىرىدۇ،ھېسابتا ئۇنىڭ كۈچەيتىلگەن نۇسخىسى بولىدۇ.
TFT:سونى كۆپ ئشلىتىدىغان ئېكران بولۇپ رەڭلەرنى ئىپادىلىشى ياخشى،توغرا ،توك سەرپىياتى يۇقىرى.
IPS:ئالما تېلفونى ئىشلىتىدىغان ئېكران بولۇپ ،رەڭلەرنى ئىپادىلىشى ياخشى ۋە ئىنتايىن توغرا بولۇپ 178گرادۇس يانتۇلۇقتىمۇ ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ ،توك سەرپىياتى ئوتتۇرھال.
samsung: AMOLED كۆپ قوللىنىدىغان ئېكران بولۇپ، بۇنىڭغا باھا بېرىش تەسرەك،رەڭ ئىپادىلىشى قېنىق.يەنى ئەسلى رەڭدىنمۇ قېنىقراق ئىپادىلەنگەچكە بىر قاراشتا چىرايلىق كۆرىنىدۈ، لېكىن رەسىم تەبىئىيلىكلىنى بىرئاز يوقىتىدۇ،قارا رەڭ ئىنتايىن توغرا ئىپادىلىنىدۇ.Pتىزىلىش تەرتىپىدىكى ئېكراندا نۇرغۇنلىغان قىزىل چېكىتلەر كۆرىنىدۇ.R ۋە RBBتىزىلش تەرتىپىدە بىرقەدەر ياخشى بولۇپ پەقەت i9100،Note2 دىلا بۇخىل ئېكران قوللىنىلغان S4يەنىلا Pتەرتىپتە.بۇ ئېكراننىڭ ئەڭ ياخشى يېرى توك سەرپىياتى ئەڭ تۆۋەن .
‹ئۈچ›دىن مۇداپىئەلىنىش
بۇقېتىم LT36Hنىڭ بۇئىقتىدارنى سەپلىشى ھەممىنى ھەيران قالدۇردى، بۇرۇنقى بۇنداق ئىقتىدارلىق تېلفونلار ئىنتايىن قوپال كېلەتتى ھەتتا بۇرما مىخلىرى سىرتىدا ئوچۇقتىن ئوچۇق بولۇپ بۇجەھەتتىكى بازارنى ئاچالمىغان،بۇ ئۈچ نۇقتا سۇ كىرمەسلىك،چاڭ توزاندىن ساقلىنىش،تاساددىپىي چۈشۈپ كېتشتىن ساقلىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ،LT36H نىڭ سۇدىن ساقلىنىش ئىتىدارى ھەقىقەتەن ياخشى ،ئۆزۇممۇ سىناپ سۇ ئاستىدا سىن ئېلىپ باقتىم،http://www.56.com/u56/v_OTAzODcyMjE.html بۇ ئۇلانمىدا بۇتېلفوننىڭ قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ سىنىغان كۆرىنىشى بار بۇجەھەتتە ئالما تېلفونىمۇ قولىغا سۇ قويۇپ بېرەلمەيدۇ.
سۇ ئاستىدا تارتىلغان رەسىم
SONY تېلفونىنىڭ سەپلىنىشنى ھەققىدە
ericssonۋاقتىدا تۆۋەن سەپلەپ نۇرغۇن زىيان تارتقانلىقتىن SONY بارغانسىرى سەپلىمىدە باشقا ماركىلاردىن قالمايدىغان بولدى، بولۇپمۇ LT36Hغا كەلگەندە ئەڭ يۇقىرى دېگۈدەك سەۋىيەنى ساقلىدى ،4يادرولۇق APQ8064نىڭ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ئىنتايىن تېز،ئۈنۈملۈك. S4نىڭ 8يادروسى باركەن دېيىشىڭلار مۇمكىن،ئەمەلىيەتتە بۇ ئالمشىپ خىزمەت قىلىدىغان ئىككى دانە 4يادرولۇق CPUبولۇپ پەرق ئۇنچىۋالا چوڭ ئەمەس.يەنە بىر ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە شۇكى Androidدا CPUنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئاساسلىق سېستىما ۋە ئۇيۇنلارنىڭ تېخىمۇ تېز بولىشىغا تۈرىتكە بولىدۇ ،لېكىن ئايرىم بىر قىسىم سۈپەتسىز ئەپلەرنىڭ ئۆزدىكى كەمتۈكلۈك بىلەن قېتىش مەسىلىسىنى CPU بىلەنلا ھەل قىلغىلى بولمايدۇ،ئۇنىڭغا 16ياكى 32يادرولۇق CPU بولسىمۇ ئوخشاش ئۆز سەنىمىگە دەسسەيدۇ . IOSدا ھەربىر ئەپنى قاتتىق تەكشۈرۈپ ئۆتكۈۋالغىنى بىلەن Androidدا ئەپ ئىشلەپ تارقىتىش ئەركىن بولغاچقا سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.
SONYنىڭ ئۇيغۇرچە قوللىشى ھەققىدە
SONY تېلفونىنىڭ سېستىمىسى ئۇيغۇرچە كىزگۈزۈشكە بولغان قوللىشى ياخشى ، ھازىرچە 2.3.4 2.3.7 4.0.4 قاتارلىق سېستىمىلىرى مۇكەممەل قوللايدۇ،LT36H نىڭ 4.1.2 تېخى بولمايدۇ ،مەن بۇجەھەتتە داۋاملىق ئىزدىنىپ باقاي .
بەزى سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى كۆرۈپ باقمىغاچقا ئۆلۈك تەرجىمە قىلىۋەردىم ،خاتالىقلار بولسا كۆرسىتىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، داۋاملىق بىلمەكچى بولغىنىڭلارنى سورىشىڭلارنى قارشى ئالىمەن!
توپ: 171925696 |