+تېما يوللاش
مۇساجان2 يوللانغان ۋاقتى:2016-4-13 20:56 1348 قېتىم كۆرۈلدى 3 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئۈندىدار تورى  ، ئۈندىدار سالون قۇرغۇچىلار شۇنداقلا ئۇيغۇرچە تەھرىرلىگۈچكە ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان دوستلار ئۈچۈن، ئۈندىدار ئورگان تەرەپ سالون باشقۇرۇش تەھرىرلىگۈچىنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىقىنى قوللىماسلىقى ، ئىقتىدار چەكلىمىسىنىڭ كۆپلىكى ۋە بۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىقىۋاتقان ئۈندىدار سالونلىرىدىكى ئىملا خاتالىقىنىڭ ئېغىر بولۇش مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، مەمنۇن كۆپ ئىقتىدارلىق ئۇيغۇرچە تەھرىرلىگۈچىنى ئىشلەپ ئېلان قىلدى .
مەمنۇن تەھرىرلىگۈچى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە مەزمۇنلارنى بىمالال تەھرىرلىيەلەيسىز ، رەسىم سۈرەتلەرنى يوللاپ ھەرخىل ئۈنۈم بېرەلەيسىز .ھەرخىل ئۆزگىچە رەڭدار ئۇسلۇبلار تەمىنلەنگەن بولۇپ خالىغانچە تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ . مەزمۇن تەھرىرلەش ، رەڭ تەڭشەش ، رەسىم يوللاش، رەسىم بىر تەرەپ قىلىش ، رەسىم تۇتۇش ، كۆرۈنۈش ئىشلەش، ئېلان ئىشلەش ، pdf ھۆججىتىگە ئايلاندۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارلىرى بولۇپ سىزنى مەمنۇن قىلغۇسى . تەھرىرلىنىۋاتقان مەزمۇن ھەرقېتىملىق ئۆزگىرىش ھاسىل بولغان ھامان ئاپتوماتىك ساقلىنىدىغان بولۇپ مەزمۇننىڭ تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىشىدىن ئەنسىرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق  ئۇنىڭدىن باشقا ئەلكاتىپ ۋە ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئۆلچەملىك بارلىق  ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرى قوشۇلغان بولۇپ ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان خەت نۇسخىسىنى تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ . شۇنداقلا ئۆزىڭىز ياقتۇرغان مەزمۇنلارنى مەمنۇن تەھرىرلىگۈچىگە چاپلاپ قورال ئىستونىدىن بېسىپ چىقىرىش كۇنۇپكىسنى بېسىپ، ئىنتايىن ئاسانلا PDF ھۆججىتىگە ئايلاندۇرۇپ ساقلىۋالالايسىز ئەسكەرتىش : مەمنۇن تەھرىرلىگۈچى تۆۋەن نەشىردىكى تور كۆرگۈچلەرنى قوللىمايدۇ ، ,Chrome , Firefox، IE11 قاتارلىق تور كۆرگۈچلەرنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .

چۈشۈرۈش ئادىرسى   بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش2 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن قوللىمايمەنقوللىمايمەن
ھەسەت قىلىپ ئەمەس ھەۋەس قىلىپ ياشا.چۈنكى سەن ئۇيغۇر !!!

3ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
ilterish ۋاقتى: 2016-4-14 03:50:29
شەخسەن مەن ياقتۇردۇم ۋە بۈگۈن بۇنى ئىشلىتىپ تېما يوللىدىم ئېسىل ئىكەن تېخىمۇ تېرىشىڭلار
گىلەم
qarahan ۋاقتى: 2016-4-14 12:04:40
ياخشى چىقىپتۇ. توختاپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئورۇندۇق
hanjar110 ۋاقتى: 2017-6-17 01:06:11
بۇ مەخسۇس دېتالمىدۇ ياكى تور يۈزىدە ئىشىلتىلىدىغان تەھرىرلىەۈچمىدۇ، چۈنكى چۈشۈرىۋالاي دىسەم چۈشۈرىدىغان ئورۇننى تاپالمىدىم .ياردىمىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部